- تىزىملاتقان
- 2016-2-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1298
- نادىر
- 1
- يازما
- 79
ئۆسۈش
29.8%
|
ئاپتور«مەن»مۇ؟
بۇمەريەم
ئەدەبىي ئەسەر يېزىقچىلىقىغا نىسبەتەن يازغۇچىنىڭ ئەسەردىن چېكىنىشى ئەقەللىي ساۋات. يازغۇچى ئەسەردىن چېكىنمىگەن ئەسەر مەيلى قانداق زىننەتلىنىپ،بېزەلمىسۇن يەنىلا مۇۋەپپىقىيەتسىز بىر ئەسەردۇر. ئۆز ئەسىرىدىن چېكىنمىگەن يازغۇچىنىڭ بىر ئۆمۈر ئۆزىنىڭ ھەيكىلىنىلا ياساپ چىققان ھەيكەلتەراشتىن قىلچە پەرقى يوق.
ئۇيغۇرلاردا كىم بىرەر نەرسە يېزىپ يازغىنىنى بىرىنجى شەخس تىلىدا بايان قىلسا ئوقۇغانلارنىڭ كۆپى «مەن» نى ئاپتورنىڭ ئۆزى شۇ دەۋېلىپ، بىخۇتلىشىپ قالىدۇ. نەتىجىدە پېرسوناژلارنىڭ سۆزىنى ئاپتورغا يۈكلىۋېلىپ ئۇنى بىرەر ئېقىمنىڭ ياكى بولمىسا ئىددىيەنىڭ تەرغىباتچىسى ئىكەن، دېگەن پىكىردە ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىدۇ. پېرسوناژسەت گەپ قىلسا «پالانى يازغۇچىنىڭ ئېغىزى خالادىنمۇ مەينەت» دەپ تۇرۇۋالىدىغانلارمۇ نۇرغۇن. ھەتتا ئۆزى يازغان ئەسەرنىڭ ئىچىگە كىرىۋېلىپ، « ياندىن بايان» قىلدىم دەپ،ئۆز ئەسىرىدىكى ئىجابىي دەپ ئاتىۋالغان پېرسوناژلىرىنى ماختاپ ئاسمانغا چىقىرىپ، سەلبىي دەپ ئاتىۋالغانلىرىنى بولسا ئەسكى چاپاننى سۆككەندەك سۆكۈپ، تىللاپ چۈشۈپ كېتىدىغان يازغۇچىلارمۇ ساماندەك.
ئەمەلىي تۇرمۇشقا قارايدىغان بولساق، ھەممىلا كىشى تېلېۋوزوردىكى رىياسەتچىدەك سۆزلىمەيدۇ. پېرسوناژلارنىڭ تىلى ئۇلارنىڭ خاراكتېرىنى يوروتۇپ بېرىدىغان بىرۋاستە. بىر يازغۇچى بىر ھاراقكەشنى قانداقمۇ ئېغىزىدىن نەۋايىنىڭ شېئىرى تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان بىر ئىنساندەك سۈپەتلىسۇن؟ ئەمما كۆپىنچە ئادەملەر نۇرغۇن چاغلاردا بۇنى ئۇنتۇيدۇ.
نۇرغۇن يازغۇچىلار ئوقۇرمەنلەرنىڭ «<مەن> نى ئاپتوردەۋېلىشى»غا كۆنۈپ، ماسلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئايال يازغۇچىلارنىڭ ئىچىدە بىرىنجى شەخستىلىدا ،باش پېرسوناژى ئەر بولغان ئەسەرلەرنى يازىدىغان، ئەرلەرنىڭ ئىچىدە بىرىنجى شەخىس تىلىدا، باش پېرسوناژ ئايال بولغان ئەسەرلەرنى يازىدىغان يازغۇچىلار ئاز چىقىدۇ.دۇنيا ئەدەبىياتىغا قارايدىغان بولساق «ناتونۇش ئايالدىن كەلگەن خەت» نىڭ ئاپتورى سىتىفىنزۋېيك بىر ئەر كىشى ۋە بۇ ئەر ئەسىرىدە بىر ئايالنىڭ ئىچكى ھېسسىياتىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك يارىتالىغان. بىر ئارتىسنىڭ كومېدىيە ۋە تراگېدىيەلەردە ياخشى- يامان پېرسوناژلارنىڭ رولىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئالالىغاندىلا ئاندىن مۇۋەپپىقىيەتلىك ئارتىس بولالىغىنىغائوخشاش، بىر يازغۇچىمۇ ئۆزىگە ئوخشىمايدىغان ئىنسانلاردىن تىپ يارىتالىغاندا ئاندىن مۇۋەپپىقىيەتلىك يازغۇچى ھېساپلىنىدۇ. چۈنكى ئەدەبىي ئەسەر يېزىش بىئوگرافىيە يېزىشئەمەس، بەلكى تىپ يارىتىشتۇر.
ھېلىمۇ غۇۋا ئېسىمدە باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تۆتىنجى يىللىقىدىكى ئەدەبىيات دەرىسىدىغۇ دەيمەن، ئوقۇتقۇچىمىز بىزدىن « بۇ شېئىردىكى < يامغۇردا ھوزۇرلانغان ئادەم> كىمۇ» دېدىمۇ ئىشقىلىپ شۇنىڭغا يېقىن بىر سوئالنى سوراپ، كىم توغرا دېيەلىسە100 نومۇر قويىدىغانلىقىنى ئېيتىۋېدى، ھەممەيلەن تۇشمۇ- تۇشتىن جاۋاپ بېرىشتى. ئەمماھېچكىم توغرا دېيەلمىدى. ئەڭ ئاخىرىدا بىر قىز «ئاپتور» دەۋېدى، ئوقۇتقۇچى ئۇنىڭغاۋالاققىدە 100 قويۇۋەتتى. شۇنىڭدىن باشلاپ خېلى چاغقىچە مەنمۇ «ئاپتور» بىلەن «مەن»نى بىر ئادەم دەپ ئويلاپ كەلدىم. سەككىز يىل بۇرۇن توردا بىر پوۋېستىمنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن تونۇشلارنىڭ، دوستلارنىڭ ھەممىسى تۇشمۇ- تۇشتىن ھېكايىنىڭ ئىچىدىكى ئادەملەرنى«پالانى شۇمۇ، پوكۇنى شۇمۇ» دەپ، مەندىن سوراشقا باشلىدى. ھەتتا «مەن» نى مەن دەپ ئويلىۋېلىپ،« سىز ئۇ تەتىلدە پويېزدا مەن بىلەن بىللە قايتقان تۇرسىڭىز، ئالپ قەيەردىن چىقتى»دەپ سورىغانلارمۇ بولدى. مەنمۇ ئوقۇرمەن بىلەن تەڭ بىخۇتلىشىپ ھەممەيلەنگە چۈشەندۈرۈش بېرىپ يۈردۈم.
ئۇيغۇرلار بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرىدىغان خېلى پېشقەدەم يازغۇچىلارمۇئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ خىل قىلىقىغا ئۇ قەدەر كۆنۈپ كەتكەنكى، ئەگەر بۇ ئەسەر ئەمەلىيەتكەئۇيغۇن ئەمەسكەن ياكى بولمىسا بۇ باشقىلارنىڭ ئەسىرىدىن ئۆزلەشتۈرۈۋالغان بىر ئەسەركەن دېگەن گەپ چىققان ھامان، يازغۇچى دەرھاللا ئۆزىنى قوغداشقا ئۆتۈپ، «ئەسەردىكى <مەن> مەن شۇتىم» دەپ تۇرۇۋالىدىغان ئىشلار مەۋجۇت.
توققۇز- ئون يىل بۇرۇنغۇ دەيمەن، جالالىدىن بەھرام ئەپەندى بىر ئىش بىلەن بېيجىڭغا بېرىپتۇ. ئوقۇتقۇچىمىز ئۇنى بىزگە لېكسىيە سۆزلەپ بېرىدىغانغا چاقىردى. لېكسىيە ئاخىرىدا مەن ئۇنىڭدىن مۇنداق بىر سوئال سورىدىم. «مەن بىر ژۇرنالدابىر ئايالنىڭ سىلىنىڭ <مېھىرگىياھ> ئاتلىق رومانلىرىنى ئۆزبېكىستانلىق يازغۇچىنىڭ<ئوقۇتقۇچى> ئاتلىق رومانىدىن كۆچۈرگەنلىرىگە ئائىت ماقالىسىنى ئوقۇدۇم. سىلى بۇنىڭغا بىر چۈشەنچە بەرگەن بولسىلا».
ئۇ سوئالىمنى ئاڭلاپلا كۈلگىنىچە جاۋاپلاشقا باشلىدى. جاۋابىدا،ئۆزىنىڭ خوتەندە ئوقۇتقۇچى بولۇپ باققانلىقىنى، قاراڭغۇ تاغقا ھەقىقەتەن چىققانلىقىنى، «ئوقۇتقۇچى» دېگەن ئەسەردىن كۆچۈرمىگەنلىكىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ، تاس قالدى «مېھرىگىياھ»تىكى «مەن» مەن شۇتىم دېگىلى. ئۇ ھەتتا بىزنى ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن بىردەم خوتەن شىۋىسىدە سۆزلىدى. مەن « مېھرىگىياھ» بىلەن «ئوقۇتقۇچى» ھەر ئىككى روماننى ئوقۇغان بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنداق ئېيتالايمەنكى، ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككىسى ئىككى رومان بولۇپ، جالالىدىن بەھرام ئەپەندىنىڭ ئەنسىرەپ، ھودۇقۇپ كېتىشىنىڭمۇ ھاجىتى يوق ئىدى.
ئەمەلىيەتتە، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى يازغۇچىنىڭ ئوقۇرمەننى ئەمەس، ئوقۇرمەننىڭ يازغۇچىنى گىپنوزلىۋېتىشىدىن كېلىپ چىققان. بىر يازغۇچى ئۆزى يازغان ئەسەردىن پۈتۈنلەي چېكىنگەندە، ئوقۇرمەننىڭ گىپنوزلىرىدىن پۈتۈنلەي قۇتۇلغاندىلا ئاندىن ھەم ئۆزىگە ھەم خەققە يارىغۇدەك ئەسەرنى يازالايدۇ. «مەن» نى ئاپتور دەپ ئويلىۋېلىش بولسا ھەم ئەسەرنى ھەم ئۇ ئەسەر ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەدەبىياتنى يىقىتىدۇ.
|
|