قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 507|ئىنكاس: 3

بۇ ھەپتە بازار تۆت چوڭ مەركىزى بانكىنىڭ مۇھىم قارارلىرى ۋە سانلىق ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

49

تېما

2

دوست

2394

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   13.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  40020
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 103
تۆھپە : 726
توردىكى ۋاقتى: 89
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-15 11:04:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇ ھەپتە بازار تۆت چوڭ مەركىزى بانكىنىڭ مۇھىم قارارلىرى ۋە سانلىق مەلۇماتلىرىنى كۈتۈۋالىدۇ


FX168 خەۋىرى، بايكۈچ تەرجىمىسى



u=2148574532,3954178246&fm=21&gp=0.jpg


   ياۋروپا مەركىزى بانكىسى، يېڭى زىلاندىيە فېدراتسىيە ئېھتىيات كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم كېمەيتىش شامىلى ئەمدىلا تارىلىپ تۇرۇشىغا بۇ ھەپتىلىك پۇل مۇئامىلە بازىرى يەنىمۇ شىددەتلىك دولقۇننى يەنى ئامېرىكا فېدراتسىيە ئېھتىيات كومىتېتى شۇنداقلا ياپونىيە مەركىزى بانكىسى، ئەنگلىيە مەركىزى بانكىسى ۋە شۋېتسارىيە مەركىزى بانكىسى قاتارلىق تۆت چوڭ مەركىزى بانكىنىڭ پۇل سىياسىتى قارار يىغىنىنى كۈتۈۋالىدۇ. سانلىق مەلۇمات جەھەتتىن بۇ ھەپتە ئېلان قىلىنىدىغان سانلىق مىقدارلارنىڭ بازارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى غەيرى يېزا ئىگىلىك سانلىق مەلۇماتنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ.

  ياۋروپا مەركىزى بانكىسى ئالدىنقى ھەپتىدە ئۆسۈم نىسبىتى تۆۋەنلىتىپ، مۈلۈك سېتىۋېلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىش ۋە شىركەت زايومى سېتىۋېلىش قارارلىرىنى، ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇپ، تۆۋەن پۇل پاخاللىقىنىڭ يىلتىزى چوڭقۇر جاھىل ساقايماس كېسەلگە ئايلىنىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يەنە بىر تەرەپتىن يېڭى زىلاندىيە فېدراتسىيە ئېھتىيات كومىتېتىمۇ ئويلىمىغان يەردىن ئۆسۈم كېمەيتىپ، ئۆسۈمنى يەنىمۇ كېمەيتىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى بىلدۈردى، بۇ يېڭى زىلاندىيە دوللىرىنىڭ چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

   بۇ ھەپتىدە پۇل سىياسىتى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان قىزىق نۇقتا بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى ئامېرىكا فېدراتسىيە ئېھتىيات كومىتېتى، ياپونىيە مەركىزى بانكىسى، ئەنگلىيە مەركىزى بانكىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ قىسىم دۆلەتلەر مەركىزى بانكىلىرى ئەڭ يېڭى ئۆسۈم نىسبىتى قارارلىرىنى ئېلان قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ياپونىيە، ئامېرىكا قاتارلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر سانائەت ئىشلەپچىقىرىش سانلىق مەلۇماتى ئېلان قىلىدۇ، ئامېرىكىنىڭ پۇل پاخاللىقى ۋە پارچە سېتىش سانلىق مەلۇماتى ۋە ئەنگلىيىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتىمۇ بۇ ھەپتىدىكى قىزىق نۇقتىلار ھېسابلىنىدۇ.

ئامېرىكا فېدراتسىيە ئېھتىيات كومىتېتى ئۆسۈم قوشۇش توغرىسىدا ئۇچۇر بېرەمدۇ؟

ئامېرىكا فېدراتسىيە ئاشكارا بازار كومىتېتى بېيجىڭ ۋاقتى 17-مارت (پەيشەنبە) 02:00 دە پۇل سىياسىتى قارارىنى ئېلان قىلىدۇ. شۇنداقلا يېڭىلانغان پەسىللىك ئىقتىسادىي مۆلچەر ۋە كەلگۈسى سىياسەتكە بولغان كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا فېدراتسىيە ئېھتىيات كومىتېتىنىڭ رەئىسى يېلېن 02:30 دا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچىدۇ.

بازارنىڭ ئومۇميۈزلۈك مۆلچەرىدىن قارىغاندا ئامېرىكا فېدراتسىيە ئېھتىيات كومىتېتى بۇ ھەپتىدە ئۆسۈم قوشماسلىقى مۇمكىن، ئەمما مەبلەغ سالغۇچىلار بايانات يىغىنىدىن كېيىن شۇنداقلا يېلېننىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا  بۇ ھەقتە يىپ ئۇچىغا ئېرىشەلىشى مۇمكىن.

ريېتېر ئاگېنلىقى مۆلچەرىدىن قارىغاندا پۈتۈن دۇنيا ئىقتىسادى ئېشىشى تۆۋەن ھالەتتە ئامېرىكىمۇ كۆپ قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە، ئاساسلىق قىيىنچىلىق سودا ۋە يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارنىڭ ئاجىزلىشىدىن كەلمەكتە. ئامېرىكا فېدراتسىيە ئېھتىيات كومىتېتى سىياسەتنى قىسىش مايىللىقىدا تۇرۇۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا ، كېيىنكى قېتىملىق ئۆسۈم قوشۇش 6-ئايغا كېچىكىشى مۇمكىن.

گەرچە ئامېرىكا فېدراتسىيە ئېھتىيات كومىتېتى بۇ يىل تۆت قېتىم، ھەر قېتىمدا 25 ئاساسىي نۇقتا ئۆسۈم قوشماقچى بولغان بولسىمۇ، بازارنىڭ قارىشىچە كېيىنكى يېرىم يىلدا بىر قېتىم ئۆسۈم قوشۇلۇشى مۇمكىن، بازار مۆلچەرى ۋە مەركىزى بانكا ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ھەقىقەتەن چوڭ.

%16 ئىقتىسادشۇناسنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا فېدراتسىيە ئېھتىيات كومىتېتى يېقىنقى ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلارنىڭ تۇراقلىق دەرىجىسىنى شۇنداقلا خەۋپ خەتەرنىڭ تەڭپۇڭ ھالەتتە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، شۇڭا 4-ئايدا ئۆسۈم قوشۇش ئېھتىماللىقى ساقلاپ قېلىنىدۇ.

Bank of America Corp. نىڭ نيۇ يوركتا تۇرۇشلۇق ئىقتىسادشۇناسى Michael Hanson ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرىنىڭ ئەھۋالى ياخشىلىنىۋاتىدۇ دېدى.  

Citigroup Inc. نىڭ ئانالىزچىسى Steven Englander مۇنداق دېدى: "ئامېرىكا فېدراتسىيە ئېھتىيات كومىتېتىنىڭ بۈركۈت مەزھىپى ۋە كەپتەر مەزھىپى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق شۇكى، ئۇلار 6-ئاي ياكى 4-ئايدىكى ئۆسۈم قوشۇش دەرىجىسىنىڭ ئوخشىماسلىقى بولۇپ، 4-ئايدا ئۆسۈم قوشۇش ئېھتىماللىقى كىچىكرەك، ئۇلارنىڭ 6-ئايدا ئۆسۈم قوشۇشنى ئالدىنئالا ئېلان قىلىشقا ئاساسى يوق، ئۇلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۆسۈم قوشۇشتىن ئىلگىرىكى بىر ئايدىن باشلاپ بازارغا ئەسكەرتىش بېرىش تېخىمۇ مۇۋاپىق، شۇنداق بولغاندا بازار بۇنى تېز قوبۇل قىلالايدۇ، شۇنداقلا ئۆسۈم قوشۇش پىلانى كونترول قىلغىلى بولمايدىغان ھادىسە ۋەقەلەر تۈپەيلىدىن بۇزۇلۇپ كېتىدىغان ئىشنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىمۇ ئاز بولىدۇ."

ئىتالىيە بىرلەشمە كرىدىت بانكىسىنىڭ ئىقتىسادشۇناسى Thomas Strobel ۋە Tobias Ruhl نىڭ بىر يېڭى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا فېدراتسىيە ئېھتىيات كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىقتىسادى مۆلچەرى بۇ يىل ئۈچ قېتىم ئۆسۈم قوشۇلىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرگەن.

ياپونىيە مەركىزى بانكىسى

چارشەنبە كۈنى ياپونىيە مەركىزى بانكىسى پۇل سىياسىتى يىغىنى قارارىنى ئېلان قىلىدۇ، بەلكىم بۇ بانكا پۇل سىياسىتىنى ئۆزگەرتمەسلىكى مۇمكىن، مەزكۇر بانكا ھېلىھەممۇ 1-ئايدىكى مەنپىي ئۆسۈم نىسبىتى قارارى ئېلىپ كەلگەن بازارنىڭ جىددىي كەيپىياتىنى ئوڭشاشقا تىرىشماقتا.

ياپونىيە مەركىزى بانكىسى 1-ئايدىكى مەنپىي ئۆسۈم نىسبىتى قارارى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن بازار ياپونىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى، ئەمما يەنە بەزى كىشىلەر مەزكۇر بانكىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى.

ياپونىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ باشلىقى Haruhiko Kuroda بۇ ھەقتە "ھازىر مەنپىي ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىش كېرەك" دېدى.

ئەنگلىيە مەركىزى بانكىسى

بېيجىڭ ۋاقتى 17-مارت (پەيشەنبە) 20:00 دە ئەنگلىيە مەركىزى بانكىسى ئۆسۈم نىسبىتى قارارى ۋە يىغىن خاتىرىسىنى ئېلان قىلىدۇ.

ئەنگلىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ پۇل سىياسىتى كومىتېتىنىڭ ھەيئىتى Martin Weale نىڭ ئالدىنقى سەيشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، كەلگۈسى ئىككى يىلدا ئۆسۈم قوشۇش ئېھتىماللىقى ئۆسۈم كېمەيتىش ئېھتىماللىقىدىن چوڭ، ئەمما زۆرۈر تېپىلسا ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇشقا يېتەرلىك بوشلۇق بار.

نۆۋەتتە ئانالىزچىلارنىڭ ئومۇمىي مۆلچەرىدە ئەنگلىيە مەركىزى بانكىسى ئۆسۈم قوشۇشنى بەشلايدىغان مۆلچەر ۋاقىتنى 2017-يىل بېشىغا كېچىكتۈرۈشى مۇمكىن بولۇپ، پۈتۈن دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئاجىز ۋە پۇل پاخاللىقىنىڭ تۆۋەن ئىكىنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

ئەنگلىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2-ئايدا تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان ئاممىنىڭ %38 ى مەركىزى بانكىنىڭ كەلگۈسى بىر يىلدا ئۆسۈم قوشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن بولۇپ، 11-ئايدىكى %35 دىن يۇقىرى بولغان، ئەمما ئۆتكەن يىل 8-ئايدىكى %50 دىن تۆۋەن بولغان.

ئەنگلىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى قارارىدىن باشقا بۇ ھەپتە يەنە ئەنگلىيىنىڭ باشقا سانلىق مەلۇماتلىرىمۇ فوندستېرلىڭغا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىشى مۇمكىن.

شۋېتسارىيە مەركىزى بانكىسى

بلومبېرگنىڭ 10-11-مارت 24 نەپەر ئىقتىسادشۇناسنىڭ كۆز قارىشىغا نىسبەتەن ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا ، 15 نەپەر كىشى ياۋروپا مەركىزى بانكىسى 10-مارت ئۆسۈم كېمەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ مىقدارلاشتۇرۇپ قويۇۋىتىش سىياسىتىنى كېڭەيتكەندىن كېيىن شۋېتسارىيە مەركىزى بانكىسى 17-مارت ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆزگەرتمەسلىكى مۇمكىن دەپ قارىغان.

زىيارەتنى قوبۇل قىلغانلار ئىچىدە %17 كىشى شۋېتسارىيە مەركىزى بانكىسى ئۆسۈم كېمەيتىدۇ دەپ قارىغان.

بازار سانلىق مەلۇماتلارنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالىدۇ

بۇ ھەپتە ئېلان قىلىنىدىغان پۇل پاخاللىقى ، سانائەت ئىشلەپچىقىرىش  ۋە پارچە سېتىش سانلىق مەلۇماتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئامېرىكا فېدراتسىيە ئېھتىيات كومىتېتىنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادى ئەھۋالىغا ھۆكۈم قىلىدىغان مۇھىم كۆرسەتكۈچى.

بېيجىڭ ۋاقتى سەيشەنبە كۈنى سائەت 20:30 دا ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكى 2-ئايلىق پارچە سېتىش سانلىق مەلۇماتى ئېلان قىلىنىدۇ، مۆلچەردە سانلىق مەلۇماتلار ئالدىنقى ئايدىكىگە قارىغاندا  تۆۋەنلىشى مۇمكىن.

بۇندىن باشقا پۇل پاخاللىقى سانلىق مەلۇماتىمۇ مەبلەغ سالغۇچىلار كۆڭۈل بۆلىدىغان  قىزىق نۇقتا.

بېيجىڭ ۋاقتى سەيشەنبە كۈنى 20:30 دا ئامېرىكا 2-ئايلىق مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغۇچى مال باھا كۆرسەتكۈچى (PPI) ئېلان قىلىنىدۇ.

بېيجىڭ ۋاقتى چارشەنبە كۈنى سائەت 20:30 دا ئېلان قىلىنىدىغان ئامېرىكا 2-ئايلىق ئىستېمالچىلار مال باھا كۆرسەتكۈچى (CPI) سانلىق مەلۇماتى بازارنىڭ قىزىق نۇقتىلىرىنىڭ بىرى. ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ مۆلچەرىچە، يادرولۇق CPI سانلىق مەلۇماتى بەلكىم ئالدىنقى ئايلىق ئۆرلەش يۈزلىنىشىنى داۋاملاشتۇرۇشى مۇمكىن، ئەمما ئومۇمىي گەۋدە CPI بەلكىم ئاز تولا تۆۋەنلىشى مۇمكىن، بۇ ئامېرىكا دوللىرىغا نىسبەتەن ياخشى خەۋەر ئەمەس.

نۆۋەتتە پۇل پاخاللىقىغا مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان تەسىرىمۇ ئىنتايىن چوڭ.

مەنبە: بايكۈچ تورى (www.baykuq.com)


uyghuray

4

تېما

44

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   5.92%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33927
يازما سانى: 1269
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 3682
توردىكى ۋاقتى: 1094
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-15 11:46:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  سۇمرۇغ تورىدىدا سابىق دۆلەت ۋەزىرى جۇرۇڭجىننىڭ شاگىرتى شىياۋ كېيىڭ ئەپەندى يازغان بىر ماقالىنى ئوقۇدۇم .ئاساسلىقى ،جۇڭگۇ ئىقتىسادى چىكىنىشنىڭ تەسىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن ،خەلق پۇلىنىڭ پاھاللىقىغا قارىماي يەنىلا ئىقتىسادى پائالىيەتلەرنىڭ ئىھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن ،ئىلىمىي بولمىغان پۇل بىسىش سىياسىتىدە چىڭ تۇرغان ھەم داۋاملاشتۇرماقچى بولغان .بۇنداق بولغان پۈتكۈل دۇنيانىڭ ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسىتىپ ،خەلقئاراغا بىسىم چۈشۈرۈش ئارقىلىق ‹دۇنيا زاۋۇتى›نىڭ ئوڭۇشلۇق ھىندىستانغا يۆتكىلىشىنى چاكلىمەكچى بولغان .بۇ سىياسەتنىڭ خەۋپ-خەتىرى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ ،ئەگەر مەغلۇپ بولسا ،جۇڭگۇ ئىقتىسادى ئومۇمىي يۈزلۈك پالەچ ھالغا چۈشۈپ ،دۆلەت 1930-يىللىرى يۈزبەرگەن ئىقتىسادى بوھران ھالىتىدىنمۇ ناچار ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدىدىكەن .

0

تېما

4

دوست

5098

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   1.96%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28151
يازما سانى: 385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1556
توردىكى ۋاقتى: 268
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-15 13:09:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qahqakqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-15 13:18  

سابىق دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى..........

0

تېما

0

دوست

127

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   42.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  52085
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 40
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-17 09:31:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەپتلىك بازارنىڭ ئۇمۇمي يۆنىلىشى قانداق بۇلار؟ كۆرسەتمە بەرسەڭلار ............!!!!!!!!!!!
uyghuray
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )