قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 487|ئىنكاس: 1

پىسخولوگىيەنىڭ ھىكايىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

81

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  58690
يازما سانى: 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 12
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-11 20:59:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەرەپ گىرىتسىيەگە مەنسۇپ

   پەيلاسوپ بورتلاند .روسسو  : دۇنيادىكى بارلىق تارىخلار ئىچىدە ،ھېچقاندىقى گىرىتسىيە مەدەنىيىتىنىڭ باش كۆتۈرۈش تارىخىدەك ئادەمنى ھەيران قالدۇرالمايدۇ ۋە ئۇنىڭدەك چۈشىنىش قىيىن ئەمەس، دېگەن.
   گىرىكلارمەدەنىيىتىنىڭ كۆپ قىسمى ئاساسلىقى مىسىر ،مىسوپوتامىيە ۋە قوشنا مەملىكەتلەردىن كىرگەن بولۇپ ،بۇنداق ئەھۋال مىلادىدىن بۇرۇنقى 6-ئەسىرگىچە داۋاملاشقان .لىكىن 6-ئەسىردىن4-ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا، ئۇلار زور بىر تۈركۈم ئۆزىگە خاس يېڭى مەدەنىيەت خۇرۇچلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ بولغان .بۇلاردىن تاشقىرى ئۇلار يەنە مۇرەككەپ بولغان ئىنسانشۇناسلىق ،سەنئەت ۋە ئارختىكتۇرا شەكلىنى ئىجاد قىلىپ، تۇنجى تارىخى خاتىرىنى تۈزگەن .ماتىماتىكا ۋە ئىلىمنى ئىجاد قىلغان .مەكتەپ ۋە تەنتەربىيەمەيدانى قۇرغان.شۇنداقلا يەنە دىمۇكىراتىيەنى بەرپا قىلغان ئىدى .غەرب مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ قىسمى مۇشۇ مەدەنىيەتتىن كەلگەن .بولۇپمۇ ئۆتكەن 25 ئەسىردىن بۇيان شەكىللەنگەن پەلسەپە ۋە ئىلىم –پەن، داڭلىق گىرىك پەيلاسوپلىرىنىڭ دۇنيانىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىش يولىدىكى ئىزدىنشلىرى ئاساسىدا شەكىللەنگەن ۋە كىيىنكىلەرگە تارقالغان .بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىم بولغىنى پىسخولوگىيەنىڭ ھىكايىسى –ناھايىتى ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان تارقىلىپ كەلگەن، ئەجداتتىن ئەۋلادقا داۋاملاشقان تىرىشچانلىقنىڭ ھىكايىسى بولۇپ، بۇ تىرىشچانلىقلارنىڭ بىردىنبىر مەقسىدى ئەجدادلار ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانلار ئىدىيىسى ئۈستىدىكى مەسىللەرگە جاۋاب تېپىش ئىدى.
    يۇنان پەيلاسوپلىرى بىردىنلا پىسخولوگىيە ئىلمىدىن پايدىلىنىشقا ،ھېچ بولمىغانداپىسخولوگىيەدىكى بەزى ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ ئىنسانلار روھىيىتىنى يىغىنچاقلاشقا باشلىدى .بۇ ھەقىقەتەن ئادەمنى ئويلاندۇرىدىغان مەسىلە .ئوتتۇرا دېڭىزئەتراپىدىكى 150 دىن ئارتۇق شەھەردە سانسىزلىغان بۇتخانا ۋە ھەيكەل ،شۇنداقلا قايناپ تۇرغان بازار بار .بىراق ئۇلارنىڭ ياشاش شەكلى ئومۇمەن ئىپتىدائى ھالەتتە بولۇپ ،ئۇلارنىڭ بۇنداق مۇھىتتا پىسخولوگىيەدىن ئىبارەت بۇنداق نازۇك ئىلىمنى ئويلاپ يىتەلىشى ،بۇ ئىلىمدىن پايدىلىنىپ مەسىللەرنى ھەل قىلالالىشى ئىنتايىن قىيىن ئىدى .
   پەقەت ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭلا ساۋادى بار بولۇپ،خەت يازماقچى بولسا ناھايىتى زور كۈچ سەرپ قىلىپ ياغاچ تاختىلارغا ياكى سۆڭەكلەرگە ئويۇپ يېزىشقامەجبۇر بولاتتى. مەڭگۈلۈك خاتىرە قىلىدىغان ئەسەرلەرنى بولسا 20-30 ئىنگىلىز چىسى ئۇزۇنلۇقتىكى قوي تىرىسىدىن ئىشلەنگەن قەغەزگە يازاتتى .لىكىن ھەممەيلەنگە مەلۇمكى ،ئۇدەۋىرلەردە قوي تىرىسىدىن ئىشلەنگەن بۇنداق ئورام كىتاپلار ئىنتايىن قىممەت،شۇنداقلا ئىشلىتىشمۇ بەك ئاۋارىچىلىك ئىدى.
  يۇنانلىقلاردا ۋاقىت ئۇقۇمى يوق ،سائەتمۇ يوق بولۇپ پەقەت ئىنتايىن ئىپتىدائى ھالەتتىكى ۋاقىت تۇيغۇسى بار ئىدى .كۈننىڭ چىقىشى ۋە پېتىشى ئۇلارنى ناھايىتىمۇ تومتاق بولغان ۋاقىت تۇيغۇسى بىلەن تەمىنلەيتتى .سوتنىڭ مۇنازىرە ۋاقتىنى بەلگىلەيدىغان بىرئۈسكۈنە بولۇپ ،بۇ بىر ئاستى تەرىپىدە كىچىك تۆشۈك ئېچىلغان چوڭ قاچا ئىدى.ھەرئالتە مىنۇتتا بىر قېتىم ئىچىدىكى سۇ ئىقىپ تۈگەيتتى .
    ئۇلارنىڭ ئىشلىتىدىغىنى ناھايىتى ئاجىز يانىدىغان ۋە ئوڭاي ئۆچۈپ قالىدىغان جىنچىراغ ئىدى.پەقەت ئاز ساندىكى بايلارنىڭ ئۆيىدە ئىسسىق سۇ تەييار تۇرىدىغان مۇنچا بولۇپ ،كۆپ قىسىم ئائىلىلەردە يۇيۇنىدىغان سۇ كەمچىل ئىدى .شۇڭا ئۇلار پەقەت ماينى بەدىنىگەسۈرتۈپ ئاندىن ئورغاق ئاي شەكىللىك ياغاچ قىرغۇچ بىلەن بەدىنىنى قىرىش ئارقىلىق بەدىنىنى پاكىزلايتتى. (بەخىتكە يارىشا گىرىتسىيەدە بىر يىل ئىچىدىكى ئاپتاپلىق كۈن 300 كۈندىن ئاشىدۇ ،شۇنداقلا ئافىنالىقلار ئادەتتە كۆپىنچە سىرىتتا ھەرىكەت قىلىدۇ.). شەھەرلەردە ئاز ساندىكى كوچىلارغىلا تاش ياتقۇزۇلغان بولۇپ ،كۆپىنچىسى پۇر-پۇر توپا ئۆرلەپ تۇرىدىغان توپا يول ئىدى .يامغۇرلۇق كۈنلەردە بۇ كوچىلارپاتقاقلىشىپ ماڭغۇسىز بولۇپ كېتەتتى .شەھەرلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ئاساسلىقى يۈگۈرۈپ يۈرىدىغان پوچتىكەشلەر ،ياكى تۇر ئارقىلىق يەتكۈزۈلەتتى .
   گۈللەنگەن ئافىنا شەھىرى  يۇنان مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزى بولسىمۇ ،لىكىن ئۇلار ئۆز-ئۆزىنى بېقىشقا ئامالسىز ئىدى .چۈنكى شەھەرئەتراپىدا تۈزلەڭلىك يوق بولۇپ ،ئاساسلىقى ئوڭغۇل –دوڭغۇل گىياھ ئۈنمەيدىغان كىچىك تاغ ۋە ئويمانلىق بولۇپ ، شۇڭا ئافىنالىقلارنىڭ ئاساسلىق ئوزۇقى دېڭىزدىكى سودا يولى ئارقىلىق باشقا مەملىكەتلەردىن توشۇپ كىلىنەتتى .بىراق،ئۇلارنىڭ كىمىلىرىنىڭ يەلكىنى بولغان بىلەن پەقەت شامالنىڭ يۆنىلىشى بويىچە ماڭالايدىغان بولغاچقا ،تەتۈر يۆنىلىشلىك شامالغا دۇچ كەلسە ياكى شامال يوق ھاۋارايى بولۇپ قالسا توشۇشقا ئامالسىز قالاتتى .شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن قۇللارنى ياللاپ پالاق بىلەن كىمىنى ماڭدۇرغان .لىكىن سۈرئىتى ئىنتايىن ئاستا بولۇپ سائىتىگە ئاران سەككىز ئىنگىلىز مىلى ئىلگىرلىيەلەيتتى .
    ئافىنا قوشۇنلىرىنى مۇشۇنداق ئۇسۇلدا يىراق ئۇرۇش مەيدانلىرىغا يەتكۈزۈشكە توغرا كەلگەنلىكتىن ،ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ئۇرۇش قۇراللىرىمۇ پەقەت ئەجدادلىرىدىن قالغان نەيزە ،قىلىچ ۋە ئوقيا بىلەن چەكلەنگەن .




مەزكۇر ئەسەر پىسخولوگىيە ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق ئەسەر -پىسخولوگىيەنىڭ ھىكايىسى ناملىق خەنزۇچە ئەسەرنىڭ تەرجىمە نۇسخسى بولۇپ ،تاجىگۇل پىسخىكا مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتى تاجىگۇل تەرجىمە گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن نەشىرگە تەييارلىىنىۋاتىدۇ .بۇ ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى ئۇچۇرلارغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ : 13579686534

uyghuray

15

تېما

16

دوست

1304

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   30.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  56444
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 40
تۆھپە : 400
توردىكى ۋاقتى: 37
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-12 20:07:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەكلىماكانجان دەيدۇ:
يۇنانلىقلاردا ۋاقىت ئۇقۇمى يوق ،سائەتمۇ يوق بولۇپ پەقەت ئىنتايىن ئىپتىدائى ھالەتتىكى ۋاقىت تۇيغۇسى بار ئىدى .كۈننىڭ چىقىشى ۋە پېتىشى ئۇلارنى ناھايىتىمۇ تومتاق بولغان ۋاقىت تۇيغۇسى بىلەن تەمىنلەيتتى .سوتنىڭ مۇنازىرە ۋاقتىنى بەلگىلەيدىغان بىرئۈسكۈنە بولۇپ ،بۇ بىر ئاستى تەرىپىدە كىچىك تۆشۈك ئېچىلغان چوڭ قاچا ئىدى.ھەرئالتە مىنۇتتا بىر قېتىم ئىچىدىكى سۇ ئىقىپ تۈگەيتتى .

تەكلىماكانجان بۇ گەپلەرنى نەدىن كۆچۈرىۋالدىڭىز؟ نېمىدېگەن كۈلكىلىك گەپلەر بۇ.
ھازىرقى كالېندارنىڭ ئاساسىنى كىم ئىجاد قىلغان؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )