ئالىي مەكتەپتە نېمە ئۆگىنىمىز
نۇرئەلى كاشغەر مۇقىمي
‹‹سالام ياخشى يولدا ماڭغان كىشىلەر» دەيدۇ، ئالىمىمىز ئابدۇقادىر داموللا بىننى ئابد ۇۋارىس ئەزىزى .
ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئىنى-سىڭىللارغا بۇ يازمىلىرىم ئارقىلىق سالام يوللايمەن . ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى قانداق ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا ئالدىنقى ماقالەمدە ئازراق توختىلىپ ئۆتكەن ئىدىم . بۇ يازما مىللىتىمىزنىڭ ئۈمىد چىرىغى، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ كەلگۈسى ئۈمىدى بولغان ئۇنۋېرستىت ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ ئەھمىيتى بولۇپ قالار دېگەن ئۈمىدتىمەن .
ئالىي مەكتەپ - ئوقۇغۇچىلىق ھاياتنىڭ ئەڭ گۈزەل مەنالارغا تولغان ، خۇشپۇراق گۈللەر بىلەن پۈركەنگەن ۋاقتى . باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا مۇئەللىم مەندىن :
كەلگۈسىدىكى ئارزۇيۇڭ نېمە ؟ دەپ سورىسا ، ياخشى ئۆگىنىپ ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈش دەپ جاۋاب بەرگەنلىرىم ھازىرغىچە يادىمدا . بەلكى ماڭا ئوخشاش بۇنداق جاۋاب بەرگەن بالىلار تالاي . تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمىزدا مۇئەللىم بىزدىن ئارزۇيىمىزنى سورىغاندا داڭلىق ئالىي مەكتەپكە كىرىش دەپ خۇشاللىق بىلەن ئارزۇيىمىزنى ئىپادىلەيتۇق .
نۇرغۇن تىرىشچانلىق ۋە كېچە كۈندۈز ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۆزىمىز ئارزۇ قىلغان مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتىمىز ، ئەلۋەتتە بەزىلەرنى تاساددىبىي تەلەي بىلەن كەلگەن دېسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ . ئالىي مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن ئالىي مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن زادى نېمە ئۆگىنىمىز؟ قانداق ئۆگىنىمىز ؟ئۆگىنىپ قانداق قىلىمىز ؟ دېگەندەك بىر تالاي سۇئاللارنى بۇ رېئاللىق ئالدىمىزغا تاشلايدۇ .
نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار دەسلىپىدە ئالىي مەكتەپ مۇھىتىغا گاڭگىراش ۋە ماسلىشىش بىلەن بارا بارا ئۆزلىشىپ ماڭسا ، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ يەردىكى ئەركىن ئازادە ئۆگىنىش شارائىتىدىن بەھرلىنىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە تىرىشقانلىرىنىڭ ھاردۇقىنى چىقىرىدۇ .مۇھىت ئادەمنىڭ ئۆزگىرىشىدە ئىككىلەمچى ئامىل بولسىمۇ ئۇنىڭ ئادەمگە بولغان تەسىرىنى سەل چاغلىماسلىق كېرەك.
ئالىي مەكتەپ مۇھىتى بىزگە نېمە ئۆگىتىدۇ؟
بىرىنجىدىن : بالىلارغا مۇستەقىل ياشاشنى ئۆگىتىدۇ .
ئالىي مەكتەپتە ئۆزىمىزگە ئەڭ كۆپ مېھرىبانلىق قىلىدىغان ئادەم دەل ئۆزىمىز، بىزگە ئەڭ كۆپ يېتەكچىلىك قىلدىغان ئادەممۇ دەل ئۆزىمىز .ئالىي مەكتەپ مۇھىتى بالىلارنى مۇستەقىل تۇرمۇشقا باشلايدۇ . بۇنىڭدىن بىز ئۆزىمىزنىڭ كۈندىلىك ئىش ھەركىتىمىزنى، ھەتتا پۈتۈن پائالىيەتنى ئۆزىمىز باشقۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرشىمىز . ئالىي مەكتەپ بىر بىلىم دېڭىزى -ئوقۇغۇچىلار غەۋۋاس ، بىز بۇ يەردە سۇ ئۈزۈش ماھارىتىنى ئۆگىنىمىز .
ئىككىنجىدىن : ياشاش يولىنى ئۆگىتىدۇ .
ھەر بىر ئادەم بىر ئۇچۇر مەنبەسى ، ھەر بىر كىتاب بىر بىلىم بۇلىقى .بۇنىڭدىن دەل ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بالىلارنىڭ ئۆزىگە باغلىق .كىمدىن نېمىنى، قانداق ياشاشنى ئۆزى تاللاپ ئۆگىنىش ئادەمدىن بىلم ۋە دىتنى تەلەپ قىلىدۇ . قايسى يولنى بويلاپ قانداق ياشاشنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا ئاللىبۇرۇن شۇ ئادەم ئۆزى بېكىتىپ بولغان بولىدۇ . ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش قانداقتۇر بىزنىڭ بىر چېلەك سۇغا ئىگە بولغانلىقىمىز ئەمەس بەلكى ، بىر تامچە بىر تامچىدىن ئۆزىمىزدىكى چىلەكنى توشقۇزۇش جەريانى .
ئۈچىنجىدىن :ئالىي مەكتەپ بالىلارغا كىشلىك قەدىر قىممەتنى ئۆگىتىدۇ .
ئەتراپىدىكى ھەر بىر ئادەم ، ھەر بىر شەيئى ئۆگىنىشنى خالىغان ئادەم ئۈچۈن بىر بىلىم مەنبەسى بولالايدۇ . بىلىم ئارقىلىق ئۆزىنى تاكاممۇللاشتۇرۇشنى ، ھەر خىل ئۇسۇلدا ئۆگىتىدۇ . كۈتۈپخانا ، قىرائەتخانا، ئاشخانا ،يىغىن زالى ھەتتا چايخانىغا قەدەر شۇنچىلىك مەدەنىي ، بۇ تەرەپلەر ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزىنى قەدىرلەش تۇيغۇسىنى ، ئۆزگىلەرنى ھۆرمەتلەش تۇيغۇسىنى تەبئىي ھالدا ئۆگىتىدۇ .
تۆتىنجىدىن : ئىلغار پوزىتسىيە ئۆگىتىدۇ .
ئىنسان ئۆزى قىلغان ئىشنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ، ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىغا لايىق نەتىجىگە ئېرىشىدۇ . ئالىي مەكتەپ ھاياتى بالىلارغا تىنىمسىز رەۋىشتە ھاياتقا قانداق پوزىتسىيە بىلەن قاراشنى ئۆگىتىدۇ . مەيلى ئىقتىسادى يۇقىرى ئوقۇغۇچى بولسۇن ۋە ياكى نامرات ئائىلدە چوڭ بولغان بالا بولسۇن ئالىي مەكتەپتە يېتىلدۈرگەن پوزىتسىيە بەلكىم ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن كىشلىك ھاياتتىكى تاللاشتا نىشان بەلگىلەش رولىنى ئوينايدۇ .
ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقتىدا پىسخولوگىيە ياكى چەتئەل تىلى بولۇپمۇ ئىنگىلىز تىلى ئۆگەنگەن ئوقۇغۇچى بىلەن كەسپىي دەرسلىكتىن باشقا ھېچقانچانداق كىتاب كۆرمەيدىغان بالىلارنىڭ ئاسمان زېمىن پەرقى بار .چەتئەل تىلى ۋە پىسخولوگىيەگە ئائىت بىلملەردىن خەۋەردار ، كۆپرەك كىتاب ئوقۇش بىلەن شۇغۇللىندىغان بالىلارنىڭ تەپەككۇرى ئوچۇق ، ئىپادىلەش كۈچى يۇقىرى ، ھەر تەرەپتىن ئىگەللىگىنى كۆپ بولىدۇ .،بۇ ماھيەتتە ھېچنىمە ئۆگەنمىگەن بالىلارغا نىسبەتەن قانداق ئىشلارغا قانداق پوزىتسىيە بىلەن قاراشنى ئۆگىتىدۇ .
بەشىنجىدىن: ئالىي مەكتەپ بالىلارغا ئۆزىنى يېڭىلاشنى ئۆگىتىدۇ .
ئۆزىنىڭ گۈزەل ئارزۇسىغا يەتكەن بالىلار بىر مەزگىللىك داۋالغۇش بىلەن بارا بارا ئۆزىنىڭ قانداق ئۇسۇلدا ئۆگەنسە ياخشى ئۈنۈم قازىنالايدىغانلىقىنى ئۆگىنىدۇ .نامرات بالىغا پۇلنى تېجەشنىلا ئەمەس ، قانداق قىلغاندا قولىدىكى ئىقتىسادىتىن پايدىلىنىپ پۇلنى كۆپرەك تېپىشنى ئۆگىتدۇ .
پۇل تېپىشنىڭ ئۈنۈملۈك يوللىرىنى ئۆگىتىدۇ، ماددىي دەسمىي بىلەنلا سودا قىلدىغان ئەنئەنىۋى ئۇسۇلنى ئەمەس، روھىي ئېنىرگىيەنى بازارغا سېلىپ ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىشنى ئۆگىتىدۇ .بۇ ئەلۋەتتە كۆپ تەرەپلىمە ئىزدىنىش ، تىرشچانلىق، ئۈنۈملۈك بولغان ۋاقىت باشقۇرۇش ئۇسۇللىرىدىن ئايرىلالمايدۇ ئەلۋەتتە .
ئالىي مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن كەسپنى ياخشى ئويلىنىپ تاللاڭ، تاللىغان ئىكەنسىز ، چوقۇم بەدەل تۆلەشتىن قورقماي ئاخىرىغىچە ئېلىپ چقىش بۇ ئەڭ مۇھىم تەلەپ .يولنى تاللىغان ئىكەن چوقۇم مېڭىش كېرەك ، گەرچە ئاستا بولسىمۇ مېڭىش توختاپ قالغاندىن ياخشى ، ئوت ئۆچۈپ قالمىسىلا چەينەكتىكى سۇ ھامان قاينايدۇ ، مۇھىم بولغىنى داۋاملاشتۇرۇش. ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرۇش .تامچە سۇنىڭ تاشنى تېشىشى ئۇنىڭ كۈچىدىن ئەمەس ، بەلىكى ئىزچىللىقىدىن كەلگەن .
قىيىنچىلىقتىن قورقۇش ئاقىلانىلىك ئەمەس، قىيىنچىلق قورقۇنچاق ئادەملەر ئۈچۈن قىيا بولسا، ئىرادىلىك ئادەم ئۈچۈن چېنىقىش مەشىق مەيدانى .
ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى لاھىيىلىگۈچى بولۇش سۈپىتى ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇش مۇكەممەللىشىتۈرۈشكە ئىنتىلىپ بېقىشى زۆرۈر، ھەر كىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىسى .
|