بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rast-gap تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-15 12:49
لېكسىيەچىلەر __ سۆزلەڭلەر لىكىن خەلقنى ئالدىماڭلار!
2016-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن كىيىن شىنجاڭ ۋاختى 3:00دە قاراماي شەھەرلىك دىلفىرۇز تەربىيەلەش مەركىزىدە داغ دۇغىلىق ھالدا بىر قىتىملىق لىكسىيە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بۇ قىتىملىق لىكسىيەنىڭ ۋاختى ،تىمىسى كىم سۆزلەيىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار بىر ھەپتە ئىلگىرىلا سۆزلەيدىغان ئادەمنىڭ رەسىمى بىلەن ئۈندىدار توپلىرىدا ۋە باشقا تاراتقۇلاردا ئاللىبۇرۇن تارقالغان ئىدى! شۇ ۋەجىدىن 3-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن كىيىن شىنجاڭ ۋاختى سائەت 3دىن بۇرۇنلا قاراماي شەھەرلىك دىلفىرۇز تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ زالى قارامايدىكى زىيالىلار جۈملىدىن مائارىپ سىپىدىكى جاپاكەش ئوقۇتقىچىلار ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر تۈركۈم ئىلىم ئەھلىلىرى بىلەن تولغان ئىدى.
ھەتتا بۇ لىكسىيەگە قاراماي زىيالىلىرىنىڭ ئالدى بولغان شىنجاڭدا خىلى نامى بار داڭلىق يازغۇچىلىرىمىزدىن بىر قانچىسىمۇ ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى چىقىرىپ قاتناشقان ئىدى. نىمە ئۈچۈن بۈگۈن قارامايدىكى زىيالىلار ۋە ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى قويۇپ ئۆزىنىڭ يىرىم كۈنلۈك قىممەتلىك ۋاقىتىنى چىقىرىپ بۇ لىكسىيەگە قاتنىشىدۇ؟ ئۇلار كىمنى ساقلاۋاتقاندۇ؟قايسى كاتتا شەخسنى كۈتىۋاتقاندۇ؟
ئەلۋەتتە ئۇلار ئىلاندا دىيىلگەندەك بىزنىڭ ئاتاقلىق ئاۋاز ئارتىسىمىز ــــ ئابدۇقەيەم ئىمىن ئەپەندىنى توغرىسىنى ئىيتقاندا ئابدۇقەيۈم ئىمىن ئەپەندىنىڭ يۈرەككە ئارام بەخىش ئەتكۈدەك گۈزەل ئاۋازىنى ۋە ئىنتىرنىت ھەققىدىكى ،ھازىرقى ئىلىم پەن ھەققىدىكى يىڭى ئۇچۇرلارنى ئابدۇقەيۈم ئىمىن ئەپەندىنىڭ ئۆز ئىغىزىدىن ئاڭلاشنى زور ئۈمىت قىلىپ بۇ يەرگە كەلگەن ئىدى! ئەلۋەتتە بۈگۈن ئابدۇقەيەم ئىمىن ئەپەندىمۇ 3:00 دىن بۇرۇنلا كىلىپ ئولتۇرۇپ بولغان ئىدى...! شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن شىنجاڭ ۋاختى دەل 3:00 دە لىكسىيە زالىنىڭ ئالدى ئىشىكىدىن ئەڭ ئاخىرىدا ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ ئىرپان ئېلىكتىرۇن شىركىتىنىڭ باش لىدىرى -ئابدۇللا ئەپەندى كىرىپ كەلدى! شۇندىن كىيىنلا لىكسىيە باشلاندى! ئەپسۇس قاراماي زىيالىلىرى ئۈمۈت بىلەن كۈتكەن ...باشتىكى لىكسىيەگە بولغان ئوتتەك ھىسىيات يىرىم سائەتكە بارمايلا سۇسلاشتى.......!
سەۋەپ: لىكسىيە باشلىنىپلا بىر سائەت ئەتراپىدا ئىنتىرنىت ھەققىدىكى پىلاستىنكا قويۇپ بىرىلدى!بۇ پىلاستىنكانىڭ مەزمۇنى ياخشى بولسىمۇ لىكىن بىز قاراماي زىيالىلىرى قىشلىق تەتىلدىن يىغىلغاندىكى ئۈگۈنۈشلەردە بۇ پىلاستىنكىنى ئاللىبۇرۇن كۆرۈپ بولغان ئىدۇق!دىمەك بىر سائەتكە يىقىن مۇشۇ پىلاستىنكا قويۇپ بىرىلدى.ئۇنىڭدىن كىيىن يەنە بىر يىرىم سائەت ئەتراپىدا ئىرپان ئىلىكتىرۇن شىركىتىنىڭ لىدىرى ــ- ئابدۇللا ئەپەندى بۇ 10 قىسىملىق پىلاستىنكىنى بىر بىرلەپ چۈشەندۈردى،بۇنىمۇ بىز كۆرۈپ بولغان،ياكى بولمىسا كىيىن پىلاستىنكىنى سىتىۋىلىپ ئۆزىمىز ئالدىرىماي بىر بىرلەپ ھەزم قىلىپ كۆرىۋالساق بولاتتى......!
چۈشتىن كىيىن سائەت 5:30 بولغاندا ئاندىن بىز تەقەززارلىق بىلەن كۈتكەن مىنۇتلار ئاخىرى يىتىپ كەلدى! يەنى ئاتاقلىق ئاۋاز ئارتىسىمىز ـــ ئابدۇقەيۈم ئىمىن ئەپەندى مۇنبەرگە چىقىپ ئۆزىنىڭ تۇيۇقسىزلا كىلىپ قالغانلىقىنى شۇڭا تەييارلىق قىلالمىغانلىقىنى باھانە قىلىپ 10 مىنۇت ‹‹ئىز›› ناملىق شىئىرنى دىكلىماتسىيە قىلىپ بەردى،ئاندىن يەنە 15 مىنۇتلار ئەتراپىدا ئاۋاز ئىلمى ھەققىدە قاراشلىرىنى ئىيتىپ ئۆتتى ۋە سۇئاللارغا جاۋاپ بەرگەن بولدى، دىمەك ›بىز قاراماي زىيالىلىرى ئۈمۈت بىلەن كۈتكەن ئادىمىمىز ئۆزىنىڭ تەييارلىق قىلالمىغانلىقىنى باھانە قىلىپ يىرىم سائەتتىلا ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئاخىرلاشتۇردى!
ئويلاپ باقايلى دوستلار.....! بىر ۋىلايەت دەرىجلىك شەھەرنىڭ زىيالىلىرى،ئىلىم سويەر خەلقى بىر ھەپتە بۇرۇن خەۋەر قىلىنغان ئاپتۇنۇم رايۇندىكى تونۇلغان ئاتاقلىق بىر ئاۋاز ئارتىسىنىڭ لىكسىيەسىنى ئاڭلايمىز دەپ ئۈمۈت بىلەن كۆز تىكىپ ئولتۇرسا ئەكسىچە بۇ ئاتالمىش لىكسىيەنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كەتسە، كەلگەن ئاتاقلىق ئاۋاز
ئارتىسىمىز ئۆزىنىڭ تەييارلىق قىلالمىغانلىقىنى باھانە قىلىپ ئولتۇرۋالسا ...!مۇشۇمۇ مەسئۇلىيەت بولامدۇ؟ بىزنىڭ ھۆرمتىمىزگە ئىرىشكەن ،نۇرغۇن شاھانە ئەسەرلەرنى جاراڭلىق دىكلىماتسىيە قىلىپ بەرگەن ئاۋاز ئارتىسىمىز ئابدۇقەيۈم ئىمىن ئەپەندى...مۇشۇ شۇمىدۇ زادى؟ مىنىڭچە بۇ بىر شەھەرنىڭ زىيالىلىرىنى كۆزگە ئىلمىغانلىق...ئەمەلىيەتتە ئۆزىنى چۈشۈرگەنلىك! مۇشۇنداق لىكسىيە سۆزلەيمىز دەپ خەلىقنى ئالداپ كۈن ئۆتكۈزىۋاتقان ئاتالمىش ئاتاقلىق كىشىلىرىمىز ئۆز ئۆيىگە كەتكەندە تاماق يىگەندە گىلىدىن تاماق قانداقمۇ ئۆتەر! شۇ كۈنكى لىكسىيەدىن مەنلا ئەمەس نۇرغۇنلىرىمىز ئىنتايىن ئۈمىتسىزلىك بىلەن قايتتۇق ... بىزنىڭ ئۇسسىغان يىرىمىزگە بارمىدى دىسەكمۇ بولىدۇ! قاراماي خەلقىنى بوش چاغلىماڭ! قاراماي زىيالىلىرىنى تىخىمۇ بوش چاغلىماڭ....! ئۇلار گەپ قىلماي جىم ئولتۇرغاندەك قىلغان بىلەن ئۇلارنىڭ تەپەككۇرى ئۆتكۈر...! ۋاختى كەلسە ئۇلار سىزنىڭ ھۆرمىتىڭىزنىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلالايدۇ... شۇنداقلا ياخشى سۆزلىمىسڭىز ئەكسىچە سىزنىڭ ئالدىڭىزدا دادىل ھالدا خاتالىقىڭىزنى كۆرسىتىپ بىرەلەيدۇ!سۈكۈت قىلغىنى ئۇلارنىڭ سىزنى ھۆرمەت قىلغىنى...!
ئۇنداق قىلمايلى...داڭلىقلىرىمىز....ئاتاقلىق لىكسىيەچىلىرىمىز...!سىلەر بىزنىڭ ھۆرمىتىمىزگە ئاسان ئىرىشمىگەن...!يەنىلا ھۆرمىتىڭلارنى ساقلاپ يۈرگىنىڭلار ياخشى...!
لىكسىيە سۆزلەيلى!ئۆزىمىزگە ۋە خەلىقكە يۈز كىلەلىگۈدەك سۆزلەيلى!خەلقنى ئالدىمايلى!سىزنىڭ كۆزىڭىز ئىككى بولغان بىلەن خەلقنىڭ كۆزى مىڭ، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ! سۇ كىتىپ تاش قالىدۇ،ئوسما كىتىپ تاش دىگەندەك ،سىز ئەنە شۇ لىكسىيەنى سۆزلەپ بولۇپ كىتىسىز. بىز قالىمىز لىكىن ئۇنتۇلۇپ قالماڭ...ئاشۇ سىز سۆزلىگەن لىكسىيەنىڭ قۇيرۇقى نەگە بارسىڭىز سىز بىلەن ئەگىشىپ بارىدۇ...!
|