قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2647|ئىنكاس: 13

بىز ھەرقانداق كىسەل بولساق چوقۇم داۋالىتىشىمىز كىرەكمۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

5

دوست

873

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   74.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  51269
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 262
توردىكى ۋاقتى: 44
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-11 11:58:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ھەرقانداق كىسەل بولساق چوقۇم داۋالىتىشىمىز كىرەكمۇ؟

مەمەت ئىمىن


   يىقىندامەن"بىز ئىچىۋاتقان نۇرغۇنلىغان دورىلار ھاجەتسىز، نۇرغۇنلىغان داۋالاش كىرەكسىز" دىگەن تىمىدا بىر ماقالا كۆرۈپ، بۇ جەھەتتە ئازراق بىر نەرسە يىزىپ دوستلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى توغۇرا تاپتىم.
    بىزھەرقانداق كىسەل بولساق چوقۇم داۋالىتىشىمىز كىرەكمۇ؟ نۇرغۇن دوستلار بۇ تىمىنى كۆرۈپ بەلكىم "كىسەل بولساق داۋالاتماي نىمە قىلاتتۇق" دەپ ھەيران قىلىشى مۈمكىن.كىسەل بولساق ئەلۋەتتە دوختۇرغا كۆرۈنىمىز، دورا ئىچىمىز، زۆرۈر بولسا ئوپىراتسىيەقىلدۇرىمىز، ھەر ىىل تەببىرلەرنى قوللۇنۇپ داۋالىتىمىز. مەسىلە بىز گىرىپتاربولغان ھەرقانداق كىسەلگە نىسبەتەن ئىلىپ بىرىلغان تەكشۈرۈشلەرنىڭ، بىرىلگەن دورىلارنىڭ، ئىلىپ بىرىلغان داۋالاشلارنىڭ ھەممىسى زورۇرمۇ؟ بۇلارنى قوللانمىغانداھىچقانداق بىر كىسەل ياخشى بولماسمۇ؟ جاۋاپ ئەلۋەتتە "ياق"  مەسىلەن بىز زۇكام بولغاندا ھىچقانداق دورائىچمەي ساقىيالايمىز، بىراق بىز زۇكام بولۇپ دوختۇرغا بارساق، دوختۇر ھەرگۈزمۇبىزنى قۇرۇق قول يولغا سىلىپ قويمايدۇ. ئەمىلىيەتتە دوختۇرنىڭ زۇكام ئۈچۈن بەرگەن دورىسى ھەقىقەتەن زورۇرمۇ؟ زۇكامنىڭ ساقىيىشى دورىنىڭ كۈچىدىنمۇ ۋە ياكى زۇكامنىڭ ساقىدىغان ۋاقتى سائەتى كەلگەنلىكتىنمۇ؟ بىز نورمالدا بۇ مەسىلىلەرنى بەك سۈرۈشتەقىلىپ كەتمەيمىز.
   ئۇماقالىدا ھازىر تىببى ساھادە ئىلىپ بىرىلۋاتقان نۇرغۇنلىغان تەكشۇرۇشلەرنىڭ،نۇرغۇنلىغان دورىلارنىڭ، ھەتتا نۇرغۇنلىغان ئوپىراتسىيەلەرنىڭ پۇتۇنلەي ھاجەتسىزئىكەنلىگىنى، نۇرغۇنلىغان داۋالاش جەريانىدا بىمار گىرىپتار بولغان كىسەلنىڭ داۋالاش سەۋەبىدىن ساقايغان ۋە ياكى بىمارنىڭ ئۆز بەدىنىدىكى كىسەلگە تاقابىل تۈرۈشكۈچىنىڭ سەۋەبىدىن ساقايغانلىغىنى پەرىق ئىتىشتە قىيىنچىلىقنىڭ بارلىقىنى تىلغائالغان.
   ئەمىلىيەتتەبىز گىرىپتار بولغان نۇرغۇن ئۇششاق كىسەللەرگە نىسبەتەن ئالاھىدە دورا ئىچىپ داۋالىتىشىمىزنىڭ ھىچقانداق ھاجىتى يوق. بىز پەقەت كۈندۈلۈك تۇرمۇشىمىزدا ئازراق تەڭشەش ئىلىپ بارساق كۇپايە. نۇرغۇن ئۇششاق كىسەللىكلەر، بەدەن چىنۇقتۇرۇش، ياخشى ئارام ئىلىش، ياخشى ئۇخلاش، كىسەل بولغان مۇھىتنى ئالماشتۇرش، كىسەل پەيدا قىلغان ئامىللاردىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق ساقىيىپ كىتىدۇ. نورمال ساغلاملىق تەكشۈرۈشتە تاسادىپى بايقالغان نۇرغۇن بىنورماللىق بەلكىم بىر ئۆمۈر بىر تەرەپ قىلمىسىمۇ،ھىچقانداق يامان ئاقىۋەت كەلتۇرمەسلىكى مۇمكىن.
    بىزنىڭ بەدىنىمىز ھەر كۈنى دىگۈدەك ھەر خىل كىسەللىك پەيدا قىلغۇچى ئامىللار بىلەن ئۇچۇرشۇپ تۇرىدۇ، بىراق بىز ئۇنىڭلىق بىلەن ھەر كۇنى كىسەل بولۇپ تۇرمايمىز.بەزىلىرىمىز كۆپ كىسەل بولىمىز، بەزىلىرىمىز يىللاپ كىسەل بولمايمىز، ھەتتا بەزىلىرىمىزبىر ئۆمۈر كىسەل بولمايمىز، كەم دىگەندە ئۆلۈپ كەتكەنگە قەدەر ئالاھىدە ئىغىركىسەل بولمايمىز. بەزىلىرىمىز دورىنى تاماق ئورنىدا ئىستىمال قىلىپ تۇرساقمۇ، يەنەكىسەلدىن قۇتۇلالمايمىز، يەنە بەزىلىرىمىز بەزى كىسەلگە گىرىپتار بولغاندا،ھىچقانداق دورا ئىشلەتمەيمۇ ئۆزلىگىمىزدىن ساقىيىپ كىتىمىز. سەۋەپ، بەدىنىمىزنىڭكىسەلگە تاقابىل تۇرۇش، ۋە ئۆز ئۆزىنى رىمىنۇت قىلىش، داۋالاپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ بولغانلىقىدا. بەزىلىرىمىزنىڭ بۇ خىل ئىقتىدارى كۈچلۈك بولسا،بەزىلىرىمىزنىڭ ئاجىز بولغانلىقىدا. بەزىلىرىمىزنىڭ بۇ ئىقتىدارى ياخشى قوغدالغان،ۋە تولۇق جارە قىلدۇرۇلغان بولسا، بەزىلىرىمىزنىڭ بۇ خىل ئىقتىدارى ھەر خىل سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن تەڭپۇڭلىقىنى يوقتۇپ، قالايمىقانلىشىپ كەتكەنلىكىدە.
    ئۇنداقتاقايسى كىسەللەرگە دورا ئىشلىتىش، قانداق كىسەللەرنى ئوپىراتسىيە قىلىش، ۋە قايسى كىسەللەرگە نىسبەتەن ھىچقانداق داۋالاش ئىلىپ بارماسلىققا قانداق ھوكۈم چىقىرىمىز؟
    بۇسۇئالغا بىر ئىككى ئىغىز سۆز بىلەن جاۋاپ بىرىش قىيىن. بۇ بىر مۇرەككەپ مەسىلەبولۇپ، ئۇ نۇرغۇن ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
   ئالدى بىلەن، ئۇ دوختۇرنىڭ كەسپى ئەخلاقى بىلەن ئىختىزادى مەنپەتنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى قانداق ساقلىشىغا باغلىق؛ يەنى دوختۇرلارنىڭ ئىختىزادى كىرىم بىلەن كەسپى ئەھلاقى ئارسىدىكى مەسىلىلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشى ناھاتى مۇھىم؛ ئەگەر دوختۇر كەسپى ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويمىسا، ئورۇنسىز تەكشۈرۈلەر بىلەن ئورۇنسڭز داۋالاشنى ئازلىتىش مۈمكىن ئەمەس.
   ئىككىنجىدىن،دوختۇرلارنىڭ ئەقلى ئەمگىكنىڭ قىممىتىنى يۇقۇرى كوتۇرۇشى ۋە ئاۋام خەلقنىڭ ئۇنى قوبۇل قىلىشىغا باغلىق؛ بۇ يەردە دىيىلگەن ئەقلى ئەمگەكنىڭ قىممىتى دىگىنىمىزدەبىرەر ماددى نەرسە بىلەن ئىپادىلەنمەيدىغان، دوختۇرنىڭ بىلىم ۋە تەجىربىلىرىگەئاساسەن چىقارغا ھوكۇم ۋە قارارلىرىنىڭ  قىممىتى كۆزدە تۇتلغان بولۇپ، ئۇنىە كەڭ خەلىق ئاممىسى قوبۇل قىلىشى نەھايتى مۇھىم. مەسىلەن بىر ئادەم كىسەل بولۇپ قىلىپ دوختۇرغابارغاندا، ئەگەر دوختۇر ئۆز تەجىربىلىرىگە تايىنىپ، بىمار گىرىپتار بولغان كىسەلگەتوغۇرا ھوكۈم چىقىرىپ، بىمارغا ئەندىشە قىلىغۇدەك چوڭ كىسەل يوقلىقىنى، ھىچقانداق دورا ئىچىشنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى ۋە ئۆيگە كىتىپ بىر نەچچە كۈن ئارام ئالسا ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئەيتىپ، بىماردىن ھەق ئالماقچى بولسا، مۇتلەق كۆپ ساندىكى بىمارئۇنى قوبۇل قىلماسلىقى مۈمكىن. ئەگەر دوختۇر بىمارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرۇپ،بىمارغا سالامەتلىكنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى، بىمارنىڭ سالامەتلىكىگە كاپالەت قىلىش ئۈچۈن بەزى تەكشۈرۈشلەرنى ئىلىپ بىرىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى سۆزلەپ، بىرنەچچە يۈزيۇئەنلىك، ھەتتە بىر نەچچە مىڭ يۇئەنلىك تەكشۈرۈشلەرنى قىلىپ، ھىچقانداق چوڭ كىسەل چىقمىغاندىن كىيىن، بىمارغا ئەندىشى قىلغۇدەك چوڭ مەسىلە يوق ئىكەن، ئازراق دورايىسىڭىز ياخشى بولۇپ كىتىسىز دەپ بىر نەچچە يۇز يۇئەنلىك ھاجىتى يوق دورىلارنىيىزىپ بەرسە، بىمار دوختۇرنىڭ ئۆز سالامەتلىكىگە كۆيۈنگەنلىكىگە كۆپ رەخمەتلەرنى ئەيتىپ رازىلىق بىلەن ئۆز يولىغا كىتىدۇ. نەتىجىدە بۇ بىمار يالغۇز ئۆز رازىلىقى بىلەن ئارتۇقچە چىقىمدار بولۇپلا  قالماستىن، بەلكى زۆرۈر بولمىغان تەكشۈرۈش ۋە زۆرۇربولمىغان دورىلارنىڭ زىيىنىغا ئۇچۇرايدۇ. چۇنكى كۆپۈنچە تەكشۈرۈش ۋە ھەرقانداق دورىنىڭ ئۇنداق ۋە مۇنداق يامان تەسىرلىرى بار بولۇپ، كىسەل داۋالاشتا زورۇربولسا، ئۇنىڭ كىسەل داۋالاشتىكى ئۈنىمىنى كۆزدە تۇتۇپ، يامان تەسىر بىلەن ھىساپلىشىپ كەتمەيمىز، بىراق ئۇلارنىڭ ھىچقانداق ئەھمىيىتى بولمىغاندا، ئۇتەكشۈرۈش ۋە دورىلارنىڭ ئازراق يامان تەسىرىمۇ ئەلۋەتتە زىيان ھىساپلىنىدۇ. ئەگەربىر قىممەت قارىشىمىزنى ئۆزگەرتىپ، دوشتۇرنىڭ ئەقلى ئەمگىكىنىڭ قىممىتىگە ھۆرمەت قىلساق ۋە ياكى ئۇنى قوبۇل قىلساق، يالغۇز زورۈر بولمىغان تېكشۈرۈش ۋە داۋالشتىن ساقلىنىپ قالماستىن، بەلكى ئىختىزادڭ جەھەتتىمۇ ئۇنداق كۆپ چىقىمدار بولماسلىقىمىزمۈمكىن.
   ئۈچۈنجىدىن،دوختۇرنىڭ كەسپى سەۋىيەسى ۋە توغۇرا ھۆكۈم چىقىرىش قابىلىيىتىگە باغلىق. يەنى ساغلاملىق ۋە ھاياتلىق دوغا تىكىدىغان، بۇ قىتىم زىيان تارتسام كىلەر قىتىم پايدائالارمەن دەيدىغان نەرسە ئەمەس. قايسى كىسەلگە دورا ئىشلىتىش، ئوپىراتسىيە قىلىش ھاجەتسىز، قايسى كىسەلگە دورا ئىشلىتىش ۋە ياكى ئوپىراتسىيە قىلىش زورۇر، ئۇنىڭغا توغۇرا ھوكۇم چىقىرىلمىسا، زىيان تارتقۇچى يەنىلا بىمار بولىدۇ. خاتالىشىپ قىلىشتىن ئەندىشە قىلىپ، دورا ئىشلىتىش زۆرۈر بولمىغان كىسەلگە دورا بىرىش خاتا.خاتالىشىپ قىلىشتىن ئەندىشە قىلىپ، داۋالاش زۆرۈر بولغان كىسەلنى ۋاقتىدا داۋالىماي،داۋالش ۋاقتىنى چولدىن بىرىپ چويۇشمۇ خاتا. خاتالىشىپ قىلىشتىن ئەندىشە قىلىپ،ئوپىراتسىيە قىلمايدىغان كىسەلنى ئوپىراتسىيە قىلىشمۇ خاتا. خاتالىشىپ قىلىشتىن ئەندىشە قىلىپ، ئوپىراتسىيە قىلىدىغان كىسەلنى ئوپىراتسىيە قىلماسلىقمۇ خاتا. شۇڭاھەر بىر كىسەلگە توغۇرا ھوكۇم چىقىرىرىپ، زورۈر بولغان داۋالشنى ئىلىپ بىرىش،زورۈز بولمىغان داۋالشتىن ساقلىنىش، ھەم شۇنداقلا داۋالىتىش زۆرۈر بولغان كىسەلنىڭ داۋالاش ۋاقتىنى قولدىن بىرىپ چويماسلىق  دوختۇرنىڭ كەسپى سەۋىيەسى ۋە توغۇرا ھوكۇم چىقىرىش قابىلىيىتىگە باغلىق.
    تۆتىنجىدىن،دوختۇر بىلەن بىمارنىڭ ئۆز ئارا ئىشىنىشىگە ۋە ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىشىغا باغلىق؛  ئۆز ئارا ئىشەنچ بولمىسا، ۋە ياكى ھەممە ئىشقا گۇمان بىلەن قارالسا، ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىنمىسا، بۇ مەسىلە ھەرگۈزمۇ ھەل بولمايدۇ؛
    بەشىنجىىدىن،ئاۋام خەلقنىڭ ساقلىقنى ساقلاش ساۋاتلىرىغا ۋە ئۇنىۋىرسال سەۋىيەسىگە باغلىق؛ئادەم ئۆز بەدىنىنى بىلىشى، ئوزىنى قانداق قوغداشنى بىلىشى بەكلا زۆرۈر. ئەگەربىمارنىڭ ساقلىقنى ساقلاش جەھەتتە يىتەرلىك ساۋاتلىرى بولسا، ئۆزى گىرىپتار بولغان كىسەلگە نىسبەتەن ياخشى تونۇشى بولۇشى مۈمكىن؛ دوختۇرغا كىسەل ئەھۋالىنى بايان قىلغاندا ئۆزى گىرىپتا بولغان كىسەلنىڭ جەريانىنى تولۇق ۋە توغۇرا بايان قىلىىپ بىرىشى، كىسەلگە دىياگۇنۇز قويۇش ۋاقتىنى ۋە قىممىتىنى توۋەنلىتىشى مۈمكىن؛دوختۇرمۇ بۇنداق بىمارلارغا نىسبەتەن خالىغانچە مۇھامىلە قىلماسلىقى، ۋە ئۇلارغانىسبەتەن بەزى زورۇر بولمىغا تەكشۇرۇشلەرنى ئىلىپ بارماسلىقى مۈمكىن؛
    ئالتىنجىدىن،مەسىلە توغۇلغاندا ھەل قىلىش يوللىرىنىڭ مۇكەممەللىشىگە باغلىق؛ مەسىلە توغۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئەلۋەتتە مۇھىم؛ مەسىلە تۇغۇلغاندىن كىيىن توغۇرا بىر تەرەپ قىلىش مۇناھايتى مۇھىم. بىمارنىڭ ھاياتتى ھورمەتلىنىشى ۋە قوغدۇلىشى كىرەك، شۇنداقلا بىمارنىڭ ھەق ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە دوختۇرنىڭ ھەق ھوقۇقىمۇ كاپالەتكەئىگە بولىشى كىرەك؛ مەسىلە كۆرۈلگەندە ھەر ئىككى تەرەپ بىلەن مەنپەت توقۇنىشى بولمىغان، ئۈچۈنجى بىر تەرەپ كۆرۈلگەن مەسىلىنى ئادىل ھەل قىلىدىغان بىر سىستىمابەرپا بولۇش كىرەك.


uyghuray

0

تېما

0

دوست

835

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  57252
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 248
توردىكى ۋاقتى: 60
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-11 12:46:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوختۇرلار تىلغا ئېلىنسا كاللامغا قانداقتۇر بىر ئىجابى بولمىغان ئوبرازلار كېلىدۇ، دوختۇرلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇنداق دىمەكچى ئەمەسمەن، لىكىن كۆپچىلىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى يوق، كېسەلنىڭ ياخشىلىنىش ياخشانماسلىقى بىلەن كارى يوق، پەقەت مۇئاشى ئۈچۈن دوختۇرخانىدا ۋاقىت ئۆتكۈزۋاتقاندەكلا

0

تېما

1

دوست

1045

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   4.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  51320
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 300
توردىكى ۋاقتى: 53
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-11 12:46:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ھەمكارلىق داۋالاش››چىققاندىن كىيىن كىشلەر چۇقۇم ‹‹داۋالىتىشقا ››كۆنمەكتە بۇرۇن بىمار يوق ئاپتاپ ئىسنىپ گازىر چېقىپ يۈرۈيدىغان يېزىلىق شىپاخانىلار ھازىر تولىمۇ ئاۋاتلىشىپ كەتتى ئۆتكەن يىل زۇكام بىلەن يەتتە كۇن ياتسام ھەمكارلىق داۋالاشنىڭ پايدسدا ئاران 85كوي كىتىپتۇ ئەمما ساقىيىش ئەمەس سېرىق تۇكۇم مىدراپ قويسىچۇ
مانا بۇ يىلمۇ ھمكارلىق داۋالاش دەپ300كوي مەجبۇر ئالدى شۇ قوساق كۈپۈگىدە چۇقۇم يېتىش كېرەك

0

تېما

0

دوست

835

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  57252
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 248
توردىكى ۋاقتى: 60
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-11 12:52:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق دىيىشمنىڭ سەۋەبى  بىر دوختۇرخانا بىلەن يەنە بىر دوختۇرخانىنىڭ قويغان دىئاگىنوزلىرى ئوخشاش چىقماسلىقى، كېسەلنىڭ ياخشىلانمىغانلىقى توغرسىدا ئېغىز ئاچقان بىمارلارغا قوپاللىق بىلەن جاۋاب قايتۇرىشى، بەزى دوختۇرلارنىڭ ھاكاۋۇرلىقى ۋە باشققلار بولىشى مۇمكىن ، مەن ئۆزۈم كېسەلچان، تېنىم ئاجىز. دوختۇرخانىنى كۆپ ئاۋاتلاشتۇرغانلىقىم سەۋەبلىك دوختۇرلارغا بولغان چۈشەنچەم چوڭقۇرمىكى،كۆپچىلىك دوختۇرلار قەلبىمدە ياخشى تەسىر قالدۇرمىدى.  مۇنبەردىكى دوختۇر قېرىنداشلار خاتا چۈشەنمىگەيسىلەر
uyghuray

0

تېما

0

دوست

61

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   20.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  58609
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 18
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-11 13:17:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئىككىنجىدىن،دوختۇرلارنىڭ ئەقلى ئەمگىكنىڭ قىممىتىنى يۇقۇرى كوتۇرۇشى ۋە ئاۋام خەلقنىڭ ئۇنى قوبۇل قىلىشىغا باغلىق؛ بۇ يەردە دىيىلگەن ئەقلى ئەمگەكنىڭ قىممىتى دىگىنىمىزدەبىرەر ماددى نەرسە بىلەن ئىپادىلەنمەيدىغان، دوختۇرنىڭ بىلىم ۋە تەجىربىلىرىگەئاساسەن چىقارغا ھوكۇم ۋە قارارلىرىنىڭ  قىممىتى كۆزدە تۇتلغان بولۇپ، ئۇنىە كەڭ خەلىق ئاممىسى قوبۇل قىلىشى نەھايتى مۇھىم. مەسىلەن بىر ئادەم كىسەل بولۇپ قىلىپ دوختۇرغابارغاندا، ئەگەر دوختۇر ئۆز تەجىربىلىرىگە تايىنىپ، بىمار گىرىپتار بولغان كىسەلگەتوغۇرا ھوكۈم چىقىرىپ، بىمارغا ئەندىشە قىلىغۇدەك چوڭ كىسەل يوقلىقىنى، ھىچقانداق دورا ئىچىشنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى ۋە ئۆيگە كىتىپ بىر نەچچە كۈن ئارام ئالسا ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئەيتىپ، بىماردىن ھەق ئالماقچى بولسا، مۇتلەق كۆپ ساندىكى بىمارئۇنى قوبۇل قىلماسلىقى مۈمكىن. ئەگەر دوختۇر بىمارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرۇپ،بىمارغا سالامەتلىكنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى، بىمارنىڭ سالامەتلىكىگە كاپالەت قىلىش ئۈچۈن بەزى تەكشۈرۈشلەرنى ئىلىپ بىرىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى سۆزلەپ، بىرنەچچە يۈزيۇئەنلىك، ھەتتە بىر نەچچە مىڭ يۇئەنلىك تەكشۈرۈشلەرنى قىلىپ، ھىچقانداق چوڭ كىسەل چىقمىغاندىن كىيىن، بىمارغا ئەندىشى قىلغۇدەك چوڭ مەسىلە يوق ئىكەن، ئازراق دورايىسىڭىز ياخشى بولۇپ كىتىسىز دەپ بىر نەچچە يۇز يۇئەنلىك ھاجىتى يوق دورىلارنىيىزىپ بەرسە، بىمار دوختۇرنىڭ ئۆز سالامەتلىكىگە كۆيۈنگەنلىكىگە كۆپ رەخمەتلەرنى ئەيتىپ رازىلىق بىلەن ئۆز يولىغا كىتىدۇ. نەتىجىدە بۇ بىمار يالغۇز ئۆز رازىلىقى بىلەن ئارتۇقچە چىقىمدار بولۇپلا  قالماستىن، بەلكى زۆرۈر بولمىغان تەكشۈرۈش ۋە زۆرۇربولمىغان دورىلارنىڭ زىيىنىغا ئۇچۇرايدۇ. چۇنكى كۆپۈنچە تەكشۈرۈش ۋە ھەرقانداق دورىنىڭ ئۇنداق ۋە مۇنداق يامان تەسىرلىرى بار بولۇپ، كىسەل داۋالاشتا زورۇربولسا، ئۇنىڭ كىسەل داۋالاشتىكى ئۈنىمىنى كۆزدە تۇتۇپ، يامان تەسىر بىلەن ھىساپلىشىپ كەتمەيمىز، بىراق ئۇلارنىڭ ھىچقانداق ئەھمىيىتى بولمىغاندا، ئۇتەكشۈرۈش ۋە دورىلارنىڭ ئازراق يامان تەسىرىمۇ ئەلۋەتتە زىيان ھىساپلىنىدۇ. ئەگەربىر قىممەت قارىشىمىزنى ئۆزگەرتىپ، دوشتۇرنىڭ ئەقلى ئەمگىكىنىڭ قىممىتىگە ھۆرمەت قىلساق ۋە ياكى ئۇنى قوبۇل قىلساق، يالغۇز زورۈر بولمىغان تېكشۈرۈش ۋە داۋالشتىن ساقلىنىپ قالماستىن، بەلكى ئىختىزادڭ جەھەتتىمۇ ئۇنداق كۆپ چىقىمدار بولماسلىقىمىزمۈمكىن.
    ئۈچۈنجىدىن،دوختۇرنىڭ كەسپى سەۋىيەسى ۋە توغۇرا ھۆكۈم چىقىرىش قابىلىيىتىگە باغلىق. يەنى ساغلاملىق ۋە ھاياتلىق دوغا تىكىدىغان، بۇ قىتىم زىيان تارتسام كىلەر قىتىم پايدائالارمەن دەيدىغان نەرسە ئەمەس. قايسى كىسەلگە دورا ئىشلىتىش، ئوپىراتسىيە قىلىش ھاجەتسىز، قايسى كىسەلگە دورا ئىشلىتىش ۋە ياكى ئوپىراتسىيە قىلىش زورۇر، ئۇنىڭغا توغۇرا ھوكۇم چىقىرىلمىسا، زىيان تارتقۇچى يەنىلا بىمار بولىدۇ. خاتالىشىپ قىلىشتىن ئەندىشە قىلىپ، دورا ئىشلىتىش زۆرۈر بولمىغان كىسەلگە دورا بىرىش خاتا.خاتالىشىپ قىلىشتىن ئەندىشە قىلىپ، داۋالاش زۆرۈر بولغان كىسەلنى ۋاقتىدا داۋالىماي،داۋالش ۋاقتىنى چولدىن بىرىپ چويۇشمۇ خاتا. خاتالىشىپ قىلىشتىن ئەندىشە قىلىپ،ئوپىراتسىيە قىلمايدىغان كىسەلنى ئوپىراتسىيە قىلىشمۇ خاتا. خاتالىشىپ قىلىشتىن ئەندىشە قىلىپ، ئوپىراتسىيە قىلىدىغان كىسەلنى ئوپىراتسىيە قىلماسلىقمۇ خاتا. شۇڭاھەر بىر كىسەلگە توغۇرا ھوكۇم چىقىرىرىپ، زورۈر بولغان داۋالشنى ئىلىپ بىرىش،زورۈز بولمىغان داۋالشتىن ساقلىنىش، ھەم شۇنداقلا داۋالىتىش زۆرۈر بولغان كىسەلنىڭ داۋالاش ۋاقتىنى قولدىن بىرىپ چويماسلىق  دوختۇرنىڭ كەسپى سەۋىيەسى ۋە توغۇرا ھوكۇم چىقىرىش قابىلىيىتىگە باغلىق.

0

تېما

0

دوست

61

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   20.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  58609
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 18
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-11 13:44:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yak

0

تېما

0

دوست

61

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   20.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  58609
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 18
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-11 13:47:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن بەك ياخشى يېزلىپتۇ .2. مەزمۇن.

0

تېما

0

دوست

61

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   20.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  58609
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 18
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-11 13:57:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاممىنىڭ ساغلاملىىق سەۋيەسىنى ئۆستۈرۈشكە كىلىۋاتقان تۈر پۇللىرنى‹ ئوغرى›لار يەۋېلىپباردۇ ، دىھقاننىڭ ئۆيىگىىچە بېرىپ تەشۋىقات قىلىشقا پۇل بەردى ئەسلى ،تەكشۇرگۇچىلەرنىڭ ۋاقتى يەتمەيۋادىغۇ دەيمەن  سۇ باشتىن سۈزۈك بولمىسا..........
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )