قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 636|ئىنكاس: 10

سەبىر شىركىتى 100 ئائىلىگە خاتىرجەملىك بېغىشلىدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

59

تېما

4

دوست

4074

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   69.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1875
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 528
تۆھپە : 999
توردىكى ۋاقتى: 110
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-11 10:16:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەبىر شىركىتى 100 ئائىلىگە خاتىرجەملىك بېغىشلىدى
    2016- يىلى  4 - مارت چۈشتىن كىيىن غۇلجا شەھەر مىللىي كارخانىچى سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزاسى كارخانىسى« سەبىر توك سۇ پار قۇراشتۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى » گە سۇ، پار، توك ساھەسىدىكى كەسپىي ئۇستاملار يىغىلغان بولۇپ ، غۇلجا شەھەر  قازانچى ئىش باشقارما بىلەن غۇلجا شەھەر ئىلى دەريا ئىش باشقارما تەۋەسىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنىڭ توك سۇ پار يوللىرىنى ھەقسىز رېمونت قىلىپ بېرىش، « لېي فىڭ» روھىدىن ئۆگىنىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىپ. ئولتۇراق ئۆي توك لىنىيەسىدە  خەتەر بار ئائىلىلەردىن70 گە يېقىن ئائىلىنىڭ ئولتۇراق ئۆي توك لىنىيەسىنىڭ بىخەتەر ھالەتكە كەلگەنلىكىدىن خۇلاسىلەش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى .
    يىغىلىشقا 30 غا يېقىن كەسپىي خادىم ، 7 نەپەر  پىراكتىكا قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچى ۋە ئاساسىي قاتلام رەھبەرلىرى ، گېزىتخانا مۇخبىرلىرى قاتناشتى .
سەبىر توك سۇ پار قۇراشتۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، غۇلجا شەھەر مىللىي كارخانىچى سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن، غۇلجا شەھىرىدە بىر ئايدىن بېرى مەخسۇس گۇرۇپپا ئاجرىتىپ «100 نامرات ئائىلىنىڭ ئولتۇراق ئۆي توك لىنىيەسىنى ھەقسىز رېمونت قىلىپ بېرىش ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتى» ئېلىپ بارماقتا ئىدى. بۇ پائالىيەتتە  سەبىر توك سۇ پار قۇراشتۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بۇ 100 ئائىلىنىڭ توك يولىنى ھەقسىز رېمونت قىلىش بىلەن بىرگە، ھەر بىر ئائىلىگە 100 يۈەن قىممىتىدىكى توك يولى رېمونت قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ماتېرىيالنى ھەقسىز تەمىنلەش ئېلىپ باردى.
سەبىر توك سۇ پار قۇراشتۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ بۇ ئىللىقلىق پائالىيىتى ئالاقىدار ھۆكمەت تارماقلىرى ۋە جامائەتچىلىك شۇنداقلا ئاممىنىڭ قەلب تارىنى تىترەتتى ۋە ئالقىشىغا ئېرىشتى. بۇنىڭدىن تەسىرلەنگەن ئوخشاش كەسىپتىكى ئۇستاملار، تېخنىك خادىملار ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ غۇلجا شەھەر  قازانچى ئىش باشقارما بىلەن غۇلجا شەھەر ئىلى دەريا ئىش باشقارما تەۋەسىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنىڭ توك سۇ پار يوللىرىنى ھەقسىز رېمونت قىلىپ بېرىش، « لېي فىڭ» روھىدىن ئۆگىنىش پائالىيىتى تەشكىللەش ئېلىپ باردى.
    سەبىر توك سۇ پار قۇراشتۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى كىيىنكى قەدەمدىكى چوڭ كۆۋرۈك ، دۆلەتباغ ، دۆڭ مەھەللە ئىش باشقارمىلار چۈشۈرۈپ بېرىدىغان 39 ئائىلىنىڭ توك يوللىرىنى ھەقسىز رېمونت قىلىپ ئېلىپ بارىدۇ.  
    سەبىر توك سۇ پار قۇراشتۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى يۇقىرىقى 100 ئائىلىگە ھەقسىز ياردەم بېرىش پائالىيىتى جەريانىدا تېخنىك خادىملار يەنە نۇرغۇن ئائىلىلەردە توكتىن كېلىدىغان خەۋپىنىڭ يۇقىرىلىقىنى بايقىغان ، شۇڭا مۇناسىۋەتلىك ئىدارە - ئورۇنلار بىلەن ھەرقايسى ئائىلە ئىگىلىرىنىڭ بۇ خىل خەۋپىنىڭ بالدۇرراق ئالدىنى ئېلىشقا كۆڭۈل بۆلۈشىنى سەمىمىي ئەسكەرتىدۇ. شۇنداقلا بۇندىن كىيىن يەنە داۋاملىق ھالدا خەتەرلىك توك يول بۆلەكلىرىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش ، رېمونت ۋە ماتېرىيالدا %10ئەرزان بولۇش پائالىيىتىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىدۇ.
سەبىر توك سۇ پار قۇراشتۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى
غۇلجا شەھەر مىللىي كارخانىچىلار ئۇيۇشمىسى
892125942832688385.jpg

598100474789454104.jpg

688582500956929133.jpg

154848258357339825.jpg

292989091846262317.jpg

341188063752399062.jpg

462194322325482019.jpg

587964340311803280.jpg

557953347494412767.jpg

482433508012233789.jpg

475272920882381532.jpg

699105517679010133.jpg

640129150031638685.jpg

725741176757987561.jpg

867031589629315460.jpg

uyghuray

0

تېما

0

دوست

508

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   1.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21714
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 158
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-12 03:40:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىۋۇ سۈيۈملۈك لوزۇنكىدا ئۇيغۇرچە خەتلەر كۈرۈنمەيدا

0

تېما

1

دوست

1045

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   4.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  51320
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 300
توردىكى ۋاقتى: 53
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-12 11:02:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

0

تېما

12

دوست

4876

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   95.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35011
يازما سانى: 367
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1488
توردىكى ۋاقتى: 233
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-12 22:46:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ لۇزۇنكىغا ئۇيغۇرچە يېزىلمىغىنى ئازدەك....لېيفىڭدىن ئۆگۈنىدىكەنمىز....لېيفىڭنىڭ زامانى قايسى دەۋىر، ئۇ چاغلاردا بىر ئادەم بىر ئىش قىلسا ياندىن شاققىدە يان تىلفۇننى چىقىرىپ تارتىۋالالايدىغان دەۋىرمىتى؟ ياكى خېلى مەرتىۋىلىك باي ئائىلىلەرمۇ توي-تۆكۈندەك ، چوڭ ئەھمىيەتلىك ئىشلىرى بولسا خەخكە مىڭنى يالۋۇرۇپ ئاران بىر ئاپراتچىنى تاپىدىغان زامانمىتى؟

ئۇنداقتا نېمىشقا لېيفىڭنىڭ ياخشى ئىش قىلىۋاتقان سۈرەتلىرى بەك جىق؟؟؟ مېىنىڭ كاللامدىن مۇشۇ ئىش قەتئى ئۆتمەيدۇ...ۋە قۇسقۇم كېلىدۇ....
بىزنىڭ ئۈلگىمىز يوقمىتى؟ ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئارسىدا ياخشىلىقنى كۆپ قىلىدىغانلار بولمىغانمۇ؟
ئارتۇق گەپنىڭ پايدىسى يوق ھە....لېيپىڭدىن ئوبدان ئۈگۈنۈپسىلەر...
uyghuray

59

تېما

4

دوست

4074

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   69.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1875
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 528
تۆھپە : 999
توردىكى ۋاقتى: 110
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-13 09:58:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىنداشلا ھەممە ئىشتىن پۇتاق ئىزدەپ يۈرمەي، ئاۋال قىلغان ئىشنىڭ قىممىتى، ئەلگە پايدىسى بارمۇ يوق بۇنى سۆزلىشىلى.
ھازىر شىركەت كارخانىلارنىڭ مۇشۇنداق ئىشنىش قىلمىقى ئاسانمۇ؟ بىرەر ئىشنى قىلىمەن دىيىش ئۈچۈن ئاۋال بىرەر چاپان كەيدۇرۇش كېرەك، «يالىڭاچ تالاغا چىققىلى بولمايدىغان» جاھان بۇ.
لوزۇنكىدا ئۇيغۇرچە خەت يوغان تۇرمامدۇ ئەنە، خەق بەرگەن تەشەككۈر نامىغىمۇ ئۇيغۇرچە يېزىپ كەل دەيمىزما؟
ھازىر 30 ئادەمنى بىر يەرگە ئەكىلىپ 100 ئائىلىگە ئۆيمۇ -ئۆي كىرىپ توك يولىنى رىمونىت قىلىشتا :
«مەن مەمتاخۇن، ئۆيۈڭنىڭ توكىنى ئوڭلاپ بېرەي!» دەپلا كىرىپ توك سىملىرىنى كېسىپ ئالماشتۇرۇپ بېقىڭە، ئەھۋال قانداق بولىدىكى.
قېرىنداشلا ئەمەلىيەتچىل بولىلى، رىياللىققا يۈزلىنىلى، ھەممە نەرسىدىن پۇتاق چىقىرىپلا يۈرمەي، نىمە قىلالىساق شۇنچىلىق ئىشنى ئەل ئۈچۈن قىلىلى، ئۆيدە ئەسنەپ ئولتۇرۇپ شە ئالمايلى، سۆزىمىزنى ھەركەتتە ئىپادىلەيلى.
«يەكچەشمىنىڭ شەرىدە بولساڭ، بىر كۆزۈڭنى قىس» دىگەن سۆز بار بەزى بىر زۆرىرىيەت ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىشلارغا ئېسىلىۋالمايلى.
ئۆزىمىزگە سوئال قويىلى؟ مەن نىمە ئىش قىلۋاتىمەن؟ مەن بۈگۈن نىمە ئەمەلى ئىش قىلدىم؟ قانچىلىق چۇقان سالدىميۇ ، قانچىلىك ئەمەلى ئىش قىلىدىم؟  قانچىلىق ئىتىپاقسىزلىق، تەبرىقىچىلىك قىلىدىم؟ قانچىلىق ئىناقلىق ئۇرىقى چاقتىم؟

0

تېما

22

دوست

3194

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   39.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13873
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 193
تۆھپە : 868
توردىكى ۋاقتى: 399
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-13 11:04:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
elqut يوللىغان ۋاقتى  2016-3-13 09:58
قېرىنداشلا ھەممە ئىشتىن پۇتاق ئىزدەپ يۈرمەي، ئاۋال قى ...

راست

....

4

تېما

1

دوست

4194

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   73.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13216
يازما سانى: 263
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 438
تۆھپە : 981
توردىكى ۋاقتى: 163
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-13 11:23:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئوڭ قول قىلغان ياخشىلىقنى سول قول بىلەلمىسە ئىدى ، ئاندىن بۇنى ياخشىلىق دىگەن بولار ئىدۇق . ئەمما بۇنى بىر ئۆزىنى تەشۋىق قىلىدىغان ، توغرىسى ئۆزىنى ماختايدىغان «قالتىس» ئېلان بوپتۇ ،دىسەك بولا.
  ئويلىنىپ بېقىش لازىم قېرىنداشلار...

0

تېما

22

دوست

3194

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   39.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13873
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 193
تۆھپە : 868
توردىكى ۋاقتى: 399
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-13 19:25:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   narmi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-13 19:30  
ordakent يوللىغان ۋاقتى  2016-3-13 11:23
ئوڭ قول قىلغان ياخشىلىقنى سول قول بىلەلمىسە ئىدى ، ئ ...

پاھوي......ما گەپنى،
    ئىۋۇلار ساخاۋەتچى جىگوڭ ئەمەس،شېركەتكەن،شېركەت.
شېركەت دېگەن گەپنى ئاڭلىغانلا ھە،ئەشۇنداق  ئىشلەپ پۇل تېپىپ خىزمەتچىلىرى مائاش ئېلىپ خوتۇن-بالىلىرىنى باقىدىغان يەرنى شېركەت دەيمىز.ئۇلار ئۆزىنى تەشۋىق قىلمىسا ،شۇنداق بىر شېركەت بارلىقىنى ھىچكىم بىلمىسە،خېرىدارمۇ كەلمىسە ،شېركەت تاقىلىپ خىزمەتچىلەر جان باقالمسىا ئاندىن مۇرادلىرىغا يىتەمتىلە؟
  مىنۇت-سىكونت دەنشىدە چىقىدىغان ئىلانمۇ تەشۋىقات بولار-ھە،بۇلار مۇشۇنداق بەلەن ئىش قىلىپ ئۆزىنى تەشۋىق قىلسا يامان بوپتىمۇ؟

يە بىرسى ئۇيغۇرنىڭ شېركىتى ئۆزىنى تەشۋىق قىلسا مەكرۇ  بولۇدۇ دەپ ئۆگەتتىمۇ سىلىگە؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )