قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 412|ئىنكاس: 0

مەركىزى بانكىلارنىڭ پۇل سىياسىتىنى ئۆزگەرتمەي ساقلىشى يەنىلا ئا...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

49

تېما

2

دوست

2388

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  40020
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 103
تۆھپە : 724
توردىكى ۋاقتى: 88
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-15 10:54:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مەركىزى بانكىلارنىڭ پۇل سىياسىتىنى ئۆزگەرتمەي ساقلىشى يەنىلا ئاساسى ئېقىم


خېشۈن تاشقى پېرىۋوت تورى خەۋىرى، بايكۈچ تەرجىمىسى



u=4162159191,4127572773&fm=21&gp=0.jpg


بۇ ھەپتە پۈتۈن دۇنيا بويىچە مەركىزى بانكىلارنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى يىغىن ھەپتىلىكى. ھەر قايسى دۆلەتلەر مەركىزى بانكىلىرىنىڭ تەدبىر بەلگىلىگۈچىلىرى دۇنياۋى ئىقتىساد ئاستىلاشقا ۋە بازاردىكى كۈچلۈك داۋالغۇشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان مەزگىلدە ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ياپونىيە قاتارلىق ئاساسلىق دۆلەتلەرنىڭ مەركىزى بانكىلىرىنىڭ يىغىنلىرى بازاردىكى قىزىق نۇقتا بولۇپ قالدى.

پۈتۈن دۇنيا ئىقتىسادى ئېشىشى تۆۋەن ھالەتتە ئامېرىكىمۇ كۆپ قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە، ئاساسلىق قىيىنچىلىق سودا ۋە يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارنىڭ ئاجىزلىشىدىن كەلمەكتە. ئامېرىكا فېدراتسىيە ئېھتىيات كومىتېتى سىياسەتنى قىسىش مايىللىقىدا تۇرۇۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا ، كېيىنكى قېتىملىق ئۆسۈم قوشۇش 6-ئايغا كېچىكىشى مۇمكىن.

ئۆتكەن قېتىمقى يىغىننى 12-ئايدىكىگە سېلىشتۇرغاندا چېكىنىش بولدى دەپ قاراشقا بولىدۇ. 12-ئايدىكى يىغىندا ئامېرىكا فېدراتسىيە ئېھتىيات كومىتېتى 10 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۆسۈم قوشۇشنى، بۇ يىلدا تۆت قېتىم ئۆسۈم قوشۇشنى قارار قىلغانىدى. ئانالىزچىلارنىڭ مۆلچەرىچە ئامېرىكا فېدراتسىيە ئېھتىيات كومىتېتىنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ بىشارەت بېرىشىچە، بۇ ھەپتە ئامېرىكا فېدراتسىيە ئېھتىيات كومىتېتىنىڭ 17 نەپەر ئەمەلدارىنىڭ يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنىدىغان ئۇچۇرلارغا بولغان ئەڭ يېڭى مۆلچەرىدە بۇ يىلقى ئۆسۈم قوشۇش قەدىمىنىڭ ئاستا بولىدىغانلىقى، بەلكىم ئۆسۈم قوشۇش قېتىم سانى 2-3 قېتىمغا تەڭشىلىشى مۇمكىنلىكى مۆلچەرلەنگەن.

بازارنىڭ ئومۇميۈزلۈك مۆلچەرىدىن قارىغاندا ئامېرىكا فېدراتسىيە ئېھتىيات كومىتېتى 3-ئايدا ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆزگەرتمەي ساقلىشى مۇمكىن، ئەمما ئامېرىكا فېدراتسىيە ئېھتىيات كومىتېتىنىڭ بۇ مەسىلىنى بۇندىن بۇرۇن كۆرسەتكەن پەيدىنپەي ئۆسۈم قوشۇش جەريانى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

ئەنگلىيە مەركىزى بانكىسى پەيشەنبە كۈنى ئۆسۈم نىسبىتى قارارىنى ئېلان قىلىدۇ. گەرچە بىر قىسىم تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەرنىڭ ئىقتىسادنى جانلاندۇرىدىغان تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئويى بولسىمۇ، ئەمما چارشەنبە كۈنىدىكى سانلىق مەلۇماتلارغا بولغان مۆلچەردىن قارىغاندا ئۆسۈم كېمەيتىش مۇمكىنچىلىكى ئاساسەن يوق.

ياپونىيە مەركىزى بانكىسىمۇ پۇل سىياسىتىنى ئۆزگەرتمەي ساقلىشى مۇمكىن، مەزكۇر بانكا ھېلىھەممۇ 1-ئايدىكى مەنپىي ئۆسۈم نىسبىتى قارارى ئېلىپ كەلگەن بازارنىڭ جىددىي كەيپىياتىنى ئوڭشاشقا تىرىشماقتا. ياپونىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ باشلىقى Haruhiko Kuroda بۇ ھەقتە "ھازىر مەنپىي ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىش كېرەك" دېدى. بۇ ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ ئۆزگەرتىلمەي ساقلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

شۋېتسارىيە مەركىزى بانكىسىمۇ پۇل سىياسىتىنى ئۆزگەرتمەسلىكى مۇمكىن. GDP سانلىق مەلۇماتى مۆلچەردىكىدىن كۆپ ياخشى چىققاندىن كېيىن ئاۋسترالىيە مەركىزى بانكىسى يىغىن خاتىرىسى ئىقتىسادى كەلگۈسىنىڭ ئويلىمىغان يەردىن ياخشىلىنىپ كەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشى مۇمكىن. ئىچكى ئىقتىساد بولۇپمۇ ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرى  يامانلىشىپلا كەتمىسە ئاۋسترالىيە مەركىزى بانكىسىمۇ ئەسلىدىكى ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆزگەرتمەي ساقلايدۇ.

مەنبە: بايكۈچ تورى (www.baykuq.com)


uyghuray
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )