قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 640|ئىنكاس: 0

ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ئىشچىلارنىڭ پەرقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

3

دوست

1415

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   41.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22217
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 454
توردىكى ۋاقتى: 94
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-13 20:23:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
大学生.jpg


ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن خەلق ئىشچىلىرىنىڭ پەرقى

1. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئون نەچچە يىل مەكتەپتە ئوقۇپ، ئۆيىدىكىلىرىنىڭ يۈز نەچچە مىڭ يۈەن پۇلىنى خەجلەيدۇ، خەلق ئىشچىسى 18 يېشىدىن باشلاپ ئىشلەپ، 23 ياشقا كىرگەندە ئۆيىدىكىلىرىگە يۈز نەچچە مىڭ يۈەن تېپىپ بېرىدۇ.

2. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تەتىلدە ئائىلىسىگە قايتىشنى ياخشى ئەمەس، ئاتا-ئانام سەھرالىق، دەپ بىلىدۇ؛ خەلق ئىشچىسى ئارام ئېلىپ ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندە ھەر قانداق جايدىن ئۆيۈم ياخشىكەن، ئاتا-ئانام دۇنيادىكى ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر ئىكەن، دەپ بىلىدۇ.

3. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مۇھەببەتلەشكەندە كۈندە دېگۈدەك كېنتاكى، غەربچە رېستۇرانلارغا بارىدۇ؛ خەلق ئىشچىسى مۇھەببەتلەشسە، قورسىقى تويغۇدەك بىر ۋاق ئوبدانراق غىزالىنالىسا ھوزۇرلۇق ھېس قىلىدۇ.

4. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى خىزمەتكە چىقسا ھەممىنى قىلالايدىغاندەك ھېس قىلىدۇ، ئەمما مۇستەقىل ھېچ ئىش قىلالمايدۇ؛ خەلق ئىشچىسى خىزمەتكە چىقسا ھېچ ئىش قىلالمايدىغاندەك ھېس قىلىدۇ، ئەمما ئازراق بولسىمۇ كۈچ چىقىرالايدۇ. شۇڭا، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى خىزمەتكە چىقسا ھېچ ئىش قىلالمايدۇ، خەلق ئىشچىلىرى خىزمەت قىلسا ئالدىراشلا يۈرىدۇ، نەتىجىدە ئىككى يىلدىن كېيىنمۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ھېچنىمە قىلالمايدۇ، خەلق ئىشچىسى بولسا يۇقىرى تېخنىك خادىمغا ئايلىنىدۇ.

5. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشتىن قورقىدۇ، پۇل بەرسىمۇ قىلمايدۇ، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشنى كاپىتالىستلارنىڭ بىزنى ئېزىشتىكى ۋاستىسى، دەپ قارايدۇ؛ خەلق ئىشچىلىرى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشكە تەقەززا بولۇپلا تۇرىدۇ، بۇنداق بولغاندا كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدۇ ئەمەسمۇ.

6. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى خىزمەت قىلغاندا كومپيۇتېر، ھاۋا تەڭشىگۈچ بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، خەلق ئىشچىلىرىغا سۇ بولسىلا بولۇۋېرىدۇ.

7. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى كۈندە ئاشخانىنىڭ تاماقلىرىنى ياخشى ئەمەس، دەپ تىللايدۇ، خەلق ئىشچىلىرى شىركەتنىڭ ياتاق ۋە تاماقنى كۆتۈرگەنلىكىدىن مەمنۇن بولۇشىدۇ.

8. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى مائاشى 1000 يۈەن چاغدا ئون يۈەنلىك تاماكا چېكىدۇ، خەلق ئىشچىسى مائاشى 3000 يۈەن چاغدا ئۈچ يۈەنلىك تاماكا چېكىدۇ.

9. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى جەمئىيەتنى ئادىل ئەمەس، دەپ كۈندە ئاغرىنىدۇ، پالۋاننىڭ كارامىتىنى كۆرسىتىدىغان يەر چىقمىدى، دەپ ئويلايدۇ. خەلق ئىشچىسى كۈندە جەمئىيەتكە يەر تېرىغاندىنمۇ جىقراق پۇل تېپىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرگىنىگە رەھمەت ئېيتىدۇ.

10. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئۆزىنى خەلق ئىشچىسىدىن يۈز ھەسسە كۈچلۈك، دەپ ئويلايدۇ، خەلق ئىشچىسى ئۆزىنى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدىن كۆپ پەرقلىنىمەن، دەپ ئويلايدۇ. شۇنداق قىلىپ ئون يىلدىن كېيىن، خەلق ئىشچىسى خوتۇن-بالىلىرى بىلەن قاينام-تاشقىنلىققا چۆمىدۇ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولسا يەنىلا توردا: «مەن تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرگەن...» دېگەنلەرنى يېزىپ ئولتۇرىدۇ.

11. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بىر تەرەپتىن كۈندە دەرستىن قېچىپ ئويۇن ئوينىسا، يەنە بىر تەرەپتىن بىزگە ھېچ نەرسە ئۆگەتمىدى، دەپ مەكتەپنى تىللايدۇ. خەلق ئىشچىسى ھەمىشە ئەينى يىللىرى ياخشى ئوقۇمىغانلىقىدىن پۇشايمان قىلىدۇ، مەدەنىيەت سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن ئاغرىنىدۇ. ئاندىن جان تىكىپ پۇل تېپىپ، بالىلىرىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ.

12. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كۈندە ئۆي باھاسىنىڭ يۇقىرىلىقىدىن ئاغرىنىپ، ئۆزىنىڭ ئۆي سېتىۋالالمىغانلىقى توغرىسىدا مەزمۇن يوللايدۇ. خەلق ئىشچىسى باش چۆكۈرۈپ ئىشلەپ، ئائىلىسىدىكىلەرگە يېڭى ئۆي سېلىپ بېرىدۇ.

13. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى كۈندە ئىگىلىك تىكلەيمەن، دەپ جار سالىدۇ، كۈندە باشقىلارنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى خىيال قىلىدۇ-يۇ، قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلەشنى خالىمايدۇ. خەلق ئىشچىسى يايما ئېچىشتىن باشلاپ ئۆزىنىڭ زەنجىرسىمان دۇكىنىنى قۇرۇپ چىقىدۇ، قول ھۈنەرۋەنچىلىكنى ئۆگىنىپ، كىچىك بولسىمۇ دۇكان ئېچىۋالىدۇ.

14. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى تورغا چىقىپ ھارغاندا ئاندىن دەرسكە چىقىدۇ، خەلق ئىشچىسى ئىش قىلىپ ھارغاندا تورغا چىقىدۇ.

15. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئاتا-ئانىسنىڭ پۇلىنى خەجلەپ، پوزۇر كىيىم-كېچەكلەرنى، كاتتا رەقەملىك مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىشنى قىلىشقا تېگىشلىك، دەپ بىلىدۇ. خەلق ئىشچىسى ئاتا-ئانىسىغا كىيىم-كېچەك ۋە ياخشىراق نەرسىلىلەرنى ئېلىپ بېرىشنى قىلىشقا تىگىشلىك ئىشىم، دەپ بىلىدۇ.

16. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئاتا-ئانىسى بىلەن تېلېفۇندا پاراڭلاشقاندا ھەمىشە پۇلى قالمىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. خەلق ئىشچىسى ئۆيىدىكىلەر بىلەن تېلېفۇندا پاراڭلاشقاندا مائاش تارقاتقانلىقىنى ئېيتىدۇ.

17. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى خىزمەتتە غوجايىنىدىن تىل ئاڭلىسا، ئاتا-ئانىسىغا دەردىنى تۆكىدۇ. خەلق ئىشچىسى غوجايىنىدىن گەپ ئاڭلىسا، ئائىلىسىدىكىلەرگە ئۆزىنىڭ ياخشى تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئەندىشە قىلماسلىقىنى ئېيتىدۇ.

18. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى توي قىلىپ، ئۆي سېتىۋېلىپ ئاتا-ئانىسى يىغقان پۇلنىڭ ھەممىسىنى تۈگىتىۋېتىدۇ. خەلق ئىشچىسى توي قىلىش، ئۆي سېلىشقا ئۆزى يىغقان پۇلنى ئىشلىتىدۇ.

مەنبە: كارخانا باشقۇرۇش سالونى - خەنزۇچە
خەۋەر (Hewer) سالونىدىن لوقمان تەرجىمە قىلدى
uyghuray
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )