قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 305|ئىنكاس: 0

پېرىۋوت سودىسىغا يېڭى كىرگەنلەر زىيان بەلگىلەشكە قانداق مۇئامىل...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

46

تېما

2

دوست

2229

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  40020
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 97
تۆھپە : 674
توردىكى ۋاقتى: 81
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-14 12:08:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پېرىۋوت سودىسىغا يېڭى كىرگەنلەر زىيان بەلگىلەشكە قانداق

مۇئامىلە قىلىشى كېرەك؟



   پېرىۋوت سودىسىغا يېڭى كىرگۈچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا "زىيان بەلگىلەش" ھەم كىشىنى خاتىرجەم قىلىدىغان، ھەم ئەنسىرىتىدىغان سۆز بولۇشى مۇمكىن. زىيان بەلگىلەش- زىياننى ئازايتىش، زىياننى توختىتىش دېگەنلىك بولۇپ، زىياننى پۈتۈنلەي يوق قىلىش ئەمەس، ئۆز نۆۋىتىدە مۇئەييەن زىيان تارتىش بولۇپ تۇرىدىغان ئىش.
   زىيان بەلگىلەش پۇل مۇئامىلە سودا بازىرىدا ئۇزۇن مەزگىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاساسى ماھارىتى. ئەمما كۆپ قىسىم مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ زىيان بەلگىلەشكە بولغان چۈشەنچىسى ئېنىق ئەمەس، ھەتتا قارىغۇلارچە زىيان بەلگىلەپ سودا قىلىش ئەھۋاللىرىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ. زىيان بەلگىلەشكە بولغان خاتا چۈشەنچە رايونى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بىرىنچى خاتالىق: زىيان بەلگىلىمەي سودا قىلىش.
زىيان بەلگىلىمەسلىك نېمىشقا خاتا بولىدۇ؟
مەشغۇلات بولغانىكەن، توغرا مەشغۇلاتمۇ بولىدۇ، خاتا مەشغۇلاتمۇ بولىدۇ، مەشغۇلات توغرا بولغاندا پايدا ئېلىش تەبىئىي، ئەمما خاتا مەشغۇلات قىلىپ قالساق قانداق قىلىش كېرەك؟ پېرىۋوت سودىسىدا مەشغۇلات خاتا بولۇپ قالغاندىن كېيىنكى بىردىنبىر تاللاش دەرھال خاتالىقنى تونۇش ۋە ئۆزگەرتىش. زىياننى توختىتىش، يەنى زىيان بەلگىلەپ سودا قىلىش-خاتالىقنى تونۇش ۋە ئۆزگەرتىشنىڭ ئاساسىي ۋاستىسى. ھەر قانداق بىر سودىنى قىمار ئورنىدا كۆرۈپ تەلەي سىناش پوزىتسىيىدە سودا ئېلىپ بېرىشقا بولمايدۇ. زىيان بەلگىلەش بەلكىم يېڭى بىر خاتالىق بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بۇ پۈتۈنلەي خاتا ياكى چوقۇم خاتا دېگەنلىك ئەمەس، پەقەت مۇمكىنچىلىك بار دېگەنلىك. گەرچە كۆپ قىسىم كىشىلەر بىكىتكەن زىياننى ئۈستىگە ئېلىشنى خالىمىسىمۇ، ئەمما ۋاقىت ۋە مەبلەغ جەھەتتىكى چەكلىمىلىكنى ئويلاشقاندا دائىرىلىك كىچىك زىيان بىلەن بىر پۈتۈن چوڭ زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش يەنىلا ئاقىلانە تاللاش ھېسابلىنىدۇ.
ئىككىنچى خاتالىق: زىياننى قارىغۇلارچە بەلگىلەپ سودا قىلىش.
كۆپ قىسىم يېڭى سودا قىلغۇچىلار زىيان بەلگىلىمەي چوڭ زىيان تارتىپ كەتكەندىن كېيىن ساۋاقنى قوبۇل قىلىپ زىيان بەلگىلەشنى مىزان قىلىدۇ، ئەمما زىياننى قانداق بەلگىلەشنى بىلەلمەي قارىغۇلارچە زىيان بەلگىلەپ سودا قىلىدۇ. قارىغۇلارچە زىيان بەلگىلەشنىڭ ئاقىۋىتى ئېنىق بولۇپ، ھېچقانداق بىر ھېسابات ئۇزۇن مەزگىل ئارقىمۇ ئارقا داۋاملاشقان زىيانغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. مەبلەغ سالغۇچى زىيان بەلگىلىگەنسېرى ئازلاۋاتقان ھېسابات ساپ قىممىتىگە قاراپ زىيان بەلگىلەش بەلگىلىمەسلىك ئوتتۇرىسىدا قاتتىق تېڭىرقايدۇ. قانداق قىلىشىنى بىلەلمەي گاڭگىراپلا قالىدۇ.
ئۈچىنچى خاتالىق: زىياننى بەزىدە بەلگىلەپ، بەزىدە بەلگىلىمەي سودا قىلىش.
زىيان بەلگىلىمەسلىكنىڭ خەتىرىنى تونۇپ يېتىپ بۇرنىغا يەپ، قالايمىقان زىيان بەلگىلەپ سودا قىلىپ زىيان تارتىپ كەتكەنلەر كېيىنكى قەدەمدە داۋاملىق خاتالىشىپ، ئۆزىنى مەغلۇبىيەتكە باشلايدىغان يەنە بىر خاتا يولنى تاللىۋالىدۇ. ئۇ بولسىمۇ زىياننى بەزىدە بەلگىلەپ، بەزىدە بەلگىلىمەسلىك. يەنى زىيان نۇقتىسى كىچىك بولغاندا بەلگىلەپ، چوڭراق بولغاندا بەلگىلىمەسلىك ئۇۇسلىنى قوللىنىپ سودا قىلىدۇ. نەتىجىدە تېخىمۇ خاتالىشىدۇ.
شۇڭلاشقا پېرىۋوت سودىسىغا يېڭى كىرگەنلەر، كەسپى بىلىمى يېتەرلىك بولمىغانلار مال مىقدارىنى ياخشى كونترول قىلىپ ئاز مال تۇتۇش، سودا قېتىم سانى بەك كۆپ بولۇپ كەتمەسلىك، زىياننى چوقۇم ئىلمىي ئۇسۇلدا بەلگىلەپ سودا قىلىش، خاتالىقنى ئامال بار ئاز ئۆتكۈزۈش كېرەك، شۇندىلا بازار ئەھۋالىنى ئالدىرىماي ياخشى ئىگىلەپ سودىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتەرگىلى، مۇقىم پايدا يارىتىش يولىغا ماڭغىلى بولىدۇ.


مەنبە: بايكۈچ تورى (www.baykuq.com)

uyghuray
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )