قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1408|ئىنكاس: 19

ئەلسۆيەر:پايتەخت كۇتۇپخانىسىدىكى شېرىن چۈش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

20

تېما

29

دوست

6030

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   20.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22212
يازما سانى: 243
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى: 70
تۆھپە : 1984
توردىكى ۋاقتى: 301
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-14 20:43:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

پايتەخت كۇتۇپخانىسىدىكى شېرىن چۈش

ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر


     يېقىندا بېيجىڭغا باردىم. مېنىڭ بېيجىڭغا كېلىپلا ئالدى بىلەن زىيارەت قىلغان جايىم دۆلەتلىك كۇتۇپخانا، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە تيەنئەنمېىن مەيدانى بولدى. مەن دۆلەتلىك كۇتۇپخانىغا كىرىپ كىملىكىمنى ئاپتوماتىك كىتاب ئارىيەت كىنىشكىسى بېجىرىش ماشىنىسىغا سۈرتۈش ئارقىلىقلا كىنىشكىدىن بىرنى ھەقسىز بېجىرىۋالدىم ھەمدە شۇ كۇتۇپخانىدا يېرىم كۈنچە ئىلىم تەھسىل قىلدىم. شۇ جەرياندا دۆلەتلىك كۇتۇپخانىدا ئۆگىنىش قىلىۋاتقان مىغ – مىغ ئادەملەر كۆزۈمنى ئالىچەكمەن قىلىۋەتتى. ئالدىنقى قېتىم شاڭخەيگە بارغان چېغىمدىمۇ شاڭخەيدىكى كۇتۇپخانىلاردىن خېلى كۆپىگە بارغانىدىم. شاڭخەي كۇتۇپخانىسىمۇ مېنى ئالاھىدە زوقلاندۇرغانىدى. ئەلۋەتتە، بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق چوڭ شەھەرلەرنىڭ كۇتۇپخانىلارنىڭ ھەشەمەتلىكلىكى شۇ جايلاردا تۇرۇپ كېلىۋاتقانلارغا بەش قولدەك ئايدىڭ. مەن شۇ جايلاردا يۈرۈش جەريانىدا، چوڭ شەھەرلەرنىڭ تەرەققىياتى بىلەن كۇتۇپخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئوڭ تاناسىپلىق مۇناسىۋەتتە بولىدىغانلىقىغا دىققەت نەزىرىمنى ئاغدۇردۇم. ئاشۇ سەلتەنەتلىك كۇتۇپخانىلاردا تۇرغان چاغلىرىمدا خىيال كەپتەرلىرىم ئاللىقانداقتۇر دىيارىمىزنىڭ مەركىزىي شەھىرى بولغان ئۈرۈمچىگە ئۇچۇپ كەتكەنىدى. شۇ دەملەردە يۈرىكىم ماڭا «نەدە بىزنىڭ بىر كىملىك بىلەنلا كىرەلەيدىغان كۇتۇپخانىلىرىمىز؟» دەپ نىدا قىلماقتا ئىدى. «مەن ئادەتتە يۇرتۇمدا كىملىكىم ئارقىلىق قورۇيۇمغا ئاران كىرەلەيمەن، ئۆزۈمنىڭ ئۆزۈم ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالايمەن، پايتەختتە بولسا كىتاب ئارىيەت ئېلىش كىنىشكىسىنى ھەقسىز بېجىرەلەيدىكەنمەن، يەنە نۇرغۇن نەرسىلەر كىملىك بولسا ھەقسىز ئىكەن، ھەي، چوڭ يەرنىڭ چوڭلىقى بار دېگەن گەپ بىكار ئېيتىلمىغاندە» دېگەندەك خىياللار كاللامنى چىرمىۋالدى. مۇشۇلارنى ئويلىنىۋېتىپ تولۇق ئوتتۇرىدا سىنىپىمىزدا بەرپا قىلىنغان سىنىپ كۇتۇپخانىسى يادىمغا يەتتى.
كۇتۇپخانا.png

      ھېلىمۇ ئېسىمدە، تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 1 – يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا، گەرچە مەكتىپىمىزدە مەكتەپ كۇتۇپخانىسى بولسىمۇ، دائىم ئېچىلمىغاچقا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىتاب ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇمىقى قىيىن ئىدى. شەخسەن مەن مەكتەپ كۇتۇپخانىسىدا بىر قېتىممۇ كىتاب ئوقۇپ باقمىغانىدىم. بىر كۈنى سىنىپ مەسئۇلىمىز ئەخمەتجان مۇئەللىم سىنىپىمىزغا بىر ئىشكاپ ئەكىرىپ، سىنىپىمىزدىكى ساۋاقداشلارغا: «ساۋاقداشلار، سىنىپىمىزدا كۇتۇپخانا بەرپا قىلىمىز، شۇڭا، ھەربىرىڭلار ئىككى پارچىدىن كىتاب ئەكلىڭلار، بىز كولىكتىپنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ، بىر سىنىپ كۇتۇپخانىسى بەرپا قىلايلى!» دېدى. ساۋاقداشلار سىنىپ مەسئۇلىمىزنىڭ تەۋسىيەسى بويىچە بەس – بەستە كىتاب ئەكىلىشكە باشلىدى. مەنمۇ بۇ سىنىپ كۇتۇپخانىسىغا يازغۇچىمىز ئابدۇللا تالىپنىڭ «قاينام ئۆركىشى» ناملىق كىتابى بىلەن ئىسپانىيە مۇتەپپەككۇرى بالتاسار گىراسىئەننىڭ «ئەقىل پاراسەت دەستۇرى» ناملىق ئىككى پارچە كىتاپىنى ئەكىلىپ قويدۇم. سىنىپىمىزدىكى 40 ئوقۇغۇچى جەمئىي 80 پارچە كىتاب ئەكەلگەندىن باشقا، سىنىپ مەسئۇلىمىز ئەخمەتجان مۇئەللىم ئۆزىنىڭ يىغىپ قويغان كىتاب ۋە ژۇرناللىرىنى بۇ ئىشكاپقا تېزىپ بەردى، شۇنداق قىلىپ بۇ كىتاب ئىشكابىمىزدا ھەر تۈرلۈك كىتاب، ژۇرنالدىن 200 پارچىدىن ئارتۇق توپلىنىپ، ئىسمى جىسمىغا لايىق سىنىپ كۇتۇپخانىسى بەرپا بولدى. ئەخمەتجان مۇئەللىم بۇ كۇتۇپخانىغا دائىر ئىشلارنى باشقۇرۇشقا مەخسۇس ياقۇپجان ئىسىملىك ساۋاقدېشىمىزنى ئورۇنلاشتۇردى. بىز بۇ كۇتۇپخانىدىن ياقۇپجانغا تېزىملىتىپ قويۇپلا، خالىغان ۋاقىتتا كىتاب ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇيالايتتۇق. شەخسەن مەن ۋاقتىم يار بەرسىلا مۇشۇ كۇتۇپخانىدىن كىتاب ۋە ژۇرناللارنى ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇيتتۇم، كىتاب ئوقۇش جەريانىدا كىتابتىكى ئۆزۈم ياقتۇرغان ماقال – تەمسىل، ھېكىمەتلىك سۆز ۋە خىلمۇ خىل ئوبرازلىق جۈمىلىلەرنى خاتىرلىۋالاتتىم. ئەسلىشىمچە، ئەينى چاغدا  سىنىپىمىزدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچى ئەنە شۇ سىنىپ كۇتۇپخانىسىنىڭ تۈرتكىسىدە دەرسلىكتىن سىرتقى تۈرلۈك كىتاب، ژۇرناللارنى ئوقۇش ئارقىلىق، بىر تەرەپتىن ئۆزىدە كىتاب ئوقۇش ئادىتى يېتىلدۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىۋېرسال بىلىمىنى ئاشۇرغانىدى. سىنىپىمىزدىكى كۇتۇپخانا تاكى بىز تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتكۈزگىچە باشقا پارالىل سىنىپلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان خاسلىق سۈپىتىدە ساقلىنىپ تۇردى. مەن شۇ چاغدا بىر سىنىپ كوللىكتىپىنىڭ بىر كۇتۇپخانا بەرپا قىلغانلىقىغا قاراپ، كۆپنىڭ كۈچىگە قايىل بولغانىدىم.
1.png

       مانا ھازىر مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇش ھاياتىمنى ئاخىرلاشتۇرغىلىمۇ ئالتە يىل بولاي دېدى. مەكتەپ پۈتكۈزگەندىن بۇيان ماڭا ئەڭ كەمدەك بىلىنگىنى بىر ئەپچىل كۇتۇپخانا بولدى. گەرچە ئۈرۈمچىدىكى دازەيگو ئەتىراپىغا جايلاشقان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كۇتۇپخانىغا پات – پات بېرىپ تۇرغان بولساممۇ، بۇ جاينىڭ مەن تۇرۇۋاتقان تەڭرىتاغ رايونىغا يىراقلىقى سەۋەبلىك يەنىلا يېتەرلىك دەرىجىدە كىتاب ماتېرىيال كۆرۈش ئىمكانىيىتىم بولمىدى. ئۆيدە ئولتۇرۇپ كىتاب كۆرۈش جەريانىدا، كۇتۇپخانىدىكى مول ماتېرىيال مەنبەسى ئىچىدە جىمجىت ئولتۇرۇپ كىتاب كۆرۈش بىلەن ئۆيدىكى چەكلىك ماتېرىيالغا تايىنىپ كىتاب كۆرۈشنىڭ تۈپتىن ئوخشىمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆي، مەكتەپ ياتىقى قاتارلىق جايلاردا كارۋاتنىڭ بولغانلىقى ئادەمنىڭ تېزلا ئۇيقىسىنى كەلتۈرەتتى، نەتىجىدە ئۆگىنىش ئۈنۈمى يەنىلا كۇتۇپخانىغا يەتمەيتتى. بەلكىم ئۆيدىن كۇتۇپخانا ئورنىدا پايدىلانلىغىلى بولسا مەھمۇد كاشغەرىي، يۈسۈپ خاس ھاجىپقا ئوخشاش ئالىملار ئوردا كۇتۇپخانىسىدا ئىلىم تەھسىل قىلمىغان، ماركىسمۇ بۈيۈك بېرتانىيە كۇتۇپخانىسىغا كاسسىسىنىڭ ئىزىنى چىقىرىپ قويمىغان بولاتتى. شۇڭا مەن يېقىندىن بۇيان ئۈرۈمچىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر كۆپ جايلاشقان تەڭرىتاغ رايونىدا كىشىلەرنىڭ كۆڭلى سۇ ئىچكۈدەك بىر قانچە ھەقسىز كۇتۇپخانىنىڭ قۇرۇلۇشىنى، بۇ كۇتۇپخانىلارغا كىشىلەرنىڭ  ئارا چاغلىرىدا كىملىكىنى كۆرسىتىپلا كىرىپ، جىمجىت ئىلىم تەھسىل قىلىپ، مەدەنىيەت ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغان بولۇپ قالدىم. ئىمكانىيەت يار بەرسە بۇ خىل كۇتۇپخانىلا