ئۇيغۇرلاردا ئىلىم قىممىتى ۋە ئالىم ھۆرمىتى
نۇرئەلى كاشغەر مۇقىمي
‹‹ئۇنىڭ ئىددىيسى بۈگۈنكى ئۇيغۇرلاردىن ئەللىك يىل ئالغا كەتكەن ئىدى.››
-ئەختەم ئۆمەرنىڭ ‹‹ئۇ كەلمەسكە كەتتى›› ناملىق ئەسىرىدىن.
يازغۇچى ئەختەم ئۆمەر بىلەن ئەدەبىي تەنقىدچى يالقۇن روزى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىنگە ئاتاپ يازغان شۇ مەرسىيەلەرنى ھەر قېتىم ئوقۇسام تا ھازىرغىچە يۈرىكىمنى ئېزىدۇ. يالقۇن روزى يازغان ‹‹ئۇيغۇرلاردا ئىجادىيەتنىڭ قىممىتى ۋە ئىجادكارنىڭ قىسمىتى›› ناملق ماقالىسىمۇ مەن قايتا -قايتا ئوقۇغان ئەسەرلەرنىڭ بىرى. بۇ ماقالە ئەسەرلەر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ھاياتىىنى تەسىرلىك ھەم قىسقا ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن ئەسەرلەر. نېمە سەۋەبتىن يىگىرمە يىل بۇرۇن يېزىلغان شۇ ماقالىلەرنى تىلغا ئالدىم؟
تەرەققىياتنىڭ تېزلىشىشى، ئۇچۇرنىڭ چاقماق تېزلىكىدە جاھانغا يامرىشى ، مەتبۇئاتنىڭ تورلىشىشى بۈگۈنكى ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ بىر كۆزنىكىدۇر.
ئۇيغۇر خەلقى تارىختا قەدىمدىن تارتىپلا ئىلىم جەھەتتە ئېسىل مەدەنىيەت ياراتقان خەلق. مىڭ يىللىق قەدىمىي ئەسەر، شاھانە داستان ‹‹قۇتادغۇبىلىك››تە :
بىل بىلىم مەنىسى بىلىم نېمە دەر،
بىلىم ئۇ ساقايتۇر كېسەل بولسا ئەر.
بارچە ئىشىڭنى ئەقىل بىرلە قىل،
بىلىم بىرلە نامىڭنى ساقلاشنى بىل.
دېگەندەك مىسرالار ئارقىلق يۈسۈپ خاس ھاجىپ شۇ دەۋىردىكى كىشلەرگە بىلىمنىڭ رولىنى تونۇتقان، ئۇنىڭ كىتابى دۆلەت باشقۇرۇشنىڭ قوللانمىسى سۈپتىدە قوللىنىلغان.
مەھمۇد كاشغەرىي ‹‹دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك›› تە :‹‹ ئالىم بولۇپ بىلىمىڭ تارات››، ‹‹ئىز- بىراۋنىڭ ماڭغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.›› دېگەندەك ھېكىمەتلەر ئارقىلىق ئىلىملىك بولۇشقا ئۈندەش، ئىلمنىڭ مۇھىملىقى ئۈستىدە توختالغان .
دەۋىر ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان، زامانىۋىيلاشقان، مەتبۇئات شەخىسلەشكەن ۋە تورلاشقان بۇ جەمئىيەتتە، ئۇيغۇرلاردا ئىلىمنىڭ قىممىتى قانداق؟ ئالىمنىڭ قەدىرىچۇ؟
ئەلۋەتتە قەدىرلەش ۋە قەدىرلىنىش ياخشى . ياخشى تەرىپى خېلى گەۋدىلىك . ئىقتىساد، پىسخولوگيە ، ساغلاملىق، تەربىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى لېكسىيەنى دەل ۋاقتىدا خەۋەردار بولۇپ ئاڭلاش تورلاشقان دەۋىرنىڭ ئىلغار كۆزنىكى. دەرىسلەرنى توردا ئاڭلاش، ئېلىكىتاب ئارقىلىق ئوقۇش ئۇسۇلى ، ھەرخىل ئەپلەردىن پايدىلىنىپ تىل ئۈگۈنۈش ، بىلىم ئېلىش قاتارلىق تەرەپلەرنىڭ ھەممىسى بۈگۈنكى ئىلىمنىڭ زامانىۋىليىششىنىڭ بىر تەرىپى.
ئالىمنىڭ ھۆرمىتىنى تورلادا ، مۇنبەرلەردە ئاشۇرۇپ قىلدۇق، ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكى قاتارلىق تارقىتىش ۋاستىلىرى ئارقىلىق رەسىملىرىنى ، شئېرلىرىنى، تەتقىقات ئەسەرلىرىنى يوللاشتۇق. بۇ تەرەپتە بىز گېزىت- ژورنالدىن نەچچە ھەسسە ئالدىدا ماڭدۇق . بىراق ئاز بىر قىسىم ‹‹ئۇلۇغلار››نىڭ قىلغانلىرىمۇ ئادەمنى ھەقىقەتەن چۆچىتىدۇ.
ئالىمنىڭ قەدىرىنى ، ئەمگەك مېۋىسىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلمىغان ئەھۋاللارمۇ كۈنسايىن كۆپىيىپ مېڭىۋاتىدۇ.
ئۈندىدار چەمبىرىكى ۋە بەزى سالون، مۇنبەرلەردە ‹‹ قېرىنداش›› دېگەندەك شئېر لارنىڭ ئاپتۇرى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر دەپ كۆچۈرۈپ يۈرۈپ بىر-بىرىگە يوللاپ يۈرىدۇ. مەن ئا.ئۆتكۈرنىڭ ھەممە كىتابلىرىنى دېگۈدەك نەچچە رەت ئوقۇپ چىقتىم. بىراق ئۇنداق مەزمۇندا شئېر ئۇچراتمىدىم. ئالدىن كۆرەر ‹‹ئەرباب››لارنىڭ نېمە مەقسەتتە بۇنى يوللاپ چىقىرىپ يۈرگىنىنى بىلمىدىم.
‹‹گۆش يېسەڭ ئىتىڭغا ئاشمىدى سۆڭەك›› دېگەن شئېرنى يوللاپ ئاپتۇرى مۇھەممەد سالھ داموللا ھاجىم دېگەندەك جۆيلىمىلەرنى قىلىپ ئۈلگۈردى. ھەتتا ئالىمنىڭ سۈرەتلەردىن تارتىپ كىرىشتۈرۈپ ئەسەرنىڭ ‹‹چىنلىقى››نى ئاشۇرماقچى بولدى.
‹‹پاساھەتلىك ھېكىمەت››لەردىن بىر نەچچىنى توپلاپ ئاپتۇرى ئابدۇقادىر داموللا دېگەن ھەجىۋىلەرنى كۆرۈپ كۆڭلۈم ئېلىشتى. ئۇ ئالىمنىڭ ھېكىمەتلىرىنى ‹‹مىفاتۇل ئەدەب ›› ۋە باشقا كىتابلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولغاچقا بۇ توغرۇلۇق سۈكۈت قىلدىم خالاس.
مۇنبەرلەردە، بولۇپمۇ دوستلار چەمىرىكىدە ‹‹پاساھەتلىك›› ئىبارىلەرنىڭ ئاپتۇرلىقى كۆپىنچە ئابدۇقادىر جالالىدىن ئۈستىگە يۈكلەنگەن. ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ كىتابلىرى بىلەنمۇ پىششىق تونۇش بولغاچقا بۇ ‹‹ئاقىلانىلىك›› بىر نېمە دېيەلمىدىم.
ھەتتا بۇنىڭدىن يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن مەھمۇد كاشغەرىيمۇ چەتتە قالمىدى. ئەرزىمەس يازمىلارنىڭ ئاپتۇرلىقىنى بۈيۈك ئالىملىرىمىز ئېلىپ رولغا چىقىۋەردى. بۇ ئاشقۇنلىققا نېمە دەي!؟
بىزدە ئالىمنىڭ ھايات ۋاقتىدا قەدرىنى قىلىماي كۆز يۇمغاندا ھاز ئاھىدىغانلىرىمىز كۆپ. كىتابلىرىنى ئوقۇپ باقىدىغانلار ، تەپەككۇر يۈرگۈزدىغانلار ئاز، ئاڭلاپ يۈرۈپ سۆزلەيدىغانلار كۆپ. ئىلىم ۋە ئالىمنىڭ قەدىرىنى قىلىپ قويايلى، ئىلىمنى قەدىرسىز كۆرگەنلەر ھامان بىر كۈنى ئۆزىنى قەدىرسىز كۆرىدۇ. بۈيۈك تەشەببۇسلاردىن ، ئۇلۇغ شوئارلاردىن كۆرە ئەمەلىي ھەركىتىمىز ، غۇرۇرىمىز بىلەن ئالىمنىڭ ھۆرمىتىنى قىلايلى. ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ تۇرايلى، ئوقۇيالمىساق ئوقۇغانلارنى ھۆرمەت قىلايلى. ئۆز ئىچىمىزدىن چىققان ئالىملىرىمىزنى ئۆز قولىمىز بىلەن ئۆلتۈرمەيلى. مىڭ يىللار بېرى ياشىغان ئالىملار، يۈز يىللار ياشىغان ئالىملار كىچىككىنە شۆھرەتنىڭ قۇربانى بولمىسۇن، ۋاقىتسىز ئايرىلغان ئەل ئۈچۈن سوققان يۈرەكلەرگە يۈرەكتىن ئورۇن بېرەيلى.
|