قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1864|ئىنكاس: 6

بېيجىڭغا تۇتاشقان قەلىپلەر

 تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

11

تېما

19

دوست

694

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   38.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  54857
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 22
تۆھپە : 214
توردىكى ۋاقتى: 17
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-11 11:36:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېيجىڭغا تۇتاشقان قەلىپلەر


1 . قىزىمنىڭ ئوماق بالىلىقى ۋە تاتلىق ئۆسمۈرلۈك چاغلىرى
    قىزىمنىڭ شۇنچە چىرايلىق تاتلىق كۈلكە  ئويۇنلىرى بارغانچە بىزنى ئۆزىگە باغلاپ چەكسىز خۇشاللىقلارنى ئاتا قىلىپ كېلىۋاتقان كۈنلەردە ئاتا-ئاپا دەپ تىلى چىقىپ ،ئورنىدىنمۇ دۆم-دۆ م بولۇپ تۇرالايدىغان بولدى. بىزمۇ قىزىمىزنى ئائىلە بويىچە  قولدىن چۈشەرمەي ئەللەي ناخشىلىرىمىزغا جۆر قىلىپ چوڭ قىلىۋالدۇق.دېمەك قىزىمنىڭ تىلى چىقىپ ئاتا- ،ئانىدا كەلگەن «ئا »نى ئۆگەندى ئاندىن بىلىمدە كەلگەن «ب» نى  ئۆگىنىپ مەكتەپكە بارغىچە خەتلەرنى تونۇپ،قوشۇش- ئېلىشنى بىلىپ ساۋادىنى چىقىرىۋالدى ھەم بالىلار « ئېلىپ بە كىتاپ »لىرى بىلەن« رەسىملىك كىتاپ»لارنى قولىدىن چۈشەرمەي ئوقۇيدىغان بولۇپ قالدى.ئاپىسىمۇ ھەم ئاپا ھەم ئۇستاز بولۇپ ئىللىق مېھرى ۋە مول بىلىملىرى بىلەن قىزىمىزغا ئەللەي ناخشىلىرىنى ،بالىلار چۆچەكلىرىنى  ئېيتىپ بېرىپ ، ئەدەپ-ئەخلاقنى ئۆگىتىپ   قىزىمىزنى  چوڭ قىلىۋالدى.
   بىز قىزىمىزدىن  چوڭ بولساڭ نەدە ئوقۇيسەن دېسەك ئۇ ئىكىلەنمەيلا« بېيجىڭدا» دەيتتى.چۈنكى ئۇنىڭغا« ئېلىپ بە »كىتاپىدىكى پايتەختىمىز بېيجىڭدىكى«تىيەنئەنمېن »ئۇنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان ئىدى.ئوقۇپ نىمە ئىش قىلسەن دېسەك دادامدەك كادىر بولىمەن دەيتتى.چۈنكى مېنىڭ ئاي توشقاندا پۇل ئېلىش ماشىنىسىدىن ئىش ھەققىم دەپ نۇرغۇن پۇل ئالدىغانلىقىمنى بىلەتتى..
  قىزىم ئەنە شۇنداق ئارزۇ-ئۈمۈتلەر بىلەن  ئوماق بالىلىق  يېشىنى تۈگىتىپ ،تاتلىق ئۆسمۈرلۈك دەۋرىگە قەدەم قويۇپ مەكتەپ يېشىغا توشۇپ باشلانغۇچىنىمۇ پۈتتۈرۈپ بولۇپ،ئىچكىرىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئىمتىھان بېرىپ بېيجىڭدا ئوقىماق بولدى، بىراق بىز ئۇنىڭ بۇ تاللىشىغا قوشۇلماي سەن تولۇق ئوتتۇرا بىلەن ئالى مەكتەپنى بېيجىڭدا ئوقىغىن دەپ ئاران قايىل قىلدۇق.قىزىم ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا  سىنىپلىرىغا ئۆتۈش ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشتى .ئاخىرى ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرامەكتەپلىرىگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتى . يىللاردىن بېرىقى ئارزۇسى ئەمەلگە ئېشىپ «بىيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرستىتى تارمىقىدىكى لىئاڭ شاڭ@ پەرزەنىتلەر تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىگە قوبۇل قىلىنغانلىق ئۇختۇرۇشى كەلدى .ئاخىرى ئوماق قىزىمنىڭ  ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشتى. شۇنچە تىزلابېيجىڭدىن ئالغىلى كەلگەن ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا بېيجىڭغا كېتىۋالدى.

2.قىزىمىزنى ئەسلەش ۋە بېيجىڭغا سەپەر
    كۈنلىرىمىز،ئايلىرىمىز بىر -بىرىدىن ئالدىراش ئۆتمەكتە،بىز بولساق قىزىمىزنى سېغىنىپ، شەنبە كۈنىنى كۈتۈپ  ،ئۇلارغا تىلفۇنلىرىنى تاقىتىشىنى  ساقلاپ ،بېيجىڭغا قاچان بارىدىغانلىقىمىزنى كېڭىشىپ ئولتۇرماقتىمىز.چۈنكى شەنبە كۈنى تېلفۇندا قىزىمىز بىلەن سۆزلەشسەك،كومپىيوتىردا تورغا چىقىپ چىرايلىرىمىزنى كۆرىشىپ مۇڭدىشالايتتۇق.
   بىز قىزىمىزغا قەتئىي چىدىمىدۇقمۇ قانداق شۇنچە تېزلا بېيجىڭغا بېرىشقا ئائىلە بويىچە تەييارلىقلىرىمىزنى قىلىپ يولغا چىقتۇق.يولىچە نۇرغۇن ئارزۇ-ئارمانلىرىمىزنى دېيىشىپ،5ياشقا كىرگەن ئوماق ئوغلىمىزنىڭ شوخ ئويۇنلىرى،تاتلىق كۈلۈشلىرىنى ،سەبىلەرچە شوخ ئويۇنلىرىنى ئۆزىمىزنىڭ كۆڭۈل خوشلىقى قىلىپ  تېزلا بېيجىڭ غەربى ۋوگىزالغا چۈشۈپ ئالدىمىزغا چىققان« بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى »دا ئوقىۋاتقان سىڭلىمىز تاجىنىساگۈل بىلەن قىزغىن كۆرۈشۈپ، مىتىروغا ئولتۇرۇپ قىزىمىز ئوقىۋاتقان «بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتى تارمىقىدىكى  لىئاڭشىياڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى »گە قاراپ يولغا چىقتۇق.
   بىز مەكتەپ قورۇسىغا بارغىچە قىزىمىز  مۇئەللىملىرى ۋە ياتاقداشلىرى بىلەن بىزنىڭ ئالدىمىزغا چىقىپ ساقلاپ تۇرغان ئىكەن .بىزمۇ ھېچ ئىككىلەنمەي قىزىمىز  ۋە ئۇنىڭ يېققىنلىرى بىلەن شۇنچە قىزغىن كۆرۈشۈپ بولۇپ ياتاققا كىرگىچە نۇرغۇن ساۋاقداشلار بىلەن سالاملىشىپ كۆرۈشتۇق.

3.قىزىمنىڭ مەكتىپىدىن ۋە ئوقۇشىىدىن ھېس قىلغانلىرىم
   بىزقىزىمىزنىڭ ھەمراھلىقىدا مەكتەپنىڭ شىنجاڭ سىنىپلىرىغا مەسئۇل مۇدىرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرى  بىلەن كۆرىشىپ سالاملىشىش ئارقىلىق شۇنى بىلدۇقكى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارغا ئالاھىدە ئوقۇتۇش مۇھىتى ھازىرلاپلا قالماي مىللىي ئوقۇغۇچىلار ياخشى كۆرۈپ يەيدىغان تاماق تۈرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ،ئاشخانە تازىلىقى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ  تەشكىلى تۈزۈم،ئۆگۈنىش ئىشلىرىغىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىكەن.سىنىپ مەسئۇلىدىن  قىزىمىز سىنىپتا ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئۆز ئانا تىلىدا ئوقىغان ئوقىغۇچىلاردىن بولسىمۇ ئىزچىل تىرىشىپ ئۆگۈنۈپ كۈندىن -كۈنگە ئىلگىرلەپ ،ھەر قېتىملىق ئىمتىھانلاردا ياخشى ئىلگىرلەۋاتقىنىنى ، شۇنچىلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشىشنىڭمۇ ناھايتى تەسلىكىنى ،ساۋاقداشلىرى بىلەنمۇ ناھايتى ياخشى ئۆتۈپ ،ھەر جەھەتلەردە  ئەلاچى ئوقۇغۇچىلار قاتارىدا  ئوقىۋاتقانلىقىنى ئۇقۇپ بەك خۇشال بولدۇق. بىز مەكتەپ ئاشخانىسىدا قىزىمنىڭ ياتانداشلىرى بىلەن تاماقتا بىللە بولۇش جەرياندا بىز ئاشخانىغا  كىرىپ چىققۇچە بۇلغان قىسقا ۋاقىت ئىچىدە  قانچىلىك ساۋاقداش بىلەن سالاملىشىپ كۆرۈشكەنلىكىمىزنى بىلمەيمىز،چۈنكى كۆزلەر ئۇچىراشقانلىكى ساۋاقداش بىزگە ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈپ بىز بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرىشىپ چىقتى.قىزىمنىڭ سىنىپىغا كىرىپ ساۋانداشلىرى بىلەن كۆرىشىش جەريانىدا شۇنى ھېس قىلدۇقكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كەلگەن ئاتا-ئانىلار بولسۇن ۋە باشقا ئوقۇتقۇچى ئۇستازلىرى بىلەن بولسۇن بىردەك سالاملىشىپ كۆرىشىشلىرى ، مۇنتىزىم تەلىم -تەربىيە دەرس تۈزىمى ،تەشكىلىي تۈزىمى ، ئازادە ،گۈزەل مەكتەپ مۇھىتى،  مۇسۇلمان ساۋاقداشلارنىڭ پاكىزە ئاشخانە مۇھىتى،سەرخىل تاماق تۈرلىرى بىزنىڭ ئالاھىدە دىققىتىمىزنى تارتقان ئىدى.  بىز مەكتەپنىڭ يېنىدىكى  مېھمانخانىدىن ياتاق ئېلىپ قىزىمىز بىلەن كېچىچە مۇڭدىشىپ چەكسىز خوشاللار بولۇشۇپ قايسى ۋاقىتلاردا ئۇخلاپ قالغانلىقىمىزنىمۇ بىلمەيلا قاپتىمىز.ئوغلۇمىزمۇ گاھ ئۇخلاپ-گا ئويغۇنۇپ بۇ كىچىنى ئاچىسى بىلەن  سىردىشىپلا چىققان ئىدى.
   بىزمۇ ھاردۇقلىرىمىزنى ئوبدان چىقىرۋېلىپ،ئەتتىگەنلىك ناشتىنى ياتاقتا ئىچىپلا مىتروغا ئولتۇرۇپ قىزىمنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە شەھەر مەركىزىگە قاراپ يولغا چىقىپ ۋېيگۇەنسۈن@ مىترو بېكىتىدە چۈشۈپ ئاماننىساخان ئاشخانىسىدا ئۆزىمىز ياخشى كۆرىدىغان تاماقلار بىلەن غىزالىنىپ بولۇپلا ئەتراپتىكى« تىيەنئەنمېن» مەيدانىغا بېرىپ «خەلىق مەيدانى»،«خەلىق سارىيى» ،«دۆلەتلىك موزېيخانا» قاتارلىق ئورۇنلارنى  ۋە قىزىم قىزىقىدىغان مەكتەپلەردىن «مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى» قاتارلىق بىرقانچە ئالىي مەكتەپنى كۆرۈپ بولۇپ، سىڭلىمىز تاجىنىساگۈل بىلەن ئۇچۇرشۇپ بېيجىڭنىڭ كەچلىك مەنزىرلىردىن ھوزۇر ئالغاچ  خەلقارالىق قۇش ئۇۋىسى ئەتراپلىرىنى كۆرۈپ ئەتىكى كۈنلۈكتە بوخەي@دېڭىزىنىڭ چىنخۇڭداۋ @ ئارىلىغا بېرىشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ياتاققا قايتىپ كەلدۇق.

4 . بوخەي دېڭىزى بىلەن سەددىچىن سېپىلىغا سەپەر
     بىز چىنخۇڭداۋ@ ئارىلىغا قاراپ پويىز بىلەن يولغا چىقىپ دېڭىز ساھىلىغا كېلىپ،بۇ جايغا كەلگەنلەر بىلەن قوشۇلۇشۇپ چەكسىز كەتكەن بۇ كۆز يەتكۈسىز دېڭىزنىڭ ئاجايىپ تىلسىماتلىرىدىن ھوزۇرلىنىپ،قانغىچە ئويناپ، كېمە،پارىخوتلىرىغا چۈشۈپ،دېڭىزغا شۇڭغۇپ ئاجايىپ - غارايىپ ھىس تۇيغۇلىرىمىز بىلەن بۇ جاينىڭ تۈرلۈك ئويۇنلىرىغا قېنىپ ،بۇ ئارالدىكى ئۈزگىچە خاسلىق ۋە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە شەھەر قۇرۇلۇشى،بىناكارلىق قۇرۇلىشلىردىن، قاش تېشى  ،قۇلۇلە قېپى مەھسۇلاتلىرىدىن ھوزۇرلار ئېلىپ قانداقتۇر باشقا بىر ساياھەت دۆلىتىگە بېرىپ قالغاندەكلا ھېس  قىلىشتۇق.ئەتىسى بادالىڭ@سەددىچىن سېپىلىغا  قاراپ ئاتلىنىپ چەكسىز كەتكەن تاغ تىزمىلىرىدا غايەت زور چوڭ ئەجدىھادەك ئۇزۇنغا  سوزۇلۇپ ياتقان سېپىلىنىڭ چوققىسىغىمۇ چىقتۇق. پايتەخىت شەھەرنىڭ چەكسىز كەتكەن دېڭىزلىرىغا،ئۆزگىچە گۈزەللىكى بىلەن تونۇلغان ئاراللىرىغا،ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان دەريالىرىغا،گۈزەل تاغ  تىزمىلىرىنى بويلاپ ياتقان  سېپىللىرىغا قېنىپ شەھەر مەركىزىگە قايتقاچ يولىچە ساياھەت ئورۇنلىرىنى كۆرە-كۆرە  قىزىمنىڭ مەكتىپىگە قاراپ يول ئالدۇق.

5 . بېيجىڭدىكى ھېسلىرىم
    مەن بېيجىڭدىن ئىبارەت بۇ پايتەخىت شەھەرگە كېلىپ قىزىمنىڭ قىزىقىشى بويىچە ئايلىنىپ كۆرگەن ساياھەت ئورۇنلىرى بىلەن ئالىي مەكتەپلەردىكى ،شەھەردىكى غايبۋانە قۇرلۇشلارنى، يېڭىلىقلارنى كۆرۈپ ، نېمە ئۈچۈن قىزىمنىڭ  ئۆزىنىڭ كېلەچىكى ئۈستىدە ئويلىنىپ ئەڭ مۇكەممەل بولغان بۇ ئىلىم قوينىغا كېلىپ ئوقىماق بولغانلىقنى تولۇق چۈشەندۇق ھەم قىزىمنىڭ  داۋاملىق بىلىم قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز يوقىرى كۆتۈرۈپ ،رىقابەت بىلەن  تولغان بۇ دۇنياغا  ئۆگەنگەن بىلىملىرىدىن ئىبارەت قۇرالى بىلەن جەڭ ئېلان قىلىشتەك گۈزەل ئارزۇ- ئىستەكلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۇق.
دېمىسىمۇ ئوقۇشقا ھېرىسمەن بۇ قىزىم ئۆزىنىڭ بىلىمخۇمارلارغا خاس مەغرۇرانە، ئالىجاناپ خىسلىتى،تىرىشچانلارغا خاس قەيسەر خاراكتىرى بىلەن ئۆزى خالاپ كەلگەن بۇ جايدىكى بىلىم دېڭىزلىرىغا شۇڭغۇپ كىرىپلا كەتكەن ئىدى. ئۇ بۇ بىلىم بۇلاقلىرىنىڭ خاسىيەتلىك سۇلىرى بىلەن بىلىم ئىشقىدا قاغجىراپ كەتكەن چاڭقىغان يۈرەكلىرىنى قاچانمۇ قاندۇرار؟ بۇنىسى ھەممىمىزگە نامەلۇم . لېكىن قىزىمنىڭ  ئوقۇشى ئۈچۈن بو پەيتەخىت شەھەرگە كىلىپ تىرىشىپ ئوقىشتەك  قىزىقىشنىڭ ئۆزى بىر ياخشى باشلىنىش ئىدى.
   چۈنكى بېيجىڭدىن ئىبارەت بۇ پايتەخىت شەھەر قابىللار،ئاقىللار،ئالىملار، مۇتەخەسىسلەر ،دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىلغان شەھەر.
   بۇ شەھەر كۈلۈپ تۇرۇپ ساڭا قۇچاق ئېچىپ دەردىڭ بولسا دەردىڭنى ئاڭلاپ ھالىڭغا يېتىدۇ،ھاجىتىڭنى راۋا قىلالايدۇ .دۆلەت رەھبەرلىرىمىز  بىلەن خوش چىراي كادىرلىرمىز  ساڭا ئۈمۈد بېغىشلايدۇ،جېنىڭغا جان قوشىدىغان شىپاگەر دوختۇرلار   بىمارلارنىڭ كېسەللىرىنى داۋالاپ كىسەللەرگە ئۈممۈد ئاتا قىلالايدۇ.
   ھەر قانداق كىشى بۇ سۈزۈك پاك گۈزەل چېھىرلەردىن،ھارارەتلىك قەلىپلەردىن سۆيۈنمەي قالمايدۇ.
   بېيجىڭ ئەنە شۇنداق بىلىمگە قانمىغان تەشنا يۈرەكلەرنى سۇغىرالايدىغان،تالاي قەدەملەرگە يول بىرىپ،ئوكيان ھالقىپ يىراق  ئەللەرگە چىقىپ بىلىم ئېلىشىمىزغا  قانات بىرەلەيدىغان، گۈزەللىكنىڭ، تەرەققىياتنىڭ،مەدەنىيەتنىڭ مەركىزى. بۇلار مېنىڭ بۇ شەھەرنىڭ ئاز بىر قىسىم تەرەپلىرىنى كۆزەتكەن ھېسلىرىم .ئۇنىڭدىكى تىلسىماتلارنى قېزىشقا تىل بايلىقىم ۋە قەلەم قۇۋۋىتىم ئاجىزلىق كېلىدۇ ئەلۋەتتە...!

6 . قايتىش سەپىرىم ۋە ئاخىرقى تەۋسىيەلىرىم
    بىز بۇ قېتىمقى قىزىمىز بىلەن ئۇچۇرشىش،بېيجىڭدىن ئىبارەت گۈزەل پايتەخىت شەھەرنى زىيارەت قىلىپ چۈشىنىش بىلەن بىرگە پائالىيەتلىرىمىزنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ،قىزىمىز ۋە شەھر بىلەن خوشلۇشۇپ قايتار يولىغا چىقتۇق.خەيرى -خوش پايتەخىت شەھەر!خەيرى -خوش قىزىم!
    ئاخىرقى تەۋسىيەيىم شۇكى بۇ پايتەخىت مەركىزى شەھەرنىڭ يىللارچە قۇدىرەت تېپىپ پۈتۈن مەملىكەت خەلىقنى بىلىم بىلەن ئەخلاق بىلەن  قوراللاندۇرۇپ،ھەر مىللەت خەلقىنىڭ  ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈش قەدىمىنى تېزلىتىپ ،ئىناق جەمىئەت بەرپا قىلىپ،جەمىيىتىمىزنى مول بىلىم ۋە گۈزەل ئەخلاق بىلەن  ،قۇدرەت تاپقۇزۇشىنى، يوقىرى ساپالىق كىشىلىرىمىزنى كۆپلەپ يېتىشتۈرۈپ،ئۇلار ئارقىلىق خەلىقنى يېتەكلەپ،ھاللىق جەمىيەت بەرپا قىلىش قەدىمىنى تىزلىتىشنى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ پۇختا قەدەملەر بىلەن ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش قەدىمىنى تېزلىتىشىنى ئۈممۈد قىلىمەن.
بېيجىڭ سەن يىللارچە قۇدرەت تېپىپ، بىزلەرگە پارلاق يول ئېچىپ، دۆلەتنى  دۇنيادىكى ئەڭ تىنىچ، ئەڭ قۇدىرەتلىك، ئەڭ باي دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىقىن .

قومۇل قارادۆۋە بازىرىدىن

ئىسھاق ياقۇپ

-2016-3-5  كۈنى

ئەسكەرتىش:  لىئاڭ شىياڭ، ۋېيگۇەنسۈن مىترو بېكىتى، بوخەي دېڭىزى،چىنخۇاڭداۋ ئارىلى،بادالىڭ قاتارلىقلار شۇ جايلارنىڭ يەر ناملىرىنى كۆرسىتىدۇ.
uyghuray

20

تېما

6

دوست

6549

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   30.98%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21741
يازما سانى: 394
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 50
تۆھپە : 2040
توردىكى ۋاقتى: 597
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-11 12:27:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   makit تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-11 12:32  

بەك يامان يەرگە تۇتىشىپىتۇ .

0

تېما

0

دوست

601

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   20.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  56560
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 180
توردىكى ۋاقتى: 38
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-11 12:59:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dikkat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-11 13:09  

ئاۋۋال قىزىڭىزنىڭ ئۇقۇشىغا ئۇتۇق تىلەيمەن.
ئاندىن سىزنىڭ پەخىرلىنىش تۇيغۇسىغا چۈمۈشىڭىزگە دىققەت تىلەيمەن. چۈنكى قىزىڭىز ئەمدى تولۇق ئوتتۇرىغا چىقىپتۇ، ھازىر قىزىڭىز باشلىغان مۇساپىنى تاماملاپ بولغانلار بار.
ئەتراپقا ياخشى زەڭ سېلىڭ.
شۇڭا مەيلى بېيجىڭدا بولسۇن مەيلى ناھىيە ئىچىدە بولسۇن چوقۇم ياخشى ئوقۇمىسا قايتىپ كەلسە ‹‹خەت نۇسخىلاش ئورنى››ئېچىشقا دۇكان ئىجارىسى قىممەت.


4

تېما

7

دوست

3946

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   64.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  57738
يازما سانى: 455
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 1146
توردىكى ۋاقتى: 92
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-11 19:05:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئىچكىرىدە تولۇق ئوتتۇرىنى  ئوقۇغان ، باشتىن كەچۈرگەنلىرىمنى يازسام ھوشىڭىزدىن كېتىشىڭىز ئېنىق ، ئازراق ھاياجانلىنىڭ دەيمە
uyghuray

0

تېما

0

دوست

102

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   34%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  53937
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 18
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-12 00:13:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، بەك ياخشى تېما يوللاپسىز، ئوماق قىزىمىزنىڭ تىرىشىپ ئۆگىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز ، بىر قىز ئۈچۈن ياقا يۇرتلاردا ئوقۇماق ئاسان ئەمەس، مەنمۇ بۇرۇن ئىچكىرى ئۆلكىلەردە بەك ئۇزاق ئوقۇغان، مىللەتنىڭ كەلگۈسى قىزلىرىمزنىڭ يۈكى بەك ئېغىر شۇڭا بىزگە سىڭلىمىزدەك بىلىملىك قىزلار كېرەك، ئاللاھ ئىشلىرىڭىزلارغا ئاسانلىق بەرسۇن !

0

تېما

0

دوست

99

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  53922
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 30
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-12 00:19:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما، ئىلىم ئۆگىنىشنىڭ چېكى يوق، بىلىم ئافرىقىدا بولسىمۇ، بېرىپ ئۆگنىپ كېلىش كېرەك!   مۇساپىر بولمىغۇچە مۇسۇلمان بولمايدۇ دەپ، زور سىناقلار تېخى ئالدىدا، ياراتقۇچى ئاسانلىق بەرسۇن.

ئىچىڭدىكى ئىچىڭدىدۇر

18

تېما

12

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3877
يازما سانى: 521
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 3772
تۆھپە : 3205
توردىكى ۋاقتى: 528
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-12 00:27:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىچكىر ئۆلكىلەردە تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان باللارغا جاپاكەن. تۈزۈك شەنبە يەكشەنبە يوق، ئاتا-ئانىلار بېرىپ قالسىمۇ رۇخسەت بەرمەي، سىڭلىمىزنىڭ مۇشۇنداق ياخشى پۇرسەتلەرنى قولدىن بەرمەي، تىرىشىپ ئوقۇشىنى ئۈمۈد قىلىمىز!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )