غازىيانەسۆزىنىڭ ئاقسۇغا سۈپەت سۆزى بولۇشىنىڭ مەدەنىيەت ئاساسى ھەققىدە
دەسلەپكى ئىزدىنىش
ئىمىنتاجى تۈرگۈن
قىسقىچە مەزمۇنى : شىنجاڭدىكى شەھەرلەر ئەزىزانە قەشقەر، پىرىيانە يەكەن، شەھىدانە خوتەن،غازىيانە ئاقسۇ، غېرىبانە تۇرپان ۋە سوفىيانە قۇمۇل دېگەندەك سۈپەت سۆزلىرى بىلەن ئاتالغان.بۇ ماقالىدە غازىيانە سۆزىنىڭ ئاقسۇغا سۈپەت سۆزى بولۇپ كېلىشىنىڭ مەنبەسى ھەققىدە قىسقىچە مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.
ھەممىمىزگە مەلۇم، ئوتتۇرا ئاسىيا جۈملىدىن شىنجاڭ يىپەك يولىنىڭ ئۆتۈشمە بەلبېغىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ ۋە مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغاچقا تارىختىكى سەيياھ دىن تارقاتقۇچى ئارخېئلوگ ئېكىسپېدىتسىيەچى ئىنسانشۇناس ۋە باشقا ھەرخىل شەكىل ۋە مەقسەد بىلەن بۇ زىمىندا پائالىيەت ئېلىپ بارغان ئادەملەر ئىنتىلىدىغان ۋە كېلىپ كۆرۈشكە تەلپۈنىدىغان جايغا ئايلانغان. ئۇلار بۇ جەرياندا ئۆزىنىڭ كۆرگەن بىلگەنلىرىنى ۋە بۇ ھەقتە يازغان ساياھەت خاتىرىلىرىنى ئارخېئولوگىيەلىك دوكلاتلىرىنى ئۆز دۆلىتى ھۆكۈمىتىگە يوللىغان مەخپى دوكلاتلىرى ئىلمى ئەسەرلىرى چەتئەللەردە شىنجاڭ ئېكىپېدىتسىيە ۋە ئارخېئولوگىيە قىزغىنلىقىنى قوزغىغان تارىختىن بېرى چەتئەللىكلەر ۋە خەلقىمىزنىڭ ئارىسىدىمۇ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى قەشقەر يەكەن خوتەن ئاقسۇ تۇرپان قۇمۇللارنى ئۆزگىچە سۈپەت سۆزى بىلەن سۈپەتلىگەن مەسىلەن ئەزىزانە قەشقەر پىرىيانە يەكەن شەھىدانە خوتەن غازىيانە ئاقسۇ غېرىبانە تۇرپان ۋە سوفىيانە قۇمۇل دېگەندەك بۇلار ئۆز نۆۋىتىدە بۇ شەھەر ۋە بوستانلىقلارنىڭ تارىخى ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى سۈپەتلەپ بېرىدۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ تارىخى جۈملىدىن يۇقىرىقى ھەر قايسى شەھەرلەرنىڭ مەدەنىيەت تارىخىغا دائىر ماقالىلەر ۋە كىتابلار نەشر قىلىنغان بولسىمۇ بۇ ھەقتە ھېچكىم بۇ تېما ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارمىدى بۇ سۈپەت سۆزلىرىنىڭ كېلىش مەنبەسى جۇغراپىيە ۋە مەدەنىيەت ئىلىملىرى نۇقتىسىدىن يىشىپ ئىلىم ئەھلىگە ئايان قىلىش نۆۋەتتىكى ئىلمىي مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر.
تەڭرىتېغى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ ئۇزۇن ۋە ئەڭ چوڭ تاغ سىستېمىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ئۇنىڭ شىنجاڭ دائىرىسىدىكى قىسىمى شىنجاڭنى ئوتتۇرىدىن ئىككىگە بۆلۈپ تۇرىدۇ. بۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا ئۇنىڭ شىمالىدا چارۋىچىلىققا ماس كېلىدىغان تەبىئى مۇھىت ۋە ئىگىلىك شەكلى، جەنۇبىدا بولسا دېھقانچىلىققا ماس كېلىدىغان تەبىئى مۇھىت ۋە ئىگىلىك شەكلى شەكىللەنگەن.تەڭرىتېغى ئارقىلىق جەنۇپ ۋە شىمالدىن ئىبارەت ئىككىگە ئايرىلىپ تۇرغان بۇ گەۋدە شىنجاڭ تارىخىدا نۇرغۇنلىغان مەدەنىيەت ئۆزگىرىشى ۋە مىللەتلەرنىڭ كۆچۈشىگە مەيدان ھازىرلىغان مەدەنىيەت بەلبېغى بولغان. مەشھۇر تارىخشۇناس ۋە ئۇيغۇرشۇناس ئالىم چېڭسولو ئەپەندى بۇ ھەقتە «شىنجاڭ مەملىكىتىمىزدىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەت رايونىغا ئوخشىمايدۇ ئۇ تارىختا مەدەنىيەت رايونى دەپ ئاتالغان»1 دەپ باھا بەرگەن، رۇس ئالىمى گىروگىرويىف «شىنجاڭ قەدىمى دەۋرلەردىلا مەدەنىيەت مەرىپەت جەھەتتە ئۆز قوشنىسى باكتىرىيەدىن قېلىشمايدۇ،»2 دېگەن مۇشۇ ئەسىرنىڭ بېشىدا شىنجاڭدا ئىلمى تەكشۈرۈش ۋە ئېكىسپېدىتسسىيە بىلەن شۇغۇللانغان رۇسىيەلىك ئارخېئولوگ ۋە شەرقشۇناس ئوردېنبۇرگ «ئىنسانىيەت تارىخى ھەققىدە سۆز ئېچىشقا توغرا كەلسە بۇ تارىخقا شەرق خەلقلىرىنىڭ تارىخى تولۇق ھۇقۇقلۇق بولۇپ كىرگەندىلا ئاندىن سۆز ئېچىشقا بولىدۇ بۇ جەھەتتە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى جۈملىدىن شىنجاڭ تارىخى مۇھىم ئەھمىيەتكە»3 ئىگە دېگەن شىنجاڭ جۇغراپىيەلىك ئورۇن جەھەتتە ياۋرۇ ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلىقىنىڭ مەركىزى ۋە يىپەك يولىنىڭ ئوتتۇرا لىنىيەسىگە جايلاشقان بولۇپ شىنجاڭنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم بولغان بۇ رايۇندا ئۈچ چوڭ ئىگىلىك (دېھقانچىلىق چارۋىچىلىق قول ھۈنەرۋەنچىلىك) ۋە سودا ئۈچ چوڭ دىن (ئىسلام بۇددا خىرىستىيان) ئۈچ چوڭ تىل سىتېمىسى (ھىندى ياۋرۇپا تىل سىتېمىسى ئۇرال ئالتاي تىل سىستېمىسى خەنزۇ تىبەت تىل سىستېمىسى) ئۆز ئارا ئۇچرىشىپ بىر بىرىگە تەسىر كۆرسەتكەن.4
مانا مۇشۇنداق ئەۋزەل جۇغراپىيەۋى مۇھىتتىن پايدىلانغان ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقى جۈمىلىدىن تارىم ۋادىسىدىكىلەر ئۆز مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى كۈنسىرى يېڭىلاش دەۋرگە ماسلاشتۇرۇش ۋە سىرتقى مەدەنىيەت بىلەن مۇۋاپىق ئۇچرىشىش ئۇنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى قوبۇل قىلىشقا ماھىر بولغان مەدەنىيەت پىسخىكىسى بىلەن ئۆزگىچە مەدەنىيەت ياراتقان شۇنىڭ بىلەن بۇ زېمىندا دۇنيا شەرقشۇناسلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك مەدەنىيەت سەمەرىلىرى بارلىققا كەلگەن شۇڭا رۇس ئۇيغۇرشۇناسلىرىدىن تېخىنوف «شەرقى ئاسىيانىڭ تاغلىق ئۆلكىسىدىكى ھەرقانداق بىر خەل غەربى ياۋرۇپا ئالىملىرىنى ئۇيغۇرلاردەك ئۆزىگە تارتالمىغان»5 دەپ يازغان.
تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىدا تارىختا ئالتە شەھەر يەتتە شەھەر سەككىز شەھەر دېگەن شەھەر ناملىرى بولغان بۇلار تارىخى دەۋرلەرنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ماس قەدەمدە ئۆزگەرگەن ئالتە شەھەر چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە جەنۇبى شىنجاڭنىڭ تارىم بوستانلىقى ئەتراپىدىكى ئومۇمى نامىنى كۆرسەتكەن چىيەنلۇڭ خان بىر پارچە نەزمىسىدە «ئالتە شەھەرنى ئالدىم ئىلكىمگە، ئىككى توپىلاڭچى قاچالايدۇ نەلەرگە»6 دەپ يازغان بولۇپ بۇنىڭدا چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ چوڭ كىچىك خوجىلار توپىلىڭىنى بېسىقتۇرىشىغا دائىر ۋەقەلەر بايان قىلىنىش بىلەن بىرگەيەنە 18- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يەر ناملىرى ھەققىدىمۇ مەلۇماتلار بار ئىدى چىيەنلۇڭ خان دەۋردىكى چۈن يۈەنجىنىڭ «غەربىي يۇرتتا كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىم» دېگەن ئەسىرىدە ئالتە چوڭ مۇسۇلمان شەھىرى يەكەن، قەشقەر، ئاقسۇ، كۇچا، يېڭىسار، خوتەن دەپ تىلغا ئېلىنغان كېيىنكى مەزگىللەردە ئالتە شەھەر دېگەنلەرنىڭ بۇلار بىلەن پەرقى بولغان مەسىلەن كېيىن ئۇچتۇرپان قوشۇلغان يېڭىسار تىلغا ئېلىنمىغان لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى بىردەك تارىم ۋادىسىنى كۆرسەتكەن
يەتتە شەھەر چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرائاسىيانىڭ ھەر قايسى جايلىرى ۋە شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى تارىم ئويمانلىقى ئەتراپىدىكى جايلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئاتىشى بولۇپ بۇ دەۋردە يەتتە شەھەر دىيىلگەنلەر كۇچا، ئاقسۇ، ئۇچتۇرپان، يەكەن، خوتەن، قەشقەر ۋە يېڭىسارنى كۆرسەتكەن سەككىز شەھەر چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرىدىن باشلاپ كېيىنكى دەۋرلەردە تارىم ۋادىسىدىكى جايلارنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشنى كۆرسەتكەن چىيەنلۇڭ خان شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ مەسلەھەتچى ئامبال تەيىنلەپ قەشقەر خوتەن ئاقسۇ كۇچا يەكەن يېڭىسار ئۇچتۇرپان ۋە قاراشەھەر قاتارلىق سەككىز شەھەردە خانئامبال مەھكىمىسى تەسىس قىلغان
يۇقىرىدا دىيىلگەندەك تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىدىكى پارچە پارچە بوستانلىقلاردىن قەشقەر يەكەن خوتەن ئاقسۇ تۇرپان ۋە قۇمۇل قاتارلىق جەنۇبى شىنجاڭدىكى شەھەرلەر شىنجاڭنىڭ سىياسى ئىقدىسادىي ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتقان بولۇپ تارىختا ئۇلار ئۆزىنىڭ خاس شەھەر نامىنىڭ ئالدىغا جۇغراپىيەلىك مەدەنىيەت ۋە باشقا ئامىللارنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان بىر قىسىم سۈپەت سۆزلىرى بىلەن ئاتالغان. «كىتابى تارىخى جەرىدەئى جەدىد» (تارىختىن يېڭى بايانلار) ناملىق ئەسەردە بۇ ئالتە شەھەرنىڭ نامى ھەققىدە توختىلىپ «تۇرپان ئىسىملىك ئىككى شەھەر بولۇپ بىرى ئۇچتۇرپان بۇ ئاقسۇ شەھىرىگە يېقىن بولۇپ كونا تۇرپاندىن ھارۋا بىلەن بىر ئايلىق يول يىراقلىقتا يەنە بىرىنى كونا تۇرپان دەپ ئاتايدۇ خەلقى پېقىر ۋە بىچارە يۇۋاش بولغانىقتىن غېرىبانە تۇرپان دېگەن سۈپەتكە لايىق بىر شەھەردۇر، غېرىبان يەنە ئەزىز غازى شەھىد دېگەن سۆزلەر ئەسلىدە ئەرەبچە بولۇپ سۈپەتنى ئىپادىلەيدىغان ئوخشىتىشلار پارسچە ۋە تۈركچە سۆزلەردە شۇ مەنىدە قوللىنىلىدۇ ئەرەبچە ئەلىف (ئا) بىلەن نۇن (ن) مۇئەننەس ئايالچە سۆز بەلگىسى بولغاندا بولغاندا پارسچىدە ئان (ان) ئىسىمنىڭ ئاخرىدا كەلگەن كۆپلۈكنى بىلدۈرىدۇ مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا خەلقنىڭ كۆپچىلىكى غېرىب بولغاچ غېرىبانە تۇرپان دىيىلەر خوتەندە شەھىدلەر كۆپ بولغانلىقتىن شەھىدانە خوتەن يەكەندە پىرلەر كۆپ بولغانلىقتىن پىرىيانە يەكەن ئاقسۇدا غازىلار كۆپ بولغانلىقتىن غازىيانە ئاقسۇ قەشقەردە ئەزىزلەر كۆپ بولغانىقتىن ئەزىزانە قەشقەر دەپ ھەر بىرسىنى شۇنداق ئايرىم تەسۋىرلەر»7 دەپ يازغان مەن بۇ ماقالىدە غازىيانە سۆزىنىڭ ئاقسۇغا سۈپەت سۆزى بولۇشىنىڭ مەنبەسى ھەققىدە ئۆز كۆز قاراشلىرىمنى قىسقىچە ئوتتۇرىغا قويىمەن
ئاقسۇ شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى مۇھىم شەھەرشۇنداقلا يىپەك يولى ئۆتۈشمە بەلبېغىنىڭ ئوتتۇرىسغا جايلاشقان ئىستىراتېگىيەلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم تارىخى يۇرت ئۇنىڭ سۈپەت سۆزى غازىيانە بولۇپ بۇ سۆزگە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتىدە مۇنداق تەبىر بېرىلگەن «غازى ئەرەبچە ئۇرۇشقا قاتناشقۇچى ئۆز ئەقىدىسى يولىدا جەڭ قىلغۇچى دېگەن مەنىدە جەڭدە ئۆلگەنلەر شىھىت تىرىك قالغانلار غازى بولىدۇ ئۇنىڭ سۈپەت شەكلى غازىيانە بولۇپ غازىلارغا ئوخشاش غازىلارچە دېگەنلىك بولۇپ بۇ ھەقتە يەرلىك خەلق ئارىسىدا مۇنداق بېيىت توقۇلغان
تىرىش يۈكسەل يولۇڭ پارلاق پارلاق ھېلىھەم غازىيانە بول
بېشىڭنى سىلىغاي ھەردەم زامانەم شەپقىتى ئاقسۇ»8
خەلق رىۋايەتلىرىدە ئېيتىلىشىچە ئاقسۇ شەھىرى ئەتراپىدا قەدىمدىن ھەرخىل جەڭلەردە شىھىتلىك مەقامىغا يەتكەن ئاتاقلىق كىشىلەر كۆپكەن تولاراق ئۇلار جەڭلەردە غەلبە قىلغان شۇڭا غازىيانە ئاقسۇ دەپ ئاتالغان بىبى مەسۇم ئەزىزەم ئىپارخان 1759-يىلى ئۇرۇشتا ھايات قالغاچقا شۇ نام بېرىلگەن دېگۈچىلەرمۇ بار
بۇلاردىن باشقا يەنە موللا مۇسا سايرامىنىڭ تارىخى ئەمىنىيە ۋە تارىخى ھەمىدى ناملىق تارىخى كىتابلىرىدا ئاقسۇ ھەققىدە مۇنداق دىيىلگەن «ئاقسۇ ئەھلى ساددا ئەمما ئىتتىپاقى يوق چېچىلاڭغۇ ۋە پاراكەندە ئەندىشىگە مۇپتىلا ئۆيلىرىدە ئاشلىق ساقلىمايدىغان تەۋەككۈلچى خەلق شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تولىسى ھەر كۈنى يەيدىغانلىرىنى بازاردىن ئالىدۇ ئاشپەز ناۋايلىق ناھايىتى روناق تاپقان ھۈنەرۋۋەنلىرى ئاز دېھقانلىرى تولا ئاشلىقى ۋە يەل يىمىشلىرى ئۆز شەھىرىگە يىتىدۇ ھەتتا ئاقسۇنىڭ گۈرۈچىنى باشقا يىراق شەھەرلەرگە ئەكىتىدۇ يايلاقلىرى كەڭرى بولۇپ مال چارۋىلىرى كۆپ ئاقسۇنىڭ ئايكۆل يېزىسىدا مەۋلانا جەلالىددىن كېتىكى بۈزرۈكۋار ئالىنىڭ زىيارەتگاھ مازىرى بار بۇ كىشى خوجا ھاپىز بۇخارىنىڭ نەۋرىلىرىدىندۇر مەۋلانا جالالىدىننىڭ ئەھۋالى بىرىنچى داستاندا بايان قىلىندى يەنە ئىمام بەتتالى غازى ناملىق بۈزرۈكۋارنىڭ مازىرى بولۇپ ئىسىم شەرىپلىرىنى ئىمام ئابدۇراھمان ئەلەۋى يەنە ھەزرەتى ئەلى كەررەمەللاھۇ ۋەجھۇنىڭ ئوغلى ئىمام ھەنىفە مۇھەممەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ نەۋرىسى» دەپ زىكىر قىلىنىدۇ ئاقسۇ زىمىندا يەنە سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋى دەپ ئاتالغان بىر مازار بار سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋى بولسا غەزنە شەھرىگە دەپنە قىلىنغان ئاقسۇدىكى مازارنىڭ سۇلتانمەھمۇد غەزنەۋى بىلەن ئىسمى ئوخشاش بولسا كېرەك ياكى مەھمۇد غازى بولسا كىشىلەر تەرىپىدىن خاتا تەلەپپۇز قىلىنىپ سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋى ئاتىلىپ قالغان بولىشى مۇمكىن.
يەنە بىر پەرغانە ۋىلايىتىدىن ئەبۇلھەسەن ھەزرىتىم دېگەن زات يەتتە شەھەرگە كەلگەن ئۇر ئاقسۇدا بىرنەچچە زامان تۇرۇپ كىشىلەرنىڭ كۆڭۈللىرىنى ھىدايەت قىلىپ ئۇلارنىڭ كۆڭۈل ئەينەكلىرىگە ياخشى نىيەت ياخشى مەقسەدلەرنى ئورنىتىپ بولغاندىن كېيىن سەپەرنى ئىختىيار قىلىپ كېتىپ قالغان كاتتا ئۆلىمالار كۆڭۈللىرىدە ئىشان ھەزرەتلىرىنى ياخشى كۆرمەيدۇ ئەمما ئاقسۇدىكى ھەممە ئۆلىمالار جان دىلى بىلەن ئۇنىڭغا مۇرد مۇخلىس بولىدۇ ئەبۇلھەسەن ھەزرىتىم نەقشىبەندىيە سۈلۈكلىرىدە خۇپىيە تەرىقىلىرىدە ئىدى ئۇنىڭ كارامەتلىرىمۇ كۆرۈلگەن ئىدى شۇ كارامەتلىرىدىن بىرى شۇكى ئەبۇلھەسەن ھەزرىتىمنىڭ مۇرد مۇخلىسلىرىدىن بىرى شاھنامە ئەمر ھەمزە قاتارلىق جەڭنامە كىتابلىرىنى ئوقۇشقا ئاشىق ئىكەن بىر كۈنى ئەبۇلھەسەن ھەزرىتىمنىڭ بۇنىڭغا نەزىرى چۈشۈپ قېلىپ مەنئى قىلىپتۇ يەنە بىر كۈنى ھەزرىتىم ئۆتۈپ كېتىپ بېرىپ ھېلىقى مۇرتنىڭ يەنە جەڭنامە ئوقۇۋاتقان يەردە ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ بۇ مۇرت ئاخشىمى ئەفراسياب كەيكاۋۇسلار قانداق پادىشاھلار بولغىيتى ئاجايىب جەڭلەرنى قىلغان ئىكەن دەپ ئويلاپ ئۇخلاپ قاپتۇ كېچىسى چۈشىدە زور ناھايىتى ھەيۋەتلىك ئىككى پادىشاھ بىربىرنى قوغلاپ كېتىپ بارغۇدەك نۇرغۇن خالايىق ئەنە ئەفراسياب ئەنە كەيكاۋۇس دەپ ۋارقىرىغۇدەك ھېلىقى مۇرت خالايىقىنىڭ ۋارقىراشلىرى، قىستا قىستاڭلىقىدىن قورقۇپ ئويغىنپ كېتىپتۇ ئەتىسى بۇ مۇرت ھەلقە زىكىرگە بېرىپ ئولتۇرۇپ دۇئا قىلغان ۋاقىتتا ئەبۇلھەسەن ھەزرىتىم ئىلتىپات قىلىپ ئەفراسياب بىلەن كەيكاۋۇسنى كۆردۈڭمۇ بۇلار باشقا بىر نېمە ئەمەس بەلكى ئىككى ئاسىدۇر دەپتۇ شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى مۇرت توۋا قىلىپ جەڭنامە ئوقۇغان يەرگە ئىككىنچى بارماپتۇ9
بۇلاردىن باشقا تارىخشۇناس موللا مۇسا سايرامىنىڭ تارىخى ئەمىنىيە ۋە تارىخى ھەمدىدە بۈگۈنكى ئاقسۇ دائىرىسىدىكى ئۇچتۇرپان ۋە كۇچا خەلقلىرى ھەققىدە خېلى كۆپ مەلۇماتلارنى قالدۇرغان يۇقىرىقى ئاقسۇ ھەققىدىكى بايانلىرىدىمۇ ئەلۋەتتە غازىلىققا ۋە شېھىتلىككە دائىر بولۇپمۇ باتۇرلۇققا دائىر ئۇچۇر ۋە بايانلار خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ بۇمۇ غازىيانە ئاقسۇنىڭ مەنبەسىنى كۆرسىتىدىغان مۇھىم مەنبە ۋە ئۇچۇرلاردۇر.
بەزى تارىخى مەنبەلەرگە قارايدىغان بولساق كۇچا دېھقانلار قوزغىلىڭى داۋامىدا يەرلىك ئەسكەرلەر قەشقەر يەكەن مارالبېشى ئۈرۈمچى تۇرپان قاتارلىق جايلارغا يۈرۈش قىلىش جەريانىدا ناھايىتى زور باھادىرلىقلارنى كۆرسەتلەنلىكى خاتىرىلەنگەن ئاقسۇ ئەسكەرلىرى يەنە ياقۇپبەگ ئاقسۇنى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن يۈرۈش قىلغاندا ياقۇپبەگنىڭ سەككىزمىڭدىن كۆپرەك تاجاۋۇزچى ئەسكەرلىرىنى يۇقىتىپ ئاقسۇ ئەسكەرلىرىنىڭ باتۇرلىقىنى نامايەن قىلغان بۇلار غازىيانە ئاقسۇ نامىنىڭ يەنە بىر مۇھىم مەنبەسى ۋە ئىسپاتىدۇر
دېمەك غازىيانە ئاقسۇ نامى تاساددىپىلا قويۇلۇپ قالغان نام بولماستىن بۇ زېمىندا جۈملىدىن ئاقسۇنىڭ تارىخ ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىدا ئۆز يېرىنىڭ تارىخ مەدەنىيەت جۇغراپىيە ۋە بۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەت پىسخىكىسى قاتارلىق بىرقاتار ئامىللار تارىخى ئارقا كۆرىنىشلىك رولىنى ئوينىغان ھەمدە مۇھىم تارىخى سەھنىلەرنى ھازىرلىغان شۇنىڭ بىلەن غازىيانە ئاقسۇ نامى بۈگۈنكى كۈنگىچە ئاقسۇغا مەدەنىيەت نامى سۈپىتىدە رول ئويناپ كەلمەكتە .
ئىزاھلار:
1فېڭ جىياشېڭ : ئۇيغۇرلار تارىخىغا دائىر بىر قانچە مەسىلە، شىنجاڭ گېزىتىنىڭ1957-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى سانى ( ئىسمايىل تۆمۈرنىڭ ئىدىقۇت ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ناملىق كىتابىدىن ۋاستىلىك ئېلىنغان سىتات )
2گىروگىرويىف ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى ماتېرياللىرى 1988 –يىلى 1-سان 6-بەت .
3رۇس ئالىملىرى كوللىكتىپى تۈزگەن ئۇيغۇر سايرانى روسچىدىن تەرجىمە قىلغان ئۇيغۇر ۋە غەربىي يۇرتتىكى باشقا تۈركىي خەلىقلەرنىڭ تارىخى ، خەلق نەشرياتى 2001 –يىلى نەشرى7- بەت
4ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر : ئەرەب مۇزىكا مەدەنىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىغا بولغان تەسىرى مەسىلىسى، ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى ژۇرنىلى 1991- يىل 4- سان
5چېڭ سولو : چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدىكى تەتقىقاتلار، غەربىي شىمال تارىخ جۇغراپىيەسى ژۇرنىلى (خەنزۇچە) 1987- يىللىق 2- سان
6تۆمۈر ھەسەن تەييارلىغان جەنۇبىي شىنجاڭدىكى شەھەرلەر، ئاسىيا كىندىكى گېزىتىنىڭ2010 –يىلى 9- ئاينىڭ 24- كۈنىدىكى سانى
7كىتابى تارىخى جەرىيدەئى جەدىد(تارىختىن يېڭى بايانلار) دېگەن مەنىدە بولۇپ بۇ كىتابنى مەجىد ئەبرۇز نەشرگە تەييارلىغان، خەلق نەشرياتى 1989-يىلى نەشرى،تاتارچە، ئىچكى قىسىمدا تارقىتىلغان، 19- 20- بەتلەر
8ئاپتونومرايونلۇق تىل –يېزىق كومتېتى لۇغەت بۆلۈمى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن ئۇيغۇر تىلىنىڭئىزاھلىق لۇغىتى 31- توم 868-بەت
9موللا مۇسا سايرامىي تارىخى ئەمىنىيە 2003 –يىلى 2- نەشرى 406- 407- 408- 409-410- بەتلەر
شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى 2013- يىللىق 3- ساندىن ئېلىندى.
|