قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 969|ئىنكاس: 3

ئېتىنى سەن قوي

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

15

تېما

16

دوست

1304

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   30.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  56444
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 40
تۆھپە : 400
توردىكى ۋاقتى: 37
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-12 17:44:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئېتىنى سەن قوي

[دوستۇمنىڭ ئېغىزىدىن]

(ھېكايە)

بۇمەريەم


    بۈگۈن تۇنجى قېتىم خىزمەتداشلىرىمنىڭ تەكلىپى بىلەن ناخشا توۋلاپ كۆڭۈل ئېچىپ كەلگىلى كېچىلىك ناخشا ئېيتىش كۇلۇبىدىن بىرىگە كەلدىم. پارقىراق رەڭلىك ئەينەك، چىنى خىش، داتلاشماس پولاتلاردىن زىننەتلەنگەن كارىدوردىن ئۆتۈپ بىزگە كۆرسىتىلگەن خانىگە كىردۇق.كەڭرى ۋە يۇمشاق خۇرۇم سافالىق بۇ خانىنىڭ رەڭلىك ۋە پارقىراق ئەينەكلەردىن ياسالغان تاملىرى، ئۈستەللىرى، يەرلىرى بىر قارىماققا خۇددى بىر مۇنچەخىزمەتچىلەرنىڭ ھىمايىسىدە ياشايدىغان بىرەر ئېزىز كىشى ئۈچۈن مەخسۇس ھازىرلانغاندەك تۇيغۇ بېرەتتى. خانىنىڭ ھەربىر پارچە بوشلۇقىغا ئايرىم قارىغاندىمۇكۆڭۈل قويۇپ ئىشلەنگەن بىر سەنئەت بويۇمى سۈپىتىدە كۆرۈنەتتى. ئايىغىنىڭ ئاستىغاتەكشى تېزلىكتە تېيىلىدىغان چاق بېكىتىۋالغاندەك ماڭىدىغان ئاپئاق ۋە پاكىزكۆينەكلىك ئەر مۇلازىملار بىر دەمدىلا ھەشەمەتلىك ئەينەك ئۈستەلنى قورۇلغان تاۋۇزئۇرۇغى، ئاپتاپپەرەس ئۇرۇغى، پىستە ۋە مېۋىلەر بىلەن توشقۇزدى.  مېۋىلەرنى يۇيۇپلاشۇ پېتى تىزىپ قويۇش بۇ خانىنىڭ سەنئەتلىك كۆرۈنۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدىغاندەك،ئۇستىلار ھەرخىل رەڭلىك مېۋىلەردىن پايدىلىنىپ ياسالغان، قانىتىنى كەرىپ ناز قىلىپ تۇرغان بىر توزنى ھەشەمەتلىك بىر تەخسىگە قوندۇرۇپ ئېلىپ كەلگەنىدى. مۇلازىملارخانىدىكى ئىشلىرىنى تۈگىتىپ بولۇپلا چىقىپ كەتتى. ئەر خىزمەتدېشىمدىن بىرى چىراغنى ئۆچۈرىۋېتىۋېدى، خانىنى ئاپئاق ئايدىڭ يورۇتۇپ تۇرغان، سارايلارنىڭكىدەك ھەشەمەتلىك مارجان چىراغ ئۆچۈپ ئۇنىڭ ئورنىغا تورۇسنىڭ قىرغاقلىرىغا تەكشى تىزىلغان ئۇششاق، رەڭلىك چىراغ يورىدى. بۇ ئەينەك خانىنىڭ تام تورۇسلىرى چىراغنىڭيورۇشى بىلەنلا ھەقىقىي فۇنكىسىيىسىنى جارى قىلدۇرۇشقا باشلاپ، تېخىمۇ بەكۋالىلدىغىلى تۇردى. كىنولاردىلا كۆرۈپ باققان بۇ مەنزىرىنىڭ ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگىنىمدەماڭا بۇنداق پاكىز، يېڭى ۋە خىيالى تۇيغۇ ئاتا قىلالىشىنى ئويلىمىغان ئىدىم.
   ئەر مۇلازىملار چىقىپ كېتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئىشىك ئىككى چىكىلىپلا ئارقىدىن بىر ئەرنىڭ ھەمراھلىقىدا بىر توپ قىزكىرىۋېدى، ئۇلارنىڭ خاتا كىرىپ قالغانلىقىنى ئويلاپ ئەر خىزمەتداشلىرىمغا قارىدىم.چىراغنىڭ غۇۋالىقى ۋە ھەرخىل رەڭدە پارقىراپ كۆرۈش دائىرەمنى ئالاچەكمەن قىلىۋېتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىغا قارىماي ئەر خىزمەتداشلىرىمنىڭ كۆز، يۈز ۋەلەۋلىرىنىڭ لىپىلداپ كېتىۋاتقان تىرىلىرى ۋە چىراغنىڭ نۇرىدا پارقىراق قوڭغۇزدەك چىمىرلىغان يۈز تۈكلىرىدىن ئۇلارنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى بىر كۈلكە بومبىسىنى يۈزىنىڭ قان- تومۇرلىرىدا ئارانلا يوشۇرۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى سېزىۋالدىم. ئۇلار بىر- بىرىگەقارشىپ ۋە قىمىلدىشىپ قوياتتى، ئامال بار ھېلىقى تىزىلىپ كىرگەن ئالا- بۇلماچ گىرىملىك، قويۇق ئەتىر ۋە ئۇپا پۇراپ تۇرىدىغان تار ۋە قىسقا كىيىملىك خېنىملاردىن قەستەن كۆزىنى قاچۇرۇشقا تىرىشاتتى. ئەمما بۇنداق قىلىشمۇ قولىدىن كەلمەيتتى.بىلىپ- بىلمەي كۆزىنىڭ شۇلار تەرەپكە كېتىۋاتقانلىقىنى بەلكى ئۆزلىرىمۇ سەزمەيۋاتقاندەك قىلاتتى. قالغان ئىككى ئايال خىزمەتدېشىممۇ خۇددى مەندەكلا ئەرلەرنىڭ قانداق قىلىدىغانلىقىغا قاراپ تۇراتتى. ئەر مۇلازىم ئەر خىزمەتداشلىرىمنى بۇ خېنىملاردىن خالىغانچە تاللىۋېلىشقا دەۋەت قىلىپ قويۇپ توپ سېتىش دۇكىنىنىڭ مال ئۆتكۈزگۈچىسىدەك قولىدىكى دەپتىرى بىلەن قەلىمىنى تەييارلىغىنىچە قول باغلاپ تۇراتتى. تاكى ئەر خىزمەتداشلىرىمنىڭ « سەن تاللا» دېسە « سەن تاللا» دېگىنىچەبىر- بىرىگە دۆڭگىمەكچى بولۇشقىنىغىچە ئۇلارنىڭ ھەقىقەتەنمۇ بۇ ئاياللارنى تاللابازىرىدىن مال ئالغان پەدىگە تاللىماقچى بولۇشىغا ئىشەنمىگەن ئىدىم. دەل شۇ پەيتتەبىرەر داڭقى چىققان « پەيلاسوپ» ئۇلارغا  «ئانىلار ئۇلۇغ»، « جان سىڭلىم»، « ئاياللار يېرىم دۇنيا» دېگەندەك ناخشا-قوشاقلارنى ئۇقۇپ بەرسە ياكى بىرەرسى مۇشۇ ناخشا- قوشاقلارنىڭ ئەرلەر تەرىپىدىن توقۇلغانلىقىنى ئېيتسا ئۇلارنىڭ بۇ گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى پوققىمۇ تەڭقىلمايدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ، ئېڭىدىكى ئۆزىمۇ تولۇق كونتىرول قىلالمايدىغان ھەرخىل خىياللارنىڭ قان- تومۇرلىرىنى غىدىقلىشى نەتىجىسىدە ئېغىزىدىن بىلىپ-بىلمەي غۇرۇلداپ ئېقىپ كەتكىلى تاس قېلىۋاتقان ئازغىنە شۆلگەيلىرى لەۋلىرىنى نەملەندۈرۈپ، يالاپ قويۇشىغا ۋە ئېغىزىدا ھاسىل بولغان تۈكرۈكىنى تېزلا يۇتۇۋېتىشىگە سەۋەپ بولۇۋاتاتتى.  لۆم- لۆم كېرىسلونىڭ يۆلەنچۈكىگە ئۆزۈمنى تاشلىماقچى بولۇۋېدىم پۇتۇم يەرگە تەگمەي ھاۋادا لەيلەپ قالدىۋە بەدىنىمنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ باشقا ئىككى ياش قىزخىزمەتدېشىمغا ئوخشاش ياتاق ئۆيىنىڭ كارۋىتىدا دۈمبىچىلاپ يېرىم ياتقان پالەچ كىشىدەك يۆلۈنۈپ ئولتۇرۇپ ئۆز- ئۆزۈمنى ئىگىسىگە پۇل تېپىپ پېرىدىغان ئويۇنچى مايمۇنغا كېرىلىپ ئولتۇرۇپ چاۋاك چېلىۋاتقان تاماشىبىن مايمۇندەك ھېس قىلىپ كەتتىم. ئەر خىزمەتداشلىرىم مېنى يېڭىلىشتۇرمىدى. ئاخىرىدا ھېچ بولمىسا ھەقىقىي قىياپىتىنى دادىللىق بىلەن ئاشكارىلاپ ھەقىقەتەنمۇ خېنىملارنى تاللاشقا كىرىشىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ ھەربىرى بىرەردىن خېنىم تاللىۋالغاندىن كېيىن ئەر مۇلازىم دەپتىرىگە بىر نەرسىنى يېزىۋېلىپ ئېشىپ قالغان ئىككى خېنىمنى باشلاپ چىقىپ كەتتى.تاللاش جەريانىدا ئەرلەرنىڭ خېنىملارنىڭ يېنىغا يېقىنراق بېرىپ يۈزىگە قاراپ بېقىشى ۋە ئالدى- كەينىگە ئۆتۈپ بەدىنىگە قاراش قاتارلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ گېتلىر ئەسكەرلىرىنىڭ يەھۇدى لاگېرىدىكى ئىشقا يارايدىغان مەھبۇسلارنى تاللاش ھەرىكەتلىرى بىلەن قىلچە پەرقى يوق ئىدى. ئۇلار بەلكى پۇل تېپىش ئۈچۈن كېچىلەردە ئەرلەرنىڭ بېقىنىغا كىرىۋېلىپ نېمە قىل دېسە قىلىدىغان ئاياللاردا ئىنسانلىق قەدىر- قىممەت ۋە غۇرۇردىن ئەسەر يوق، دەپ ئويلايدىغان بولۇشى مۇمكىن، ياكى بولمىسا بەرىبىر پۇل تۆلىگەندىن كېيىن ۋۇجۇدى بىلەن قوشۇلۇپ روھىمۇ بىزگە تەئەللۇق، دەپ ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن.

   ئەرلەر بىردەمدىلا دەسلەپكى «تارتىنچاق» لىقىنى پۈتۈنلەي يېڭىپ قىلىۋاتقان ئىشىغا كۆنۈپ كەتكەندەك كۆرۈنەتتى.خېنىملار قۇيۇپ بەرگەن سۇ بولامدۇ، ھاراق بولامدۇ، ئىچىملىك بولامدۇ ھەممىلانەرسىنى بىر تىنىقتىلا ئىچىۋېتىشلىرىدىن ۋە كونتاكېنتىگە بۇيرۇق قىلغان ئامېرىكىلىق خوجايىندەك ئۇلارغا « ئاۋۇ ناخشىنى تاپ، ماۋۇ ناخشىنى ئېيت» دەپبۇيرۇق سوقۇشلىرىدىن بۇنى بىلىۋالغىلى بولاتتى. ئىككى ئايال خىزمەتدېشىممۇ چىشىنى چىقىرىشىپ كۈلۈشكىنىچە ئۇلار بىلەن رومكا سوقۇشتۇرۇپ ئولتۇرۇشاتتى.خىزمەتداشلىرىمنىڭ ئارىدا بىر ماڭا قاراپ سەۋەپسىزلا كۈلكە ئارىلاش شەرەت قىلىپ قويۇشلىرىدىن، خۇددى يۈزۈمگە قۇسۇۋەتمەكچى بولغىنىدەك سەسكىنىپ كەتتىم.

- ماڭا« قۇياش چۈشى» دېگەن ناخشىنى تېپىپ  بە!-دېدى،  ئېكىس ئاجايىپ جۈرئەتلىك بىر ئاۋاز بىلەن. ئۇ تېخى بىر نەچچەكۈن بۇرۇنلا ئىشخانىدا بىزگە بىر باشلىقنىڭ قىزىغا ئاشىق بولۇپ قالغانلىقىنى ۋەئۇنىڭغا قانداق تەلەپ قويۇشنى بىلەلمەي بېشى قېتىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.ئەمدى كېلىپ 200 يۈەن خەجلەپ نەچچە سائەتلىكىگە تاللىۋالغان بۇ ئايالغا پوڭۇلداپ سۆزلەۋاتاتتى.

- بايا تېخى ئېيتتىڭغۇئۇنى، « سەرگەردان» نى ئېيتىلى،- دېدى، ئىگرىك .

- ھە، ھە « سەرگەردان»،« سەرگەردان»! « سەرگەردان» نى قوي!- دېدى،زېت قولىنى ئېكىسنىڭ خېنىمىغاشىلتىگىنىچە. ئادەتتە زېت ئىشخانىدا ھەممىمىزنىڭ چوڭ دادىسى بولۇۋالاتتى.باشلىق قول شىلتىپ بىرەرسىمىزگە چېچىلغاندا، زېت باشلىق يوق يەردە ئۇنىڭ مەدەنىي بىر باشلىق بولۇشقا پەقەتلا لايىق كەلمەيدىغان تومپايلىقى ۋە ئاياللارغىمۇ قولشىلتىپ سۆزلەيدىغان توم تاياق ئوغرى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئىزا ئىشىتقۇچىغا يان بېسىپ، ئۇنىڭ بۇندىن كېيىن باشلىققا قورقماي گەپ ياندۇرۇشى كېرەكلىكى، گېزى كەلگەندە ئۆزىنىڭ ئوتتۇرىغا چۈشۈپ، باشلىقنىڭ كېكىردىكىدىنلا ئېلىپ، ئۇنى يەرگەيىقىتىپ، ھۆت- پۆت، ئىتىت- پىتىت قىلىپ قالسا، بېقىنىغا تىپىپلا قارنىنى چۇۋۇۋېتىدىغانلىقى، ئالىي مەكتەپتىمۇ قىزلارنى قوغداپ « قەھرىمان» دېگەن ئاتاققائېرىشكەنلىكى ھەققىدە سائەت- سائەتلەپ بوغۇلۇپ سۆزلەپ كېتەتتى.  
    ئېكىسنىڭ خېنىمى ئورنىدىن تۇرۇپلا، ئولتۇرغاندا تۈرۈلۈپ كاسىسى بىلەن يوتىسىنىڭ قىسىلچىقىغا كېلىپ قالغان تار كۆڭلىكىنى پەسكە تارتىپ، چېچىنى كەينىگە ئېتىپ قويغاندىن كېيىن، قوزۇق پاشنىلىق ئايىغى بىلەنمۇ مەزمۇت دەسسىگىنىچەكىچىك سەھنىچاقنىڭ بېقىنىدىكى كومپىيۇتېرغا بېرىپ مۇزىكىنى ئىزدەۋاتاتتى، ئېكىس ئۇنى توۋلىدى. ئېكىس ئۇنىڭ يېنىغا بېرىشئۇياقتا تۇرسۇن، ئىسمىنى سوراپمۇ قويمىدىمۇ ياكى ئىسمى بىلەن ئاتاشقائەرزىمەيدۇ،دەپ ئويلامدۇ خېنىمنى « ھەي» دەپ چاقىردى. خېنىم ئەرلەرنىڭ پارىڭىنىڭ ئاۋازىدا ئېكىسنىڭ ئۆزىنى چاقىرىۋاتقانلىقىنى بىلەلمەي قالغان بولسا كېرەك، مۇزىكا ئىزدەشكە داۋام قىلدى. «نېمە ئاڭلىمايدۇ ماۋۇ پاڭ، < ئىنتىلىش> دېگەن ناخشىنى ئېيتىمەن شۇنى تاپ ھەي!» دېدى ئېكىس ، يېنىدىكىلەرگە قاراپ كۈلگىنىچە خېنىمغا ۋارقىراپ. ئۇ گەپ قىلغاندا تۈكرۈكى ئېغىزىدىن پىڭىلداپ ئۇچۇپ چىقىپ ھەر تەرەپكە چۈشەتتى. ئۇنىڭ كۆزى ئوۋ ئىتىنىڭكىدەك قىزىرىپ، يۈزى ئوۋئىتىنىڭ قۇلىقىدەك ساڭگىلاپ كەتكەنىدى. ئۇ تەخسىدىكى توزنىڭ قورسىقىدىن بىرئۈزۈمنى ئېلىپ خېنىمغا توغرىلاپ ئېتىۋېدى، ئۈزۈم خېنىمنىڭ بوينىغىلا تەگدى. خېنىم بوينىغا تەگكەن نەرسىنىڭ ئۈزۈم ئىكەنلىكىنى بىلمەي، « ئا» دېگىنىچە ئىككى قولى بىلەن بوينىنى ۋە مەيدىسىنى تېز- تېز سىيلىۋېدى، ئەرلەرنىڭ ھەممسىتەڭلا ھوزۇرلۇنۇپ كۈلۈشتى ۋە بىر- بىرىگە خېنىمنىڭ باياقى ھەرىكىتىنى دورىشىپ بېرىپ بىلىپ- بىلمەي، ئاۋازىنى باشقۇرالمايدىغان گولدوڭ ئادەمنىڭكىدەك ئىچىگەتارتىپ  كۈلۈشۈپ كېتىشتى.  ھېلىقى خېنىمنىڭ غۇرۇرىنىڭ قانچىلىك زەخمىگە ئۇچرىشى ئۇلارنىڭ خىيالىغا كىرىپ چىقىشى مۇمكىن ئەمەستەك قىلاتتى. خانىدىكى كىشىنى ئېزىقتۇرماقچى بولغاندەك كۆرۈنىدىغان رەڭلىك چىراغلارنىڭ پالىلداشلىرى ۋە مىتىكوت كەتسىلا چەمىچۈشۈپ قالىدىغان ساختا توپلەيدەك تۇيغۇ بېرىدىغان كارائوكى مۇزىكىسىنىڭ ئاۋازىدىن شەكىللەنگەن مەنزىرە ئەرلەرنىڭ قىلىقى بىلەن قوشۇلۇپ ئىچىمنىتېخىمۇ سىقىۋەتتى.

-مۇلازىمنى چاقىرىۋەتكەن بولسىڭىز ئېغىر كۆرمەي!- دېدىم، خېنىملاردىن بىرىگە.
- ماناھازىر.

خېنىم ناھايتى تېزلامۇلازىمنى چاقىرىپ كەلدى. مۇلازىم بوينىنى سەللا قىيسايتقىنىچە مېنىڭ ئەمىرقىلىشىمنى كۈتۈپ تۇراتتى.

-ئەرھەمرا بارمۇ؟- دېدىم، ئاۋال مۇلازىمغا ئاندىن ھىجىيىشىپ ئولتۇرغان ئەرخىزمەتداشلىرىمغا قاراپ.


27.08.2014

28.08.2014
uyghuray

0

تېما

3

دوست

896

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   79.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  50782
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 290
توردىكى ۋاقتى: 115
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-12 23:32:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-12 23:34  

يەنە بىر ياخشى ھېكايە ،  ھارماڭ ! ئىككى يىل بۇرۇنقى يازغىنىڭىزكەن  يېڭىلىرى بولسا يەنە داۋاملىق!!! ھەپتىدە بىرەر بولسىمۇ مۇشۇنداق يوللاپ تۇرۇڭ . قوللاشتىن بىرسى كەتتى !

21

تېما

44

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   26.38%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 2046
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 47
تۆھپە : 6140
توردىكى ۋاقتى: 2519
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-15 21:09:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىتنى سەن قوي دىسە چۇقۇم چىچاڭشىپ كىتىدۇ، باشلىقنىڭكىنى يالىۋەتكەن بىلەن ئىتنىڭكىنى يالايدىغانغا يەنە كۈچۈكلەر بار ئەمەسمۇ.شۇڭا ئىت يالاقچىلىقتىن ئەمەس قوي بۇلۇشتىن نۇمۇس قىلىدۇ. ..

15

تېما

16

دوست

1304

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   30.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  56444
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 40
تۆھپە : 400
توردىكى ۋاقتى: 37
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-15 21:42:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2016-3-15 21:09
ئىتنى سەن قوي دىسە چۇقۇم چىچاڭشىپ كىتىدۇ، باشلىقنىڭكى ...

چۈشەنمىدىم.
ئىت ئەمەس ئات- ئىسىم
uyghuray
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )