- تىزىملاتقان
- 2016-3-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-9
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3946
- نادىر
- 0
- يازما
- 455
ئۆسۈش
64.87%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئەزىزلەر ، ھەممىڭلارغا خۇشاللىق يار بولسۇن .
بۇ تېمامدا مەدەنىيەتلىك ئادەم زادى قانداق بولىدۇ دېگەن مەزمۇندا قىسقىچە توختىلىمەن .
ھەممىمىز بىلىمىز ، مەدەنىيەت بولسا ئىقتىساد ، سىياسەت قاتارلىقلار بىلەن بىر قاتاردا تۇرىدىغان ئەڭ مۇھىم ئۈچ ئۇقۇمنىڭ بىرى ، شۇنداقلا چوڭىدىن تارتىپ دۆلەتتىن كىچىكىدىن تارتىپ شەخىسكىچە باشقىلار تەرىپىدىن قويۇلىدىغان باھالارنىڭ بىرى . بىز ھەممىمىز مىللىتىمىزنى قەدىمدىن تارتىپ ئېسىل مەدەنىيەتلەرنى ياراتقان دەپ پەخىرلىنىمىز ، مەنمۇ شۇنداق . ئەمما ، بىز مۇشۇ پەخىرلىنىش ھېسسىياتىمىزدا تۇرۇۋاتقان چېغىمىزدا ئۆزىمىز ھەققىدە ئويلىنىپ باقتۇقمۇ ، بىز ھازىر مۇشۇ ھالىتىمىز بىلەن قانچىلىك مەدەنىيەتلىك ؟
يەر شارى كىچىككىنە بىر كەنىتكە ئوخشاپ قالغان بۈگۈنكى كۈندە ، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا مەدەنىيەت ئالمىشىش ھادىسىسىناھايىتى كۆپ بولۇۋاتىدۇ ، بىزمۇ يېقىن زامانلاردا نۇرغۇن يېڭىچە مەدەنىيەتلەرنى قوبۇل قىلدۇق . ئەلۋەتتە مەدەنىيەتكە بېرىلگەن تەبىرلەر بىر بىرىگە ئوخشىمايدىغان بولغاچقا زادى كىم مەدەنىيەتلىك ، كىم قالاق دىگەنلەرنى ئايرىشمۇ قىيىن بىر مەسىلىگە ئايلىنىپ قالدى . نۇرغۇن تالاش تارتىشلار بولدىيۇ ئەمما ھېچكىم ھېچكىمنى قايىل قىلالمىدى . مەنمۇ دائىم بۇ تېما توغرىسىدا ئويلىنىدىغان بولغاچقا ، ئۆزۈمنىڭ كۆز قاراشلىرىمنى ئورتاقلىشىش ئۈچۈن بۇ كىچىك تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن .
ھازىرقى ياشلىرىمىزنىڭ كاللىسىدا بۇ توغرىسىدا ئويلىنىش كەمچىل ، چۈنكى ھېچكىم ئۆزىنى قالاق دىيىشنى ياقتۇرمايدۇ ئەمەسمۇ . نۇرغۇن ئوغۇللىرىمىز ئۆزىنىڭ تاماكا چىكەلىشىنى ۋە ھاراق ئىچەلەيدىغانلىقىنى مەدەنىيەت ساناپ ئۆزىنى ناھايىتى مەدەنىيەتلىك دەيدۇ ، ئىچمەيدىغان ، چەكمەيدىغانلارنى بولسا قالاق دەپ ئارىغا ئالمايدۇ ؛ نۇرغۇن قىزلىرىمىز ئۆزىنىڭ ھەددىدىن قىسقا ھەم تەر كىيىم كىيەلىشىنى مەدەنىيەت دەپ قارايدۇ ، كىيىمنى ئۇزۇن ، كەڭراق كەيگەنلەرنى بولسا مەتۇ ، زاماننىڭ ئارقىدا قالغان دەپ تىللايدۇ . راستلا شۇنداقمۇ ؟ ؟ ؟ مەن ھەرگىز مۇنداق قارىمايمەن ، بۇ خىل كۆز قاراش ئىنتايىن نادانلىق بىلەن چىقىرىلغان دەپ قارايمەن . ئۇنداق بولسا مېنىڭ ئويلىشىمدىكى مەدەنىيەتلىك ئادەم زادى قانداق ئادەم ؟
بۇ سوئالغا ئاددىي قىلىپ جاۋاب بىرىدىغان بولساق، مەدەنىيەتلىك ئادەم ، باتىل ئەقىدە ، قۇرۇق نەزەرىيەلەرگە قارىغۇلارچە ئەگىشىپ شاپاشلىغان كىشى ئەمەس بەلكى ھەق دىننى قوبۇل قىلىپ ئاللاھنى ۋە پەيغەمبىرىنى تۇنۇغان كىشىدۇر .
مەدەنىيەتلىك ئادەم ، ھەددىدىن ئېشىپ پۈتۈن ئىنسانىيەت بىر يەرگە كىلىپمۇ بىر ئايىتىنى مەيدانغا كەلتۈرۈشكە ئاجىزلىق قىلىدىغان مۇقەددەس كىتاب قۇرئان كەرىمگە تەتۈر قاراپ يوغانچىلىق قىلىدىغان ئەمەس ، ھەقىقەتكە بوي ئېگىپ ئاجىزلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ھالدا قۇرئانغا ئەگىشىپ ، مەنىسىنى چۈشىنىپ ئەمەل قىلغان كىشىدۇر .
مەدەنىيەتلىك ئادەم، مىللىي بىرلىكىدىن ، مۇقەددەس ئەقىدىسىدىن ، پۈتۈنلەي ۋاز كېچىپ ئۆزىنى ئىنكار قىلغان كىشى ئەمەس ، ۋەتەننىڭ تەقدىرى ، مىللەتنىڭ ئىستىقبالىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلگەن ، قوبۇل قىلىش جەھەتتىكى پايدىلىق ۋە پايدىسىز تەرەپلەرنى ئەستايىدىل پەرىقلەندۈرۈپ ، <مېغىزىنى ئېلىپ شاكىلىنى چىقىرىۋېتىش > پىرىنسىپلىرى بويىچە مىللەتنىڭ ۋۇجۇدىدىكى روھىي ئىللەتلەرنىڭ تۈپ يىلتىزىنى قۇرۇتۇپ تاشلىيالايدىغان ، مىللىتىنىڭ مۇقەددەساتلىرىنى جان تىكىپ قوغدىيالايدىغان كىشىدۇر .
مەدەنىيەتلىك ئادەم ، بازارلاردا ھايا قىلماستىن ئاياللىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ يۈرگەن ، تانسىخانىلاردا ئۆزى باشقا ئاياللار بىلەن تانسا ئوينىغان ، ئايالىنى باشقا ئەر بىلەن تانسىغا قويۇپ بەرگەن كىشى ئەمەس ، مۇسۇلمانلارچە ئەخلاق ئۆلچىمى ۋە ھەرىكەت مىزانى بويىچە ئاللاھتىن قورقۇپ ھارامدىن نومۇسىنى ساقلىغان ئىخلاسمەن ، تەقۋادار ، سەۋرچان ، سەمىمىي كىشىدۇر .
مەدەنىيەتلىك ئادەم ، زالىمنىڭ چوماقچىسى ، نامەرتنىڭ يالاقچىسى بولغان كىشى ئەمەس ، ئۆزىنىڭ ئىنسانىي قەدىر -قىممىتىنى تونۇپ ھەقىقەتتە تۇرغان ، ھەقسىزلىككە باش ئەگمىگەن ئالىيجاناب ، باتۇر ، بەخىتسىزلىك ئىچىدىن بەخىت ئىزدەيدىغان كۈرەشچان كىشىدۇر .
قىسقىسى ، مەدەنىيەتلىك ئادەم ، ئەقىل پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ ئۆزىنىڭ دۇنياغا كىلىش غايىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن ۋە شۇ غايىسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشقان ئادەمدۇر .
يۇقارقىلار مېنىڭ مەدەنىيەتلىك ئادەم توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم ، ئەلۋەتتە ھەر بىرىمىزنىڭ ئويلىغانلىرىمىز ، كۆز قاراشلىرىمىز ئوخشىمايدۇ ، بۇ توغرىدا پاراڭلىشىشنى خالايدىغانلار بولسا پىكىر ئالماشتۇرۇشنى قىزغىن قارشى ئالىمەن .
|
|