قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 454|ئىنكاس: 4

دىلان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

15

تېما

16

دوست

1304

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   30.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  56444
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 40
تۆھپە : 400
توردىكى ۋاقتى: 37
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-15 21:41:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلان


(ھېكايە)

بۇمەريەم


كۈتۈپخانىنىڭ جىمجىتلىقى بىر- بىرىنى قولتۇقلاپ كىرگەن ئىككى قىزنىڭ بوشقىنە ئاۋازىدا قىسقا بىر مۇددەت بۇزۇلدى. كىرگەن قىزلاردىن بىرى ئەما ئىدى. ئۇنى قولتۇقلىۋالغان قىز ئەما قىزنى ئەكىلىپ قويۇش ئۈچۈن كەلگەن بولسا كېرەك، ئۇنى مېنىڭ كەينىمدىكى ئۈستەلگەئورۇنلاشتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن چىقىپ كەتتى.
- سىزنى راھەتسىزقىلىدىغان بولدۇم، ئاۋازىم چىقىپ كېتىپ قالسا ھەرگىز رەنجىپ قالماڭ،- دېدى، ئەماقىز يېنىدىكى بالىغا.
- ھېچقىسى يوق، سىزراھىتىڭىزگە بېقىڭ،- دېدى، يىگىت.
   بىر ئازدىن كېيىن تاقراقشىيدىغان كونۇپكا تاختىسىنىڭكىدەك بىر ئاۋاز چىقىشقا باشلىدى. چاندۇرماي ئارقامغا قاراپ باقتىم. ئەما قىز قولىدىكى يىڭنىدەك ئۇچى بار بىر قەلەم بىلەن ئەمالار يېزىق تاختىيىغا قىستۇرۇلغان ئاق قەغەزگە ئەمالار يېزىقىنى يېزىۋاتاتتى.ئۇنىڭ تېلېفونى ۋە كومپىيۇتېرىدىن تۇرۇپ- تۇرۇپ ئاۋاز كېلەتتى. ئەمالارنى كۆپ كۆرگەن بولساممۇ، ئەمما كۈتۈپخانىدا ئولتۇرۇپ دەرس تەكرار قىلىۋاتقان ئەما بىرىنى تۇنجى كۆرۈشۈم ئىدى. ئۇنىڭ ئەما بولغىنى بىلەن تۆت تامنىڭ ئارىسىغا سولىنىپ ھاساتاياق بىلەن يەرنى جىجىشنىڭ ئورنىغا كومپىيۇتېرنى خۇددى نورمال كىشىلەردەك ئىشلىتىشىدىن، مەكتەپتە ئوقۇپ بىلىم ئالالىشىدىن بەكلا سۆيۈندۈم. ئۇنىڭغا پات- پات قاراپ قوياتتىم. ئۇ بەزىدە بەدىنىنىڭ ئۈستى قىسمىنى ئالدى- كەينىگە رېتىملىق مىدىراتسا، بەزىدە گەپ- سۆزلىرى چالا بۇلا تېشىغا چىقىپ كېتەتتى. يېرىم سائەتلەردىن كېيىن، ئۇنىڭ يېنىدىكىلەرنىڭ دېققىتى چېچىلدىمۇ ياكى ئۆگىنىشى ئاياغلاشتىمۇ، ئۈستەلدە قىز يالغۇز قالدى.
- تېلېفوننى قويۇۋەتمەيتۇر، قويۇۋەتمىگىن، مانا ھازىرلا. مەن كۈتۈپخانىدىتىم تالاغا چىقىۋالاي، خەپ، مېنى ئەچىقىپ قويۇڭلارچۇ.- ئۇ جىددىيلەشكەندەك بولۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ تىتىرەت كەتتى.قوللىرى ھاۋادا لاغىلدايتتى.
- كەل، مەن ياردەم قىلاي،- دېدىم، تېزلىكتە ئۇنىڭ بىلىكىدىن تۇتۇپ.
ئۇنى ئاستا يېتىلەپ سىرتقا ئېلىپ چىقتىم. ئۇ تېلېفوندىكى پارىڭىنى تۈگىتىپ بولۇپلا جالاقشىپ تىترىگىنىچە سۆزلىدى. تىللىرى يۆگىلىۋاتقاندەك گەپلەر ئېغىزىغا قاپسىلىپ تەستەچىقاتتى.
- سەندىن ئۇنىڭ پۇرىقى كېلىۋاتىدۇ،- دېدى، ئۇ تۇيۇقسىز مۈرەمنى تۇتۇپ. ئەنە شۇ چاغدىلا ئۇنىڭ ئەماكۆزلىرىگە قارىيالىدىم. يۈزىگە ئوخشاشلا پارقىراق ۋە سىيلىق ئاق  تېرىلىك قاپىقى كۆزلىرىدىن بىرىنى تامامەن يېپىۋالغانىدى.يەنە بىر كۆزىنىڭ ئېقى سەل تومپايغىنىچە ئوچۇق، ئەمما نىشانسىز تۇراتتى.
- كىمنىڭ پۇرىقى كېلىۋاتىدۇ؟- دېدىم، ئۇنىڭغا كۈلۈمسىرىگىنىمچە. ئۇ كۆرەلمىسىمۇ، ئاۋازىمدا ئەكىس ئەتكەن ھېسسىياتىمنى چوقۇم بىلەلەيدۇ، دەپ ئويلىدىم.
- مۇئەللىمنىڭ....،-دېدى، ئۇ چىشىنىڭ ئاساسەن ھەممىسىنى دېگۈدەك كۆرسىتىپ كۈلگىنىچە ۋە ئارقىدىنلامەندىن سورىدى.
- سەن قايسىفاكۇلتېتنىڭ؟
- مەن بۇ فاكۇلتېتتائەمەس، [] فاكۇلتېتىدا ئوقۇيمەن.
- ئا..... ھا ھاھا....ئاھ يۈرىكىم، مېنى تۇتۇۋال.- ئۇ شۇنداق دەپلا باياقىدىنمۇ بەك تىتىرەپ، ئاۋازىنى پەقەتلا كونترول قىلالماي كۈلۈپ كەتتى.
- جىددىيلەشمە،دېگىنىمچە ئۇنىڭ ئاپئاق قوللىرىنى مەھكەم تۇتۇۋالدىم.
- مەنمۇ شۇفاكۇلتېتىنىڭ، مەنمۇ، مەنمۇ، ھا ھا ھا.- ئۇ كۈلگەندىن كېيىن سۆزلىشى نورماللاشقاندەك بولدى. شۇ چاغدىلا ئۇنىڭ ئاۋازىدىكى بىر خىل يېقىملىق ئاھاڭنى سېزىۋالدىم.
- شۇنداقمۇ، ھەقىقەتەن مەمنۇن بولدۇم،مېنىڭ ئىسمىم ئايقىز - دېدىم.
- سەندىن مۇئەللىمىمنىڭ ھاۋاسى كەلگەندىلا مەن سەزگەن،-دېدى، ئۇ تىترەشنى داۋام قىلىپ. مەن تىتىرەشنى ئۇنىڭدىكى بىنورماللىقمىكىن دەپ ئويلاپ قالغان ئىدىم. كېيىن ئالدى- كەينىگە لىڭشىش،بېشىنى ئىككى ياققا بۇراش، جەينىكىنىڭ تۆۋەن يېنىنى توختىماي تىترىتىش. سۆزلەۋاتقانداكۆزىنىڭ ئۇدۇلىغا ئەكىلىپ چاۋاك چېلىش، بارماقلىرى ياكى مۇشتى بىلەن كۆزىنى ئۇۋىلاشقاتارلىق ھەرىكەتلەرنىڭ ئەما ئىنسانلاردا دائىملىق كۆرۈلىدىغان نورمال ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى بىلدىم.
- مېنىڭ ئىسمىم دىلان،مەن تۈركمەنىستانلىق،- دېدى، ئۇمۇ ئۆزىنى ماڭا تونۇشتۇرۇپ.
- مەن ئۇيغۇر،- دېدىم.
- دېمەك، سەن ئۇيغۇرھە؟! كەل قېرىندېشىم، جېنىم ئايقىز. سېنى ماڭا ئاللاھ ئۇچراشتۇردى، سەن بىلەن تونۇشقىنىمدىن ھەقىقەتەن ھاياجانلاندىم. - ئۇ مېنى مەھكەم قۇچاقلىۋالدى. ئىككى قولى تىترىگىنىچە مۈرەمنى قاماللاپ تۇراتتى. مەن بۇ تىتىرەشنى ئۇنىڭ يۈرىكىدىن كېلىۋاتقاندەكلا ھېس قىلدىم. ماڭا ئۇنىڭ كۆزىگە بېرىلمىگەن بارچە قۇۋۋەت يۈرىكىگە توپلانغاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى.
- شۇنداق، بىز قېرىنداش،مەنمۇ سەن بىلەن تونۇشقىنىمغا بەكلا خۇشال دىلان، دېگىنىمچە ئۇنىڭ ئاجرىيالماي مۈرەمنى قاماللاپ قېتىپ، سۇس يېشىل رەڭگە كىرىپ قالغان قوللىرىنى ئىككى ئالقىنىمنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ ئۇۋىلىدىم. ئۇنىڭ ھاياجانى سەل پەسلەپ، ئاۋازىمۇباياقىدىن تۆۋەنلىدى. ئەمما كۆزلىرىدە ئەكىس ئېتەلمىگەن بارچە يورۇقلۇق ئۇتتۇرئۇنىڭ ئاپئاق يىپەككە ئوخشايدىغان يۈزىدە ۋالىلدايتتى. ئوچۇق تۇرىدىغان كۆزىدىن قۇيۇلىۋاتقان ياشنى كۆرۈپ نېمە قىلارىمنى، نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدىم.  ئۇنىڭ نېمىلەرنى ئويلاپ يىغلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلەلمەيتتىم. چۈنكى تۇنجى نۆۋەت بىر ئەما ئىنسان بىلەن بۇنچە يېقىن تۇرۇپ سۆزلىشىۋاتاتتىم.
- سەن قايسى كەسىپتەئوقۇيسەن.- دېدى ئۇ.
- [] دا ئوقۇيمەن،-دېيىشىگىملا ئۇ قايتىدىن ھاياجانلىنىشقا باشلىدى.
- ئاھ يۈرىكىم، ئاھ يۈرىكىم! ماڭا سۇ بېرىڭلار.- ئەتراپتىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭ يۈرەك كېسىلى بارلىقىنى ئويلىغان چېغىۋا، دەرھال ئۇنىڭغا سۇ ئىچۈرۈپ يۆلەشكىنىچە بىرئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزدى.
- ھاياجانلانما،جىددىيلەشمە، ئۆزۈڭنى بېسىۋال، ئالدىرىماي ئىچكىن، دېگىنىمچە ئۇنىڭ دۈمبىسىنى سىيلىدىم. ئەتراپتىكىلەرمۇ ئۇنىڭ ئەما ئىكەنلىكىنى، يۈرەك كېسىلى ئەمەسلىكىنى بىلىپ ئۆز ئىشىغا مېڭىشتى.  
- ئاھ جېنىم قېرىندېشىم،مەنمۇ شۇنىڭدا ئوقۇيمەن،- دېدى، ئۇ ۋە ماڭا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىسمىنى بىردىن-بىردىن سانات قۇزدى. پەقەت بىرىنىلا سانىماپتىمەن.
- [] خوجامچۇ؟،- دېدى،ئۇ مەن سانىمىغان ئوقۇتقۇچىنى سوراپ .
- ئۇمۇ بار ئەلۋەتتە.مەن ئۇنىڭدىن ئۈچ دەرس ئالدىم. ئۇ ھەقىقەتەن ياخشى بىر ئايال.- دېدىم.
   بەلكى گەپلىرىمدىن ھەقىقەتەنمۇ ئۆزى بىلەن بىر كەسىپتە ئوقۇيدىغان بىرى ئىكەنلىكىمگە، يالغانچى ئەمەسلىكىمگە جەزىم قىلغان بولسا كېرەك، ئۇ تېخىمۇ قىزغىن ھالەتتە سۆزلەشكەباشلىدى. كېيىن ئۇقسام ئوقۇتقۇچى يامان ئادەملەرنىڭ زىيىنىغا ئۇچراپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇنىڭغا ناتونۇش ئادەملەرگە گەپ قىلماسلىقنى، نەرسە بەرسە ئالماسلىقنى،بېرىش- كېلىش قىلماسلىقنى دائىملا تاپىلاپ تۇرىدىكەن.  
- مەن دېگەن ساڭا، مەن ھېس قىلغانتىم، سەندە ئۇنىڭ پۇرىقى بار دېگەن ئىدىم. بىلىۋاپتىمەنمۇ، كىمنىڭ ئاسىستانىمەن دېگەن؟- ئۇ قايتىدىن مېنى قۇچاقلىۋالدى.
-...
- جېنىم ئايقىز، مېنى ھەقىقەتەن ساڭا ئاللاھ ئۇچراشتۇردى. مەن قورقىمەن بىلەمسەن، ھەممە نەرسىدىن قورقىمەن، ئەمدى مېنى ھەرگىز تاشلىۋەتمىگىن. - ئۇنىڭ تىتىرىشى تېخىچە داۋام قىلاتتى.
- ئەنسىرىمە، مەن دائىم مۇشۇفاكۇلتېتنىڭ كۈتۈپخانىنى ئىشلىتىمەن،- دېدىم ۋە تېلېفونىغا نومۇرۇمنى ئۇنىڭ تېلېفونىغا كىرگۈزۈپ قويدۇم.
- ئايقىز مەن ھەقىقەتەن قورقىمەن، سەن بىلمەيسەن.- دېدى ئۇ يىغلىغىنىچە. ئۇ ھەتتا يېنىمىزدىن ئۇچۇپ كېتىۋاتقان بىر ھەرىنىمۇ سېزىۋالدى ۋە مەندىن نېمە ئىش بولغانلىقىنى سورىدى.ھەرىنىڭ ئۇچۇپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدىم، سەل خاتىرجەم بولغاندەك بولۇپ، تىترىشى پەسەيدى.
- قورقۇشۇڭنىڭ پەقەتلائورنى يوق، كۆرەلىگەن بولساڭ بىكاردىن- بىكار قورقۇپتىمەن، دەپ قالاتتىڭ. ئەتراپىڭداقورققىدەك ھېچنەرسە يوق، ئەسلىدە قەلبى كۆرمەيدىغان ئادەم قورقسا بولىدۇ. سېنىڭ قەلبىڭ كۆرىدىكەن، بايا مېنى تونۇۋالدىڭ مەسىلەن.
- رەھمەت جېنىم ئايقىز،رەھمەت. ھېلى سائەت يەتتىدە [] خوجام مېنى ئالغىلى كېلىدىكەن،- دېدى، ئۇ كۈلۈپ.
- مەن ئۇ خوجامنىڭ بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئالدىغا ئۇنى ئالغىلى بارىدىغانلىقىنى سەن دېمىگەن بولساڭ پەقەتلا ئىشەنمىگەن بولاتتىم، دېمەك سەن بەكلا تىرىشچان ئوخشايسەن، ئۇ شۇڭا ساڭا بەك ئامراق چېغى،-دېدىم. ئەمما ئۇ تېخىمۇ ھاياجانلىنىپ كەتتى.
- مەن دېگەن كىمنىڭ ئاسىستانى؟ ئۇنىڭ دەرسىگە بىرىنجى بولۇپ مەن تەييارلىق قىلىمەن، ماقالەكۆپەيتىشكە، قوليازما كۆپەيتىشكە بىرىنجى بولۇپ مەن يۈگرەيمەن. مەن تۈركىيەگە يېڭى كەلگەندە تۈركچىنى پەقەتلا بىلمەيتتىم. ماڭا تۈركچىنى ئاشۇ خوجام ئۆگەتتى،- دېدى،ئۇ راۋان تۈركچە بىلەن.
- سېنىڭ تۈركچەڭ تۈركىيەلىكنىڭ كىدەككەن،- دېدىم.
- مەن دېگەن كىمنىڭ ئاسىستانى؟. مەن يېڭى كەلگەندە تەرجىماندىن چىش- تىرنىقىمغىچە نەپرەتلىنەتتىم.مەقسىتىمنى ئۆزۈمدىن باشقا ھېچكىشى بىلمەيتتى. خوجام بىلەن سۆزلىشىدىغانغا ياخوجام ئۆزى ياكى بولمىسا مەن تەرجىمان تاپاتتىم. رۇسچە تەرجىمان ھەممىلا گېپىمنى،ئىچىمدىكى خوجامغا دېمەكچى بولغانلىرىمنى بىلىۋالىدىغان بولغاچقا ئىچىم بەكلاسىقىلاتتى بىلەمسەن. تەرجىماننى قارغاپ كېتەتتىم. ھازىر دېگەن تېلېفونداسۆزلىشىمىز. بايا ئۇنىڭ بىلەن خەت يېزىشتىم، لېكىن خوجام مېنى جىلە قىلىپ، گەپنى پۇچۇق قىلىپتى، چۈشەنمىدىم، دەپ تۇرۇۋالسام تېلېفون قىلدى. ئاھ، مەن نېمە بولدۇم.بەك ھاياجانلىنىپ كېتىۋاتىمەن، جېنىم ئايقىز مېنى تۇتۇۋال. ئايقىز تېز بول، مەن ئۈستى- بېشىمنى تۈزەشتۈرگىلى يۇرتقا(ئوقۇغۇچىلار ياتىقى) كېتەي، ئۈستىگە چىقىپ كومپىيۇتېرىمنىڭ سىمىنى تارتىشىپ بەرگىن، مېنى باغچىغا ئەچىقىپ قويساڭ بولاتتى.مەن ئازراق تەييارلىق قىلاي ، مەن خوجامنىڭ يېنىغا بۇ ئەپتىم بىلەن چىقالمايمەن.ئۇ ئاتايەتەن مېنى ئالغىلى كېلىدىكەن دەرۋازا ئالدىغا، ئاھ . مەن نېمە بولدۇم.يۈرۈكۈم بەكلا سوقۇپ كېتىۋاتىدۇ.
ئۇ توختىماي كۈلەتتى.ئىچىدىكى بارلىق خىياللىرىنى سۆزلەپ ماڭا بىلدۈرەتتى. بىرى يېنىمىزدىن ئۆتۈپ كەتكەن بولسا، « بۇ كىمۇ؟» دەپ سوراپ قوياتتى. تونۇمىسىمۇ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلاردىن كېلىۋاتقان ئاۋازلارغا زەن سالاتتى.
   مەن ئۇنى باغچىغىچەئەچىقىپ قويدۇم. ياتىقىغا ئاپرىپ قويماقچى بولۇۋېدىم، ئۇ ئۆزۈم كېتەلەيمەن، سەن كىرىپ كەتكەندە ئاندىن ماڭىمەن، دەپ ئورۇندۇقتا مىدىرىماي ئولتۇرۇۋالدى. ئۇنىڭ ھاياجاندىن تىتىرەۋاتقان ئاۋازى، لەۋلىرى، بارماقلىرى مۇزلاپ كەتكەن قوللىرىدىن بىر ھاياتىي كۈچ ئوخچۇيتتى. ئۇنىڭ ئىنسانلارنىڭ كۆز نۇرىنى بىر- بىرىگە خۇددى مۇزدەك تىكىشلىرىدىن، بىر- بىرىنىڭ ئۇچىسىغا كىيىۋالغان كىيىمنىڭ رەختى ۋە مودىسىغا باھالاش نەزىرىدە قاراشلىرىدىن، دەپتەردەك يېيىپ قۇلىقىغا چاپلىۋالغان ئەقلىيفونلىرىنىڭ قايسى مودەل ئىكەنلىكىنى سوراپ، شۇنىڭغا ئاساسەن مۇئامىلە قىلىشلىرىدىن، ئۆزىگەكىمنىڭ قانداق نەزەر بىلەن قاراۋاتقانلىقىدىن قىلچە بىخەۋەر ئىكەنلىكىنى ئويلىدىم. ئۇ بىر نەرسىگە پەقەت يۈرىكىنىڭ سېزىمىگە ۋە ئۇ ئىنساندىن تارالغان  دولقۇنلارغا ئاساسەن ھۆكۈم قىلاتتى. ئۇنىڭغانىسبەتەن، دۇنيانىڭ رەڭدارلىقى، پەقەتلا ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىرگەن ئاۋازلارغا ئاساسەنلائۆلچىنەتتى. شۇڭا ئادەتتە ھېچكىمنىڭ خىيالىغىمۇ كىرىپ چىقمايدىغان بىر ھەسەل ھەرىسىنىڭ ئۇچۇپ ئۆتكەندىكى كىچىككىنە ئاۋازىمۇ ئۇنىڭغا نىسبەتەن دۇنيادا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئىختىيارىسىز ئۇنىڭ يۈزىنى سىيلاپ كەتتىم. تۇنجى قېتىم يېڭى تونۇشقان بىرىنىڭ يۈزىنى سىيلىشىم ئىدى. خۇددى بوۋاقنىڭ تىرىسىدەك سىيلىق كەلگەن تىرىسىگە يوشۇرۇنغان ئىنىچكە قىل قان تومۇرلارنىڭ ئىچىدىكى قاننىڭ ئېقىشىنى ھېس قىلۋاتقاندەك بىر تۇيغۇدا ئىدىم. يۈرىكىمنىڭ ئۇزۇندىن بېرى، ھەتتا ھېچبىر زامان بۇخىل تۇيغۇغا چۆمۈپ باقمىغانلىقىنى ئويلىدىم.
   ئەنە شۇندىن باشلاپلا ئۇكۆڭلى يېرىم چېغىدا ياكى خۇشال بولغانلىرىدا مېنى ئىزدەيدىغان بولدى. بەزىدە«ئۆلۈۋالىمەن، دېرىزىدىن سەكرىۋالىمەن» دەپ يىغلاپ كېتەتتى ئۇ تېلېفوندا.ئەمەلىيەتتە مەن ئۇنىڭ بۇنداق گەپلەرنى ھېچكىم ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماي ئۆز ئىشى بىلەن بولۇپ كەتكەندە ئىنسانلارنىڭ دېققىتىنى بۇراش ئۈچۈن دەپ قويۇۋاتقانلىقىنى بىلەتتىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ بارلىق قىيىنچىلىقلىرىمنى ئاشۇرۇپ سۆزلەپ بېرەتتىم. ئۇ «خۇداغا شۈكۈر مېنىڭ ھالىم سەل ياخشىكەن، نېمانداق ئەبگا نېمە بۇ»دەپ قالامدۇ تاڭ، يىغلاشلىرىنى توختىتىپ ماڭا تەسەللىي بېرىپ كېتەتتى. تېخى «ماقالەڭنى يېزىشىپ بېرەي» دەيتتى.
   بىر مەزگىلدىن كېيىن، ئۇماڭا تولۇق ئىشەندى بولغاي ھەپتە ئاخىرلىرى يۇرتتىن رۇخسەت سوراپ ئۆيۈمگە كېلىپ قونىدىغان بولدى. بەزىدە ئۇ بار چاغدا ئۆيۈمگە باشقىلارمۇ كېلىپ قالاتتى. ئۇنىڭ ھاياجانلىق سۆزلەشلىرى، قۇلىقىغا بىرەر شەپە تۇيۇلغان ھامان نېمە بولغانلىقىنى سوراشلىرى،توختىماي ئالدى- كەينىگە لىڭشىپ، جەينىكىنىڭ تۆۋىنىنى سىلكىشى ۋە ئولتۇرغاندا پۇتلىرىنى مەھكەم تۈگۈۋېلىشلىرى، توختىماي كۈلۈپلا تۇرۇشى باشقىلارغا غەلىتە بىلىنىپ كېتەمدىكىن تاڭ، مەندىن «مېڭىسى ئازراق جايىدا ئەمەسمۇ ھە...» دەپ پىچىرلاپ سورايدىغانلىرىمۇبولاتتى.  
- ئايقىز، خاتاچۈشەنمىسەڭ مەن سەندىن ھېچكىمدىن سوراپ باقمىغان بىر نەرسىنى سورىسام بولامدۇ؟ پەقەت خاتا چۈشىنىپ قالما، خەقتىن پەقەتلا سورىيالمىدىم. پۇتبۇل مۇسابىقىسى دېگەن نېمە؟-دېدى ئۇ بىر كۈنى بىزنىڭ ئۆيدە ئولتۇرىۋېتىپ.
- پۇتبۇل مۇسابىقىسى شۇ،قانداق؟- دېدىم، ئىختىيارىسىز.
- ھەممە ئادەم شۇنداق جاۋاپ بېرىدۇ. مەن يا بىلمىسەم...-  ئۇشۇنداق دېگىنىچە جىمىپ قالدى.
تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭ پەقەتلا كۆرمىگەچكە پۇتبۇل مۇسابىقىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى پەقەتلابىلمەيدىغانلىقى يادىمغا كەلدى.
- ھە راست خاپا بولماھە... مەن پەقەت يادىمدا يوق سېنى بىلىدۇ دەپ ئويلاپتىمەن. قارا، پۇتبۇل مۇسابىقىسى دېگەن شۇ، 22 ئادەم ئىككىگە بۆلۈنۈپ بىر توپنى كەڭرى بىر مەيدانداتالىشىپ ئوينايدىغان بىر ئويۇن. مەيداننىڭ ئىككى ئۇچىدا ئىككى ئىشىك بار، ھەرگۇرۇپتىكىلەر توپنى قارشى گۇرۇپنىڭ ئىشىكىدىن كىرگۈزىۋەتسە بىر توپ كىرگۈزگەن بولىدۇ. كىم جىق توپ سولىيالىسا شۇ يېڭىۋالىدۇ...- دېدىم چۈشەندۈرۈپ.
- ھا ھا ھا......مۇشۇلىما؟،- دېدى ئۇ قاھقاھلاپ كۈلگىنىچە.
پۇتبۇلنىڭ نېمىلىكىنى بىلگىنىدە بۇنچىۋالا كۈلۈپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلىمىغان ئىدىم.
- توۋا... بۇ ئىنسانلارئەخمەقلىقتە مۇشۇنچىۋالا ئۇچىغا چىقتىما؟ مېنىڭ قارشى قوشنا ياتىقىمدا ئۈچ قىزياتىدۇ دېگىنە. بۇلار بەزىدە 20-30 بولىدۇ. ئۇلارنىڭ «توپ مۇسابىقىسى كۆرۈش» تىن ئىبارەت بىر ئىش قىلىدىغانلىقىنى بىلىمەن. ئەمما ھېچقايسىسىدىن سورىيالمىدىم بۇنىڭ زادى قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى. ھاياجانلىنىپ توۋلىشىپ مېنى ئۇخلاتمايدۇ. تۇرۇپتۇرۇپ «گول!!!» دەپ چىرقىراپ كېتىدۇ. بەزىدە ئاشۇنداق چىرقىراۋاتقاندا قورقۇپ ئۆتۈم ئېغىزىمدىن يېنىپ كېتىدىغان بولۇپ قالىمەن. – دېدى دىلان.
- شۇ ئەمدى پۇتبول مۇسابىقىسى ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ كۆلەملىك كۆڭۈل ئېچىش تۈرىنىڭ بىرى. بۇئۇنىۋېرسىتېت قىزلىرى نېمىدەپ پۇتبۇلغا ئامراق دېسەڭ، ئوغۇللار پۇتبۇلغا بەك قىزىققاچقا قىزلار«پۇتبولدىن ساۋاتىم جىقراق بولسا ئوغۇللار ماڭا بەكرەك ئامراق بولارمىكىن» دەپ يالغاندىن پۇتبۇلغا ئامراق بولۇۋالىدۇ. بەزى قىزلار پۇتبولچى ئەرلەرگە ئاشىق بولۇپ تاس قالىدۇ مەيدىسىنى يەرگە يېقىپ ياتقىلى، پۇتبولچىنىڭ مايكىسىنى كىيىپ،- دېدىم.
- ئىشۇنىڭدىنمۇ كۆڭلى ئېچلامدىغاندۇ، خۇدايا توۋا.... بىر جايىدا ئولتۇرۇپ ئۆگىنىش قىلمامدىغاندۇ؟- دېدى ئۇ. ئۇنىڭ ئىستېتىك ئۆلچىمى تامامەن تۇيغۇ، خىيال ۋە سېزىمغا ئاساسلىنىدىغان بولغاچقا، پۇتبۇل مۇسابىقىسىدە چىقىدىغان ئاۋاز ئۇنىڭغا ھېچقانداق ئىستېتىك تۇيغۇئاتا قىلالمىغانلىقتىن پۇتبۇل مۇسابىقىسىنىڭ بىر كۆڭۈل ئېچىش تۈرى بولۇشى ئۇنىڭغانىسبەتەن ئەخمەقلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى.
- بۇنىڭدىن ئىنسانلارنۇرغۇن پۇل تاپىدۇ، - دېدىم، چۈشەندۈرۈپ- مەسىلەن، ۋاستىچى شىركەتلەر مەيدان كىرالاپ پۇل تاپىدۇ، پۇتبۇل كۇلۇپلىرى بىلەتتىن پۇل تاپىدۇ، ئۇلاپ تارقىتىش ھەققىنى قاناللارغا ساتىدۇ. قاناللار بولسا ئېلاندىن پۇل تاپىدۇ. بەزىمۇسابىقىلەرنىڭ كىرىمى خەيرى- ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئاتىلىدۇ، ئىشقىلىپ بۇنىڭ زىيىنىمۇ بار ئەمما بەلگىلىك پايدىسىمۇ بار،- دېدىم.
- ۋاي... ئاللاھ بىزئىنسانلارنىڭ خەيرىنى بەرسۇن! پۇل دېسەڭ يادىمغا كېلىپ قالدى. تۆنۈگۈنلا بىرسى كۆڭلۈمنى بەك يېرىم قىلدى. سەن ئوبدانلا بىر ئورۇنغا ئىگە بولۇپ ۋاپسەن، ھەر ئايدايانچۇقۇڭغا غولۇپ غولۇپ پۇل كىرىپ تۇرار تاينلىق، دەۋاتىدۇ. مەن يا جېنىم خوجامنىڭ يېنىغا پۇل ئۈچۈن كەلمىسەم. خۇددى ھەممە نەرسە پۇلدەك سۆزلەپ كېتىۋاتىدۇ كۆڭلۈمنى يېرىم قىلىپ،- دېدى ئۇ.
- بولدى قىلە. بۇنداق ئىشلار بەك جىق. ئويلاپ خىيالىڭنى ئاۋارىپ قىلىپ يۈرمە،- دېدىم.
    دىلان مېنىڭ ماگىستېرلىق ماقالەمنىڭ بىر چاغاتايچە تىبابەت يازمىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭدىكى رېتسىپلارنىڭ ئىچىدە ئەمالارنىڭ كۆزىنى ئاچىدىغان تېمىتىش سۇيۇقلۇقىنىڭ رېتسىپىمۇ بارلىقىنى بىلگىنىدە ھاياجاندىن كۈلۈپ ئېغىزى يېپىلمايلا قالغان ئىدى. شۇندىن باشلاپلا ئۇ «مېنىڭ كۆزۈمنى سەن ئاچىسەن» دەيدىغان بولۇۋالدى. شۇ گەپنى ئاڭلىساملا قورقۇپ كېتىدىغان بولۇپ قالدىم. چۈنكى مەن بىر كۈنى بىر نەچچە مىنۇت قارىغۇنى دوراپ، قارىغۇلۇقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن، نېمىشقىكىن دىلاننىڭ كۆزىنىڭ ئېچىلماي تۇرىۋېرىشىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئويلاپ قالدىم. ھېچنەرسىنى ئويلىماي، كۆزۈمنى يۇمۇپ بىر نەچچە مىنۇت تۇرغاندىن كېيىن بۇ ئىشقا تامامەن كۆنۈپ كەتتىم. خۇددى كۆزۈم بىلەن تەڭ مېڭەممۇ تەڭلا ئېتىلگەندەك بىر تۇيغۇغا كېلىپ دۇنيالىق غەملىرىمنى تامامەن ئۇنتۇدۇم. چۈنكى كۆز ئالدىمدا مېنى ھەرخىل ئويلارغائۈندەيدىغان ھېچقانداق بىر ماددى مەۋجۇتلۇق يوق ئىدى. ياتاق ئۆيدىن كۆزۈمنى يۇمغىنىمچە تەمتەسلەپ ئاستا مېڭىپ كارىدورغا چىقتىم. سۇ ئىچمەكچى بولۇپ ئاشخانىغاكىردىم. ئەمما ئالدىمغا ھامان بىر ماددى ئەنگەلنىڭ چىقىدىغانلىقىنى بىلگەچكە، ماڭغانسېرى-بىرەر ئېھتىياجىمنى تولۇقلاشنى ئويلىغانسېرى مەندىكى ئەنسىرەش تۇيغۇسى شۇنچەئېشىۋاتاتتى. ئەمما دىلان ئوخشىمايتتى. ئۇ ھېچقاچان ھېچقانداق بىر ماددى نەرسىنى كۆرۈپ باقمىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ قاچان ئالدىغا قانداق شەكىلدە چىقىدىغانلىقىنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭدىكى ئەنسىرەش تۇيغۇسى مېنىڭكىدەك ئەمەس ئىدى. ئۇ ھەتتايول ماڭسىمۇ، ئاستا مېڭىشقا رازى ئىدىكى ھاسا ئىشلەتمەيتتى. ئىستاكاننىڭ ۋە سۇقۇتىسىنىڭ قەيەردىلىكىنى ئۇزاق ئەسلىگەندىن كېيىن، سىيلاپ يۈرۈپ ئىستاكاندىن بىرنى ئالدىم ۋە سۇنى ئىچىپ بولۇپ ئىستاكاننى قويدۇم. ئەمما ئىستاكان يەرگە چۈشۈپ كەتتى.كۆزۈمنى ئېچىشىمغىلا كۆز ئالدىمدا چۈمۈلىسىمان ماددىلار لەيلەشكە باشلىدى. يەردىن ئىستاكاننى ئالغاچ دىلاننى ئەسلىدىم. ئۇنىڭ ئۇششاق- چۈششەك نەرسىلىرىنى قەيەردەقويۇپ، قانداق تاپىدىغانلىقىنى ئويلىدىم. شۇندىلا ئۇنىڭ ھەممە نېمىلىرىنى تىقىپ دائىم يېنىدا ئېلىپ يۈرىدىغان يوغان ۋە ئېغىر سومكىسىدىن قوللىرىنى چۈمۈلىدەك مىدىرلىتىپ بىر نەرسىلەرنى ئىزدەپ تېپىپ، ئىشلىتىپ بولغان نەرسىلىرىنى جايلاشتۇرۇۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى كۆز ئالدىمغا كەلدى. ئۇنىڭ مېڭىسىدە بەلكى يۇمۇلاق،ئويماق، چاسا نۇرغۇن شەكىللەر ساقلانغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى. بۇلارنى ئويلىغانسېرى يۈرۈكۈم سىقىلىشقا باشلىدى. ئەگەر كۆزۈم بۇندىن كېيىن پەقەتلا ئېچىلمىسا ئۆلگىچەنەرسىلىرىمنى تېپىپ بولالماي ئۆتۈشۈم مۇمكىنلىكىنى ئويلاپ ئەندىكىپ كەتتىم.
   بىر كۈنى دىلان بىزنىڭ ئۆيگە كەلدى. مەن تاماق ئىتىۋاتسام ئۇ چوقۇم ياردەم قىلىمەن دەپ تۇرۇۋالدى. مەن ئۇنىڭغا كۆكتات يۇيۇشنى تاپىلىدىم. ئۇ ئىككىنى ئۇۋىلاپلا كۆكتاتلارنى ئەمبەلگەتىزغىلى تۇردى.
-شوخلىنىڭ ئۈستىدە قاراچېكىتلەر تۇرىدۇ،- دېدىم ۋە قايتىدىن يۇيۇۋەتتىم.
-ماڭا قارا... دېسەڭ مەن بىلمەيمەن قارىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى....- دەپ سۆزلەپلا كەتتى.
تاماقتىن كېيىن ئۇنىڭ دېگەنلىرى خىيالىمدىن زادىلا چىقمىدى. ئۇنىڭدىن رەڭلەرنى قانداق تونۇيدىغانلىقىنى سورىدىم.
-مەن رەڭلەرنى قانداقمۇ تونۇي؟
-چۈشۈڭدە كۆرەمسەن؟
-چۈشۈمدىمۇ كۆرمەيمەن.
-ھەممە يەر ئاپئاق كۆرۈنەمدا؟
-ئاپئاق دېگەن قانداق بولىدۇ ئۇنىمۇ بىلمەيمەن. چۈشۈممۇ ئوڭۇمغا ئوخشاشلا. قاراڭغۇلۇق، يورۇقلۇق، قىزىل،قارا، ئاق دېگەنلەرنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى مەن ئەسلا بىلمەيمەن. مېنىڭ خىيالىمدا شەيئىلەر ھەققىدە ھېچقانداق خىيال يوق. مەن ھەتتا چىرايلىق بىلەن سەتنىمۇ بىلمەيمەن. يەنى، ئىنسان كۆزى بىلەن كۆرەلەيدىغان بارلىق ماددى نەرسىلەرنىڭ مېنىڭ دۇنيارىمدا ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق. چۈنكى مەن ئۇنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. ماڭا نىسبەتەن ئەڭ گۈزەل بولغىنى ماڭا ئەڭ ياخشى مۇئامىلە قىلغان ۋە مەن يۈرىكىم ئارقىلىق ئۇنىڭ ياخشىلىقىنى ھېس قىلالىغانكىشىلەردۇر. ماڭا نىسبەتەن ئەڭ سەت كىشىلەر بولسا ماڭا توسالغۇ بولىدىغان كىشىلەردۇر. يېقىملىق ئاۋاز چىقىرىدىغان ھەرقانداق نەرسە ماڭا چىرايلىق  بىلىنىدۇ. مېنى بىئارام قىلىدىغان ئاۋازلارنى چىقىرىدىغان نەرسىلەر ماڭا سەت بىلىنىدۇ.
- ئۇنداقتا چۈشۈڭدەنېمىلەر بولىدۇ، مەن چۈشۈڭگە بەكلا قىزىقىۋاتىمەن.
- بىركىشىدىن ئەنسىرىسەملا شۇ چۈشۈمگە كىرىدۇ. مەن بىلەن گەپلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كۆڭلۈم ئەمىن تاپىدۇ. ئۇنىڭ ساق تۇرغانلىقىنى ھېس قىلالايمەن. بىر كۈنى رەھمەتلىك ھاممام چۈشۈمگە كىرىپ قالدى. ئۇ چۈشۈمدە ماڭا، مەن ياخشى تۇرۇۋاتىمەن بىر كۈنى سەن بىلەن مۇشۇ يەردە ئۇچرىشىمىز، دېدى. ئۇ ھەرخىل خۇشپۇراق گۈللەر ۋە يېقىملىق سايرايدىغان بىر باغچىدا ئىدى.
- ئۇ يەرنىڭ باغچائىكەنلىكىنى قانداق بىلىسەن؟
- ماڭا نىسبەتەن باغچائەڭ گۈزەل يەر. چۈنكى باغچىدىن مېزىلىك پۇراقلار ۋە يېقىملىق قۇش ئاۋازلىرى تارايدۇ. شۇڭا مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان نەرسە قۇش. قۇشلار قەيەرگە بارغۇسى كەلسەبارالايدۇ. ئۇنىڭ سايراشلىرى ماڭا بەكلا يېقىملىق تۇيۇلىدۇ. مەن خۇدايىمدىن ئۆلسەم مېنى ۋەھشىي ئاۋازلار چىقىدىغان جەھەننەمگە ئەمەس، چىرايلىق ئاۋازلار چىقىدىغان جەننەتكە ئاپىرىپ قويۇشىنى تىلەيمەن. جەننەتتە كۆزۈم كۆرەمدۇ بىلمەيمەن، ئەمما جەننەتنىڭ خۇش پۇرىقىنى پۇرىساملا شۇ ماڭا كۇپايە. مەن پىئانىنونىڭ ئاۋازىنىمۇبەكلا ياخشى كۆرىمەن. بىلەمسەن، مەن ياخشى كۆرىدىغان يىگىت پىئانىنو چالىدۇ. ئەگەرمەن ئۇنىڭغا تېگەلمىسەم بىر ئۆمۈر توي قىلمايمەن. ئۇ ماڭا نىسبەتەن ئەڭ گۈزەل ئىنسان. يەنە بىرسىگە خەۋەر ئوقۇيدىغانلار ماڭا بەك ياخشى تۇيۇلىدۇ قارا، چۈنكى ئۇلار ھەممە بولغان ئىشلارنى ئالدىرىماي دانە دانە قىلىپ سۆزلەپ بېرىدۇ.
-بەك تولا سوئال سوراپ ئىچىڭنى سىقىۋەتمىگەندىمەن؟
-نەدىكى گەپنى قىلمىغىن.ھاياتىمدا ھېچقانداق بىر ئىنسان مەندىن بۇنداق سوئاللارنى سورىغىنى يوق. سەن بىلەن تونۇشقىنىمدىن ھەقىقەتەن خۇشالمەن. مەن ماددى ھېچقانداق نەرسىدىن ھۇزۇر ھالاۋەت ئالالمايمەن، ماڭا دەل سەندەك مەن بىلەن سۆزلىشىدىغان، مېنىڭ ئېھتىياجىمنىڭ ۋەتۇيغۇلىرىمنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىشكە قىزىقىدىغان ئىنسانلار كېرەك. كىچىكىمدەئاپام دائىم تولا سوئال سورىدىڭ دەپ مېنى ئۇراتتى. مەھەللەمدىكى كىچىك بالىلارمېنى قارىغۇ دەپ زاڭلىق قىلاتتى. مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىرىممۇ مېنى ئارىغا قاتمىدى.ھەتتا پىئانىنو ئوقۇتقۇچۇممۇ ماڭا  قارىغۇدەپ پىئانىئو ئۆگەتمىدى. ھەممىسىنىڭ سەۋەبى پەقەت ۋە پەقەت ئۇلار كۆرەلىگەننى مېنىڭ كۆرەلمىگىنىمدە. شۇڭا نېمىشقىن تا ھازىرغىچە كىچىك بالىلارغا بولغان ئۆچلۈك قەلبىمدىن چىقىپ كەتكىنى يوق. بالىلارغا پەقەتلا ئامراقلىق قىلالمايمەن.
-ئۇنداقتا بالىلىق چاغلىرىڭنى دېيىشمەيلى بولدى ھەممىسى ئۆتۈپ كەتتى.
- دېيىشسەكمۇ ھېچقىسى يوق. بالىلىق چاغلىرىمدا ھەممە ئادەم ماڭا ئۆچلۈك قىلغاندىكىن، مەنمۇ ئىنسانلارغابەك ئارىلىشىپ كەتمىدىم. قىلىدىغان ئىشىم دېرىزىنىڭ تۈۋىدە ئولتۇرۇپ بالىلارنىڭ ئوينىغان چاغدا چىقارغان ئاۋازلىرىنىڭ ئىچىدە شېئىر يېزىش ۋە خىيالىمدىن كەچكەنلەرنى خاتىرىلىۋېلىش بىلەن ئۆتەتتى. ئويلاپ باقسام 10يېشىدىمدىن باشلاپ شېئىر يېزىشقا باشلاپتىمەن.
- كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما.بىزدە «كۆزىدە ئايرىغان خۇدا ھاسىسىدىن ئايرىماپتۇ»دەيدىغان بىر ماقال بار، سېنىڭ ئەتراپىڭدا سېنى قوغداپ، ياردەم بېرىدىغان ئىنسانلار ھەرزامان ئۇچراپ تۇرىدۇ.تۈركىيەگىمۇ كېلىپ ئوقۇۋاتىسەن مانا،- دېدىم.
- مېنىڭ مېھرىبان ئاللاھتىن تىلەيدىغىنىم، پەرىشتىدەك بىر دوست. مېنىڭ ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمىم يوق.- ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن خىرىستالدەك ياش تامچىسى دومىلاپ چۈشتى.
- ئۇنداق قىلمىغىن، سەن يىغلىساڭ مەن ساڭا قانداق تەسەللى بېرىشىمنى بىلەلمەيدىكەنمەن.
- ئەمەلىيەتتە ماڭاتەسەللى بېرىمەن دەپ ئاۋارە بولمىغىن، مەن ھەردائىم ئۆز- ئۆزۈمگە تەسەللىي بېرىمەن. ئەگەر مېنىڭ كۆزۈممۇ كۆرمەي، پۇت- قولۇممۇ، كاللاممۇ ئىشلىمىگەن بولساقانداق قىلاتتىم. ھېلىمۇ مېنىڭ باشقا ئەزالىرىم ساق ئىشلەيدۇ. مەن ھەرگىزمۇئىنسانلارنىڭ مېنى ئەما دەپ ماڭا ئىچ ئاغرىتىشىنى ۋە ماڭا تەسەللى بېرىشىنى خالىمايمەن. ئۇلار ماڭا ئىچ ئاغىرتمىسىمۇ مېنى كەمسىتمىسىلا شۇ مەن ئۈچۈن كۇپايە.مېنىڭ ئاق- قارىنى پەرق ئەتكۈچىلىكىم بار. بەش ئەزايى ساغلام ئىنسانلار بىر-بىرىگە ئىگە چىقالمايۋاتقان يەردە بىزدەك مېيىپلارغا قانداقمۇ ئىگە چىقسۇن. مەندائىملا پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ئىتتىپاقلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەمەلىيەتتە ماڭاھېچكىمنىڭ ئىچ ئاغرىتىشىنىڭ ھاجىتى يوق، ماڭىمۇ بىر نورمال ئىنسانغا قارىغان كۆزدەقارىسا بولدى. بەزىدە باشقىلارنىڭ مېنى ئەما دەپ ئىچ ئاغرىتىپ كېتىشلىرىنى ئۇلارنىڭبىر- بىرىگە مېنى ئىشارەتلىشىپ چىقارغان ئاۋازلىرىدىن بىلىۋالىمەن. كۆزۈم كۆرمىگەنبىلەن مەن ئۇلاردىن بەكرەك تىرىشچان بولۇشۇم مۇمكىن. شۇڭا ھەركىم ئەڭ ئاۋال ئۆزىگەئىچ ئاغرىتىشى كېرەك. مېنى كۆرمەيدۇ دەپ پىچىرلاشقانلارنى، قوللىرىنى لەپەڭىشتىپقانداق ھەرىكەتلەرنى قىلغانلىقىنى مەن ئەمەلىيەتتە پۈتۈنلەي بىلىۋالىمەن. ئاللاھ دىلىمغا سالامدۇ بىلمىدىم، مەن يېنىمغا يېقىنلاشقان بىر ئىنساننىڭ تېنىدىن كېلىۋاتقان پۇراق، تۇيغۇ ۋە ئاۋازلاردىن ئۇنىڭ قانداق ئىنسان ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمەن. ئىچىمدە، ئى ئاللاھ مۇشۇ بەندىلىرىڭنى مېنى تېپىپ زاڭلىق قىلغۇدەك دەرىجىدە تۆۋەن ياراتتىڭمۇ، دەپ كېتىمەن. ئەمما مۇشۇنداق بىر ھەقىقەتنى كۆزى ئوچۇق كۆرگەن شۇكىشىلەرگە بىلدۈرمەي ماڭا بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن ئاللاھغا چەكسىز شۈكۈر ئېيتىمەن.
- ئەگەر ساڭا بۇ دۇنيادابىرلا نەرسىنى كۆرۈۋېلىش پۇرسىتى بېرىلسە سەن نېمىنى تاللايتىڭ؟.- سورىدىم ئۇنىڭدىن.
- باشقا ھېچقانداق نەرسىنى كۆرەلمىسەممۇ مەيلىتى، مېنى تۇغۇپ چوڭ قىلغان ئانامنىڭ يۈزىنى بىركۆرۈۋالغان بولسام.- دېدى ئۇ كۈلۈمسىرەپ.
- سېنى ماختىغىنىم ئەمەس، سەن ھەقىقەتەن چىرايلىق. ئاپاڭنىڭ چىرايلىقلىقى مۇشۇنىڭدىنلا مەلۇم.
- بۇ دۇنيادا سەت ئاپىمۇبارمۇ؟- دېدى ئۇ ئۇھسىنغىنىچە مىيىقىدا كۈلۈپ.
ئۇ يەنە جىمىپ قالدى.ئۇنىڭ نېمىلەرنى خىيال قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىشكە ئۇرىناتتىم. بەلكى ئاپىسىنى سېغىنىۋاتقاندۇ، ئۇنىڭ يۈزىنى كۆرەلمىسىمۇ بىر سىيلىۋېلىشنى ئويلىغاندۇ. بەلكى ماڭا سۆزلەپ بېرىش ئۈچۈن يېڭى بىر نەرسىلەرنى ئويلاۋاتقاندۇ.
   دىلان بىلەن ھەركۆرۈشكىنىمدە، ھورۇنلۇقلار بەدىنىمدىن سۈپۈرۈلۈپ كەتكەندەك بولۇپ قالىمەن. ئۇ كۆزى كۆرمەي تۇرۇپ توختىماي ئۆگىنىش قىلىدۇ، توختىماي ئاپتۇبۇسلارغا چىقىپ ئۇ يەر- بۇيەرگە بارىدۇ، ھەتتا ماڭا ئىش قىلىشىپ بېرىمەن، دەپ تۇرۇۋالىدۇ، ئۇنىڭ قەلبى ئاللاھنى تونۇيدۇ، مېنى قېرىندىشىم دەپ، ماڭا ئىشىنىدۇ دېگەنلەرنى ئويلىساملابارلىق غەم- ئەندىشىلىرىمنىڭ بوراندا سۈپۈرۈلگەن چاڭ- توزانلاردەك ئۇچۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىمەن. ئۇ يېنىمدىن كېتىشىگىلا كۆزۈمنى بىردەم يۇمۇۋېلىپ دىلاننىڭ دۇنياسىنى ھېس قىلىپ باقماقچى بولىمەن. كۆزۈمنى ئاچقىنىمدا بولسا ھەربىرشەيئىگە خۇددى ئەمدى كۆرۈۋاتقاندەك تويماي قارا كېتىمەن.
27.09.2014
2016-03-15
ئەنقەرە
uyghuray

12

تېما

2

دوست

5061

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   1.22%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34133
يازما سانى: 298
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 32
تۆھپە : 1582
توردىكى ۋاقتى: 413
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-16 12:47:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھېكايىڭىز ھەقىقەتەن تەسىرلىك يېزىلىپتۇ. ئەدەبى ئىقتىدارىڭىز باركەن. بىر تەكلىپ بەرسەم غەلىتە كۆرۈلمەس. يەنى ئۇيغۇر تۇرمۇشلىرىنى تۈركچە يېزىپ، ھاياتىمىزدىن تۈركلەرنى خەۋەردار قىلسىڭىز- دېمەكچى ئىدىم.

8

تېما

8

دوست

4974

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   99.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  57738
يازما سانى: 575
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 1446
توردىكى ۋاقتى: 132
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-16 13:21:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ . بۇنى ئوقۇۋېتىپ ئارىمىزدىكى كۆزى ئوچۇق بولسىمۇ ئەمما قەلبى قارىغۇ بولۇپ قالغانلارنى ئويلاپ قالدىم ، 《كۆزلەرلا قارىغۇ بولمايدۇ ، قەلبنىڭ قارىغۇلىقى ھەقىقىي قارىغۇلىقتۇر 》دىگەن ئايەتلەرنى ئېسىمگە ئېلىۋاتىمەن

0

تېما

7

دوست

1792

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   79.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  37487
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 548
توردىكى ۋاقتى: 278
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-16 14:46:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئارقا-ئارقىدىن شۇنچىلىك بىر-بىرىدىن ئىسىل ئەھمىيەتلىك ئەسەرلەردىن بەھىرلەندۇرگەنلىرگە رەھمەت ھارمىغايلا
uyghuray

0

تېما

3

دوست

896

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   79.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  50782
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 290
توردىكى ۋاقتى: 115
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-16 22:39:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇكرى !!!       يەنە بىر ئېسىل يازما . قوللاشتىن بىرسى كەتتى  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )