قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 981|ئىنكاس: 3

تاشقى پېرىۋوت زاپىسى نەگە كەتتى؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

46

تېما

2

دوست

2229

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  40020
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 97
تۆھپە : 674
توردىكى ۋاقتى: 81
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-11 12:05:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تاشقى پېرىۋوت زاپىسى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو تاشقى پېرىۋوت تورى خەۋىرى، بايكۈچ تەرجىمىسى



外汇..jpg

خەلق بانكىسى 7-مارت ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2-ئايدا دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى پېرىۋوت زاپاس سوممىسى 3 ترلىيون 200 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ ئالدىنقى ئايدىكىدىن 28 مىليارد 572 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كېمەيگەن. گەرچە 2-ئايلىق تاشقى پېرىۋوت زاپىسى كېمەيگەن بولسىمۇ، ئەمما كېمىيىش كۆلىمى ئالدىنقى ئايدىكىدىن كىچىك بولغان.

ئۆتكەن يىلدىن بېرى دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى پېرىۋوت زاپاس سوممىسى ئىزچىل كېمەيدى. بولۇپمۇ ئۆتكەن يىل 11-ئايدىن بۇ يىل 1-ئايغىچە، ئايلىق ئوتتۇرىچە كېمىيىش كۆلىمى 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. ئۇنداقتا كېمىيىپ كېتىۋاتقان تاشقى پېرىۋوت زاپىسى زادى نەگە كەتتى؟

1.jpg

تاشقى پېرىۋوت زاپىسىنىڭ كېمىيىشى كۆپ خىل ئامىللار سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان نەتىجە

تاشقى پېرىۋوت زاپىسى كۆلىمىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار مەركىزى بانكىنىڭ بازاردىكى مەشغۇلاتى، تاشقى پېرىۋوت زاپىسى مەبلەغ سالغان مۈلۈك باھاسىنىڭ تەۋرىنىشى، پېرىۋوت نىسبىتى ئۆزگىرىشى ۋە مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

تاشقى پېرىۋوتنى خەلق ئارىسىغا كېڭەيتىش ئاساسىي سەۋەب

مەركىزى بانكىنىڭ ئورگان تەرەپ تاشقى پېرىۋوت زاپىسى بازاردىكى پېرىۋوت سېتىۋېلىش يولى ئارقىلىق خەلقنىڭ قولىغا ئۆتىدۇ. ئاساسلىقى ئىككى جەھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بىرى، دۆلىتىمىزنىڭ كارخانا قاتارلىق سۇبېكتلىرىنىڭ چىگرا ئىچىدىكى چەتئەل پۇلى مۈلۈك قەرز قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، تاشقى پېرىۋوت ئامانىتىنى كۆپەيتىپ، تاشقى پېرىۋوت قەرزىنى قايتۇرۇش.

2015-يىل دۆلىتىمىز كارخانىلىرى، شەخسىي تاشقى پېرىۋوت ئامانىتى ئايرىم ئايرىم ھالدا 24 مىليارد 900 مىليون ۋە 18 مىليارد  400مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاشقان، چىگرا ئىچىدىكى بانكىلار كارخانىلارنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك قىممەتنى ساقلاش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن تاشقى پېرىۋوتنى 102 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاشۇرغان. شۇنداقلا كارخانىلار قەرز ئېلىپ ئىشلەتكەن چىگرا ئىچى سىرتىدىكى تاشقى پېرىۋوت قەرز سوممىسىنى 100مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كېمەيتكەن.

ئىككىنچىسى، كارخانا، شەخس قاتارلىق سۇبېكتلارنىڭ چىگرا سىرتىدىكى مەبلەغ سېلىش، ئىستېمال، قەرز قايتۇرۇش قاتارلىق تاشقى پېرىۋوت ساپ چىقىمى.

2015-يىل چىگرا ئىچىدىكى كارخانا، شەخس قاتارلىق غەيرى بانكا تارماقلىرىنىڭ چىگرا ئاتلاپ قىلغان ساپ چىقىمى 253 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئاساسلىقى چەتئەللەرگە بىۋاستە مەبلەغ سېلىش، QDLL تۈرىدىكى ئاكسىيىگە مەبلەغ سېلىش، چىگرا سىرتىدىكى ئوقۇش ۋە ساياھەت خىراجىتىگە چىقىم قىلىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلگەن.

تاشقى پېرىۋوت ۋە مۈلۈك باھا ئۆزگىرىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان مۆلچەر قىممەت ئۆزگىرىشى

خەلقئارا كىرىم چىقىم تەڭپۇڭلۇق جەدۋىلى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2015-يىل ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە تاشقى پېرىۋوت بازىرىدىكى ئېھتىياج تەمىنلەش تۈپەيلىدىن ئېلىپ سېتىش كەلتۈرۈپ چىقارغان تاشقى پېرىۋوت زاپاس مۈلۈك يىغىندىسى 227 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كېمەيگەن. ئوخشاش مەزگىلدىكى تاشقى پېرىۋوت زاپىسى ھېسابات يۈزى سوممىسى 328 مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كېمەيگەن، دېمەك، پېرىۋوت نىسبىتىگە سۇندۇرۇپ ھېسابلاش قاتارلىق تەخمىنىي ئامىللار سەۋەبىدىن تاشقى پېرىۋوت زاپىسى ھېسابات يۈزىدىكى قىممەتنى 101 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كېمەيگەن.

جۇڭگونىڭ سىرتقا قارىتا چىقىم قىلىش ئىقتىدارىدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق

ئەنئەنىۋى كۆرسەتكۈچ بويىچە ئۆلچىگەندە، ئېلىمىزنىڭ تاشقى پېرىۋوت زاپىسى كۆلىمى ئاللىقاچان ئىمپورت چىقىمى ۋە قىسقا مۇددەتلىك قەرز قايتۇرۇشتىكى ئەڭ تۆۋەن پېرىۋوت زاپىسى مىقدارىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتتى، شۇنداقلا كاپىتالنىڭ سىرتقا ئېقىشىنى باشتىن كەچۈردى، زاپاس كېمەيگەندىن كېيىن، دۆلىتىمىزنىڭ بۇ ئارقىلىق ئۆلچىنىدىغان ئاساسىي خاراكتېرلىك خەلقئارا تۆلەمنى ئۈزۈش ئىقتىدارى ئاجىزلىشىش ئۇياقتا تۇرسۇن ، ئەكسىچە كۈچەيدى.

تاشقى پېرىۋوت زاپىسى ئوبوروتچانلىق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى بەرگەن ئېنىقلىمىغا ئاساسلانغاندا، تاشقى پېرىۋوت زاپاس مۈلكى پۇل دائىرىلىرى كونترول قىلالايدىغان، ھەرۋاقىت ئىشلىتىدىغان تاشقى مۈلۈك، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلىتىمىز تاشقى پېرىۋوت زاپىسىنىڭ ئىشلىتىلىشىدە يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭگو مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى، سىياسەت خارەكتېرلىك بانكا، يىپەك يولى فوندى، شۇنداقلا سودا بانكىسى تارقاتقان ھاۋالىلىك قەرز قاتارلىق ئورۇنلارغا مەبلەغ سالدى. ئەگەر مەركىزى بانكىنىڭ پاي ھوقۇقى ياكى قەرز ھوقۇقى بولسا مەركىزى بانكىنىڭ باشقا تاشقى پېرىۋوت مۈلۈكلىرى تۈرىگە تىزىملاپ ماڭدى. ئەگەر مالىيە مىنىستىرلىكى تارقاتقان ئالاھىدە زايوم سېتىۋېلىش مەبلىغى بولسا  مەركىزى بانكىنىڭ مۈلۈك قەرز تىزىملىكى جەدۋىلىدىن چىقىرىۋىتىلدى. دىمەك ھازىر مەركىزى بانكا ئېلان قىلغان تاشقى پېرىۋوت زاپىسى سوممىسى مەركىزى بانكا يۆتكەپ ئىشلەتسە بولىدىغان تاشقى پېرىۋوت مۈلكى، ئوتتۇرا ئۇزۇن مەزگىللىك ئاكسىيە بولسىمۇ، 2-دەرىجىلىك بازاردا باھاغا سۇندۇرۇپ ئوبوروتچانلىق تەلىپىنى قاندۇرغىلى بولىدۇ.


مەنبە: بايكۈچ تورى (www.baykuq.com)

uyghuray

0

تېما

0

دوست

423

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   61.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  57469
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 120
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-11 16:55:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوللار ئۆسسە ياكى ئامرىكا  دوللارنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرسە، تاشقى پىرۋوت زاپىسى كېمىيىپ كىتىدۇ دەپ چۈشەنسەم توغرىمۇ؟ يەنە بىرى جۇڭگۇلۇقلار سىرتقا مەبلەغ سالسا ياكى ئىمپورت دىمەكچى بولغىنىم ھۆكۈمەت چەتتىن بىر نەرسە سېتىۋالسىمۇ پىرۋوت زاپسى كىمىيىدۇ دەپ چۈشەنسەم توغرىمۇ؟

0

تېما

1

دوست

1929

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   92.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28894
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 602
توردىكى ۋاقتى: 148
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-11 18:15:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاشقى پىرۋوت،پاي چېكى دىگەنلەر پارغا ئايلىنىپ كەتمەيدۇ مەلۇم بىريەرگە يۆتكىلىدۇ

0

تېما

0

دوست

451

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   75.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7115
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 127
توردىكى ۋاقتى: 22
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-13 23:49:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زايوم دىگەن نىمە ؟
uyghuray
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )