- تىزىملاتقان
- 2011-10-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-2-8
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 10115
- نادىر
- 0
- يازما
- 475
ئۆسۈش
0.29%
|
1.نيوتوننىڭ تەڭرىنى چاقىرىشى دېگەن نېمە گەپ ؟
2.ماۋزۇدا تىلغا ئېلىنغىنىدەك ،نيوتوننىڭ لوگىكىلىق خاتالىقى زادى نېمىكەن ؟ بارخان ئەپەندى--- نيۇتوننىڭ نىمە ئۈچۈن تەڭرىنى چاقىرغانلىغىدىكى ئەسلىدىكى ماتىرىيالنى كۇرۇپ باقايلى.بۇ ماتىرىيال {ئۇچار تەخسە تەتقىقاتى}ژورنىلىنىڭ 2002يىلى 6-ئايدىكى سانىدىن كەلگەن بولۇپ .ماقالىنىڭ تىمىسى {‹چۈشۈنۈش تەس بولغان ھالقا›-ئەسلى ماتىرىيالنىڭ خەنزۇچىسىنى بەيدۇ توردىن تاپقىلى بولىدۇ ،بۇنىڭدا مۇنداق بىر بۆلەك بار.{كىلاسسىك فىزىكىنىڭ ئاساسىنى سالغۇچى نيۇتون بۇلۇپ ،ئۇنىڭ دۇنياقارىشى مېخانىك ئىدى.ئۇ ئەينى چاغدا پۇتۇن ئالەمنى غايەت زور مېخانىك سائەتكە ئوخشاتقان بولۇپ ،بۇ سائەتنىڭ ھەممە يەرلىرى ناھايىتى ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ،بۇ سائەت تەڭرىنىڭ رولىنى يوققا چىقارغان بولۇپ ،نيۇتوننىڭ نەزىرىيەسى شۇ چاغدا ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن ئىلاھشۇناسلىق ئىلىمىگە ناھايىتى زۆرۈر زەربە بولغان،يەنى روخ مەۋجۇت ئەمەس ،ماددىلا مەۋجۇت دەپ قارىغان .لېكىن ئۇ بۇ سائەتنىڭ تېخى ھەركەت قىلمىغانلىغىنى،بۇنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ئۈچۈن بىرىنچى تەسىر كۈچنىڭ كەم ئىكەنلىگىنى سەزگەن.شۇنىڭ بىلەن ئامالسىز، تۇنجن تۇرتكە كۈچ{تەڭرى}نى چاقىرىپ كەلگەن،بىراق تەڭرى بۇ سائەتنى بۇ سائەتنى ھەركەتلەندۇرۇپ بولغاندىن كېيىن نيۇتون تەڭرىنى ئۇزۇتۇپ قويۇپ ، دۇنيانىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشتۇرمىغان.بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلارنى بولسا نيۇتون ھەركەت قانۇنلىرى چۇشەندۇرگەن،.....،}.نيوتون قانۇنلىرى بىلەن بۇ سائەتنىڭ ھەركەت قىلىشىدىكى ئاساسى ئامىل دەل سىرتقى كۇچ،لېكىن بىزنىڭ ئاساسلىق تەتقىق قىلغىنىمىز ماركىسىزىم ئىدى،يەنى 19-ئەسىرنىڭ 40يىللىرى ئېنگىلس ئالىم -پەننىڭ ئەينى چاغدىكى سەۋىيەسىگە ئاساسەن بارلىق ھەركەتلەرنى مىخانىك ،فىزىكىلىق،خىمىيەلىك ،بىولوگىيەلىك ۋە ئىجتىمايى ھەركەتلەردۇر. نيوتون بۇندىن تەخمىنەن 150يىللار بارلىق ھەرىكەتنى ۋە ماددىنى بىرلا خىل ماددا ۋە ھەرىكەت شەكلىگە يىغىنچاقلىغان.ماركىسىزىم بولسا بارلىق ھەرىكەت ۋە ئۇزگۇرۇشنىڭ سەۋەبى ئىچكى ئامىلنىڭ ئاساسلىق ،سىرتقى ئامىلنىڭ قوشۇمچە رول ئوينۇشى نەتىجىسىدە بولىدۇ دىگەن.بىز ماركىسىزىمنى ئالمى دۇنياقاراش،ئىلمى مىتودولوگىيە دەيمىز،ماركىسىزىم نيوتوننىڭ نەزىريەسىنى ئىنكار قىلىدۇ.لېكىن ئۇ يەنىلا مەۋجۇت.كېيىنكى گەپلەردە ماركىسىزىم بىلەن فىزىكىدىكى ماددا ئۇقۇمى ئوخشىمايدۇ دىگەن سۇزلەر بار.1905-يىلى ئېينىشتىيىن{ تار دائىردىكى نىسپىلىك نەزىريەسى}نى ئېلان قىلغاندا ،ئادەمنى ماددا دىگەن.بۇنىڭدا ماركىسىزىم بىلان فىزىكىدىكى ئادەم ئۇقۇمى بىر خىل بولدى،نيوتوننىڭ بىرىنچى قانۇنىدا ئادەم سىرتقى كۇچنىڭ تەسىرىدە ھەرىكەت قىلىدۇ دىيىلىدۇ. ماركىسىزىمدا بولسا ئىچكى كۇچنىڭ ئاساسلىق،سىرتقى كۇچنىڭ قوشۇمچە رول ئوينۇشى نەتىجىسىدە ھەرىكەت قىلىدۇ دىيىلىدۇ.بۇلارنىڭ قايسىسى توغرا؟ نيوتون پۇتكۇل قۇياش سىستىمىسىنى سائەتكە ئوخشىتىشتىن بۇرۇن ئادەملەر ھەرىكەت قىلاتتى.قۇياش سىستىمىسىمۇ ھەرىكەت قىلاتتى.نيوتوننىڭ نەزىرىدە{ قۇياش سىستىمىسى دىمەك سەئەت دىمەك،سائەت دىمەك قۇياش سىستىمىسى دىمەك}،قۇياش سىستىمىسىنىڭ ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىغىنى ئارىستوتىل،دىكارت،،پتولومى ،كوپىرنىك،كېپلېر ۋە گالىلېي قاتارلىقلار شەرھىلەپ بولغان ھەم ئۇنىڭ قانۇنلىرىنى تاپقان تۇرسا،نيوتون نىمە ئۇچۇن ئېتىراپ قىلمىغاندۇ؟نيوتون يەنە نىمىلەرنى ئىتىراپ قىلمىغاندۇ؟يەنە ئىزدىنىپ ئۇنىڭ ئۇزىدىن باشقا ھىچكىمنى ئېتىراپ قىلمىغانلىغىنى ماركىسىزىمنىڭ {كونكىرىت شەيئىنى كونكىرىت تەھلىل قىلىش }ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ تاپتۇق.نيوتون ئۇمۇرىنىڭ ئاخىرىدا خىرىستىئان دىنىغا كىرگەن.ئۇنىڭ خىرىستىئان دىنى ھەققىدە يازغان كىتاپلىرى ئۇنىڭ ئىلىم -پەن ھەققىدە يازغان كىتاپلىرىدىن كۇپ.بۇنداق بولغان ئىكەن ياش ۋاختىدا تەڭرىنى ئاشۇ مىخانىك سائەتنى ھەرىكەتلەندۇرۇشكە چاقىرغانلىغىنى بىز زادىلا چۇشۇنەلمىدۇق.ئادەتتىكى ئادەملەر بىلگەن ئاددى ساۋاتلارنى تەڭرى قانداق بىلمەي قالغاندۇ -ھە؟بۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىشقۇ؟ئۇنداق بولسا تەڭرىنىڭ نيوتونغا ياردەم قىلىشى مۇمكىن ئەمەس.بۇ سائەتنى پەقەت نيوتونلا ھەرىكەتلەندۇرگەن بولىدۇ.لېكىن بۇ سائەت {ياكى قۇياش سىستىمىسى}ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىغى نىيوتوننىڭ كۇچىگىمۇ ئېھتىياجلىق ئەمەس ،{بۇ نيوتوننىڭ لوگىكىلىق خاتالىغىدۇر}.سائەتنىڭ ھەركىتى بىلەن نيوتوننىڭ بىرىنچى قانۇنى زىچ باغلانغان،يەنى بارلىق ماددا{ياكى جىسىم}نىڭ ھەركىتى ئۇچۇن سىرتقى كۇچ كېرەك بولىدۇ.كېيىن ئالىملار نيوتوننى خاتىرلەش ئۇچۇن كۇچنىڭ بىرلىگىنى نيوتون دەپ ئالغان.نيوتۇننىڭ تەڭرىنى چاقىرىشى ھىكايە -رومانلاردىكى ئويدۇرما.ئىلىم پەن ئەمەس.ئىسپاتلىغىلى بولمايدۇ.يەنە كېلىپ ماركىسىزىم تەڭرى ئۇقۇمىنى ئېتىراپ قىلمايدىغان تۇرسا،بۇ ئىككى نەزىريە زىت كېلىپ قالىدىكەن ،يەنە كېلىپ خىرىستىئان دىنى بىلەن ،ئىسلام،كاتولىك ،يەھۇدى دىنلىرى بىلەن زىت كېلىپ قالىدىكەن.كۇرۇپ تۇرۇپسىز،بىز نيوتوننىڭ تەڭرىنى چاقىرغانلىغى ھەققىدىكى ماتىريالنى بۇندىن 9يىل بۇرۇن كۇرگەن.كۇپ ئادەم ھەمكارلىشىپ ،كۇپ ئىزدىنىپ ئاندىن بايقىدۇق،ئاساسلىق ئۇسۇل ماركىسىزىملىق دىيالىكتىكا ئۇسۇلى بولدى. |
|