قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 727|ئىنكاس: 5

ھەقىقەت ۋە ساختىلىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

7

دوست

1444

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   44.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  48782
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 23
تۆھپە : 478
توردىكى ۋاقتى: 191
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-14 10:07:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qvshkvn تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-14 10:13  

ھەقىقەت ۋە ساختىلىق

____ ئۈزۈندىلەر

پارمېنىدىس (يۇنان)


(ئاپتور توغرىسىدا: يۇنان پەيلاسوپى پارمېنىدىسنىڭ يۇرتى ئېلىيا بولۇپ، ھازىرقى ئىتالىيەنىڭ جەنۇبىغا توغرا كېلىدۇ. قىران ۋاقتى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 504-501-يىللار بولۇپ، ھېراكلىت بىلەن زامانداش.)

[1]مەن ئولتۇردۇم خۇش ھالدا، قوش ئارغىماقلىق مەپىگە. مېنى ئېلىپ بۇ مەپە، بارار ئىدى يۈرىكىم تەشنا بولغانلىكى مەنزىلگە. مېڭىپ-مېڭىپ، بىر چاغدا مەپەم يېڭى بىر يولغا چىقتى، بۇ يول ئىلاھەنىڭ مەشھۇر يولى بولۇپ چىقتى. بۇ يول كۆپنى بىلگەن كىشىنى يۈكسەكلىككە باشلايدىغان يول ئىدى، مەپەم ئۇشبۇ يولنى بويلاپ ئالغا قاراپ ئۇچار ئىدى. مەپىنى سۆرەۋاتقىنى دانىشمەن ئارغىماقلار ئىدى، يولنى باشلاۋاتقىنى قۇياش ئىلاھەسىنىڭ قىزلىرى ئىدى. مەپە شۇنداق ئۇچۇۋاتاتتىكى، پىرقىراۋاتقان چاقتىن ۋال-ۋۇل قىلىپ ئوت-ئۇچقۇنلار چاقنايتتى، چاقنىڭ ئوقىدىن بولسا نەي ساداسى ياڭرايتتى. شۇ ئەسنادا، قىزچاقلار مېنى يورۇقلۇققا ئېلىپ چىقىشقا ئالدىراشتى، يۈزلىرىدىكى  چۈمپەردىلىرىنى ئېلىۋېتىشتى. شۇنداق قىلىپ قاراڭغۇلۇق بىلەن ۋىدالاشتۇق، كېچىدىن كۈندۈزگە تۇتاشقان يولنىڭ قوۋۇقى بىلەن دىدارلاشتۇق. بۇ قوۋۇق دەرۋازىسىنىڭ ئۈستىدە ماڭلىيى بار ئىدى، ئاستىدا تاش بوسوغىسى بار ئىدى. ئۇلار ھاۋادا لەيلەر ئىكەن، يولىمىزنى بولسا قوش قاناتلىق بىر ئىشىك توسقان ئىكەن. ئىشىكنىڭ ئاچقۇچى ھەققانىيەت ئىلاھىنىڭ قولىدا، تۇرار ئىدى ئۇ بۇ قوۋۇقنىڭ يېنىدا. قىزچاقلار يۇمشاق سۆزلەرنى قىلىپ يالۋۇرۇشتى، ئىلاھتىن ئىشىكنى ئېچىپ بېرىشنى ئۆتۈنۈشتى، ئاخىرى ھەققانىيەت ئىلاھىنى ئېرىتىشتى. شۇنداق قىلىپ بۇ ئىشىك ئېچىلدى، قوش قاناتلار بىر-بىرلەپ ئارقىسىغا ئۆرۈلدى. ئالدىمىزدىكى داغدام يول بولدى راۋان، قىزچاقلار مەپىنى ۋە ئارغىماقلارنى باشلاپ، يولىنى ئەتتى داۋام. مەنزىلىمىزگە يەتتۇق ئاخىر، ئايھاي! ئىلاھە بىزنى كۈتۈۋالدى خۇشچىراي. ئوڭ قولۇمنى تۇتۇپ تۇرۇپ ئىلاھە، ماڭا مۇنداق دېدى: مەرھابا يىگىت، قارشى ئالىمەن كەلگىنىڭنى، ئىلاھىي مەپىگە ئولتۇرۇپ ماڭا يەتكەن قەدىمىڭنى. قەبىھلىك ئەمەستۇر سېنى ئالدىمغا ئەۋەتكىنى، دۇرۇسلۇق ۋە ئادالەتتۇر سېنى ماڭا يەتكۈزگىنى. سېنىڭ بۇ يولۇڭ ئۆلىدىغان ئاددىي ئادەملەرنىڭ زەئىپ يولىدىن نەقەدەر يىراق! بارچە نەرسىلەرنى ئۆگەنگىن سەن بىراق. ئۆگەنگىن سەن مۇكەممەل ھەقىقەتنىڭ يىمىرىلمەس يادروسىنى، ھەم ئۆگەنگىن سەن ئاددىي ئادەملەرنىڭ ساختا كۆز قارىشىنى. شۇندىلا سەن ساختىلىقنى بىلەرسەن، ھەقىقەت ئارقىلىق ساختىلىقنى يېڭەرسەن.  

ھەقىقەت يولى

[2] بېرى كەل، مەن ساڭا دەي، ئوبدان ئاڭلا. ئاڭلىغانلىرىڭنى ئېلىپ قايتساڭ ئۆزۈڭگە پايدا. ئادەم ئويلىيالايدىغان ئىزدىنىش يولىدىن پەقەت ئىككى خىللا باردۇر: ئۇنىڭ بىرى مەۋجۇتلۇقتۇر، يەنە بىرى مەۋجۇتسىزلىقتۇر. مەۋجۇتلۇقنىڭ مەۋجۇت بولماسلىقى مۇمكىن ئەمەس، بۇنىڭدىن باشقىسى ھەقىقەتنىڭ يولى ئەمەس. مەۋجۇتسىزلىق مەۋجۇت بولمىسىمۇ بولىۋېرىدۇ، مەۋجۇتسىزلىق يولى ساختىلىق يولى بولىۋېرىدۇ. ساڭا ئېيتايكى، مەۋجۇتسىزلىق يولىنى ھېچكىم بىلەلمەس، چۈنكى ھېچكىشى يوق نەرسىنى بىلىمەن دېمەس. شۇنداقلا، يوق نەرسىنى ھېچكىشى سۆزلىيەلمەيدۇ، ئويلاشقا بولىدىغان نەرسىلەرلا مەۋجۇت بولالايدۇ.
[2] بىر شەيئىي يىراقتا بولسىمۇ، سەن ئۇنى قاتتىق ئويلاپ بېرىلىپ كۈزەت، زېھنىڭنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭغا قادالغىن مىختەك. شۇندىلا بىلىپ يېتىسەن مۇنۇ ھەقىقەتنى: ئۆز مەۋجۇتلۇقىغا مەھكەم يېپىشقان مەۋجۇتلۇقنى ئۆز-ئۆزىدىن ئايرىۋېتەلمەيسەن، ئۇنى پارچىلىۋېتەلمەيسەن، ھەم ئۇنىڭ بىرلىكىنى بۇزۇۋېتەلمەيسەن.
[3] مەۋجۇتلۇقنىڭ ھەممىسى بىردۇر، مەن مۇشۇ يەردىن باشلايمەن، چۈنكى مەن ئاخىرىدا مۇشۇ يەرگە قايتىپ كېلىمەن.
[4] تەپەككۇر قىلغىلى بولىدىغانلىكى، ۋە سۆزلەپ ئىپادىلىگىلى بولىدىغانلىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى چوقۇم مەۋجۇت بولۇشى زۆرۈر، چۈنكى ئۇلارنىڭ مەۋجۇت بولماسلىقى ئەمەستۇر زۆرۈر. سەن مۇشۇ ھەقىقەتنى چوڭقۇر ئويلىشىڭ زۆرۈر. مەن سېنى يوق نەرسىلەرنى ئىزدىنىدىغان يولدىن توسىمەن، ھېچنېمە بىلمەيدىغان، ئۆلىدىغان ئاۋامنىڭ پىكىرىدىن توسىمەن. ئاددىي ئادەملەر قايسى يولنى تاللاشتا بىر قارارغا كېلەلمەيدۇ، كۆڭلىدە سان يوق، تەپەككۇرىنى بىر نۇقتىغا يىغالمايدۇ، لىڭتاسمىلىق قىلىپ ئىككىلىنىپ، ھېچنېمىنى پەرقلەندۈرەلمەيدۇ. ئۇلار مەۋجۇتلۇق بىلەن مەۋجۇتسىزلىقنى ئوخشاش دەپ بىلىدۇ، ئۇلار ھەم مەۋجۇتلۇق بىلەن مەۋجۇتسىزلىقنى ئوخشاش ئەمەس دەپ بىلىدۇ، ئۇلار ھەممە نەرسىنى ئۆزىنىڭ قارىمۇ قارشىسىغا قاراپ ماڭىدۇ دەپ بىلىدۇ.
[5] مەۋجۇتلۇقنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى قەتئىي ئىسپاتلانماس، بار نەرسىنىڭ يوقلۇقىنى ئىسپاتلاشنىڭ ئايىغى چىقماس، بۇنداق يولدىن ئۆزۈڭنى تارتساڭ زىيان چىقماس. كۆرگەن، ئاڭلىغان، تېتىغان نەرسىلەر بىلەن ھېسابلاشما، ئادەت كۈچۈڭ قارشىلاشسىمۇ ئۇلارغا قارىتىلغان تەتقىقاتقا يېقىنلاشما. مەن ساڭا ئۆگەتكەن، كىشىلەر قارشى تۇرۇپ بولالماي ھالىدىن كەتكەن ئاشۇ نۇقتىنەزەرلەر ئارقىلىق شەيئىلەرگە ھۆكۈم چىقار.
[6] بىزگە ئېشىپ قالىدىغىنى بىرلا يولدۇر، ئۇ بولسىمۇ مەۋجۇتلۇقتۇر. مەۋجۇتلۇق يارىتىلمىغان ھەم يوقالماس، مۇكەممەل ھەم يۆتكەلمەس، بېشى يوق ئاخىرىمۇ يوق. ئۆتمۈشتە مەۋجۇت بولمىغان نەرسە ھازىر مەۋجۇت بولمايدۇ، ھازىر مەۋجۇت بولمىغان نەرسە كەلگۈسىدە مەۋجۇت بولمايدۇ. بارلىق مەۋجۇتلۇق بىرلا ۋاقىتتا ھازىرنىڭ ئۆزىدە مەۋجۇتتۇر، مەۋجۇتلۇق ئۇ ئۈزۈكسىز بىرلىكتۇر. چۈنكى، مەۋجۇتلۇق نەدىن كەلگەندۇ؟ مەۋجۇتلۇق نېمىدىن قانداق بولۇپ بارلىققا كەلگەندۇ؟ مەۋجۇتلۇق چوقۇم يوقلۇقتىن بارلىققا كەلمەيدۇ، چۈنكى يوق نەرسىنى تەپەككۇر قىلغىلى بولمايدۇ، يوق نەرسىنى سۆزلىگىلى ھەم بولمايدۇ. ئەگەر مەۋجۇتلۇق مەۋجۇتسىزلىقتىن ئاپىرىدە بولغان بولسا، ئەگەر يوقلۇقتىن بارلىق ھاسىل بولغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇ نېمىشقا بالدۇرراق بارلىققا كەلمەيدۇ؟ نېمىشقا كېيىنرەك بارلىققا كەلمەيدۇ؟ شۇڭا، بىر بولسا، مەۋجۇتلۇق مۇكەممەل ھالەتتە بىراقلا مەۋجۇت بولىدۇ؛ بىر بولسا، ئەسلا مەۋجۇت بولمايدۇ، يوقلۇقتىن پەيدا بولىدىغىنى پەقەتلا يوقلۇق. ھەققانىيەت ئىلاھى ھەر قانداق مەۋجۇتلۇقنىڭ بارلىققا كېلىشىگە، ۋە ياكى ھەر قانداق مەۋجۇتلۇقنىڭ يوقاپ كېتىشىگە يول قويماس. «مەۋجۇتمۇ ياكى مەۋجۇت ئەمەسمۇ؟» ____ ھازىردىن باشلاپ ھۆكۈمىمىزنىڭ ئاساسى مۇشۇ بولىدۇ. ئويلىغىلى ھەم سۆزلىگىلى بولمايدىغىنى نامسىز يولدۇر، ئۇ بولسىمۇ مەۋجۇتسىزلىقنىڭ ساختا يولىدۇر. بۇ يولنى بىز ئەقىل بىلەن پېچەتلەيمىز، ئۇنىڭغا يېقىن يولاپ سالمايمىز. يەنە بىرى ھەقىقەتنىڭ يولىدۇر، ئۇ بولسىمۇ مەۋجۇتلۇق يولىدۇر. بۇ يولنى بىز ئەقىل بىلەن ئىزدەيمىز، بۇ يولدا بىز دادىل قەدەم تاشلايمىز. ھازىر يوق نەرسىلەر قانداق قىلىپ كەلگۈسىدە مەۋجۇت بولغاي؟ قانداق قىلىپ يوقلۇقتىن بار بولغاي؟ شەكىللىنىپ بارلىققا كەلگەن بولسا، ئۇنداقتا ئۇ مەۋجۇت ئەمەس؛ كەلگۈسىدە مەۋجۇت بولماقچى بولسا، ئۇنداقتا يەنىلا مەۋجۇت ئەمەس.
شۇنداق قىلىپ ئۆزگىرىشنىڭ ئوتى ئۆچتى، ئۆتمۈش-كەچمىشنىڭ ئۈنىمۇ شۇنىڭ بىلەن ئۆچتى.
مەۋجۇتلۇق بۆلۈنمەيدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ھەممە يېرى ئوخشاش، بۇ يەردىكى مەۋجۇتلۇق بىلەن ئۇ يەردىكى مەۋجۇتلۇقنىڭ سانى ئوخشاش. ئۇلار بىر بىرىگە چىڭ يېپىشىدۇ، بارچە نەرسە مەۋجۇتلۇققا تولۇپ كېتىدۇ. مەۋجۇتلۇق پۈتۈنلەي ئۈزۈكسىز، ئۇلىنىشچان، مەۋجۇتلۇق بىر-بىرى بىلەن تۇتاشقان، مەۋجۇتلۇق كۈچلۈك زەنجىر تەرىپىدىن باغلانغان، شۇڭا مەۋجۇتلۇق يۆتكەلمەيدۇ، شۇڭا مەۋجۇتلۇق مىدىرلىمايدۇ. بۇ زەنجىرنىڭ بېشى يوق، بۇ زەنجىرنىڭ ئاخىرى يوق. يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىش قوغلاندى بولدى، بارلىقتىن يوقىلىپ كېتىشمۇ قوغلاندى بولدى. مەۋجۇتلۇق ئۆزگەرمەيدۇ، يۆتكەلمەيدۇ، مىدىرلىمايدۇ، ئۆز-ئۆزىگە قاپسالغان ھالدا قىمىرلىمايدۇ. كەسكىن مۇقەررەرلىك ئۇنى تەرەپ-تەرەپتىن قىستىغان، ئۇنى ئۆز ئورنىدا چىڭ ساقلىغان. مەۋجۇتلۇق ھەرگىز چەكسىز بولمايدۇ،  چۈنكى ئۇ ئۆزىدىن باشقا ھېچنېمىگە موھتاج بولمايدۇ. مەۋجۇتلۇق چەكسىز بولۇپ قالسا ناۋادا، بارچە نەرسىلەرگە ئېھتىياجلىق بولار ئۇ ھالدا. تەپەككۇر قىلىشقا بولىدىغان نەرسە ۋە تەپەككۇرنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئاساس بولغان نەرسە ____ بۇ ئىككىسى بىر نەرسە. مەۋجۇتلۇق بولمىسا تەپەككۇر قىلىدىغانغا نەرسە بولماس، سۆزلەيدىغانغا سۆز بولماس، مەۋجۇتلۇقتىن باشقا ھېچنېمە مەۋجۇت بولماس، ھەم مەۋجۇتمۇ بولالماس. چۈنكى تەقدىر مەۋجۇتلۇقنى مۇكەممەل ھالىتىدە زەنجىرلىۋەتكەن، يۆتكەلمەس ھالىتىدە زەنجىرلىۋەتكەن. مەۋجۇتلۇقتىن باشقىسىنىڭ ھەممىسى پەقەتلا ئىسىمدۇر خالاس، بۇ ئىسىملارنى قويغىنى ئۆلۈپ كېتىدىغان ئاددىي ئادەملەردۇر خالاس. ئۇلار بارلىققا كېلىش ۋە يوقىلىشقا ئىشىنىدۇ، مەۋجۇتلۇق ۋە مەۋجۇتسىزلىققا ئىشىنىدۇ، بارلىق ۋە يوقلۇققا ئىشىنىدۇ، ئورۇن ۋە رەڭلەرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئىشىنىدۇ.
مەۋجۇتلۇقنىڭ باش-ئاخىرى يىراقلارغا سوزۇلغان، ئۇنىڭ ھەر تەرىپى مۇكەممەللىككە تويۇنغان. مەۋجۇتلۇق گوياكى بىر يۇمىلاق شارچىغا ئوخشايدۇ، ھەر يۆنىلىشتىكى مىقدارى تەڭ بولۇپ سانى ئوخشايدۇ. مەۋجۇتلۇقنىڭ بىر يېرى باشقا يېرىدىن چوڭ ئەمەس، مەۋجۇتلۇقنىڭ بىر يېرى باشقا يېرىدىن كىچىك ئەمەس، ئۇنىڭ تەكشى يېيىلىشىنى توسىدىغان مەۋجۇتسىزلىق مەۋجۇت ئەمەس، ئۇنىڭغا ۋەيرانچىلىق سالالايدىغان نەرسە تېپىلغان ئەمەس. ھەر بىر يۆنىلىشتىكى نۇقتىغا تەڭ ئۇزايدىغان ئاشۇ نۇقتا، دەل مەۋجۇتلۇقنىڭ چېكىگە ئوخشاش ئارىلىق بىلەن ئۇزايدىغان ئاشۇ نۇقتا.

ساختىلىق يولى

[7] ھەقىقەت توغرىسىدىكى ئىشەنچلىك سۆزلىرىمنى توختىتىمەن مۇشۇ يەردە، ئاۋامنىڭ ساختىپەزلىكىنى بايان ئەيلەشنى باشلايمەن مۇشۇ يەردە. مېنىڭ بىلجىرلاشلىرىمنى ئاڭلىغىن سەن مۇشۇ يەردە.
ئۆلىدىغان ئادەملەر ئىككى نەرسىگە ئىسىم قويماقچى بولدى، ئىككى ئىسىمنىڭ بىرىنى ئۇلار قويماسلىقى كېرەك ئىدى. مانا مۇشۇ يەردە ئۇلار ھەقىقەت يولىدىن ئېغىپ كەتتى، بۇ ئىككىسىنى قارىمۇ-قارشى ئورۇنغا قويۇپ ئىزىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ بىرىگە تەقسىم قىلدى ئىلاھىي يورۇقلۇقنى، يەنە بىرىگە تەقسىم قىلدى زۇلمەت قاراڭغۇسىنى. ئىلاھىي ئوت يېقىشلىق، يېنىك، ھەممە يەرلىرى ئۆزىگە ئوخشار ئىدى. زۇلمەت قاراڭغۇسى بولسا قوپال، چىڭدالغان، ئېغىر ئىدى.
مەن ساڭا سۆزلەيمەن بارچە ئويۇننى، ساختا جاھاننىڭ قانداق ھالەتتە ئورۇنلاشتۇرۇلغىنىنى. شۇندىلا سەن ھەقىقەتنى ۋە ساختىلىقنى بىلىسەن، ساختىلىق بىلەن بولغان جەڭدە يېڭىسەن.
[8] بارچە نەرسىلەرگە قاراڭغۇلۇق ۋە يورۇقلۇق دەپ نام بېرىلدى، قاراڭغۇلۇق ۋە يورۇقلۇقنىڭ قۇدرىتىمۇ ئۇلارغا بېرىلدى. شۇندىلا بارچە نەرسىلەر قاراڭغۇلۇق ۋە يورۇقلۇققا تولدى، بۇ ئىككىسىنىڭ كۈچى تەڭپۇڭ بولدى، چۈنكى ئۇ ئىككىسى بىر-بىرى بىلەن ئالاقىسىز ئىدى.
[9] سەن بىلگىن ئالەمنىڭ بارچە سىرىنى، كائىناتتىكى بىشارەتلەرنىڭ مەنىسىنى،  پارلاپ تۇرغان قۇياشنىڭ ماھىيىتى ۋە مەنبەسىنى. سەن يەنە بىلگىنكى: ئاينىڭ زادى نېمە ئىش قىلىدىغىنىنى، ئاسماننىڭ نەدىن پەيدا بولغانلىقىنى، يۇلتۇزلارنى نېمىنىڭ تۇتۇپ تۇرىدىغانلىقىنى، يەر، قۇياش، ئاي، ۋە ھەممىگە ئورتاق بولغان ئاسمان گۈمبىزى، سامانيولى، ئەڭ سىرتىدىكى ئولېمپىس شۇنداقلا كۆيۈۋاتقان يۇلتۇزلارنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقىنى.
[10] تار بەلباغدا ساپ ئوت يالقۇنجىغان، ئۇنىڭ يېنىغا قاراڭغۇلۇق سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان، ئۇنىڭ ئىچىدىمۇ چەككە-چۈككە ئوتلار كۆيۈۋاتقان. مانا مۇشۇ نەرسىلەرنىڭ ئارىسىدا، باردۇركى جاھاننىڭ بارچە ئىش-كۈشلىرىنى ئۇيان-بۇيان قىلىدىغان مۇقەددەس ئىلاھىيلىق. بارچە ئازابلىق تۇغۇتنى باشلىغىنى مۇشۇ ئىلاھە، قىزلارنى يىگىتلەرگە، يىگىتلەرنى قىزلارغا تەشنا قىلغىنىمۇ مۇشۇ ئىلاھە.
[11] بارچە ئىلاھلارنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭ تۇنجى بولۇپ ياراتقىنى سۆيگۈ ئىلاھەسى ئېروس ئىدى. بۇ ئىلاھە ئۆز نۇرىغا تايىنىپ كېچىدە نۇرلىنىپ چاقنار ئىدى، ھەر ۋاقىت قۇياش نۇرىغىلا يۈزلەنگەن ھالەتتە زېمىننى چۆرىدەپ ئايلىنىپ يۈرەر ئىدى.
[12] تەپەككۇر خاتالاشتى، شۇنىڭغا ئوخشاش ئىنسانمۇ خاتالاشتى. ئىنساندىكى تەپەككۇرغا قاتنىشىدىغان نەرسە ھەر بىر ئىنساندا ئوخشاش بولىدۇ، ئۇلارنىڭ تەپەككۇرى ئۇلارنىڭ ئىچىدە تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنىڭ بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
[13] ھامىلىنىڭ ئوڭدىكىسى ئوغۇل، سولدىكىسى قىز.
[14] مانا مۇشۇنداق قىلىپ، ئۆلىدىغان ئاددىي ئىنسانلارنىڭ كۆز قارىشى بويىچە، شەيئىلەر يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، ھازىرقى ھالىتىگە يەتتى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇلار ئۆزگىرىدۇ، ئۆتۈپ كېتىدۇ. بۇ ئىشلارنىڭ ھەر بىرىگە ئىنسانلار مۇقىم بىر نامنى بەرگەن.


تەرجىمە قىلغۇچى: مەمتىمىن ئوبۇل
مەزكۇر يازما سودا كىتاب باسمىخانىسى 1981-يىلى 6-ئايدا نەشىر قىلغان «غەرب پەلسەپىسى ئەسلىي ئەسەرلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق» (خەنزۇچە نەشىرى) دېگەن كىتابتىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىنىپ تەييارلاندى، تەرجىمە جەريانىدا ئىنگلىزچە نۇسخىسىدىن قوشۇمچە پايدىلاندىم. ئەسلىي ئەسەر ئۈزۈندە شەكىلىدە بولغاچقا، بەزى جايلىرىنى چۈشىنىش قىيىنغا توختىدى، شۇڭا، تەرجىمىدە بەزى سەۋەنلىكلەر ساقلانغان بولۇشى مۇمكىن، قېرىنداشلارنىڭ بايقىغانلىرىنى ئايىماي ئوتتۇرىغا تاشلىشىنى قارشى ئالىمەن.

uyghuray

133

تېما

2

دوست

7069

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   41.38%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33022
يازما سانى: 289
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 264
تۆھپە : 2172
توردىكى ۋاقتى: 271
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-14 13:10:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمان مەمتىمىن ئۇبۇل بۇرادەرنىڭ مەزگۇر ئەسەرگە بولغان تەرجىمىسىگە بارىكاللا ئېيتىمەن. خۇددى ئۇيغۇر يازغاندەك تەرجىمە بولۇپتۇ. ئەسەرنىڭ ئۆزىمۇ پايدىلىنىش قىممىتى بار ئەسەركەن. بۇ ئەسەرنى بايقاغان، تەرجىمە قىلغان مەمتىمىن ئۇبۇل ئەپەندىگە، بۇ تەرجىمىنى توردا نەشىر قىلىپ بىز بىلەن يۇز كۆرۈشتۈرگەن، چۈشكۈن ئەپەندىگە تەشەككۇر.

4

تېما

7

دوست

1444

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   44.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  48782
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 23
تۆھپە : 478
توردىكى ۋاقتى: 191
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-14 13:30:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
jimsary يوللىغان ۋاقتى  2016-3-14 13:10
تەرجىمان مەمتىمىن ئۇبۇل بۇرادەرنىڭ مەزگۇر ئەسەرگە بول ...

رىغبەتلەندۈرگىنىڭىزگە تەشەككۈر!

0

تېما

0

دوست

270

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   90%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  56563
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 84
توردىكى ۋاقتى: 25
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-15 01:25:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ئۇستاز، پەقەت سىزنىڭ ئەسىرىڭىزنىلا دەپ باغداشقا كىرىدىغان بولدۇم.
uyghuray

0

تېما

2

دوست

737

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   47.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  56316
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 206
توردىكى ۋاقتى: 36
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-15 11:22:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسىمۇ مۇشۇنداق شېئىرى پۇراقتا يېزىلغانمۇ؟ بۇ ئەسەر ئوقۇرمەننىڭ لوگىكا ۋە ئىستىلىستىكا ساۋادى بۇلۇشىنى تەلەپ قىلىدىكەن !

4

تېما

7

دوست

1444

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   44.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  48782
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 23
تۆھپە : 478
توردىكى ۋاقتى: 191
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-15 12:38:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alip1924 يوللىغان ۋاقتى  2016-3-15 11:22
بۇ ئەسەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسىمۇ مۇشۇنداق شېئىرى پۇراقتا ي ...

شۇنداق، ئەسلى نۇسخىسىمۇ مۇشۇنداق شېئىرى پۇراقتا يېزىلغان. ئەسلى ئەسەرگە سادىق بولۇش ئۈچۈن، ناقابىل بولساممۇ شېئىرى پۇراقتا تەرجىمە قىلىپ باقتىم.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )