بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Lucky-star تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-12 18:26
جوبس نېمىشقا ئۆمرىدە بېرەر قېتىممۇ جۇڭگوغا كېلىپ باقمىغان
ئۇ ئۆزى بىر قوللۇق ھازىرقى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پەن-تېخنىكا شىركىتى «ئالما»نى قۇرغان، ئۇ ئىلگىرى پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ چوقۇنغۇچىسى ئىدى، ئۇ ئىلگىرى ئۆزى قۇرغان شىركەتتىن ھەيدەپ چىقىرىلغان. جوبس - ئۇ بىر ئۇلۇغ ئىگىلىك تىكلىگۈچى، ئۇنىڭ پۈتۈن ئۆمرى ئەگرى-توقايلىق ئىچىدە ئۆتكەن، جاپالىق كۈنلەردە ئۆزىگە- ئۆزى مەدەت بەرگەن، ئەڭ ئاخىرىدا ئىلگىرىكى رەقىبى مىكروسوفتنى يېڭىپ، بۇ دۇنيانى ئۆزگەرتكەن. 90-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، جوبس باشتىن-ئاخىر قالتىس ئادەم، ئەمما، ئادەمنى بىردىنبىر ئويلاندۇرىدىغان يېرى شۇكى، ئۇ ئەزەلدىن جۇڭگوغا كېلىپ باقمىغان، شۇنداقلا جۇڭگوغا نىسبەتەن باشتىن-ئاخىر بىر تەرەپلىمە قاراشتا بولغان. 2007-يىلى ئالما شىركىتى تۇنجى نۇسخىدىكى iphone نى چىقارغاندا، جوبس ئېنىق قىلىپ iphone ،ۋاقتىنچە جۇڭگو بازىرىغا كىرمەيدۇ، دېگەن. جوبسنىڭ دەۋرىدە ئالما شىركىتى جۇڭگو، شىمالىي كورىيە، ۋېيتنام، لائوس قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئەڭ ئېتىبارسىز قارىلىدىغان چىگرا بازىرى قاتارىغا قويغان. ئالما شىركىتىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى مەلۇم بىر رەھبەر ئىلگىرى مۇنداق دېگەن: «ئالما جۇڭگو مەسىلىسىدە قەتئىي جوبس تەرەپتە تۇرىدۇ، ئۇ ئەزەلدىن جۇڭگوغا بېرىپ باقمىغان. ئۇنىڭ نەزىرىدە، جۇڭگو بازىرى ھەتتا مالايسىياغىمۇ يەتمەيدۇ.«
تەكەببۇرلۇق ۋە بىر تەرەپلىمە قاراش نېمە ئۈچۈن جوبسنىڭ جۇڭگوغا بىر تەرەپلىمە قاراشتا بولىدىغانلىقىنى بىلمەكچى بولساق، ئالدى بىلەن جوبسنىڭ ئۆزىنى چۈشىنىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. مەيلى جوبسنىڭ قول ئاستىدىكىلەر بولسۇن ياكى ئۇنىڭ دوستلىرى بولسۇن، ھەممىسى ئۇنىڭ ھەم ياخشى تەرپىنى، ھەم يامان تەرىپىنىمۇ قىلىشىدۇ، ھەتتا ياخشى تەىپىدىن يامان تەرىپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، جوبس ئالما شىركىتىدىكى يالغۇز رەھبەر، ھەر قانداق خادىمغا بولغان تەلىپى ئىنتايىن قاتتىق، ھەتتا ئازراق كۆڭلىدىكىدەك بولماي قالسىمۇ ئىشتىن ھەيدىۋېتىدۇ. بەزىلەر ئۇنى ھاكاۋۇر، جاھىل، ئىچى تار دېيىشىدۇ، كۆرەڭلەپ خۇدىنى بىلمەيدىغان، سەخسيەتچى دەپ قارىشىدۇ، ئەمما، ئاپتورنىڭ قارىشىچە، جوبس خىيالىغا كەلگەننى قىلىدىغان ئادەم، ئۇ قەلبىدىكىنى يوشۇرمايدۇ. خۇددىي جوبس ئۆزى ئېيتقىنىدەك: «پات ئارىدا ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىمىزنى ئەستە تۇتقىنىم ماڭا ھاياتىمدىكى ئەڭ مۇھىم تاللاشنى كۆرستىپ بەردى. چۈنكى ھەممە شان-شەرەپ ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى، ھەتتا ۋەھىمىمۇ ئۆلۈمنىڭ ئالدىدا يوقاپ كېتىدۇ. مېنىڭ كۆرگىنىم قېلىپ قالغان ھەقىقىي مۇھىم نەرسىلەردۇر. سىز مەلۇم نەرسىڭىزنى يوقىتىپ قويىدىغانلىقىڭىزدىن ئەنسىرىگەن ۋاقتىڭىزدا، ‹پات ئارىدا ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىڭىزنى ئەستە تۇتۇڭ› ئەڭ ياخشى دورىدۇر. ئەگەر ھەممىنى ئايدىڭلاشتۇرالىسىڭىز، قەلبىڭىزگە ئەگەشمەسلىككە باھانىڭىز يوق.» ئەمما بۇ جوبسنىڭ ياپونىيە مەدەنىيىتىگە چوقۇنۇشى، ۋېگېتارىئانىزم (گۆش يېمەسلىكنى تەرغىب قىلىش ئېقىمى)غا ئىنتىلىشى، ياپونىيە ئۇسلۇبىنى ياخشى كۆرۈشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز. بەلكىم ياپونىيە بىلەن ئەينى چاغدىكى جۇڭگودا روشەن سېلىشتۇرما شەكىللەنگەندەك، جۇڭگونىڭ ساختا مال مەدەنىيىتى ئەۋجىگە چىقتى، ھەتتا جوبسمۇ جۇڭگونى بىر قانچە قېتىم تېخنىكىسى ساختا، مالىيە ئىشلىرى ساختا، دەپ ئەيبلىگەن، شۇ سەۋەبتىن ئالما باش ئىشتابى 2005-يىلى جۇڭگو تارماق شركىتىدىكى ھەممە رەھبەرنى دېگۈدەك ئىشتىن بوشىتىۋەتكەن بولۇپ، جۇڭگو بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا روشەن سېلىشتۇرما شەكىللىنىپ قالدى دېيىشكىمۇ بولىدۇ. ئالماشتۇرۇپ ئويلىنىپ باقساق، بىزمۇ ھازىر شىمالىي كورىيەگە ئۇنچە ئاسان قىزىقىپ كېتەلمەيمىز. جوبسنىڭ دەۋرىدە ئالما شىركىتى جۇڭگو بازىرىنى ئەڭ چەت ئورۇنغا قويغان، iPhone3GS چىققاندا ئالما شىركىتى جۇڭگونى ئاندىن بازار تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن. بىل گەيتىس، پائۇل ئوۋتەلىنى، سىمىت قاتارلىق دۇنيادىكى چوڭ پەن-تېخنىكا ماگناتلىرىنىڭ ھەممىسىگە جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان، ئەمما پەقەت ئۆزى بىلگەن يولدىلا ماڭىدىغان جوبس بىر قېتىممۇ كېلىپ باقمىغان، بەلكىم جوبس ئۈچۈن ئېيتقاندا، پەقەت مەھسۇلاتلا ھەممە بولۇپ، ئۇ ئېھتىياجغا قاراپ يېڭىلىق يارىتىشنى، ئىستېمالچىلارغا يېتەكچىلىك قىلىشنى بىلىدۇ.
ساختا ماللارنىڭ يامراپ كېتىشى دۇنيا زاۋۇتى بولۇش سۈپىتىدە، جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىكىسپورت دۆلىتىگە ئايلاندى، ئەمما جۇڭگو ھەمىشە سۈپىتى ۋە دەرىجىسى تۆۋەن مەھسۇلاتلارنى ياسىدى، بەلكىم ساختا مال مەدەنىيىتىنىڭ ئەۋجىگە چىقىشىدىن ئايرىلالمايدىغان مۇناسىۋەتتە بولۇشى مۇمكىن، جۇڭگودا يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ئىگە ئىنتېرنېت ساھەسى بولسىمۇ، ئەمما بىز يەنىلا ساختا ماللارنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلالمىدۇق، فېيسبۇك، تۋېتتېر، يۇبېر قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگودىن ئۆزلىرىنىڭ ئوخشىتىپ ياسالغان نۇسخىسىنى تاپالىدى، بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەر يان بېسىشى مۇمكىن، ئەمما ھەقىقەت يەنىلا ھەقىقەتتۇر.
ئاپتوموبىل ساھەسىدە ساختا لەندروۋېر، ساختا ئاۋدىلار ئار-نومۇسنى بىلمەيدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتتى. بەزى كارخانىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، بىر ئوچۇم پۇل ۋىجدانغا قارىغاندا بەكراق ھەقىقىي، يۈزىدىنمۇ مۇھىمدۇر. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2015-يىلى 1-ئايدىن 11-ئايغىچە ئېلېكتىر ئۇچۇر ياسىمىچىلىقى جەمئىي بىر مىليارد 611 مىليون 974 مىڭ دانە يانفۇن ئىشلەپچىقارغان، ئەمما بۇنىڭ ئىچىدىكى كۇرسلۇق مەھسۇلاتنى ساناپ كەلسەك ئاران بەشتىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ، مۇتلەق كۆپ قىسمى ساختا مال ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتلارنىڭ ساختا ۋە سۈپەتسىز ماللىرىدۇر. ھازىر دۆلەتىمىز يانفۇن ساھەسىنىڭ سەلتەنىتى قىزىل دېڭىزغا كىردى، ئەمما مەھسۇلات ئىشلەپچىقرىش كۈچى ۋە ئىستېمال سەۋىيەسىنى تېخى ماسلاشتۇرالىغىنى يوق، مۆلچەرلىنىشىچە، 2016-يىل جۇڭگو يانفۇنلىرىنىڭ سېتىلىش سانى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ، خۇسۇسىيلار ئىگىدارچىلىقىدىكى تېخىمۇ كۆپ ئوتتۇرا ۋە كىچىك تىپتىكى كارخانىلار شاللىنىپ كېتىدۇ. يېڭىلىق يارىتىش جۇڭگودا ئىسمى بار، جىسمى يوق بىر ئىش، قانداقلا بولمىسۇن ئىستېمالچىلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ پۇل خەجلەپ ئوخشاش مەھسۇلاتنى سېتىۋېلىشقا ئاساسىي يوق. ئەمما يېڭىلىق يارىتىش رىقابەتنىڭ يادروسى، ئەگەر ھەقىقەتەن ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەگە يېتىشىپ، ئۇلاردىن ئېشىپ كېتىشنى ئويلىساق، ئاۋۋال يېڭىلىق يارىتىشنى قوغداشتىن باشلايلى.
مەنبە: شەرق خەۋەرلىرى تورىنىڭ پەن-تېخنىكا قانىلى خەۋەر (Hewer) سالونىدىن لوقمان تەرجىمە قىلدى |