قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 493|ئىنكاس: 0

ئابدۇنىياز ئىمىن(ت): بۈگۈنكى شائىرلىرىمىزدا نېمە كەم؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

17

تېما

0

دوست

2179

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31172
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 34
تۆھپە : 690
توردىكى ۋاقتى: 175
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-13 22:05:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۈگۈنكى شائىرلىرىمىزدا نېمە كەم؟


ئابدۇنىياز ئىمىن تەرجىمىسى



بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرستىتنىڭ پروفسسورى، شېئىرىيەت تەنقىدچىسى شې مىيەننى زىيارەت
      خې رۈيجۈەن


گەرچە بىر قىسىم ياشلار ئانچە قوشۇلۇپ كەتمىسىمۇ، يەنىلا شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، شې مىيەن شېئىرىيەت تەنقىدى ساھەسىدىكى ئاتاقلىق ئەربابلاردىندۇر.
82 ياشلىق شې مىيەن يەنىلا بالىلارچە ساپ قەلىبكە ئىگە زات بولۇپ، بىز ئۇنى سەبىي قەلىپ ئىگىسى دەپ دېگىنىمىزدە ئۇ «سىلەر مېنى ساددا دەۋاتىسىلەر- ھە؟» دەپ ئۆزىگىلا خاس بىر تۈستە قاقاقلاپ كۈلۈپ قويدى.
شېئىر ئىلاھى لى بەينىڭ ماكانىدا بىر ھەپتىگىمۇ بارمىغان قىسقىغىنە تۇرۇش جەريانىدا شې مىيەن مېھمانخانىنىڭ ئىشىكىدىكى قوغدىغۇچىلار بىلەن «قولتۇقلىشىپ ماڭىدىغان» يېقىن دوسىتلاردىن بولۇپ كەتتى، مېھمانخانا مۇلازىمەتچىسى ھەر بىر خانىلارغا تازلىق قەغىزىنى ئاققۇ، تىمساھ قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ شەكىلىدە چىرايلىق قاتلاپ تارقىتىۋاتقاندا باشقىلار بۇنىڭغا قاراپ پەقەت كۈلۈپلا قويدى، شې مىيەن ئەستايىدىللىق بىلەن مېھمانخانىغا تەشەككۈرنامە يازدى، مېھمانخانا دېرىكتورى كېلىپ «بۇ  راستىنلا شې مىيەن بىزگە يازغان تەشەرككۈرنامىمۇ؟» دەپ سوراپ  شې مىيەن بىلەن رەسىمگە چۈشۈشنى تەلەپ قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن رەسىملەرگە چۈشىدۇ. شې مىيەن «مانا بۇ گۈزەللىك، سەنئەت ئەمەسمۇ؟» دەيدۇ.
ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ قىزغىن، سەبىيلىكىدىن قەلبى ئىللىقلىققا چۆمىدۇ. شې مىيەن شۇنداق دەيدۇ «شائىرلاردا سەبىيلىك بولىشى كېرەك، شائىرلار ۋە ئادەتتىكى ئادەملەر، ئەمەلدارلار، سودىگەرلەر، ھەتتا تەتقىقاتچىلارغا ئوخشىمايدۇ، يەنى ئۇلار دۇنيانى گۆدەك كۆز بىلەن، گۆدەك قەلىب بىلەن كۆزىتىدۇ، شۇڭلاشقا بالىلار ئەڭ تەبئىي شائىرلاردۇر. بىر بالا كېپىنەككە قاراپ : ‹سەن ئۇچالايدىغان بىر گۈلمۇ؟› دەيدۇ  مانا مۇشۇنىڭ ئۆزىلا بىر شېئىر.»
شېئىر ــــ چۈش كۆرۈش كەسپىدۇر.
ئۇ ئادەملەرگىلا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ قالماي شېئىرغا تېخىمۇ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدۇ، شې مىيەننىڭ نەزىرىدە شېئىر دېمەك غايە دېمەكتۇر. ئۇ چۈش كۆرىدىغان ئەڭ گۈزەل كەسىپتۇر. خۇددى سىتىۋىنىس ئېيتقاندەك« شېئىر ئەڭ يۈكسەك تۇقۇلما»، بىر گۈزەل نازىنىن ئۈچۈن تارىختا ئۇرۇش پارتىلىغان ئىشلار تالاي، مەسىلەن: جوڭگودىكى شى شى، غەربتە خەيلۇن قاتارلىقلار، بىراق خەلق ئۇرۇشنىڭ ئازاپ- ئۇقۇبەتلىرىنى ئۇنتۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئاشۇ قىزلارنىڭ ياشلىقىنى ۋە ئەبەدىيلىك گۈزەللكىنى ئۇنتۇپ كەتكىنى يوق. ئۇرۇش مۇھەببەت ئۈچۈن، گۈزەللىك ئۈچۈندۇر، شائىرلارنىڭ قارىشىچە مۇھەببەت ۋە گۈزەللىكنىڭ ئورنى ئۇرۇشتىن يۇقىرى تۇرىدۇ. «شېئىر تېگى-تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا گۈزەللىكتۇر» دەيدۇ شې مىيەن، « ئىستىمەس بىلىشنى ئەلنىڭ ھالىنى، بىلگەچكە تۇنۇلۇش نام جاپاسىنى» دېگەن مىسىرانى ئۇ ئوقۇغانچە ئۇنىڭ ئۇلۇغلىقىنى، قەدىمكىلەرنى قانداق بولۇپ بۇنداق گەپلەرنى دىيەلىگەنلىكىگە ھەيران بولاتتى. گۈزەللىك تەكرارلانمايدۇ، ئۆتىۋاتقان ۋاقىتتىن گۈزەللىكنى بايقاپ ئۇنى ئەلنىڭ خاراپ بولىشى بىلەن باغلاش مانا بۇ شېئىرنىڭ بىزگە بېرىدىغان ئىلھامى. «شېئىرنىڭ ئەكىس ئەتتۈردىغىنى گۈزەل دۇنيا، گۈزەللكنى قوغداش، مۇھەببەتنى ھىمايە قىلىش، ھېسداشلىق مانا بۇ شېئىردۇر.»
غايە ۋە گۈزەللىك ھەرگىىزمۇ مەۋھۇم، قۇرۇق نەرسە ئەمەس، شې مىيەنچە غايە بىلەن رېئاللىق ئوتتورىسىدىكى باغلىنىش ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، بەزىلەرنىڭ رېئاللىقنى تەنقىدنىڭ ئورنىغا قويۇشى تولىمۇ تار بولۇپ قالغان. تەنقىد، ئويلىنىش، تۇنۇش، ئىپادىلەش، ئەكىس ئەتتۈرۈش، غەمخورلۇق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى رېئاللىق بىلەن شېئىرنىڭ مۇناسىۋىتىگە ياتىدۇ. شې مىيەن ئەپەندى شېئىرنىڭ ۋەزىپىسى ھېسسيلىق، باشقىلارنى تەسىرلەندۈرۈش، تەسىرلەندۈرۈش ئارقىلىق قەلىبتكە تەسىر كۆرسىتىپ، رېئاللىققا كۆڭۈل بۆلىدىغان قىلىش دەپ كۆرسىتىدۇ. ئۇ مىسالغا ، بەيجۇينىڭ يېڭى مۇزىكا مەھكىمىسى شېئىرلىرى، ئۇزۇن ھەجىملىك شېئىرلىرىمۇ رېئاللىقنى يازغانلىقنى، بىراق، ئۇ تۇرمۇشنى بىۋاستە يازماي بەلكى ھېسداشلىق ۋە ئىنسانىي ھېسداشلىق بىلەن ھېسىياتتىكى ئورتاق سادانى يەتكۈزگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. « بەيجۇيىنىڭ ئۇلۇغلىقى شۇ يەردىكى ئۇ ئىنتايىن ئىنسانىي بولغان نەرسىلەر بىلەن بىزنى تەسىرلەندۈرۈپ، بىزنى مۇڭ، غېرىپ ھېسىياتقا تولغان دۇنياغا ئىگە قىلالىغانلىقىدا، دۇفۇنىڭ ‹ باي ئۆينى بىر ئالغان شورپىنىڭ ھىدى، نامراتلار تالادا مۇزلار سۆڭىكى› دېگەن مىسرالىرىمۇ مۇشۇنداق مۇڭ ۋە ھەسىرەتلىك ھېسلارغا تولغان، ئەگەر سىز ئۇنى ئاددىيلا  رېئاللىقنى ئەكىس ئەتتۈرگەن دېسىڭىز بەيجۇيى بىلەن دۇفۇنى چۈشۈرگەن بولىسىز.»
بۇنداق قىلىش شېئىرغا بولغان ئاسىيلىق
1980-يىلى شې مىيەننىڭ «يېڭى قەد كۆتۈرۈش ئالدىدا » دېگەن ئەسىرى بىر مەيدان يېڭى شېئىرىيەت قىزغىنلىقىنى قوزغىدى. ئۇنىڭ سەزگۈرلۈك بىلەن بايقىشى ۋە قەيسىرانە دەس تۇرالايدىغان ئىرادىسى تولىمۇ قىممەتلىك ئىدى. 30يىل ئۆتۈپ كەتتى، شائىرلارقوشۇنى ئەۋلاتمۇ ئەۋلات يېڭىلىنىپ ماڭدى. بىراق، بېيداۋ، شۇتىڭ قاتارلىق بىر ئەۋلاتنىڭ تەسىر دائىرىسىگە ئازىراقمۇ يېتەلمىدى. شې مىيەن ئوچۇقلا : « نورغۇن شائىرلارنىڭ ئۆزلۈك تۇيغۇسى ناھايىتى ياخشى، ئۇلار ئۆزىنى ناھايىتى قالتىس ھېسابلاپ ئالەمنى-مالەم قىلغاندەك ھېس قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. ئۇلاردا ئىدىيۋى مەنە، روھىي پەللە، قەلب كەم. تاڭ سۇلالىسدىكى ئادەملەردە بار بولغان زوق كەم» دەيدۇ.
«چىقمايمەن شاھ ئېيتقان قولۋاققا ھەتتا،
ئىلاھتۇرمەن ھاراق سورۇنىدا »
لى بەي دەيدۇكى، مەن ھاراق ئىچىپ مەسىت بولغاندا شاھمەن، ھەتتا شاھ ئۆزى چاقىرتسىمۇ پايدىسى يوق،
«جى جاڭ ئاتتايۇ سۇلار چايقىلار،
كۆزلىرى ئۇيقۇدا سۇنى يېپىنار»
بۇ دۇفۇنىڭ «كەيىپچىلىكتىكى سەككىز ئىلاھ» ناملىق خې جىجاڭ يېزىلغان شېئىر بولۇپ، ئۇنىڭ مەسىتخۇش، ئەسەبىي، ئەمەل- ھوقۇقنى مەنسىتمەيدىغان، ئىندىۋىدۇئاللىقى مەدھىيلەنگەن. يېرىم خامۇش ھالەت بولسۇن ياكى ھەقىقىي مەستۇ-غەرق ھالىتى بولسۇن ئومۇمەن شائىرنىڭ ھەقىقىي ھېسىياتى ئىپادىلەنگەن. شې مىيەننىڭ ئەپسۇسلىنىدىغىنى ھازىرقى شېئىرلاردا دەل مۇشۇ نەرسىلەر كەم.
ئۇ بىر قېتىم تەيۋەنلىك شائىر ياشىيەن بىلەن بولغان سۆھبەتتە: «جۇڭگولۇق شائىرلارنىڭ بىر قسىم مەسلىلەرگە يولۇققاندا قارنى-كۆكسى كەڭ ئەمەس» لىكى توغرىسىدا پاراڭلىشىپ قالىدۇ. بۇ مەسلىنى ياشىيەن ئىلگىرىمۇ تىلغا ئالغان ئىدى. شې مىيەن ھەسرەتلىنىپ : « بۇنداق قىلىشى شېئىرغا قىلىنغان ئاسىيلىق، شېئىر مەڭگۈ ھەقىقەت تەرەپتە تۇرۇشى ، ئەركىنلىك تەرەپتە تۇرۇشى، دېموكىراتىيە تەرەپتە تۇرۇشى كېرەك، ئادىمىيلىك تەرەپتە تۇرۇشى، قەتئي ھالدا مۇشۇ تەرەپلەردە تۇرۇشى كېرەك » دېگەن ئىدى. نېرۇدا بىر سولچىل كىشى بولسىمۇ، ئۇنىڭ يازغان «دەرەخ كەسكۈچىلەر ئويغان»، « ئۈزۈمزارلىق ۋە شامال» قاتارلىق شېئىرلىرى بىلەن جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ گۈزەللىكنى، دۇنيادەك كەڭ قەلبىنى، دۇنيانىڭ تىنىچلىققا بولغان تەشەببۇسىنى، ئىنسانلار ئوتتورىسىدىكى ئۆز-ئارا چۈشىنىشكە تەلپۈنگەن ھېسياتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەردى. شې مىيەن: «شائىرنىڭ قارنى كۆكسى كەڭ بولىشى كېرەك» دەيدۇ.
سوبىكتىۋىزىمچى بىر قىسىم شائىرلار بار بولۇپ، شې مىيەن ئۇلارنى ئۇلاردا ھېچقانداق ئۆتكۈرلۈك، تەنقىد خاھىشى يوق، ئۇلار پەقەت قاراڭغۇ تەرەپنىلا كۆرەلەيدۇ، ئىنساننىڭ خۇنۇك تەرىپىنى ئىپادىلەشنى شەرەپ دەپ بىلىدۇ، بەتبەشىرە تەرەپنى ئەكىس ئەتتۈرۈشنى ئۆتكۈرلۈك دەپ، يىرگىنىچلىك تەرەپلەرنى ئەكىس ئەتتۈرۈشنى چوڭقۇرلۇق دەپ قارايدىغان بولۇپ، ئۇلار تارتىپ چىقارغىلى بولمايدىغان خاتا يولغا قاراپ سىلجىماقتا دەيدۇ. «شائىرلىق ئەسلى بۇ يەردە ئەمەس، شائىر نەپىس مىسىرالار بىلەن، ئادەملەردىكى نازۇك ھېسىيات ۋە ئادەملەردىكى ئەڭ گۈزەل نەرسىلەرنى قېزىپ ئەكىس ئەتتۈرۈشى كېرەك» دەپ تەكىتلەيدۇ ئۇ. بىز ئەلۋەتتە رەزىللىككە قامچا ئۇرۇشىمىز كېرەك. بىراق، بۇنى بىردىنبىر نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويساق بولمايدۇ. تۇرمۇش رەڭگارەڭ، كۆپ خىللىققا ئىگە، بىر نوقتىغىلا قادىلىۋالماسلىقىمىز كېرەك. « ئۇلار ئۆزلىرنى ناھايىتى چوڭقۇرلۇققا باردىم، شۇ سەۋەبتىن خەلق مېنى چۈشەنمەيدۇ، ئۇلار پەقەت بېيداۋ بىلەن شۇتىڭنىڭ يۈزەكىلىكلىكنى چۈشىنىدۇ، دەپ ئويلايدۇ. بىراق، شۇتىڭنىڭ شېئىرلىرىنى خەلق ھەقىقەتەن ياقتۇرىدۇ. ئۇلار ئۆزىگە مەستانە بولۇپ شۇ دەرىجىگە يەتكەنكى. ھەتتا ئۆزلىرىنىمۇ تۇنىيالمىغۇدەك دەرىجىگە يېتىپ بارغان»
جەبىر -زۇلۇمدىن كېيىن شائىرلار نېمىش قىلىۋاتىدۇ؟
«دۆلەت بەختىلىك بولمىسا، شائىرلار بەخىتلىك» دەيدىغان بىر گەپ بار. ھازىر ئۇلۇغ شائىرلار يوق، بۇنىڭدىكى سەۋەب دۆلىتىمىزنىڭ تىنىچ –ئامان، تۇرمۇش شاد-خۇرام بولۇپ كەتتكەنلىكىدىنمۇ؟ «بىزنىڭ قىيىنچىلىقىمىز باشقىلارنىڭكىدىن ئېغىر» دەيدۇ شې مىيەن، ئىلگىرىكى توختىماي بولغان يەر تەۋرەشلەر، سىياسىي ھەرىكەتلەر، «مەدەنىيەت ئىنقىلابى»نىڭ زىيالىيلارغا بولغان زىيانكەشلىكى نېمىدېگەن ئېغىر بولغان- ھە! روھىي جەھەتتىن  قىيناشلار نەقەدەر ئېچنشلىق بولغان! ئۇندىن باشقا ياپۇنينىڭ تاجاۋۇزچىلىقى، سەككىز يىللىق ياپونغا قارشى ئۇرۇش، ئۈچ يىللىق ئىچكى ئۇرۇش. مىللىتىمىز ئېغىر قىيىنچىلىقلارنى بېشىدىن كەچۈرگەن مىللەت، جاراھىتىمىز تولىمۇ چوڭقۇر. بىراق: «بىر قىسىم شائىرلىرىمىز نەغمە- ناۋادا، يەنە بىر قىسىملىرى ئادەملەر ئاتالمىش سەلبىي تەرەپلىرنىلا قامچىلاش بىلەن ئاۋارە»، ئۇلاردا دۇنيانى باغرىغا باسقۇدەك قەلب كەم. مىللىتىمىزنىڭ تارىخىدىن ئېلىپ ئېيتساق، بىز قىيىنچىلىققا باش ئەگمەسلىكىمىز، يۇرۇق، ئىجابىي تەرەپلەرنى كۆپىرەك يېزىشىمىز كېرەك ئىدى. بىراق،  بۇنداق قىلالايدىغان شائىرلار كەم. «مۇھەببەت ئۈچۈن، گۈزەللىك ئۈچۈن، ئىنسانىي گۈزەللىك ئۈچۈن قاراڭغۇلۇق بىلەن خوشلىششىمىز، ئۇنى پاش قىلىشىمىز كېرەك ئىدى. ئۇلاردا بۇ ئىستەك يوق. بىزدىكى پەرق دەل مۇشۇ يەردە. ھازىر ئاللىقانداق تىلدىكى ماھارەت ئۈستىدە مۇنازىرىگە چۈشىشىدۇ، ئۇ دېگەن كىچىك ئىشلار، كەم بولىۋاتقىنى بىر روھىي پەللە، قەلبنىڭ موللىقى.»
خۇددى ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسى بولغىنىدەك شې مىيەنمۇ شېئىرنىڭ كەلگۈسى بولىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىندۇ، «بەزىلەر شې مىيەننىڭ ھېسىياتى ئۇرغۇپ تېشىپ تۇرىدۇ دېيىشىدۇ. ئەمىلىيەتتە ئۇلار پەقەت مېنىڭ بىر تەرىپىمنىلا كۆرگەن، يەنە بىر  تەرىپىمنى كۆرمىگەن، ناھايىتى ئاز بىرقىسىم ئادەملەرلا مەندەك بىر قايناق ھېسىياتقا تولغان ئادەمنىڭ تۇرمۇشىنىڭ كۈلپەتلەرنى يەتكۈچە تارتقىننى ئويلاپ يېتەلەيدۇ.» ئۇ 1932-يىلى تۇغۇلغان، 1937-يىل ياپۇنغا قارشى ئۇرۇش پارتىلىغاندا ئۇ ئاران 5 ياشتا ئىدى، 11ياشقا كىرگەندە يۇرتى  ئىشخال قىلىنىپ يۇرتىدىكىلەر قۇل بولىدۇ. ئون بىر ياشلىق بالا، ئۆيىدە باشقا ئادەم يوق، ياپۇنلار ئۇنى ئايروپىلان ئىستانسىسىدا ئىشقا سالىدۇ. ئۇنىڭ ئۆسمۈرلۈك ۋاقتى ياپۇنغا قارشى ئۇرۇش ئىچىدە، ياشلىق دەۋرى ئىچكى ئۇرۇش ئىچىدە ئۆتىدۇ. قەلەمنى تاشلاپ ھەربىيلىككە قاتنىشىپ، دۆلەتنى قۇتقۇزۇش كۆرىشىگە ئاتلىنىدۇ، «باشقىنى دېيەلمەيمەن، نەچچە قېتىم جەڭ مەيدانىدا ھاياتىمدىن ئايرىلغىلى تاسلا قالدىم، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئۇنسۇرلار قاتارىغىمۇ كىرگۈزۈلدۈم » شې مىيەن بۇلارنى دەپ قىيىنچلىقنى پەش قىلىشنى خالاپ كەتمەيتتى، «چۈنكى مېنىڭ قىيىنچىلىقىم باشقا نۇرغۇن ۋەيران بولغان ئائىلىلەر، ھاياتىدىن ئايرىلغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا تىلغا ئېلىشقىمۇ ئەرزىمەيدۇ، ئۇلارنىڭ باشتىن كەچۈرگىنى مەندىن كۆپ»، «ھاياتنىڭ ئازاپلىرى ۋە كۈلكىللىرىنى باشتىن ئۆتكۈزدۈم، ھاياتنىڭ تىراگىيەلىرىنىمۇ كۆردۈم. بىراق مەن يەنىلا ئۈمدۋار» دەيدۇ شې مىيەن، ئەمىلىيەتتىمۇ شۇنداق، قارىسڭىز ئىنسانىيەت نۇرغۇنلىغان قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ ئەڭ ئاخىردا يەنە ئۈمدكە قاراپ يۈزلەندىغۇ؟ لى بەي ئىلگىرى :« ئايدەك يورۇق ھەم تىنچ چاڭئەن كوچىسى، ئاڭلىنار كىر يۇيغاننىڭلا ئاۋازى» دەپ يازغان ئىدى. بۇ ئۇنىڭ ئەينى دەۋردە كۆرگەن مەنزىرىسىى بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا پايتەخت چاڭئەندە كىشىلەر ئۆزلىرىنى پايتەختتىن قاچۇراتتى، كۆزلەر تىنچ جاينى ئىزدەيتتى. ئاياللار ئاي نۇرىدا كالتەكلەپ كىيىم يۇيىۋاتقان، بۇ نېمىدېگەن يارقىن مۇھىت –ھە!!!، بۈگۈن قارىساق بىنالار قەد كۆتۈرگەن، بىر قىسىم ناھايىتى ئاددىي نەرسىلەر مەڭگۈلۈك غايىپ بولغان. شې مىيەن بۇنىڭدىن ئەپسۇسلىنىدۇ، بىزنى ئۈمىدسىزلەندۈردىغىنىمۇ مانا شۇ. «يەر شارىمىز ئاللىقاچان قۇرغاق ۋە قۇرۇقلىشىپ كەتتى. بىز ئۇنىڭدا تۇرۇپ شادلىق ئىزدەپ ئۆزىمىزنى خوشال قىلىۋاتىمىز، ئۈمدسىزلەنمەيمىزمۇ؟ بىراق ئامال يوق، بىز چوقۇم باشقا تەرەپكە دىققىتىمىزنى ئاغدۇرىشىمىز كېرەك» دەيدۇ ئۇ. بەزىلەر نەپرەت كۆزى بىلەن جەمئىيەتكە نەزەر تاشلايدۇ، بۇ توغرا ئەمەس، ئۇلار تۇغۇلىشىم بىلەنلا ئۇنداق-مۇنداق بولىشىم كېرەك دەپ ئويلاپ، ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىدىن كېيىنكىلەر ماڭىدىغانلىقىنى، قۇربان بېرىشلەرنى، جاپا- مۇشەققەتلەرنى بېسىپ ھازىرغا كېلىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. قەلبى دەرت تۆكۈش بىلەن تولغان. تىكەن قۇشىغا ئوخشاش كۆكىركىگە تىكەن كىرىپ تۇرسىمۇ ناخشا ئېيتالايدىغان بولۇش كېرەك.
ھازىرقى ياشلار باشتىن كەچۈرۈپ باقىمىغان جەبرى-جاپالارنى باشتىن كەچۈرگەن شې مىيەن يەنىلا ئاۋۋالقىدەك جەمئىيەتنىڭ ئىلغار تەرىپىگە دىققەت –نەزىرىنى ئاغدۇرىدۇ، مىننەتدارلىقنى ئۇنۇتمايدۇ. مانا مۇشۇلار دەل بىرقىسىم ياشلاردا كەم بولىۋاتقان نەرسىلەردۇر. «مەن جەبرى –جاپانىڭ تەمىنى ئوبدان بىلىمەن، بىراق مەن يەنىلا قىزغىن، تىرىشىمەن ھەم شۇنىڭغا مۇراجىئەت قىلىمەن».
شېئىر تەنقىدىدە ھەمىشە دوسىت تارتىشىپ ياخشى گەپ قىلغىلى بولمايدۇ.
شائىرلارنىڭ ھازىرقى ھالىتىغا ئىچىمىز پۇشىدۇ. لېكىن،  چىش يېرىپ بىر نەرسە دېمەيۋاتقان بۇ ھالىتىمىزنى شې مىيەنمۇ تەن ئالىدۇ ۋە شېئىرىيەت تەنقىد ساھەسىدىكى «دوسىت تارتىشىپ، ياخشى گەپ قىلىش، ئۆزىنىڭ ئىجادىي پىكىرى بولماسلىق ياكى پىكىرنى ئىپادىلەشكە پېتىنالماسلىق» قا ئۇمۇ قىلچىمۇ رازى ئەمەس. تەنقىدچىلەرنىڭ نېمە دېگىننى باشقىلار بىلمىسە، ئۇ چۈشەنگەندىم دەپ تەنقىد يازغان شېئىرلارنى باشقىلار قانداقمۇ بىلەلىسۇن. تەنقىدچىلەر ئەسەرنىڭ ياخشىلىقى زادى قەيەردە بۇنىمۇ ئېنىق دېمەيۋاتىدۇ. « تەنقىدچىلەر شائىرلارغا يەتمىگەنلىكتىن ئۇلاردا ئۇنى بايقۇغۇدەك كۆز يوق، بايقاپ بولالمايۋاتىدۇ»، ئۇ باشقىلارنى خاپا قىلىپ، كۆڭلىگە ئازار بېرىپ قۇيۇشتىن ئەنسىرەيتتى، «مەن ئۇلارغا ئازراق يېزىش، ئاستىراق يېزىش، تاۋلاپراق يېزىش ھەققىدە نەسىھەت قىلغۇم بار. بىراق، پېتىنالمايمەن». ئۇ ھەرقېتىم پىكىر بايان قىلسا ھامان بەزىلەر ئېتىراز بىلدۈرۈپ ئۆكتە قوپاتتى. ئۇنىڭ زېھنى يار بەرمەيتتى ، ئەينى ۋاقىتتىكى «گۇڭگا شېئىر» لارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە بولۇپ، ئۇنىڭغىمۇ ئۇ ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىگەن ئىدى. شۇڭلاشقا،  10نەچچە 20 نەچچە يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ياقتۇردىغىنى يەنىلا ئاشۇ بىر قانچە پارچە شېئىر بولدى. ئەلۋەتتە يېڭى بايقاشلارمۇ بولدى. مەسىلەن: ئۇ شائىر دۇيانى بايقىدى ۋە ئۇنى قېزىپ چىقتى. دۇيا شۈچاڭ ناھيىلىك دوختۇرخاندىكى بىر سېستىرا بولۇپ، سالامەتلىكى ئىنتايىن ناچار ئىدى. ئۇ تېخى نام چىقارمىغان ۋاقىتتا شې مىيەن كۆپچىلىككە دۇيانىڭ سۇڭشەن تېغىنىڭ شىمالىي تەرىپىدە ئۆسىدىغان كاشتان دەرىخى ھەققىدە يېزىلغان شېئىرلىرنى ئوقۇپ چىقىشىنى مۇراجىئەت قىلىدۇ. ئۇنىڭچە دۇيانىڭ شېئىرلىرىدا ئاياللارنىڭ جىنىس ئالاھىدىلىكى ھەققىدە جار سېلىنمىغان بولۇپ، ھايات ھەققىدىكى ھېس تۇيغۇلار بار، ئىچكى رېتم تۇيغۇسى بار بولۇپ دەۋرىيلىككە، ئازاپ تۇيغۇسىغا ئىگە ئىدى.
شېئىرنىڭ ئاممىبابلىششى دېگەندىن كۆرە شېئىرلىىشش ئاممىبابلىقى دېگەن تۈزۈك.
يېڭى شېئىرنىڭ بۇسۇغىسى تۆۋەن، ھەممە ئادەم يازسا بولىدۇ، بۇ شەكىل جەھەتتىكى گۈللىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، شې مىيەن كۆرسىتىدىكى، بوسۇغا پەس بولغانسىرى ئاممىبابلىششدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ، «نېمە ئۈچۈن شېئىر چوقۇم ئاممىبابلىششى كېرەك؟ ئۇ ئەسلىدە ئاز سانلىقلارنىڭكى، شۇڭا شېئىرنى ئاممىبابلاشتۇرۇش دېگەندىن شېئىرلاشتۇرۇش ئاممىبابلىقى دېگەن تۈزۈك». شې مىيەن يەنە مۇنداق بىر پىكىرنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، يەنى شېئىر ئەسلىدىلا ئاز سانلىق كىشىلەرنىڭ، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ، پەقەت ئاقسۆڭەكلەرچە روھىي پەللە بولغاندىلا ئاندىن ئاشۇنداق يۇقىرى پەللە ياراتقىلى، ئۆلمەس شېئىرلارنى يېزىپ ئاممىغا تەسىر كۆرسەتكىلى بولىدۇ، ئۇ كۆرسىتىدىكى، «دۇفۇ بىزگە تەسىر كۆرسەتمەكتە، لى بەي بىزگە تەسىر كۆرسەتمەكتە، پۈتكۈل گۈللىنىش بىزگە تەسىر كۆرسەتمەكتە، بىزنى بويسۇندۇرماقتا، بىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ روھىي قاتلىممىزنى يۇقىرى كۆتۈرمەكتىمىز، شۇنى بىلدۇقكى، ئەسلىدە ئاي مۇشۇنداق چىرايلىق، ئۇ بىز بىلەن ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچسە، پاراڭلاشسا بولىدۇ. باھاردىكى گۈل، دەريا ۋە ئاي ئەسلىدە شۇ قەدەر گۈزەل، شېئىرنىڭ رولى دەل مۇشۇ يەردە.»
نورغۇن ئادەملەرنىڭ ھاياتىدا قىلچە لەززەت يوق بولۇپ، تەبىئەت بىزگە ئاتا قىلغان نەرسىلەردىن ھۇزۇرلىنىشنى بىلمەيدۇ، نورغۇنلىغان ئادەملەر شېئىرنىڭ تەسىرى بىلەن شېئىرنىڭ نۇرىدا يۇيۇنۇپ، ئاينىڭ نۇرى ئاستىدا روھىي نەپىسلىككە چۆمىدۇ. ئىنساندا ئالىي ئىستەك بولغاندىلا ئاندىن تۇرمۇشتىمۇ تەم بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن شېئىر ئامما ئارىسىغا يىتىپ بارىدۇ، رېئاللىققا قايتىدۇ.


مەنبە: جوڭگو يازغۇچىلار تورى(http://www.chinawriter.com.cn/2014/2014-07-28/212758.html)

uyghuray
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )