قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 291|ئىنكاس: 0

ئاتا – ئانىلىق ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

1

دوست

499

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   99.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  47940
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 160
توردىكى ۋاقتى: 42
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-13 17:15:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

   ئاتا – ئانىلىق پەقەت پەرزەنتلىك  بولۇپ قويسىلا بولىدىغان ئىش ئەمەس بەلكى بىربۇرۇچتۇر. ئاتا – ئانا بولماق، پەرزەنت ھەققىدە مەسئۇلىيەتنى ئۇستىگە ئالماق دىمەكتۇر.
   ھايۋانلارمۇ باللىرىنى تۇغىدۇ ، تويغۇزىدۇ ۋە چوڭقىلىدۇ. مۈشۈكلەر ئاسلانلىرىنى پاكىزلەشتە، ئىنسانلاردەك زاكا قوللانمايدۇ بەلكى يالاپ پاكىزلەيدۇ. شىرلار باللىرىغا  "ئوۋئوۋلاشنى"، جەرەنلەر " ئوۋغا چۇشمەسلىك" ني ئۈگتىدۇ. قۇشلار بولسائۇچۇشنى، توشقانلار بولسا تىز يۇگرەشنى ئۈگتىدۇ.ھەتتا بەزي ھايۋانلارنىڭ باللىرى ئۇچۇن قىلغانلىرىنى، ھىچ بىر ئىنسان پەرزەنتلىرىگە قىلالمايدۇ.
    بالىسىنى ھايات قالسۇن دەپ ئۆزىنى ئۇنىڭغا يىگۇزىدىغان ئۆمۈچۇك تۈرلىرىدەھەم باردۇر. باللىرىنى ۋە ئۇۋىسىنى قوغداش ئۇچۇن، ئۆزىنىڭ ھاياتى بولغان"نەشتىرى"نى دۈشمەنگە پاتۇرۇپ، ئۆزھاياتىنى پىدا قىلىدىغان ھەرىلەرگە نېمە دەيسىز؟ ھايۋاناتلار دۇنياسىدا بۇ قەدەركىشىنى تاڭ قالدۇرىدىغان پىداكارلىقلارنىڭ بولىشىغا قارىماي ، دۇنيا تارىخىغائۆتمۇش بولالايدىغان ، دۇنيا تارىخىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان بىرمۇ ھايۋان ھېكايىسى يوقتۇر.
   بالا تۇغماق ، تويغۇزماق ، چوڭ قىلماق بولسا ھاياتلىقنىڭ ئەقەللي  قائىدىلىرىدۇر. ئەمما ئىساننى باشقا جانلىقلاردىن پەرىقلەندۇرىدىغان ئەڭ ئاساس ، تۈپ ئالاھىدىلىك بولساتەربىيەدۇر . ئەگەر پەرزەنت تەربىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك چوڭ بىر مەھكىمە قۇرۇلسا ۋە "گۇناھكارلار ئورنىدىن تۇرسۇن "دىيىلسە، ئاتا – ئانىلار ئۇياق- بۇياققا قارىماستىن ئورنىدىن تۇرىشى كىرەكتۇر. ئاتا-ئانىلاردا  "ئالدى بىلەن بىز گۇناھكارمىز" دىگەن ئاڭ، ئۇلارنى  پەرزەنتلىرىگە سەل قاراشتىن، ئۇلار ئۇستىدە غەپلەتتە قىلىشتىن قۇتۇلدۇراتتى. بۇ خىل ئاڭ پەرزەنتلىرىدە بىرەر مەسلە چىققاندابۇ مەسلەلەرنىڭ مەنبەسى بىز دىگەن ئويغا كەلتۇرۇدۇ. بۇ خىل مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىدا بولغان ئاتا –ئانىلار،   پەرزەنتلىرى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت قۇرۇپ،ئۇلارنى ياخشي تەربيلەيدۇ.
ئاياللار، ئانىلار  پەرزەنتلىرىنىڭ كىيىملىرىنى پاكىزلاشقاكۇچىگەندىن بەكرەك ئۇلارنىڭ قەلىپلىرىنى پاكازلاشقا، پەرزەنتلەرنىڭ قورسىقىنى توقلاشتىن بەكرەك ئۇلارنىڭ ئەقلىنى تويغۇزۇشقا كۈچ چىقىرىشى كىرەكتۇر،   ئەكىسچە بولغاندا پەرزەنتلەر بىر جانۋار بولۇپ يىتىشىپ چىقىدۇ. ھەر بىر قىز ۋە ئوغۇل پەرزەنت باشقا باشقا ئاياللارنىڭ ئەسىرىدۇر، ئايال – ئانىدۇر . قىز ۋە ئەركەكلەرنى ( پەرزەنتلەرنى ) ئىنساندەك تەربىيەلەپ چىقىش  ئاياللارنىڭ ۋەزىپىسىدۇر. شۇڭلاشقا ئاياللارنى تىخىمۇ بەكرەك ئوقۇتۇش ، ئۇلارنى ئۇقۇمۇشلۇق قىلىش ، ياشاۋاتقان دۇنياسىدىن خەۋەردار قىلىش كىرەكتۇر . ئەگەر ئاياللار ۋەئانىلار مەسئۇلىيەتلىرىنى تونۇمىسا ئۇ ھالدا پەرزەنتلەر ئىنساندەك تەربىيەلىنىپ چىقمايدۇ .بۇ شۇ ئائىلىگە مۇنداقچە قىلىپ ئىيتقاندا شۇ  جەمئىيەتكە بالائىلىپ كىلىدىغان بالا بولۇپ يىتىشىپ چىقىدۇ .
   ھازىرقى بۇ خىل بۇزۇق جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ئىچىدە، ئىمانلىق شەخىسلەرنى يىتىشتۇرۇش ئۇچۇن كۆرسىتىلگەن تىرىشچانلىقلار مەڭگۈئۇنتۇلمايدۇ . بىلىش كىرەككى پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ۋە بىزلەرنىڭ ھەقىقى ئۆزىنى ۋەرەببىنى تونىغان ھالدا يىتىشىپ چىقىشى، پەرزەنتلەرىمىزنىڭ ئۈنۋىرسىتقا كىرشىدىنبەك موھىمدۇر.
كۆپلىگەن ئاتا – ئانىلارپەرزەنتلىرىنى تەربىيلەشتە ھەقىقەتەن ئەڭ ياخشى تەربىيلەشنى ئارزۇ قىلشىدۇ .پەرزەنتلىرىگە سەل قاراش، ئۇلارنى ئازاپلاندۇرۇش دىگەندەك ئىشلارنى قىلمايدۇ.ھالبۇكى يەنە نۇرغۇن ئاتا – ئانىلار ئۇچۇن ئاتا– ئانىلىق بولسا ئۇلارنىڭئىشلىرىنىڭ ئىچىدىكى ئىككىنچى  ئىشتۇر.ئۇلار پەرزەنتلىرىدە نۇرغۇن مەسلىلەر ئوتتۇرىغا چىققاندىن كىيىن ئاندىنپەرزەنتلىرىگە كۆڭۇل بۆلۇشكە باشلايدۇ . بۇنلارنىڭ ئىچىدىكى كۆپچىلىگى دۇنيالىق نىشانلىرى، قىىرىغاندىكى ئالىدىغان پىنسىيە مۇئاشى ،  ماشىنىلىرىنى قاچان ئالماشتۇردىغانلىقلىرى ھەققىدىكى پىلانلارىنى بىرىنچى ئورۇندا سانايدۇ، ئەمما پەرزەنتلىرىنىڭ سالامەتلىكى، ئۇلارنىڭ خۇشال يىتىشىپ چىقىشى ئۇچۇن نىملەرنى قىلغانلىقلىرىنى،پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلەش ئۇچۇن نىمە قىلغانلىقلىرىنى ھىچ سۆزلىمەيدۇ ۋەئويلىمايدۇ.
   مۇنداقچەقىلىپ ئىيتقاندا،ماددى جەھەتتە  ئۇلاركۇنلىرىنى باللىرى بىلەن ئۆتكۈزسىمۇ لىكىن روھى جەھەتتە باللىرى بىلەن بولغان ئارلىقى ئىنتايىن يىراق، باللىرى بىلەن ھىچ بىر ئىشلاردا ئورتاق  ھوززۇرلانمايدۇ. پەرزەنتلىرىگە پەقەت بۇيرۇق قىلىش ياكى قۇرۇق نەسىھەتت قىلىشتىن   باشقا چاغلاردا ئۇلار بىلەن  پاراڭلاشمايدۇ،  پەرزەنتلىرىگە ئۆرنەك بولغۇدەك   ھىچ ئىش قىلمايدۇ، بۇ خىل    ئاتا – ئانا مانا مۇشۇنداق ئىشلاردىلا ئاتا –  ئانىدۇر. ھالبۇكى، پەرزەنتلەر ئاتا –ئانىلىرى بىلەن بىللە ياشاپ ئۇلاردىن ئۆلگە ئىلىپ دۇنيانى چۇشۇنۇشكە ئىھتىياجى باردۇر . بۇ سەۋەپلىك ھەر بىر ئاتا –ئانا بولغۇچى پەرزەنتلىرىڭىز بىلەن پاراڭلىشىڭ ، پىكىر ئالماشتۇرۇڭ، ئائىلدىكى ئىشلارنى ئۇلار بىلەن بىرلىكتەبىرلىكتە قىلىڭ . ئائىلدە  چىققان مەسىللەرنى پەرزەنتلىرىڭىز بىلەن بىللە ھەل قىلىشقا تىرشىڭ  ئۇلارنىڭمۇ پىكرىنى قاتناشتۇرشىغا رىغبەتلەندۇرۇڭ.پەرزەنتلىرىڭىز بىلەن جىسمىڭىزلا ئەمەس بەلكى تۇيغۇلۇرىڭىزمۇ بىللەبولسۇن.

uyghuray
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )