قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2137|ئىنكاس: 6

[دولان] جۇڭگودا پۇل مۇئامىلە كرىزىسى پارتلامدۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قادىر رۇزى دولان

132

تېما

12

دوست

7156

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11813
يازما سانى: 149
نادىر تېمىسى: 22
مۇنبەر پۇلى: 1070
تۆھپە : 1598
توردىكى ۋاقتى: 582
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-11 21:21:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kadirdolan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-11 21:39  

جۇڭگودا پۇل مۇئامىلە كرىزىسى پارتلامدۇ؟
ماۋ شۇۋلوڭ
دولان تەرجىمىسى
  جۇڭگوداپۇل مۇئامىلە كرىزىسى پارتلامدۇ؟ بۇبىر قىززىق نوقتا مەسىلىسى، پېقىرنىڭ قارىشىچە،پەقەت پاي چېكى بازىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، 2015-يىلى 6-ئايدىن بۇيان، پۇل مۇئامىلە كرزىسى يۈزبەردى دەپ بېكىتىشكە بۇلىدۇ؛ چۈنكى شاڭخەي ئاكسىيىسىنىڭ ئونۋېرسال كۆرسەتكۈچى  5178 نوقتىدىن 3000نوقتىغا چۈشۈپ قالغان ئىدى؛ لىكىن، كۆپچىلىك نېمە ئۈچۈن جۇڭگودا پۇل مۇئامىلەكىرزىسى يۈزبەردى دەپ قارىمايدۇ؟
كرىزىس ئىچىدىكى پۇرسەت
  جۇڭگوداچۇقۇم پۇل مۇئامىلە كرىزىسى پارتلايدۇ دېگەن قاراش ھەممە يەرگە پۇركەتكەن بۇلۇپ،ھەركىم ھەرخىل قىياسلارنى قىلىشقان ئىدى، نۆۋەتتە ئۇنىڭ سەۋەبى تېخىمۇ ئېنىق بولدى؛چۈنكى، ھازىر جۇڭگو دۇچكەلگەن قەرزنىڭ كەڭ كۆلەملىك كېڭىيىشى، نۇرمىدىن ئارتۇق پۇل تارقىتىش، ئىشلەپچىقىرىش ئۇشۇقچىلىقى ۋە ھۆكۈمەت ۋە كارخاننىڭ زور ھەجىمدىكى قەرزى قاتارلىق ئامىللار، بەزىلەر ئېيتقاندەك يەنىلا ھۆكۈمەتنىڭ كونتۇرىللىقىدا بولسىمۇ؛بىراق، كرزىس نەزىرىيىسى بۇيىچە ئېيتقاندا، بۇ ئامىللار جۇڭگودا پۇل مۇئامىلەكرزىسىنىڭ پارتلىشىغا سەۋەپ بۇلىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۇستىگە بازار تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ،جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تەڭشەش-تىزگىنلەش ئىقتىدارى تۆۋەنلىگەچكە، پۇل مۇئامىلەكرزىسىنىڭ يېتىپ كىلىشىنى تۇسۇپ قېلىشى ئەسلا مۈمكىن بولمايدىكەن.
  بىراق،پېقىرنىڭ قارىشىچە، بۇ ئامىللار كرزىسنىڭ سەۋەبى بۇلىشىمۇ ياكى پۇل مۇئامىلەبازىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى پۇرسەت بۇلىشىمۇ مۈمكىن؛ 2015-يىلى، جۇڭگونىڭ GDP سى 67 ترلىيون 700 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئېشىش سۈرئىتى %6.9 بولدى، كەڭ مەندىكى پۇل قالدۇقى 139 ترلىيون 230 مىليارد يۈەن بولدى، ئېشىش سۈرئىتى %13.3 بولۇپ،كېيىنكىسى ئالدىنقىسىنىڭ ئىككى ھەسسىگە توغرا كەلدى. ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ بايقىشىچە، كىشىلەر ئادەتتە نۇرمىدىن ئارتۇق پۇل تارقىتىلغان جايلاردا پۇل پاخاللىقى كۆرۈلىدۇ دەپ قارىسىمۇ، بىراق ئەمەلىيەتتە پۇل قىسلىقى كۆرۈلگەن؛بۇجايلاردىكى پۇللار پۇل مۇئامىلە بازىرى ئارقىلىق، ئىجتىمائى بايلىققا ئايلانغان ئىدى.
  جۇڭگو پايچېكى بازىرى ئىمتىياز بازىرى
  پاي چېكى باھاسىنىڭ چۈشۈشنى، نېمە ئۈچۈن كۆپچىلىك پۇل مۇئامىلە كرزىسى دەپ قارىمايدۇ؟ چۈنكى بۇنى جۇڭگونىڭ پاي چېكى بازىرىنىڭ ئۆزىنى ئىدارە قىلىش قورۇلمىسى بەلگۈلەيدۇ؛چۈنكى جۇڭگونىڭ پاي چېكى بازىرى، دەرىجە سالاھىيەتنىڭ قورۇلمىسى بولۇپ، بۇقورۇلمىدا پاي چېكىنى بازارغا سالغانلار بۇ « سالاھىيەت » كە ئىگە بۇلىدۇ؛ پاي چېكىنى بازارغا سالغان شىركەت قاتتىق تەكشۈرۈپ-تەستىقلاش ئارقىلىق، بۇ « سالاھىيەت» گە ئىگە بۇلىدۇ، بۇ جەريان ئادەتتە ئىنتايىن مۇرەككەپ، بۇ « سالاھىيەت » گەئېرىشسە، ئاسانلىقچە مەھرۇم بولمايدۇ؛ شۇڭا پاي چېكىنى بازارغا سالغان كارخانا،شەكىلسىز بايلىققا ئىگە بولغانغا باراۋەر؛ كارخانا قانچە ناچار بولسۇن ياكى بازارقىممىتى قانچە تۆۋەن بولسۇن، پەقەت مۇشۇ « سالاھىيەت » بولسىلا، مەبلەغ سالىدىغانلار ھامان چىقىدۇ؛ ناۋادا مۇشۇ « سالاھىيەت » بولسىلا، مەبلەغنى قايتاتەشكىللەش شەكلى ئارقىلىق مەبلەغ سالىدۇ ياكى ئارىيەت شەكلى ئارقىلىق پاي چېكىنى بازارغا سالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بۇ شىركەت ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ؛ بۇخىل ئەھۋالدا،پاي چېكى بازىرىدا ھەقىقى مەندىكى بازار كرزىسى مەۋجۇت بولمايدۇ، چۈنكى بۇبىرئىمتىيازلىق بازاردىن ئىبارەت.
  ئەلۋەتتەبازار بولغان ئىكەن ئۇنىڭ خەتىرى بۇلىدۇ، گاھى ئۆرلەپ گاھى چۈشىسىمۇ، بۇخەۋپ-خەتەرنىڭ بەلگۈلىك چېكى بۇلىدۇ، مۇشۇ چەك ئىچىدە ئۆرلەپ-چۈشىدۇ، بىراق ئۆزىدە كرزىس تۇيغۇسى مەۋجۇت بولمايدۇ. جۇڭگولىق پايچىلار مەبلەغ سېلىشنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى بېلىدۇ، شۇنداقلا خەۋپ-خەتەرنىڭ تۆۋەن ئىكەنلىگىنىمۇ بېلىدۇ، مەيلى قانچە ناچارپاي بولسۇن، پەقەت مۇشۇ « سالاھىيەت » بولسىلا، ھامان ئۆسۈش مۈمكىنچىلىكى بۇلىدۇ،پەقەت قەتئى داۋاملاشتۇرسىلا، بىر كۈنلەردە پايدا ئالغىلى بۇلىدۇ دەپ قارايدۇ؛بۇخىل ئەھۋالدا، پاي چېكى باھاسى تۇساتتىن چۈشۈپ كەتسىمۇ، ئۇلارنىڭ بۇنى پۇل مۇئامىلە كرزىسى دەپ قارىماسلىقىمۇ، ئەقىلگە مۇۋاپپىق.  
  «سالاھىيەت » بىلەن « سان » ئۆي-زىمىن بازىرىنى تىزگىنلەيدۇ
  جۇڭگونىڭ ئۆي-زىمىن بازىرىدا گەرچە كۆپۈك پەيدا بولدى دەپ قارالسىمۇ، بىراق جۇڭگونىڭ ئۆي باھاسىدا شىددەت بىلەن چۈشۈش كۆرۇلمىگەن بولسىمۇ، بۇ جۇڭگونىڭ ئۆي-زىمىن بازىرىنىڭ ئىزچىل مۇقۇم ئىكەنلىگىنى بىلدۇرمەيدۇ، بەلكى جۇڭگۇنىڭ ئۆي-زىمىن بازىرى پەقەت سالاھىيەت قورۇلمىسىغا ئىگە بولۇپلا قالماستىن بەلكى سان جەھەتتە كونتۇرۇل قېلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
  تەرتىپ نوقتىسىدىن ئېيتقاندا، جۇڭگونىڭ ئۆي-زىمىن بازىرى يۇقۇرى « سالاھىيەت »نى ھازىرلىغان، قۇرۇلىش قىلغاندا ھەرخىل-ھەرياڭزا ئىجازەتنامە ھازىرلاشتىن باشقا يەنەنۇرغۇن سوممىدىكى يەرنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ھەققى تاپشۇرىدۇ، بۇخىل ئۆيلەر مۆلۈك ھوقۇقى بار دەپ ئاتىلىدۇ ۋە بازار« سالاھىيەت »نى ھازىرلىغان بۇلىدۇ؛ بۇخىل ئۆيلەرشەھەرلەردە نوپۇس ۋە مائارىپ قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت بىلەن بىرلەشتۇرىلىدۇ ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمىتىدىن بەھرىمان بۇلىدۇ؛ شۇڭا بۇخىل « سالاھىيەت» نىڭ تەڭدىشى يوق.
  ئۇندىنباشقا، جۇڭگودا زور مىقداردىكى سېتىش-سېتىۋېلىش تەس، سېتىش-سېتىۋېلىش قانۇن جەھەتتە قوغدالمىغاچقا، ئاسانلا مۆلۈك ماجراسى كېلىپ چىقىدۇ، مۆلۈك ھوقۇقى ئۆينىڭ سېتىلىشىنى چەكلىگەچكە، باھاسى تۇۋار ئۆيلەردىن تۆۋەن بۇلىدۇ؛ بۇخىل ئەھۋال كارخانلارنىڭ مۆلۈك ھۇقۇقىغا ئازراق ئوخشىسا، تۇۋار ئۆيلەر بازارغا سېلىنغان پاي چېكىگە ئوخشايدۇ؛ قائىدە بۇيىچە، بۇخىل تۇۋار ئۆيلەرنىڭ بازار باھاسى، پاي چېكى بازىرىغا ئوخشاش ئۆسۈپ-چۈشسە توغرا بۇلاتتى، بىراق ھۆكۈمەت ھەربىر ئائىلىنىڭ پەقەت ئىككى يۈرىش ئۆي سېتىۋېلىشىنى بەلگۈلىگەچكە، ئېقىشچانلىقى كەمچىل بولۇپ، ئۆيباھاسى گاھى ئۆسۈپ، گاھى توختاپ قالسىمۇ، كۆپچىلىكنىڭ مۆلچەر باھاسىدىن خېلىلا يۇقۇرى بولىدۇ. مانىبۇ، نېمە ئۈچۈن جۇڭگونىڭ ئۆي-زىمىن بازىرىدا كۆپۈك شۇنچە چوڭ بولسىمۇ يېرىلمايدىغانلىقى ياكى ئۆي-زىمىن بازىرى ۋەيران بولسىمۇ، پۇل مۇئامىلە كرزىسى پەيدا قىلماسلىقىنىڭ سەۋەبى.
جۇڭگوھۆكۈمىتىنىڭ قەرز كرزىسى
جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىلەن يەرلىك ھۆكۈمەتلەر يېقىنقى يىللاردا كانايغىچە قەرزگە بۇغۇلغان ئىدى، 2015-يىللىق قىزىل رەقەم 1 ترلىيون 620 مىليارت يۈەن، شۇ يىللىق GDP قىممىتى 67 ترلىيون 670مىليارد يۈەن، قىزىل رەقەم نىسبېتى %2.3 بولۇپ، %3 لىك ئېھتىيات سىزىقىدىن تۆۋەن بولغان؛ 2015-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ قەرز ئومۇمىي مىقدارى 26 ترلىيون 200 مىليارد يۈەن، ھۆكۈمەتنىڭ قەرز ئومۇمىي نىسبېتى %38.7 بولۇپ،ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ %60 قىزىل سىزىقىدىن تۆۋەن بولغان. يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ 2015-يىل ئاخىرىدىكى قەرز قالدۇقى 16 ترلىيون يۈەن، قەرزنىسبېتى %23.6 بولۇپ، ئامېرىكا يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ %13-%16 لىك يوقۇرى چەكتىن ئېشىپ، كانادانىڭ %25 يوقۇرى چېكىگەيېقىنلاشقان ئىدى. بۇسانلار  مۆلچەرى سان بولۇپ، ناۋادا خامچوتقا كېرگۈزۈلمىگەن ھۆكۈمەتنىڭ كارخانا شەكلىدە ئالغان قەرزنى ۋە ئىجتىمائى سوغۇرتىدىكى قورۇق ھېساپنى قوشقاندا، قەرز ئومۇمىي سوممىسى تېخىمۇئاشىدۇ؛ كارخانىلارنىڭ قەرز ئومۇمىي مىقدارى كېشىنى چۈچىتىدۇ،  Standard & Poor's نىڭ قارىشىچە،جۇڭگو كارخانىللىرىنىڭ قەر ئومۇمىي مىقدارى، 2013-يىلى ئامېرىكا كارخانىللىرنىڭ قەرز ئومۇمىي سوممىسىدىن ئېشىپ، 14 ترلىيون 200 مىليارد دوللارغا يەتكەن (ئامېرىكىنىڭ 13 ترلىيون 100 مىليارد دوللار )، كەلگۈسى بىرقانچە يىلدا تىزلىكتە 20 ترلىيون دوللارغا يېتىدىكەن؛ Standard& Poor'sنىڭ ئاگاھلاندۇرىشىچە، جۇڭگونىڭ قەرز كرزىسىنىڭ خەۋپ-خەتىرى A پاي بازىرىدىن يوقۇرى ئىكەن.
  ئىدارەقىلىش نوقتىسىدىن قارىغاندا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى قانۇندا يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرزئېلىشنى چەكلىسىمۇ، ئەمەلىيەتتە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز ئېلىشى كونتۇرۇللىقنى يوقاتتى دەپ ئېيتىشقا بۇلىدۇ؛ گەرچە كارخانلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرىشىنى قانۇن بۇيىچە باشقۇرسىمۇ، بىراق باشقۇرۇش بىرقەدەر بوش. لىكىن ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغاتۈرىتكە بولۇش ئېھتىياجى ۋە  GDP نى ئاشۇرۇش چىڭ قائىدە. بۇخىل ئەھۋالدا، سالاھىيەت ئارقىلىق تىزگىنلەش ۋە سان ئارقىلىق تىزگىنلەش ئاللىقاچان ئۈنۈمىنى يوقاتقان ئىدى. بۇساھەدە، ھۆكۈمەتنىڭ نوپۇزغا تايىنىپ تىزگىنلىشىنى، قەرز خەۋپ-خەتىرىنى يېڭىباشتىن كونتۇرۇل قىلىپ، كارخاننىڭ قەرز خەۋپ-خەتىرىنى تىزگىنلەش دەپ ئېيتساقمۇ، بىراق بۇخىل كونتۇرۇل قىلىش ناھايىتى ئاسانلا مەبلەغ سېلىشنى تۆۋەنلىتىپ، ئىقتىسادنىڭ مەجبۇرىي تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا كوتۇرۇللىقنى يوقۇتىشى مۇققەرەرلىك.ھالبۇكى ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش مەزگىلىدە، كونتۇرۇل قىلىشنىڭ خەۋپى تېخىمۇ چوڭ بۇلىدۇ؛ بۇخىل ئەھۋالدا، جۇڭگونىڭ قەرز مەسىلىسى بارغابسېرى ئېغىرلىشىپ، ئېغىرھالدىكى ۋەدىگە خىلاپلىق قىلىش كېلىپ چىقىپ، بىۋاستە پۇل مۇئامىلە كرزىسىنى پەيدا قىلىدۇ.
قەپەس ئىچىدىكى بازارئىگىلىكى
ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش يولغاقويۇلغان 30 يىللىق بازار ئىگىلىكى تەرەققىياتى، بۇ بىريۈرىش ئىدارە قىلىش قورۇلمىسىغا زەربە بەرگەن بولسىمۇ، لىكىن جۇڭگو بازىرى يەنىلا قەپەس ئىچىدىكى بازار ئىگىلىكىدە؛ جۇڭگونىڭ پاي چېكى بازىرى، ئۆي-زىمىن بازىرىنىڭ ھەممىسى سالاھىيەت تۈزۈمى قۇرۇلمىسىدىن ئىبارەت؛ جۇڭگو بازىرى ئىزچىل ئېچىۋېتىلمىگەن ئەھۋالدا، ھۆكۈمەت ئاتالمىش پۇل مۇئامىلە كرزىسىگە ئارلاشقان بولسىمۇ، بىراق جۇڭگوبازىرىدا كرزىس يەنىلا مەۋجۇت، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشتا، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى يادرولىق نىشان قىلغان ھۆكۈمەت، بۇخىل ئىدارە قىلىش قورۇلمىسىغا تايىنىپ قەرزكۆلۈمىنى تىزگىنلەشكە ئامالسىز. جۇڭگودا ھازىر ۋە كەلگۈسى بىرمەزگىلدە پۇل مۇئامىلەكرزىسى يۈزبېرىشى ناتايىن، شۇنداقتىمۇ پاي چېكى بازىرىدا يەنىلا تەۋرىنىش بۇلۇپ،ئۆي-زىمىن بازىرىدا تېخىمۇ كۆپ كۆپۈك پەيدا بۇلىدۇ. ناۋادا قەرز كۆلۈمى مۇۋاپپىق بىرتەرەپ قېلىنمىسا، ھەقىقى پۇل مۇئامىلە كرزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۈمكىن.
  شۇڭلاشقا، جۇڭگونىڭ پۇل مۇئامىلە كرزىسى، ئەمەلىيەتتە بازار كرزىسى ئەمەس؛ غەرپنىڭ پۇل مۇئامىلە كرزىسى،ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنسىز ئارلىشىش كرزىسى؛ جۇڭگونىڭ پۇل مۇئامىلە كرزىسى، ئىدارەقىلىشتىكى كرزىس. جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى پاي چېكى بازىرى ۋە ئۆي-زىمىن بازىرىدا،گەرچە ئومۇميۈزلىك كرزىس بولمىسىمۇ بىراق ئىدارە قىلىش قورۇلمىسىنىڭ ئۆزى كرزىس،چۈنكى ئۇ بازارنىڭ تەرەققىياتىنى بۇغۇپ، زور بىر تۈركۈم ياخشى كارخانا ۋە ياخشى مەبلەغنى نابۇت قىلىپ، بازار قىممىتىنى كۆمۈپ تاشلىغان ئىدى؛ جۇڭگونىڭ قەرز كرزىسى ئىدارە قىلىش قورۇلمىسىنىڭ ئۆزۈدىكى كرزىس، بۇخىل سالاھىيەت تۈزۈمى، بېكىنمەھالەتتىكى ئىدارە قىلىش قورۇلمىسىدىن ئىبارەت، ئەگەر ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئەمەلگەئاشۇرسا، قەرز كۆلۈمى ئۆزلۈكسىز كۆپۈيىپ، ئېغىر ھالدىكى ۋەدىگە خىلاپلىق قىلىش يۈزبېرىپ، قەرز كرزىسىغا سەۋەپ بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن پۇل مۇئامىلە كرزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. گەرچە بۇ كرزىس ھازىر يۈزبەرمىسىمۇ، بىراق ئىدارە قىلىش قورۇلمىسىدىكى كرزىس ئاللىقاچان يۈزبەردى.
  شۇڭا، جۇڭگودا پۇل مۇئامىلەكرزىسىنىڭ يۈزبەرگەن-يۈز بەرمىگەنلىكى مۇھىم ئەمەس، ھەقىقى مۇھىم بولغىنى جۇڭگونىڭ پۇل مۇئامىلە بازىرىنى ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسى ۋە ئىدارە قىلىش يولۇدىكى ئۆزگېرىش.تۈزەش جەھەتتىكى كرزىس، پۇل مۇئامىلە كرزىسىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇڭا پاي چېكى بازىرى ئۆزۈل-كېسىل دۇنيا خەلقىقە مەنسۇپ بۇلىشى،تەستىقلاش تۈزۈمىنى رۇيخەتكە ئېلىش تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىپ، قاتتىق بولغان بازاردىن چېكىنىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەك. ئۆي-زىمىن بازىرىنىڭ بازارنى ئىلگېرى سۈرۈشتىكى « سالاھىيەت » نى بىرتۇتاش ئىلگېرى سۈرۈپ، ئۆي-زىمىن بازىرىدىكى سانسىزلىغان « سالاھىيەت » دەۋرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، سان جەھەتتىن كونتۇرۇل قىلىپ،ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا تىگىشلىكنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش لازىم. قەرز بازىرىمۇ ھەم شۇنداق، قەرز بازىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئىچكى نازارەت ئارقىلىق، خەۋپ-خەتىرى يوقۇرى بولغان ھۆكۈمەت ۋە كارخاننىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرىش تەننەرخىنى يۇقۇرلىتىش كېرەك. پۇل مۇئامىلە بازىرىدىكى باشقا تەرەپلەردە، مەسىلەن سوغۇرتا بازىرى،قەرەللىك مال بازىرى قاتارلىق بازارلارنى ئىدارە قىلىشنى مۇۋاپپىق ئۆزگەرتىش لازىم. ھۆكۈمەت ئاممىۋى ئىدارە قىلىش يولى بەرپا قىلىپ، سالاھىيەت دەرىجىسى بۇيىچەئىدارە قىلىشقا ئۆلگۈچە ئېسىلىۋالماسلىقى لازىم.


uyghuray

0

تېما

1

دوست

1045

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   4.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  51320
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 300
توردىكى ۋاقتى: 53
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-12 11:13:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

3

تېما

0

دوست

7293

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   45.86%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18155
يازما سانى: 668
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 2192
توردىكى ۋاقتى: 394
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-12 14:36:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاشقىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-13 13:01  

   پۇل مۇئامىلە كرېزىسىنىڭ ھەر 10،20 يىلدا بىر قېتىم چىقىپ تۇرغىنى ياخشى. چۈنكى ئۇ بەزىلەر ئۈچۈن كرېزىس بولغىنى بىلەن،يەنە بەزىلەر ئۈچۈن ئامەت بولۇشى مۈمكىن،باشقىچە قىلىپ ئېيىتقاندا ، پۇل مۇئامىلە كرېزىسى پۇلنىڭ ئاز ساندىكى پۇل مۇئامىلە زومىگەرلىرىنىڭ قولىغا ھەددىدىن زىيادە مەركەزلىشىپ قېلىپ،جەمئىيەتتىكى ئومۇمىي ئىستىمالنى چەكلىمىگە ئۇچراتقانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ،يەنى،كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئىستىمال سەۋىيىسى تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكتىن،ئاز ساندىكى پۇل مۇئامىلە زومىگەرلىرىنىڭ قولىغا مەركەزلىشىپ قالغان مەبلەغنىڭ قىممىتى چۈشۈرۇپ،باي كەمبەغەللىك پەرقىنىڭ تېخىمۇ چوڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
      دىمەك،پۇل مۇئامىلە كرېزىسى ماھىيەت جەھەتتىن ئېيىتقاندا ئىقتىسادىي قانۇنىيەتلەرگە خىالاپ ۋاستىلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق پۇل توپلىغان  پۇل مۇئامىلە زومىگەرلىرىنىڭ ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئىنقىلاپ.لېكىن،ھەممە مەمۇرى ۋاستىلەر ئارقىلىق كونترول قىلىنىدىغان  جۇڭگودەك دۆلەتتە نۆۋەتتە بۇنداق كرېزىسنىڭ پەيدا بولۇشى ناتايىن،يەنى،باي كەمبەغەللىك پەرقىنىڭ ئازىيىشى ناتايىن.لېكىن،ھامان بىر كۈنى شىددەت بىلەن پارتلىشى ئېنىق.

0

تېما

0

دوست

57

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   19%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  58206
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 18
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-13 09:16:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا
uyghuray

0

تېما

0

دوست

451

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   75.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7115
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 127
توردىكى ۋاقتى: 22
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-13 23:32:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككى يىغىندا  مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ پاي بازىرىغا كىرىشتىن ،كارخانىلارغا بىۋاستە مەبلەغ ئەكىرىشكە ئالاقىدار ئىشلار بولغاندەك قىلدىيا.

0

تېما

0

دوست

451

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   75.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7115
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 127
توردىكى ۋاقتى: 22
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-13 23:44:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر قېتىملىق ئىقسادى بوراندا بەزىلەر شۇنچە تىقىلىپ كېتىدۇ.بايلىق بىر ساھەدىن يەنە بىر ساھەگە يۆتكىلىدۇ.
   يىڭى يىپەك يولى،ئېنتىرنېت پىلوس ،ھەممە يىڭىلىق يارتىش ھەممە ئىگىلك تىكلەش سىيەتلىرىدىن بايلىقنىڭ قايسى تەرەپكە قاراپ ئېقىۋاتقانلىقى بىلگىلى بولىدۇ .

1

تېما

4

دوست

1095

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   9.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  44545
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 328
توردىكى ۋاقتى: 110
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-14 13:07:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پېيىنى بازارغا سالغان كارخانىلار پۇل تاپمايۋاتىدۇ ئەمەس ، پۇل تېپىۋاتىدۇ ، ئەمما مۇتلەق كۆپ ساندىكى كارخانىلارنىڭ زور سوممىلىق قەرزى ،قىلغان كىرمىنىڭ ئازلاپ كىتىشىگە سەۋەپ بۇلاغلىق .
شۇڭا پايچېكىگە مەبلەغ سالغۇچىلار ، مەبلەغ سالغان كارخانىنىڭ قەرىز نىسبىتىگە ئالاھىدە دقىقەت قىلىشى كىرەك .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )