شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىسىدە بىۋاسىتە تەھدىتكە ئۇچرايدىغىنى نېمىشقا جۇڭگو
سەن شەن
نۇرجاھان تەرجىمىسى
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تور بېتىنىڭ 2-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا: چەتئەل مېدىيەلىرىنىڭ دېيىشىچە، ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات باش نازارەتچىسى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى ھەرقايسى ئاخبارات ئورگانلىرىغا ۋەكىل بولۇپ، ئامېرىكا دۇچ كەلگەن زور تەھدىتكە يىللىق باھالاش قىلغاندا دېيىشىچە، شىمالىي كورىيە (چاۋشىيەن) بىر ئۇران قۇيۇلدۇرۇش ئەسلىھەسىنى كېڭەيتىپ قۇرغان ھەمدە نەچچە ھەپتە ياكى نەچچە ئايدىن كېيىن يادرو قورالى كېرەكلىك ماتېرىيال پلۇتونىي ئايرىپ چىقالايدىغان رېئاكتورنى قايتا قوزغاتقان.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 2-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جامېس كلاپپېرنىڭ دېيىشىچە، پيوڭياڭ 2013-يىلى بايانات ئېلان قىلىپ، نيوڭبىيانغا جايلاشقان ئۇران قۇيۇلدۇرۇش ئەسلىھەسى ھەمدە 2007-يىلى تاقالغان پلۇتونىي ئىشلەپچىقىرىش رېئاكتورىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى جايلاردىكى يادرو ئەسلىھەلىرىنى رېمونت قىلىشنى ھەمدە قايتا قوزغىتىشنى پىلانلىغانلىقىنى جاكارلىغان. كلاپپېرنىڭ دېيىشىچە، ئامېرىكا ئاخبارات ساھەسى شىمالىي كورىيەنىڭ نيوڭبىيان يادرو ئەسلىھەسىنى ئاللىقاچان كېڭەيتىپ قۇرغانلىقىنى ھەمدە ئۇنىڭدىكى پلۇتونىي ئىشلەپچىقىرىش رېئاكتورىنى قايتا قوزغاتقانلىقىنى مۆلچەرلىگەن.
كلاپپېر كېڭەش پالاتا ھەربىي كومىتېتىغا دېيىشىچە، شىمالىي كورىيەنىڭ بۇ رېئاكتورنى ئىشقا كرىشتۈرۈش ۋاقتى يېتەرلىك ئۇزۇن بولۇپ، «نەچچە ھەپتىدىن نەچچە ئايغىچە ۋاقىتتىن كېيىن» پلۇتونىي ئېلىشقا باشلايدىكەن.
بۇ ئىككى بايقاش كىشىلەرنىڭ ئەندىشىسىنى كۈچەيتتى: شىمالىي كورىيە يېقىندا يەر ئاستىدا يادرو پارتلىتىش سىنىقى قىلغان ۋە راكېتا قويۇپ بەرگەندىن كېيىن يادرو قورالى پىلانىدا تېخنىكا ئىلگىرىلىشىگە ئېرىشىپلا قالماستىن، يەنە بارلىق كۈچى بىلەن كىچىك تىپتىكى يادرو قورال ئامبىرىنى كېڭەيتكەن. ئامېرىكىنىڭ بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلىرى پەرەز قىلىشىچە، شىمالىي كورىيەنىڭ تەخمىنەن 10 دانە ئوق بېشى بار ئىكەن، ئەمما 2020-يىلغا بارغاندا كۆپىيىپ 20 دانىدىن 100 دانىغا يېتىشى مۇمكىن ئىكەن.
كلاپپېرنىڭ دېيىشىچە، پيوڭياڭ بارلىق كۈچى بىلەن يادرو ئوق بېشى ئېلىپ يۈرەلەيدىغان، ئامېرىكىغا بىۋاسىتە تەھدىت سالالايدىغان يىراق مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ، «گەرچە بۇ خىل سىستېما تېخى سىناق قىلىنمىغان بولسىمۇ».
كيوتو ئاگېنتلىقى 2-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىشىچە، ئامېرىكا ئاخبارات تارماقلىرىنىڭ مەخپىي ماتېرىياللىرىنى كۆرۈش ھوقۇقى بار كېڭەش پالاتا ئەزاسى دىياننى فېنستېيىن 2-ئاينىڭ 9-كۈنى دېيىشىچە، شىمالىي كورىيە ئۇران ۋە پلوتونىيدىن ياسالغان يادرو ئوق بېشى كۆپ بولغاندا 20 دانىغا يېتىشى مۇمكىن ئىكەن.
بۇ خىل پەرەز كۆپتۈرۈۋېتىلگەن ئەمەس. خېلى بىر مەزگىلدىن بۇيان، «شىمالىي كورىيەنىڭ يادرو پىلانىغا بولغان ئەنئەنىۋى قاراش بولسا شىمالىي كورىيە ھەقىقىي ئەھمىيەت بېرىدىغىنى ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ قانۇنلۇقلىقى بولۇپ، يادرو قورالىنى كوزىر قىلىپ باشقا دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنى خالايدۇ».
نۆۋەتتىكى ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، شىمالىي كورىيەنىڭ يادرو پىلانى «تەھدىت»تىن بىر قەدەم بىر قەدەمدىن رېئاللىققا ئايلاندى.
كىم جوڭئىل رەھبەرلىكى دەۋرىدە، شىمالىي كورىيە بىر قىسىم ئەھۋالدا خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئورگىنىنىڭ يادرو تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلاتتى، شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىسى ئالتە تەرەپ سۆھبىتىگە قاتنىشاتتى، ھەتتا يادرو پىلانى مەزمۇنىنىڭ قىسمەنلىرىنى تارايتىش ئارقىلىق خەلقئارانىڭ ئىقتىسادىي جازاسىنى يېنىكلىتىشنى قولغا كەلتۈرۈشكە قوشۇلاتتى. لېكىن، كىم جوڭئۇن تەختكە چىققاندىن كېيىن يادرو مەسىلىسىدە ئاشقۇن يول تۇتتى، ئۇ يادرو پىلانىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇردى ھەمدە يادرو سىنىقىنى يۇقىرى تەرزدە قانات يايدۇردى.
بۈگۈنگە كەلگەندە، كۆرۈنەرلىك ھالدا ئۆزىنىڭ يادرو قورال ئامبىرىنى كېڭەيتتى ھەمدە بىر قەدەم بىر قەدەمدىن يادرو قورالىنىڭ ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈردى، ھىدروگىن بومبىسى پارتلىتىش سىنىقى ھەممىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشكە يېتەرلىك، بۇ بۇ خەلقئارا جەمئىيەتتىكى كۆپ سانلىقنىڭ تونۇشى بىلەن زىت كېلىدۇ.
گەرچە شىمالىي كورىيە يارو قورالىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ئامېرىكىغا قارىتىلغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، شىمالىي كورىيە جۇڭگونىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلۇشقا ئۇرۇنماقتا، ئامېرىكىغا ياخشىچاق بولۇش مۇددىئاسى ئىنتايىن ئېنىق. جۇڭگودىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ ئامېرىكا بىلەن ئۆز ئالدىغا سۆھبەتلىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
شىمالىي كورىيە يادرو سىنىقى قىلىپ ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىپ، ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا قايتا تەڭپۇڭلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەسىگە ياردەم بەردى، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ئاسىيادا ھەربىي كۈچ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئىنتايىن مۇھىم باھانە تېپىپ بەردى. بۇ ھەم شىمالىي كورىيەگە بولغان يوشۇرۇن ياردەمدۇر، چۈنكى شىمالىي كورىيەمۇ ئامېرىكىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگو شەرقىي ئاسىيا رايونىدىكى غايەت زور تەسىر كۈچىنى تەڭپۇڭلاشتۇرماقچى.
راست گەپنى دېسەك، شىمالىي كورىيەنىڭ يادرو قورال پىلانىنىڭ ئەڭ چوڭ تەھدىتىگە ئۇچرايدىغىنى ئەمەلىيەتتە جۇڭگو!
جۇڭگونىڭ كورىيە يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش مەيدانى كىم جوڭئۇننى قاتتىق بىئارام قىلغان ئىش بولغانلىقى سەۋەبلىك، ئۇ ئېھتىمال جۇڭگوغا تايىنىش ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ دەپ قاراپ، جۇڭگوغا ئۈزلۈكسىز تەھدىت سېلىپ، يۈزى قېلىن تىلەمچىدەك مەجبۇرىي سوراپ ئالماقتا، كىم جوڭئۇننىڭ ھەددىدىن ئاشقان «ھەربىي سىياسىي» تەپەككۇر شەكلىنى، قورال كۈچى بىلەن جەنۇب شىمالنى بىرلىككە كەلتۈرۈش مۇددىئاسىنى ھامان قانائەتلەندۈرگىلى بولمايدۇ.ئامېرىكا بىلەن ئاتالمىش «تىنچلىق كېلىشىمى» تۈزۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ، لېكىن دۆلەت ئىچىدە چوڭ تازىلاش سەۋەبلىك كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان نارازىلىق كەيپىياتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى باستۇرىدۇ. كىم جەمەتى ھاكىمىيىتىنىڭ مۇستەھكەملەش ئاندىن كىم جوڭئۇننڭ ئەڭ ئاخىرقى نىشانى!
ئامېرىكا ئىككى ئاۋىئاماتكا جەڭ توپى ۋە ئىستراتېگىيەلىك بومباردىمانچى ئايروپىلاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان زور تۈركۈمدىكى ھەربىي ئەسلىھەلەرنى ئەۋەتسە ھەمدە «كاللا كېسىش ھەرىكىتى» قىلىدىغان ئالاھىدە قىسىمنىڭ شەرقىي ئاسىيا رايونىغا كەلسە ھەمدە جەنۇبىي كورىيەگە THAAD باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستما ئورۇنلاشتۇرماقچى بولسا، كىم جوڭئۇننىڭ نېمىشقا شۇنچە «تەمكىن» تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
چۈنكى، ئۇ ئامېرىكىنىڭ ھەربىي كۈچىنى باشلاپ كېلىپ، دەل جۇڭگونىڭ تەسىرىنى تەڭپۇڭلاشتۇرماقچى. ئۇ ئامېرىكىنىڭ ئۆزىگە قول سالمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىدۇ، چۈنكى جۇڭگو ۋە رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ ئىشىك ئالدىدا ئىش تېرىشىغا رۇخسەت قىلمايدۇ. بۇ دەل كىم جوڭئۇننىڭ قالقانغا ئىگە بولۇپ يۈرىكى چوڭىيىپ كەتكەن، تەپتارتماستىن يادرو قورالى ئىشلىتىپ «ئامېرىكىنى پارتلىتىۋېتىمەن» دەپ دارۋاڭ قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە كىم جوڭئۇن ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇ ئۇرۇشتىن پايدىغا ئېرىشىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن چوڭ. ئەمما ئۇ مۇبادا ئامېرىكا جۇڭگو ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرسە، ئالدى بىلەن تاياق يەيدىغىنىنىڭ كىم جوڭئۇن ئۆزى بولىدىغانلىقىدەك بۇ نۇقتىغا سەل قارىدى!
ئەگەر، كىم جوڭئۇن ۋاقىت كەلگەندە ھەممىنى بىر يولدىلا دو تىكىپ يادرو قورالى ئىشلىتىشكە تەۋەككۇل قىلسا، ئەڭ چوڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرايدىغىنى دەل جۇڭگو بولىدۇ!
چۈنكى كىم جوڭئۇن قىسقا مەزگىل ئىچىدە يادرو بومبىسىنى ئامېرىكا زېمىنىغا تاشلىيالىشى مۇمكىن ئەمەس، يادرو بومبىسىنى جۇڭگو، جەنۇبىي كورىيە، ياپونىيەگە تاشلاش نىسبەتەن ئاسان ئىش، شۇڭا، شىمالىي كورىيەنىڭ يادرو قورال تەرەققىياتىنىڭ بىۋاسىتە تەھدىتىگە ئۇچرايدىنغىنى ئامېرىكا ئەمەس بەلكى جۇڭگو! ئويلاپ باقايلى، جۇڭگو كىم جوڭئۇننىڭ يادرو سىنىقىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى، جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال رايوندىكى بەزى جايلاردا يەر تەۋرىگەندەك سېزىم بولدى، زاۋۇتلار ئىش توختاتتى، مەكتەپلەر دەرس توختىتىپ تارقاقلاشتۇرۇلدى، مۇبادا يادرو ئېقىپ كېتىش يۈز بەرسە قانداق قىلىمىز!؟ مۇبادا ئامېرىكا شىمالىي كورىيەنى ئۆزىگە ھەقىقەتەن تەھدىت شەكىللەندۈردى دەپ ھېس قىلىپ، ئالدىن قول سېلىپ نۇقتىلىق تازىلىسا، تاشقى ئوپېراتسىيە شەكلىدە زەربە بېرىپ، شىمالىي كورىيەگە ھۇجۇم قوزغىسا جۇڭگو قانداق قىلىدۇ؟ جۇڭگونىڭ مۇقەررەر بۇ قاينامغا كىرىپ قېلىشىنىڭ ئېھتىماللقى بار!
شۇڭا، جۇڭگو بۇ مەسىلىدە ھەرگىز يېنىكلىك قىلسا بولمايدۇ، چوقۇم تولۇق تەييارلىق كۆرۈپ مۇداپىئەلىنىشى كېرەك!
مەنبە: سۇمرۇغ بلوگىدىن تەرجىمە قىلىندى. تەرجىمە قىلغۇچى باغداش تورىدىن نۇرجاھان، باشقا تور بەت ۋە سالونلارنىڭ كۆچۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
|