- تىزىملاتقان
- 2012-10-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-3-30
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2304
- نادىر
- 0
- يازما
- 111
ئۆسۈش
10.13%
|
قىممەتلىك تورداشلار ، ھەممىمىزگە ئايان بولغىنىدەك ئانا تىلىمىز ئاجايىپ گۈزەل ، تولىمۇ پاساھەتلىك ۋە تەڭداشسىز ئىپادىلەش قۇدرىتىگە باي تىل ! تارىختا ئۆتكەن ۋە ياشاۋاتقان نۇرغۇن يازغۇچى ، شائىرلىرىمىزنىڭ ئانا تىلىمىز بارىسىدا يازغان يازمىلىرىنىڭ ئۆزىلا ، بۇنى ئىسپاتلاشقا يېتەرلىك دەپ بىلىمەن!
بىزدە « تاققا - تۇققۇ » دەيدىغان بىر سۆز بار. بۇ سۆزنى ، « تاققا - تۇققۇ سۆزلەرنى تولا قىلىپ ، كاللامنى ساراڭ قىلما! » دېگەن جۈملىدىكى مەناسىغا ئاساسەن ، « قالايمىقان » ، « تۇتامى يوق » دېگەندەك مەنالارنى بېرىدۇ ، دەپ چۈشىنىمەن .
خوتەن شەھرىدە بىر بازار بار .بۇ بازار قەدىمى شەھەر خوتەن ( ياكى ئىلچى ) دىكى ئەڭ دەسلەپكى بازار بولۇپ ، مەزكۇر بازارنىڭ ئىسمى «چۇققۇ بازار » . ئەگەر «خوتەنگە كەلمىگەنلەر شىنجاڭنىڭ قەدىمى سېھرىنى بىلەلمەيدۇ » دېيىلسە، «چۇققۇ بازارغا كەلمىگەنلەر خوتەننىڭ ھىدىنى پۇرىيالمايدۇ » دەپ كەسكىن ئېيتالايمىز .
بۇ بازارنىڭ يەر شەكلى ئويمان بولۇپ ، ئىلچى دەرياسى ( خەلق تىلىدا دۇڭپۇڭ 东风 ئۆستەڭ دېيىلىدۇ ) نىڭ قىبلە تام ئېتىكىگە جايلاشقان . بۇ بازارنىڭ ئىسمى يەرلىك خوتەن ( ئىلچى ) كىشىلىرىنىڭ تەلەپپۇزىدا « چۇققۇ بازار » دەپ توغرا ئاتالسىمۇ ، ئەمما ، باشقا ناھىيە ياكى ۋىلايەتلەردىن كەلگەن ئىنسانلارنىڭ ئېغىزىدا « چۇقۇ بازار » ، «چوقۇر بازار » «چۇقۇر بازار » دېگەندەك خىلمۇ - خىل شەكىللەردە تەلەپپۇز قىلىنماقتا . خوتەن ( ئىلچى ) لىقلار بولسا ھازىرمۇ ، « كاتەكنى بەك چۇققۇ كولىۋېتىپسىز! » ، « يەرنى چۇققۇراق كولاڭ » دېگەندەك جۈملىلەر ئارقىلىق ، « چۇققۇ » سۆزىنى ئىستىمال قىلىدۇ .
مەن ئىلگىرى « چۇققۇ » نى « پەس ، تۆۋەن ، ئويمان ، چوڭقۇر » دېگەن مەنالاردا چۈشىنەتتىم ھەم بۇ سۆزنى خوتەننىڭ يەرلىك شىۋىسى دەپ بىلەتتىم . ئەمما ، كېيىنكى كۈنلەرگە كەلگەندە بۇ سۆزنىڭ يەرلىك شىۋە ئەمەس ، بەلكى ، « ئۇز » دېگەن سۆزگە ئوخشاشلا ، «خاقانىيە تىلى » نىڭ يالدامىسى ئىكەنلىگىنى چۈشىنىپ يەتتىم . بۇنىڭ سەۋەبى ،
ئانا تىلىمىزدا « چوققا » دەيدىغان بىر سۆز بار . بۇ سۆزنىڭ مەناسىنى ئىزاھلاپ ئولتۇرمىساممۇ ، تاغلارنىڭ يۈكسەك پەللىسىنىڭ «چوققا »دەپ ئاتىلىدىغانلىقى ھەممەيلەنگە مەلۇم . بىز « چوققا » بىلەن « چۇققۇ » ۋە « تاققا » بىلەن « تۇققۇ » نى بىر يەرگە ئەكىلىپ كۆزەتسەك ۋە « چوققا » بىلەن « چۇققۇ » نىڭ قارىمۇ - قارشى مەنىلىك سۆز ئىكەنلىگىنى ئېسىمىزگە ئالساقلا ، « چوققا » نىڭ يېقىلماي ، « چۇققۇ »نىڭ كۆمۈلۈپ قالغانلىقىنى ھەيرانلىق ئىچىدە بايقايمىز . ئەلبەتتە ، نۆۋەتتە بىز « چۇققۇ » نىڭ ئورنىغا ، ئۇنىڭ مەنىداش سۆزى بولمىش « چوڭقۇر » نى ئىشلىتىۋاتىمىز .لېكىن ، تىلىمىزنىڭ تېخىمۇ رەڭدارلىقى ، ئىخچاملىقى ۋە باي بولىشىنى كۆزلىگىنىمىزدە ، « چۇققۇ » نى قايتىدىن ئىشلەتسەك ، مېنىڭچە ، ھەرگىز خاتا بولمايدۇ !
ئاخىرىدا ، كەڭ تورداشلارنىڭ مەزكۇر يازمامغا سەمىمى ۋە ئىلمى مۇلاھىزىلىرى بىلەن مۇنازىرىلىرىنى تەقدىم ئېتىشىنى سورايمەن !!! |
|