ئېدىقۇت قەدىمى شەھىرى نىمىشقا قايتا قۇرۇلمىغان
پەرھات ئېدىقۇت
مەركىزى ئاسىياغا جايلاشقان پىپايان شىنجاڭ دىيارىمىز نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان شانلىق مەدەنىيەتلەرنى يارىتىپ دۇنيا مەدەنىيىتىگە زور تەسىرلەرنى قالدۇرغان ،شۇنىڭدەك دىيارىمىزدا شۇ شانلىق مەدەنىيەتلەر يارىتىلغان نۇرغۇن مەدەنىيەتلىك شەھەرلەر بارلىققا كەلگەن ،گەرچە بۇ شەھەرلەرنىڭ بەزىلىرى بۇرۇنلا يوقىلىپ كەتكەن بولسىمۇ ھازىرغىچە نامى ياد ئېتىلىپ كەلمەكتە.
تۇرپان ئاستانىگە جايلاشقان ‹‹ئېدىقۇت قەدىمى شەھىرى ››تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ،يارىتىلغان مەدەنىيىتىنڭ شانلىق لىقى بىلەن تا ھازىر غىچە دۇنيادىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ۋە ئالىملارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلمەكتە.
‹‹ئېدىقۇت قەدىمى شەھىرى ››تارىخى بىلىمىنىڭ كەملىكى تۈپەيلىدىن بۇ ‹‹شەھەرنىڭ››قاچاندىن باشلاپ شەھەرلىشىشكە قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنى بىلىشكە ئامالسىزمەن.مىنىڭ بىلىشىم مىلادىيە 6-ئەسىرلەر ئەسىرلەر ئەتراپىدىكى قۇچۇ خانلىقىنىڭ پايتەختى بولغاندىن كىيىنكى مەزگىللەر،640-يىلى تاڭ سۇلالىسى قۇچۇنى ئىشغال قىلغاندىن كىيىن ۋە كۆكتۈرۈك ،ئورخۇن ئۇيغۇر ئىمپىرىيىلىرى دەۋرلىرىدە ‹‹ئىدىقۇت قەدىمى شەھىرى ››شىنجاڭدىكى مۇھىم سىياسى ۋە مەدەنىيەت شەھەرلىرىنىڭ بىرى ئىدى ،840-يىللاردىن كىيىن ئۇيغۇر ئىمپىرىيىسى پارچىلىپ ئۇيغۇرلار غەرپكە كۆچۈپ غەرپتە قاراخانىيلار خانلىقى ، شەرقتە ‹‹ قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى ››قورۇلۇپ ئىدىقۇت شەھىرىنى پايتەخت قىلغاندىن كىيىن قۇچۇ شەھىرىدە ئالەمشۇمۇل تارىخى ئىشلار ،تارىخى مەدەنىيەتلەر مەيدانغا كەلدى ،10-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ قاراخانىيلار سۇلالىسى ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ ،ئۇدۇن ۋە ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلدى ،ۋە ئۇدۇندىن ئىبارەت بۇددا دىنى دۆلىتىنى ھالاك قىلدى ۋە ئېدىقۇتقىمۇ نۇرغۇن قىتىم ئەسكەر ئەۋەتىپ ئۇرۇش قىلغان بولسىمۇ ئەممائىدىقۇتنى ئىشغال قىلالمىدى ،ۋە بىر مىللەتتىن بولغان ئىككى خىل دىنغا ئىتىقاد قىلىدىغان بۇ ئىككى دۆلەت ئۇزۇن مەزگىل تىركىشىش جەريانىدا تۇردى،شۇ ۋاقىتلاردا شىنجاڭدىكى ئىككى شەھەرنى تەرەققىياتى ئەڭ تەرەققى قىلغان مەدەنىيەت ،دىن ، مەركىزى دىسەك بىرى قەشقەر يەنە بىرى ئىدىقۇت شەھىرى دىسەك خاتالاشمايمىز،قارا قىتان خانلىقى شىنجاڭنى كونترول قىلىۋالغان مەزگىللەردە ئىدىقۇت ۋە قاراخانىيلار خانلىقلىرىمۇ قاراقىتانغا قارام بولغان مەزگىللەردە ئىدىقۇت شەھىرىنىڭ تەرەققىياتى بىر قەدەر ئاستىلىغان بولسىمۇ يەنىلا چوڭ شەھەرلىك ئورنىدىن چۈشۇپ قالمىغانىدى،1209-يىلى بارچۇق ئارت تىكىن چىڭگىزغانغا بەيئەت قىلغاندىن كىيىن ئىدىقۇت شەھىرى چىڭگىزخاننىڭ تۈمۈر تاپىنىدىكى ئۇرۇش ئوتىدىن ساقلىنىپلا قالماي يەنەئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ پايتەختى بولۇپ تىخىمۇ گۈللەندى.
ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ قاچان مۇنقەرز بولۇپ شەھەرنىڭ خارابىلىككە ئايلىنىپ كەتكەنلىكىگە ئائىت كۆپ ماتىرىياللاردىن خەۋەرسىز بولغاچقا ئىنىق ۋاقتىنى ئەسەردە ئىپادىلەشكە ئاجىزلىق قىلىمەن ،بىلىدىغىنىم چاغاتاي خاننىڭ ئاخىرقى ئەۋلاتلىرى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنى بۇيسۇندۇرۇشقا قىلغان ئۇرۇشلىرى ۋە خانلىقنىڭ ئاجىزلىشى ۋە خانلىقتا ئىشلام دىنىنىڭ كىڭىيىشى ۋە ئەڭ ئاخىرىدا ئىسلاملاشقان مۇڭغۇل خانلىرىنىڭ ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلىشى پۇتۇن شىنجاڭغا كىڭەيتىشى بىلەن ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ھالاك بولدى ،تۇرپان خەلقىنىڭ ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلىشى بىلەن پۈتۈن مىللەتنىڭ ئىتىقاد قىلىشى ئاخىرى تاماملاندى .
مىنىڭ ئويلىغىنىم ئىدىقۇت قەدىمى شەھىرى بىنا بولۇپ تا يوقالغۇچە 1000يىلدىن كۆپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈپتۇ ،بۇ دەرۋرە مەيلى قانداقلا دىنغا ئىتىقاد قىلغان بولسۇن مەدەنىيىتىمىزگە چۇڭقۇر ئىزلارنى قالدۇرغان ،ئىدىقۇت قەدىمى شەھىرىگە كىرىپ باققانلار بىلىدۇ ھازىرمۇ شەھەرنىڭ سىپىلى بار ئەمما ئىچىگە كىرسىڭىز سوقما تام خارابىلىرى بار ئەمما بىرەمۇ ئۆي شەكلى بار خارابە ئىزى يوق ھەممىسىلا بارچە - پارچە سوقما تام ئىزى .
بۇرۇن يۇرتتىكى ۋاقلاردا دائىم كىرەتتىم ۋە ‹‹شەھەرگە ›› قاراپ خىيال سۈرۈپ كىتەتتىم ،ئەلۋەتتە بىر دىن ياكى مەدەنىيەت باشقا بىر مەدەنىيەتنى چەكلەيدۇ ۋە يوقىتىدۇ،ئىسلام دىنى ئىدىقۇت شەھىرىگە كىرىپ كىيىن بۇددا مەدەنىيىتى ۋە بۇددا ئۇسلۇبۇدىكى شەھەر يوق قىلىنغاندىن كىيىن شانلىق ئىز لارنى قالدۇرغان بۇ شەھەرنى قايتىدىن قۇرۇپ شەرقى شىنجاڭدىكى ئىسلام شەھىرى قۇرۇپ چىقىلمىغاندۇ دىگەنلەرنى ئويلايتىم ،ھەممىمىزگە مەلۇم شىنجاڭ تارىخىدا نۇرغۇن قەدىمى شەھەرلەر خارابىلىككە ئايلىنىپ يۇقالغان، ‹‹شۇنىڭغا ئوخشاش ھەرقانداق مەيلى جانلىق مەيلى جانسىز ۋە مەدەنىيەت ئامىلى بولسۇن بارلىققا كەلگەنىكەن ،ھامان يۇقىلىدىغان ۋاقتى بولىدۇ،بۇ بىر قانونىيەت››،
شۇ ۋاقىتتا ئىدىقۇت خانلىقى ھالاك بولۇك ،ئىدىقۇت خەلقى ۋە پۈتۈن تۇرپان خەلقى ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن ، شىنجاڭدىكى ئەڭ ئاخىرقى بۇددا دىنى مەركىزى بولغان ئىدىقۇت شەھىرى تارىخ سەھنىسىدىن يۇقالدى .ئىسلامنىڭ پۈتۈنلۈكى ئاخىرى تاماملاندى.
ئەمدى ئىدىقۇتنىڭ نىمىشقا قايتا ئىسلام مەدەنىيىتى ئاستىدا قۇرۇلمىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئۆزەمنىڭ يۈزەكى چۈشەنچىسى ئاساسىدا پەرەز قىلسام ،شىنجاڭدىكى ئەڭ ئاخىرقى،ئەڭ چوڭ بۇددا دىنى شەھىرى بولغان ئىدىقۇت شەھىرى ئىسلاملاشقاندىن كىيىن ،خەلق ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن 1000يىلدىن ئارتۇق بۇددا دىنىنىڭ مەركىزى بولغان ،بۇددا دىنىنىڭ چۇڭقۇر ئىزى قالغان بۇ شەھەردە ياشاشنى خالىمىغان شۇڭا قايتىدىن ‹‹يىڭى ئىدىقۇت شەھىرى قۇرمىغان››دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ (بۇ مىنىڭ يۈزەكى شەخسى قارىشىم ،دەلىل ۋە پاكىت ئاساسلىرىم يوق).
ئىدىقۇت شەھىرىنىڭ يۇقىلىشى بىلەن تۇرپاندىكى ئەڭ قەدىمى مەدەنىيەتلىك شەھەر تارىخ سەھنىسىدىن ئۆچتى ، ئەمما تۇرپاندىكى يەنە بىر مەدەنىيەتلىك شەھەر لۈكچۈن شەھىرى ‹‹ئېدىقۇت شەھىرى ›› يوقالغاندىن كىيىن ئىسلام مەدەنىيىتى ئاساسىدا تىخىمۇ گۈللەندى،شۇنداقلا تۇرپان ۋە شەرقى شىنجاڭدىكى دىننى ، سىياسى ، ئىقتىسادى ،مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ ‹‹ ئېدىقۇت شەھىرىنىڭ ›› ئورنىنى ئالدى.
(يۇقارقى ئەسىرىم مىنىڭ شەخسى كۆز قارىشىم ،ئېنىق پاكىت ئاساسلىرىم يوق).
|