- تىزىملاتقان
- 2011-10-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-2-8
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 10115
- نادىر
- 0
- يازما
- 475
ئۆسۈش
0.29%
|
پىكىر بەرگىنىڭئىزگە كۇپ رەخمەت،بۇ مەسىلىلەرگە بىزنىڭ قارىشىمىز مۇنداق:{1}ئالدى بىلەن بۇ يەردىكى جىسىملار دىگەن ئاتالغۇنى چۇشۇنىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.چۇنكى ھەرىكەت قىلغۇچى ئاساسى ئوبىكىت جىسىم،جىسىملار بىلەن بارلىق جىسىملار بىر ئۇقۇممۇ قانداق؟ئۇ بارلىق مەۋجۇدىيەتنى كۇرسۇتەمدۇ ياكى قىسمەن دائىردىكى مەۋجۇدىيەتنى كۇرسۇتەمدۇ؟ بۇ مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۇچۇن نيوتون ئالەملىك تارتىشىش كۇچى قانۇنى بىلەن ئۇزىنىڭ نامىدىكى {ئۇزىمۇ مەڭگۇ چۇشۇنەلماي ئۇتكەن،شۇنىڭدىن كېيىنكى 300يىلدىن كۇپەرەك ۋاقىتتىن بۇيان بىرەر فىزىكا ئالىمىمۇ تۇلۇغى بىلەن چۇشەنمىگەن}ئۇچ قانۇننى 1684-يىلى ئېلان قىلغان،بۇ مەزمون {ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇق ئالىملار--79-بەت-ئاپتورى ئەنگىلىيەنىڭ داڭلىق پەننى ئوموملاشتۇرۇش مۇتەخەسىسى ۋە مائارىپ مۇتەخەسىسى يۇخان -فانتون-خېيلوڭجىئاڭ پەن تېخنىكا نەشىرياتى2008-يىلى 5-ئايدا نەشىر قىلغان}،شۇ چاغدا ئىنسانلار شۇ دەۋىردە بىلىپ يەتكەن قۇياش سىستىمىسىنى غايەت زور مىخانىك سائەتكە ئوخشاتقان بولۇپ،بۇ ئوخشىتىشنىڭ ئىزناسى مۇشۇ كىتاپنىڭ 74-بېتىدە يەنە بار، نيوتون شۇ چاغدا بۇ سائەتنى ھەركەتلەندۇرگەن كۇچنى تاپالماي ئاخىرى {بىرىنچى تۇرتكە --يەنى تەڭرى}نى چاقىرغان،تەڭرى بۇ سائەتنى ھەركەتلەندۇرۇپ بولغاندىن كېيىن نيوتون تەڭرىنى يەنە ئۇزىتىپ قويغان،قالغاندىكى مەزمونلارنى بولسا ئۇنىڭ 3 قانۇنى چۇشەندۇرگەن ياكى تولۇقلىغان،{http://wuxizazhi.cnki.net/Article/KXST199602011.html--شۇ چاغدىكى 1-قول ماتىريال مۇشۇ تور بىكەتتىن تېپىلىدۇ}.شۇنىڭ بىلەن سىز بايا ئوتتۇرغا قويغان 1-2 قانۇنلار ۋە ئۇلارنىڭ تەپسىلاتلىرى بارا-بارا دەرسلىكلەرنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.بىزنىڭ نيوتون ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى قارقانداق بىر فىزىكا ئالىمى بۇ قانۇنلارنى تۇلۇق چۇشەنمىگەن دىيىشىمىزنىڭ سەۋەبىنى بىز ماركىسىزىمنىڭ ئاساسى پىرىنسىپلىرىنى نيوتون قانۇنلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىنىڭ ئالدى -كەينىدىكى مۇھىت بىلەن بىرلەشتۇرۇپ تەھلىل قىلغاندىن كېيىن ئاندىن ھىس قىلدۇق.مۇشۇ جەريانلاردا كۇپلىگەن كىشىلەر بىلەن كۇپ تالاش- تارتىشلارمۇ بولدى،مەسىلەن {ئاسىيا كىندىگى }گېزىتىدىن مەڭنىك مۇللائەمەت،پىچان ناھىيەسىنىڭ مائارىپ سېپىدىن پېنسىيەگە چىققان پىشقەدەم مائارىپچى ئابلىتىپ ئاكا ،،،قاتارلىقلار،ئۇلارنىڭ چۇشەندۇرۇشىچە-- شۇ دەۋرلەردە نيوتوننىڭ ئالەمنى چۇشەندۇرۇشى شۇ دەۋىرگە نىسپەتەن توغرا،چۇنكى ئىلىم پەن بۇگۇنكىدەك تەرەقى قىلمىغان،شۇ چاغدا كىتاپ يېزىپ جىسىملارنىڭ ھەركىتىنى شۇنچىلىك چۇشەندۇرۇشنىڭ ئۇزى چوڭ ئىش..ۋاھاكازا، بىزنىڭ تالاش-يارتىش بۇ چاغدا ھەل بولمىغان .كېيىن بۇ ھەقتە كۇپ ئويلۇنۇپ ئۇلارنىڭمۇ بىزنىڭ بىر مەسىلىگە سەل قارىغانلىغىمىزنى ھىس قىلدىم.ئالدى بىلەن بىز ئۇيغۇر،ئىسلام دىنىنى چۇشۇنىمىز.نيوتون دەۋرىدە ئەنگىلىيەدە خىرىستىئان دىنى ھۇكۇمرانلىق ئورۇندا تۇراتتى.خىرىستىئان دىنىدا تەڭرى ھەممىنى بىلگۇچى،ھەممىگە قادىر ،ھەممىگە مېھرىبان ،تەڭرى ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر دىگەن ئاساسى ئاتالغۇلار بار،خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش ئىسلام دىنىدىمۇ تەڭرى شۇنداق تەرىپلىنىدۇ،بۇنى ئىنكار قىلىدىغان مۇسۇلمانمۇ يوق،ئىككى دىندىكى تەڭرى بۇ خىل ئورتاقلىققا ئىگە. خۇش -ماركىسىزىمدا {ھەركەتسىز ماددا ۋە ماددىسىز ھەركەت} مەۋجۇت ئەمەس،{ماددا بىرلەمچى ،ئاڭ ئىككىلەمچى} ،بۇ ماركىسىزىمنىڭ ئاساسى قائىيدىسى. خىرىستىئان دىنىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ تەھلىل قىلىپ كۇرسەك:نيوتوندىن بۇرۇن قۇياش سىستېمىسى [ئىنجىل}دىكى يىللار{ مىلادىدىن بۇرۇن4000-10-23 يەكشەنبى چۇشتىن بۇرۇن سائەت 10دا تەڭرى بۇ ئالەمنى ياراتقان }-بايىقى كىتاپ 89-بەت}بويىچە ھىساپلىغاندىمۇ قۇياش سىستىمىسى ۋە ئالەم ھەركەت قىلغىلىى 2320يىل بولغان بولىدۇ.نيوتوننىڭ بۇ چاغدا تەڭرىنى چاقىرىپ كېلەلىشى مۇمكىنمۇ؟نيوتون قانۇنلىرىنى توغرا دەپ قارىسىڭئىز تەڭرى نيوتونغا ياردەم قىلغان بولىدۇ.بىز ھازىرغىچە مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا تەپەككۇر قىلىپ كەلدۇق. بىزنىڭ قارىشىمىز تەڭرى نيوتونغا يەردەم قىلمايدۇ،چۇنكى بۇنىڭ زۇرۇريىتى يوق.چۇنكى ئالەم ھەركەت قىلىۋاتقىلى 2320يىلدىن كۇپەرەك ۋاقىت بولغان .بۇنىڭدىن تەڭرىنىڭ خەۋىرى بار.ئەپسۇسكى كېمبىرىجدىكى خىرىستىئان دىنى فرافېسسورلىرى 300يىلدىن بۇيان نيوتوننىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلىغا ئىلمى مۇئامىلە قىلالمىغان.ئۇلار چوقۇم يا نيوتوننىڭ لوگىكىسىنى تاللىشى،ياكى تەڭرىنى تاللىشى كېرەك.ھازىرقى ئەھۋالغان قارىغاندا ئۇلار بۇنىڭ ھەر ئىككىسىنىلا تاللىغان.بۇنىڭ نىمە سەۋەپتىن شۇنداق بولغانلىغىنى سۇراپ 4يىلدىن كۇپەرەك ۋاقىتتىن بۇيان كېمبىرىجدىكى،ئوكىسفورتتىكى ۋە ئەنگىلىيە پادىشاھلىق ئىلمى جەمىيىتىدىكى ئالىملارغا كۇپ ماقالىلەر ئەۋەتتۇق.3 پارچە ماقالىنى خەنزۇ تىلىدىن ئېنگىلس تىلىغا تەرجىمە قىلدۇرۇش ئۇچۇنلا ،نۇرغۇن پۇل كەتتى، ئۇلار يەنىلا سۇكۇتتە تۇرۇش ئۇسۇلىنى تاللىدى،بۇ خۇددى جۇ گېلىئاڭ بىلەن سىمايىنىڭ ئۇرۇشىغا ئوخشايدۇ،سىزنىڭچە جۇگېلىئاڭنىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىكى سەۋەپ نىمە ؟.بىر مىسال دەيلى ،{غەرپكە ساياھەت}دە تاڭسېڭ يول بويى مەي -شاراپ ئىچىپ ،ئۇچۇرىغانلىكى گۇزەللەر بىلەن شىمىنچېڭنىڭ قىلىقلىرىنى قىلىپ ماڭغان بولسا ،ئۇنى بوددا دىنىغا ئىشەنمەيدىكەن جۇمۇ دەيتتۇق.خىرىستىئان دىنىنىڭ مۇشۇ خىل لوگىكىسىدىن پايدىلانساق ،نيوتون قانۇنلىرىنىڭ ئىلمى ئاساسى قۇرۇق گەپ{2}.ماركىسىزىمنىڭ {ماددا ئاۋال ،ئاڭ كېيىن}پىرىنسىپى بويىچە قارىساق ، سىز بايا دىگەندەك ھەركەت مۇتلەق ،جىمجىتلىق نىسپى بولىدۇ،ماركىسىزىمدا تەڭرى مەۋجۇت ئەمەس. يەنى تەڭرى ئەزەلدىن مەۋجۇت ئەمەس دەپ قارايدۇ.ئۇنىڭدا نيوتون قايسى تەڭرىنى چاقىرىدۇ، مەسىلەن دەيلى :بىز سۇنۋۇكوڭنى ياخشى كۇرىمىز.بىرەر قىيىنچىلىققا ئۇچۇرىغاندا بىرەر ئادەم سۇنۋۇكوڭنى چاقىرسا كۇلۇپ كېتىمىز ،چۇنكى بۇ بىر ئەدىبى ئوبراز ،دۇنيانىڭ ھەرقەنداق يېرىدە سۇنۋۇكوڭ مەۋجۇت ئەمەس. خۇددى شۇنىڭدەك ماركىسىزىمدا تەڭرى مەۋجۇت ئەمەس.شۇنىڭ ئۇچۇن نيوتوننىڭ غايەت زور مىخانىك سائىتىگە بىرىنچى كۇچ ياردەم قىلالمايدۇ.--داۋامى بار؟ |
|