قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
ئىگىسى: yikmat

نيۇتوننىڭ  دىققەت قىلىنمىغان  لوگىكىلىق خاتالىغى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

69

تېما

36

دوست

8 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 9659
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2608
تۆھپە : 23057
توردىكى ۋاقتى: 8950
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-17 13:39:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاكىم غېنى ئەپەندىگە خەت

قالدۇرغان خىتىڭىزنى كۆردۈم ۋە باغداش تورىدا ئېلان قىلىنغان «كامبېرج ئۇنىۋېرېستېتى خىرىستىئان دىنى ئىنىستىتوتى دىققەت قىلمىغان نيۇتوننىڭ لوگىكىلىق خاتالىقى»دېگەن ماقالىڭىزلارنى ۋە ئاستىدىكى ئىنكاسلارنى بىر قۇر ئوقۇپ چىقتىم. كۆزقاراشلىرىم تۆۋەندىكىچە:

1.مىنىڭ بىلىشىمچە نىيوتۇن ھىچقاچان ئۆزىدىن بورۇن ئۆتكەنلەرنىڭ ئالەمنىڭ ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى بارلىق بايقاشلىرىنى ئىنكار قىلمىغان، بەلكى ئىجادى ۋارىسلىق قىلغان.

2.نىيوتۇن1684-يىلى تەڭرىنى چاقىرىپ كەلدى دېگەن گەپمۇ يوق، پەقەت نىيوتۇن ئىنېرتىسيە قانۇنىنى تۇرغۇزۈشتا ھەرىكەتنىڭ «تۇنجى تۇرتكىسى خۇدا»، خۇدا ئالەمنى يارىتىپ بولۇپ، بىرقىتىم ھەرىكەتكە كەلتۇرۇۋەتكەندىن كېيىن ئاندىن كېيىن زادىلا ئارلاشمىغان دېگەن سۆزنى قىلغان دېگەن گەپ بار.

بۇ يەردە نىيوتۇننىڭ فىزىكىلىق ئىدىيىلىرى بىلەن سەۋەب –نەتىجە كاتىگورىيىسىگە چىتىشلىق پەلسەپەۋى ئىدىيلىرىنى ئارىلاشتۇرۇۋىتىشكە بولمايدۇ. نىيوتۇن پەقەت ھەرىكەتنىڭ تۈنجى سەۋەبى خۇدا دەپ قارىغان، نىيوتۇننى تەشۋىق قىلىدىغان ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ كۆپتۇرمىچىلىكلىرىنى دەستەك قىلىپ نىيوتۇننى ئەيىبلەشكە بولمايدۇ. نىيوتۇننى ئەيىبلەيدىغان نوقسانلار بولسا، نىيوتۇن ئۆزىنىڭ بىۋاستە ئەسەرلىرىدىن ئىنىق مەنبەنى كۆرسۇتۇپ ئىلىش كېرەك. سەۋەب-نەتىجە كاتىگورىيىسى ھەرقانداق پەيىتتە ئورۇنلۇق دەپ قارايدىغانلار ھازىرقى كۈندىمۇ «تۇنجى ھەرىكەت» خۇدانىڭ ئىشى دىيىشكە مەجبۇر بولىدۇ.

3.ماركسىزىمنىىڭ نىيوتۇن تەلىماتى بىلەن زۆرۈرى باغلىنىشى ۋە ئالاقىسى يوق، نىيوتۇن ماركىستىن نەچچە يۈزيىل بۇرۇن تۇغۇلغان، نىيوتۇن بۇ ياقتا تۇرسۇن ماركىستىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن ئېيىنشتېيىن نىسىبلىك نەزەرىيىسى، كىۋانت مىخانىكىلىرىنىڭمۇ ماركىس ۋە ماركسىزىم بىلەن ئالاقىسى يوق. شۇڭا سىزلەر ماركسىزمنىڭ «ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش» تەشەببۇسى بويىچە، بۇ مەسىلىلەرنى زورمۇ-زۇر چىتىۋالمىساڭلارمۇ بولىدۇ. «ماركسىزىم»نى ۋاستە قىلىش ئارقىلىق تەبىئەت پەنلىرى مۇنبىرىدە مەلۇم پۇرسەتلەرگە ئىرىشىش مۇمكىن، لېكىن بۇ تازا ئاقىلانە چارە ئەمەس.

بۇ دېگەنلىك ھەرگىز ماركسىزىمنىڭ ئەھمىيىتى يوق دېگەنلىك ئەمەس، لېكىن ھەممىسىنىڭ ئۆز ئورنى بار. تەجىرىبىگە يۇكسەك ئەھمىيەت بىرىش تەبىئەت پەنلىرىنىڭ ئەڭ كەم دېگەندىمۇ ئارخىمىددىن باشلانغان ئەنئەنىسى. تەبىئەت پەنلىرى تارىخى بىلەن سىياسىي- ئىجدىمائىي ئىدىلوگىيە تارىخىنى قارا-قويۇق ئارىلاشتۇرۋالماسلىق كېرەك.

مېنىڭ تەكلىۋىم، سىزلەر ماركسىزىم، خۇدا، نىيوتۇن دىنى، دىنلارغا ئائىت مەزمۇنلارنى بۇ ماقالەڭلاردىن چىقىرىپ تاشلاپ، ھەربىر تەشەببۇسىڭلارغا زۆرۈرى دەلىللەرنى ئېنىق كۆرسۇتۇپ ئايرىم –ئايرىم تېما قىلىپ يىزىپ، پەلسەپە-ئىجدىمائىي پەن ژۇرناللىرىدا ئېلان قىلساڭلار بولغىدەك.

بۇ تېماڭلاردىكى نىيوتۇن قانۇنلىرى، كۈچ قاتارلىق مەزمۇنلارنى ساقلاپ قىلىپ، فىزىكىلىق ۋە لوگىكىلىق مەۋقەدىن چىقىپ ئۆز نوقتىنەزەرلىرىڭلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقساڭلار. چۇنكى بۇ مەزمۇنلار بۈگۈنكى دەۋىر فىزىكىسى نوقتىسىدىن ئېيتقاندا ئاكتىۋىئال نوقتىلارنىڭ بىرى، بۇ نوقتىدىكى مۇھاكىمىنى جانلاندۈرۈش ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىلىم-پەن قىزغىنلىقىنى قوزغاش ئۇچۇنمۇ بەلگىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

مېنىڭچە نىيوتۇننىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى قانۇنلىرى ئوتتۇرىسىدا لوگىكىلىق زىدىيەت يوق، بۇ نوقتا مۇھاكىمىنىڭ مەركىزى نوقتىسى قىلىنسا نىمىلا بولمىسۇن بىرەر نەتىجە كىلىپ چىقىشى مۇمكىن.

مەنمۇ بىر ئادەتتىكى ئىزدەنگۈچى، تەشەببۇس ۋە تەكلىپلىرىم ئورۇنسىز دەپ قارالسا، ئەھمىيەت بەرمىسەڭلارمۇبولىدۇ.

سىزلەرگە مۇۋەپپىقىيەت تىلەپ: قاسىم سىدىق

2011.11.17

http://www.kayinat.com/bbs/forum ... 0555&page=1
uyghuray

شەپەرەڭ ياخشى كۇ

2

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   0.29%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3901
يازما سانى: 475
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2413
تۆھپە : 1443
توردىكى ۋاقتى: 548
سائەت
ئاخىرقى: 2013-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-17 20:34:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
http://uyghuracademy.com/ ---ئۇيغۇر ئاكادىمىيىنىڭ تور بىكىتى.

شەپەرەڭ ياخشى كۇ

2

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   0.29%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3901
يازما سانى: 475
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2413
تۆھپە : 1443
توردىكى ۋاقتى: 548
سائەت
ئاخىرقى: 2013-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-17 20:39:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
http://uygurlaryahoogroups.com/---بۇ تور بىكەت بۇرۇن ئېچىلاتتى،مەن ئاچساممۇ ئېچىلمىدى،كېيىن سىناپ كۇرۇڭ،ياكى چەتئەلدە ئۇقۇۋاتقان ئۇيغۇن ئوقۇغىچىلارمۇ خىلى بار،شۇلار بىر سىناپ كۇرسۇن،بۇنى {校内网}دىن تاپقىلى بولىدۇ.

شەپەرەڭ ياخشى كۇ

2

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   0.29%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3901
يازما سانى: 475
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2413
تۆھپە : 1443
توردىكى ۋاقتى: 548
سائەت
ئاخىرقى: 2013-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-17 20:57:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
awg--ئەپەندىگە جاۋاپ ---مەن بەكمۇ چۇشۇنۇپ بولالمىدىم بىراق،بەك ياخشى يېزىپسىز،、ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى دىيىشكە لايىق ،داۋاملىق تىرىشىڭ --كۇپ رەخمەت، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى بولۇشقا تىرىشىپ كۇردۇق،بولالىساق ياخشى ئىش.بولالماي قالساقمۇ ھىچ ۋەقەسى يوق،مويىمى ئېلىشا-ئېلىشمايلا تەسلىم بولمايلى دىدۇق ,ماقالىنى چۇشۇنۇش ئانچە تەس ئەمەس. بۇنىڭدىكى ھالقىلىق مەسىلە  خىرىستىئانلارنىڭ قارىشىچە، : خىرىستىئان دىنىدىكى تەڭرى ھەممىنى بىلىدۇ،دەپ  ھىساپلايدۇ،لېكىن نيوتون تەڭرىنى ئادەتتىكى كىشىلەر بىلىدىغان كىچە بىلەن كۇندۇزنىڭ ئالمىشىۋاتقانلىغىنىمۇ بىلمەيدۇ دەپ قارايدىكەن.  شۇنداقتىمۇ تەڭرىنى نيوتوننىڭ غايەت زور سائىتىنى ھەركەتلەندۇرۇشكە چاقىرىدىكەن ،بۇنىڭغا قارپلا كېمبىرىج بىلەن ئوكىسفورت ئۇنىۋېرىستېتىدىكى  خىرىستىئان دىنى ئالىملىرىنىڭمۇ بۇنىڭغا شۇنچە يىللارغىچە سۇكۇت قىلىپ كەلگەنلىگىنى ھىس قىلدۇق،بەلكىم دىققەت قىلمىدى دىسەكمۇ بولار.يەنە كېلىپ ماركىسىزىمدا {ماددا بىرلەمچى ،ئاڭ ئىككىلەمچى}دىگەن ئاساسى پىرىنسىپى بار،نيوتوننىڭ ئېڭىمۇ ئىنسانلار ئاڭ كاتۇگىرىيەسىنىڭ بىر تەركىۋى قىسمى.ئۇنىڭ تەڭرىنى چاقىرىشى دەل  ماددا ھەرىكەت قىلمىدى دەپ قارىغانلىغىنىڭ بەلگۇسى.نيوتون بۇ دۇنيا  ھەرىكەت قىلمىدى دىسىلا ھەرىكەت  قىلمايدىغان ئىش بولمايدۇ -دە.
uyghuray

شەپەرەڭ ياخشى كۇ

2

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   0.29%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3901
يازما سانى: 475
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2413
تۆھپە : 1443
توردىكى ۋاقتى: 548
سائەت
ئاخىرقى: 2013-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-17 23:13:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
{难分难解的连环 } 。                                                          {理论物理学的第一个里程碑是牛顿,他的宇宙观是机械的,他认为宇宙是一架巨大的钟表,一切都是精确的确定,这个钟表完全排斥了精神[上帝]的作用。牛顿的理论,是对专横的神学的一个重大打击。牛顿之功固不可没,但他却发现他的这个宇宙大钟,缺少了一个第一推动,也就是说,谁来给这个大钟表开动发条呢?无可奈何,只好又请外力[上帝的力]出来救驾。不过在外力[上帝的力]把宇宙大钟开足了发条之后,牛顿就不让外力[上帝的力]再来插手宇宙的事了。以后的一切就全由牛顿发现的定律来支配了

شەپەرەڭ ياخشى كۇ

2

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   0.29%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3901
يازما سانى: 475
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2413
تۆھپە : 1443
توردىكى ۋاقتى: 548
سائەت
ئاخىرقى: 2013-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-18 00:06:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاسىم سىدىق مۇئاالىمگە جاۋاپ-بىرلا قىمدا بىرقانچە مەسىلىلەر ئۇتتۇرعا قۇيۇلۇپتۇ،بۇلارنىڭ رەت تەرتىۋىگە ئۇزىمىزنىڭ تەپەككۇرى بويىچە جاۋاپ بىرەيلى  2.نىيوتۇن1684-يىلى تەڭرىنى چاقىرىپ كەلدى دېگەن گەپمۇ يوق، پەقەت نىيوتۇن ئىنېرتىسيە قانۇنىنى تۇرغۇزۈشتا ھەرىكەتنىڭ «تۇنجى تۇرتكىسى خۇدا»، خۇدا ئالەمنى يارىتىپ بولۇپ، بىرقىتىم ھەرىكەتكە كەلتۇرۇۋەتكەندىن كېيىن ئاندىن كېيىن زادىلا ئارلاشمىغان دېگەن سۆزنى قىلغان دېگەن گەپ بار.                                                                                                  ئەسلى ماتىريالنى خەنزۇچە ئېلىپ قويدۇم،بۇنى تەھلىل قىلىپ كۇرەيلى ،نيوتون {1642يىلدىن-1727يىلغىچە } ، ئىنسانلارنىڭ شۇ دەۋىردىكى بىلىپ يەتكەن  ئالەمنىڭ ئۇمۇمى دائىرسى ئاساسەن قۇياش سىستىمىسى بولۇپ ،نيوتون دەل بۇ قۇياش سىستىمىسىنى غايەت زور سائەتكە ئوخشاتقان.شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ سائەتنىڭ قانداق ھەركەتلەندۇرگەنلىگىنى بىلەلمەي ئامالسىز تەڭرىنى چاقىرغان.نيوتوندىن بۇرۇن بىرەركىم تەڭرىنى چاقىرمىغان،مەيلى ئۇلار ئارىستوتىل بولسۇن،پتولومى بولسۇن،كوپىرنىك  بولسۇن،كېپلېر بولسۇن ،ھەتتا گالىلېي بولسۇن،بۇلار ئالەمنى چوڭ سائەتكە ئۇخشاتمىغان،نيوتون ئالەمنى چوڭ سائەتكە  ئوخشاتقان،تەڭرىنى چاقىرىش  نيوتون  ھايات ۋاختىدا قىلغان ئىش. يەنى نيوتن ھەركەت قانۇنلىرى بىلەن ئالەملىك تارتىشىش كۇچى قانۇنىنى  ئېلان قىلغان ۋاقىت 1684يىلى بولغانلىغى ئۇچۇن ،مۇشۇ ۋاقىتنى ئاساس قىلدۇق،{ئەلۋەتتە بۇندىن بۇرۇن يېزىپ چىقىش ئېھتىماللىغى تېخىمۇ زور،ھەر ھالدا بۇ ئىشنى نيوتوننىڭ قىلغانلىغى ئېنىق}،بۇ ماتىريالنى خۇددى ئۇستازغا ئوخشاش ماركا -ئېنگىلسلارمۇ كۇرمىگەن،نەچچە يىل بۇرۇن فىداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتىدىن ئادىل مەمەت مۇئەللىم بىلەن تالىشىپ قالغان،ئادىل مۇئەللىممۇ بۇ ماتىريالنى  سىز كۇرگەن نۇسخىدا كۇرگەن.مەن بولسام 2006-يىلى كۇرگەن،بۇنىڭ مەنىسىنى چۇشۇنۇشتە ماتىماتىكىدىكى ئالدىنقى چوڭ سان4004دىن نيوتون قانۇنلىرىنى ئېلان قىلغان يىلنى ئېلىۋېتتۇق  ،بۇنىڭدا يەنە ئىسلام دىنىنىڭمۇ لوگىكىسىدىن پايدىلاندۇق .چۇنكى نيوتون ئەگەر ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلغان بولسا ،تەڭرى ئۇنىڭغا ياردەم بەرمىگەن بولاتتى .بىز  ماركىسىزىمنىڭ تەتقىقاتى بىلەن كۇپەرەك مەشغۇل بولغان .شۇنىڭ ئۇچۇن ماركىسىزىمنىڭ{ ماددا بىرلەمچى،ئاڭ ئىككىلەمچى} قارىشىدا  تۇرۇپ بۇ مسىلىنى ئايدىڭلاشتۇردۇق.يەنى {ئىنجىل}دىكى يىللار بويىچە قارىساق،ئالەم 4004-10-23{يەكشەنبە}-تەڭرى تەرىپىدىن يارىتىلغان{世界上最伟大的科学家-89-页},نيوتونمۇ بۇ قاراشقا شۇ دەۋىردە قۇشۇلىدىكەن،بۇ ۋاقىتتىن نيوتون قۇياش سىستىمىسىنى  غايەت زور سائەتكە ئوخشاتقان ھەم بۇ سائەتنى ھەرىكەت قىلمىدى دەپ {تۇنجى تۇرتكە}نى چاقىرغان ۋاقىت تەخمىنەن2320يىل كېيىن،بۇ  پەرقنى تەڭرىمۇ بىلسە كېرەك،شۇنىڭ ئۇچۇن نيوتونىڭ چاقىرىغىغا تەڭرىنىڭ  ئاۋاز قوشۇشى مۇمكىن ئەمەس.شۇنىڭ ئۇچۇن نيوتوننىڭ بۇ سائىتى تاكى ھازىرغىچە ھەركەت قىلمىدى دىيىشكە بولىدۇ.{قۇياش سىستىمىسى سائەتكە ئوخشايدۇ دىگەن سۇزلەرنى بايىقى كىتاپنىڭ 74-بېتىدىن تاپقىلى بولىدۇ}،

شەپەرەڭ ياخشى كۇ

2

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   0.29%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3901
يازما سانى: 475
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2413
تۆھپە : 1443
توردىكى ۋاقتى: 548
سائەت
ئاخىرقى: 2013-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-18 00:15:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاسىم سىدىق ئەپەندىگە جاۋاپ 1.مىنىڭ بىلىشىمچە نىيوتۇن ھىچقاچان ئۆزىدىن بورۇن ئۆتكەنلەرنىڭ ئالەمنىڭ ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى بارلىق بايقاشلىرىنى ئىنكار قىلمىغان، بەلكى ئىجادى ۋارىسلىق قىلغان.ئالدىنقى جاۋاپقا ئاساسلانغاندا،نيوتون قۇياش سىستىمىسىنىڭ ھەركەت قىلىۋاتقانلىغىنى ئېتىراپ قىلمىغانلىغى ئۇچۇن تەڭرىنى چاقىرغان،شۇنىڭ ئۇچۇن ئۇنى ئالدىنقىلارنىڭ بايقاشلىرىغا ئىقادى ۋارىسلىق قىلغان دىسەك  بۇ زىدىيەتلىك بولۇپ قالىدۇ.چۇنكى ئۇ پەقەت تەڭرىنى چاقىرمىغان بولسا بۇنى ئالدىنقىلارغا ئىجادى ۋارىسلىق قىلغان دىسەك بولىدۇ.توغرا،نيوتوننىڭ ئىنىرىتسىيە قانۇنىنى گالىلېينىڭ تەجىربىلىرىنى تەرەقى قىلدۇرۇش ئاساسىدا بارلىققا كەلتۇرگەن.نۇرغۇن كىتاپلاردا شۇنداق دىيىلىدۇ،لېكىن ئۇ گالىلېينى ئېتىراپ قىلسا تەڭرىنى چاقىرىپ نىمە قىلىدۇ؟بۇ ئۇنىڭ تەڭرىنىمۇ ئېتىراپ قىلمىغانلىغىنى كۇرسۇتۇدۇ،لېكىن تەڭرىنى ئېتىراپ قىلغاندا بولسا ،ئۇنى يەنە چاقىرىدۇ.بۇنى ئۇستاز قانداق چۇشەندۇرۇدىكىن؟

شەپەرەڭ ياخشى كۇ

2

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   0.29%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3901
يازما سانى: 475
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2413
تۆھپە : 1443
توردىكى ۋاقتى: 548
سائەت
ئاخىرقى: 2013-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-18 01:05:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۇنلىرى بىلەن زۇزۇر ئالاقىسى يوق،لېكىن ماركىسىزىمنىڭ نيوتون قانۇنلىرى بىلەن ئالاقىسى بار،چۇنكى نيوتون قانۇنلىرىدىن تەخمىنەن 150نەچچە يىل ئۇتكەندىن كېيىن ماركىسىزىم مەيدانغا كەلگەن ۋە تەرەقى قىلغان،نيوتون دەۋىردە بارلىق ھەركەت ۋە ئۇزگۇرۇشنىڭ سەۋەبىنى تاشقى كۇچ ،تاشقى ئامىلدىن ئىزلەش مودا ئىدى.شۇنداق قىلىپ تەڭرىنى كۇرسۇتۇپ قويۇپ ،ئاخىرى نيوتون تەڭرىنىڭ ئۇرنىغا ئۇزىنىلا قويغان، چۇنكى بايا دىگگندەك تەڭرىنىڭ ئۇنىڭغا ياردەم قىلىشىنىڭ ھىچ بىر ئاساسىمۇ يوق.بۇنى بىزمۇ ھازىر تاشقى كۇچ{سىرتقى كۇچ}نىڭ بىرلىگىنى نيوتون دەپ قارايمىز.بىز شۇنداق ئۇگەندۇق.ماركىسىزىم پەيدا بولغاندىن كېيىن بارلىق ھەركەت ۋە ئۇزگۇرۇشنىڭ سەۋەبىنى ئىچكى ئامىلنىڭ ئاساسلىق ،سىرتقى ئامىلنىڭ قوشۇمچە رول ئوينۇشى نەتىجىسىدە بولىدۇ دەيدۇ.بىز بۇنى ئىلمى قاراش دەپ ئۇگەندۇق.نيوتون قانۇنلىرى بىلەن ماركىسىزىمنىڭ زىچ باغلىنىشى بار،بۇنى يەنە ئازاراق تەرەقى قىلدۇرۇش كېرەك.يەنى نيوتوننىڭ 2-قانۇنى ئەمىليەتتە ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمايى ھەركىتى،بۇ ھەرىكەت ئادەم   ئېڭىنىڭ  كونتۇروللۇغىدا بولىدۇ،بۇنى مىخانىك ھەركەت دىسەكمۇ ئىجتىمايى مىخانىك ھەركەت دىسەك توغرا بولىدۇ.                                                                                                                         ئېينىشتىيىننىڭ{ تار مەنىدىكى  نىسپىلىك نەزىريەسى}نىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى مەزمونى زىت كېلىدۇ. بۇ ئالىمدىن كېيىن ئىشلەنگەن نۇرغۇن تەجىربىلەرمۇ 2-قانۇننىڭ توغرىلىغىنى ئىسپاتلىغان ،لېكىن بۇ 1-قانۇننى ئاغدۇرۇۋەتكەن.بۇنىمۇ ماركىسىزىمنىڭ {بىرنىڭ ئىككىگە بۇلۇنۇش }ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ تاپقىلى بولىدۇ.{جىڭ ئالتۇن ئوتتىن قۇرۇقماپتۇ} دىگەندەك ،ھەقىقات دەپ قارالغان نەرسىلەر قايسى خىل ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ تەھلىل قىلساقمۇ بولىۋىرىدۇ.{تار مەنىدىكى نىسپىلىك نەزىريەسى}ئادەمنى جىسىم دەپ قارىغان،يەنى جىسىم نۇر تېزلىگىدە ھەركەت قىلغاندا راكىتا ئىچىدىكى ئادەم ئۇزۇن ئۇمۇر كۇرىدۇ،ماركىسىزىم ئادەمنى ماددا دەپ قارايدۇ،ئىككى ئىلىم ئادەمدىن ئىبارەت بىر ئوبىكىتنى ئىككى خىل ئاتايدۇ،شۇنىڭ ئۇچۇن ماركىسىزىمدىن ئىبارەت بۇ ئىلمى ئۇسۇلنى فىزىكىغا ئېلىپ كىرىشكە بولىدۇ،  بۇنداق بولغاندا ئېينىشتىيىنمۇ ئۇز نەزىريەسىنى ئۈزى تۇلۇق چۇشەنمىگەن بولۇپ چىقىدۇ،ئۇستازنىڭ  بۇنىڭغا بولغان قارىشى قانداقكىن؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )