ئىكران مەدەنىيىتى ھەققىدە
ئۇمۇن
مۇئەييەن ئىتنىك ئالاھىدىلىككە ئىگە جەمىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئۇنۇڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىدىن مۇستەسنا بولمايدۇ.ئونۋىرسال مەدەنىيەت كۈچىنىڭ ئېشىشى مىللەتنىڭ ئىقتىسادىي،سىياسىي كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.مەلۇم مىللەت مەۋجۇتلىقىنى ئۇزۇن مۇددەت ساقلاپ قالىمەن دەيدىكەن چوقۇم مەدەنىيىتىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققى قىلدۇرۇپ تۇرىشى كېرەك.كۈلتۈرى جەلىپ قىلارلىق مىللەتنىڭ ھاياتى كۈچى كۈچلۈك بولىدۇ.جەلىپ قىلارلىق ۋە زامانىۋىيلاشقان مەدەنىيەتكە ئىرىشىش ئۈچۈن مەدەنىيەتنى ئۈزلۈكسىز بىيىتىش ۋە يۈكسەلدۈرۈش شەرىتتۇر.ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ جانلىنىشى،زامانىۋىيلىشى ۋە جەلىپكارلىقىنىڭ ئىشىشى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت يوشۇرۇن كۈچى ۋە مول ئەقلى بايلىقىدىن كىلىدۇ.پەن-تىخنىكىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۈزلىكسىز كىچىكلىگەن دۇنيانىڭ مەدەنىيەت بوھرىنىغا تاقابىل تۇرۇش،ھەر خىل مەدەنىيەتلەرنىڭ ئاسمىلاتسىيىسىگە بەرداشلىق بىرىش ئۈچۈن مەدەنىيەت ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك.
بۈگۈنكى دەۋىردە ئىكران مەدەنىيىتى بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىگە تەمسىل قىلالىغۇدەك دەرىجىدە يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە.ئىكران مەدەنىيىتى كۈچەيمىگەن،ئىكران مەدەنىيىتىگە سەل قارالغان مىللەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق كۈچ ئىنتايىن ئاجىز بولىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە كىنو،تىياتىر،ھەرخىل تىلىۋىزىيە پىروگراملىرى،خەۋەر ئاگىنىتلىرى بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى كۈچلەندۈرىدىغان ئەڭ موھىم قۇراللار ھىساپلىنىدۇ.مەدەنىيەتنىڭ كۈچىيىشى ئۈچۈن بۈگۈنكى ئۇچۇر دەۋرىدە ئىجدىمائىي ئالاقە ۋاستىللىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش كىرەك.تىخنىكا ۋە ئۇچۇر ۋاستىسى بىلەن مەدەنىيەتنى يىڭىلاش،ئىسلاھ قىلىش،زامانىۋىيلاشتۇرۇش ۋە ئەڭ يۇقىرى ئۈنۈمدە تارقىتىش كىرەك.
جەمىيىتىمىزگە نىسبەتەن ئۈندىدار،نايىس دىگەندەك ئىجدىمائىي ئالاقە قۇراللىرى ئۇچۇر تارقىتىش،مەدەنىيەت تارقىتىش جەھەتتە ھاياتىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان ھالغا كەلدى.بۇلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىش مەدەنىيىتىمىزنى ئىلگىرلىتىشكە ئىنتايىن چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ.مەسىلەن ئۈندىدار توپلىرىدىن ناتىق ئانىلار توپى،ئاۋانگارت شائىرلار توپى،ئىدىيە-تەرەققىيات توپى قاتارلىق توپلار ئىجدىمائىي ئالاقە ۋاستىسىدىن پايدىلىنىپ دىيارىمىزدا ،يىڭى ئەدەبىيات ئىقىمى،يىڭى مائارىپ ئىقىمى ۋە يىڭى ئىدىيە ئىقىمى شەكىللەندۈرۈشتە موھىم رول ئويناۋاتىدۇ.ئۇلار قەرەللىك پائالىيەتلەرنى،ئىلمىي يىغىلىشلارنى،شېئىر كىچىلىكلىرىنى،ئەدەبىيات ئەنجۇمەنىتلىرىنى تەشكىللەش ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىشى ۋە تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن تۆھبە قوشىۋاتىدۇ.ئۈندىدار گۇرۇپلىرىدا ھەرخىل ئەدەبىيات مۇسابىقىللىرى،ئىلمىي مۇنازىرىلەر بولىنىۋاتىدۇ.ئۆتكەندە تىخى كۇچادىكى بىر ئەدەبىيات ھەۋەسكارى ئۆز يىنىدىن مەبلەغ چىقىرىپ ئۈندىداردا شېئىر مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى.نەتىجىگە ئىرىشكەنلەرگە كۇچادا دەستىرخان سىلىپ ئىلمىي مۇنازىرىلەرنىڭ بولىشىغا شارائىت ياراتتى.ھەرخىل ئۈندىدار سالونلىرى،ئۈندىدار گۇرۇپلىرى ئۇچۇرنىڭ تارقىلىشىنى تىزلەشتۇردى.بۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ جاللىنىشىقا ئىنتايىن چوڭ ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ قارايمەن.
مەدەنىيەت تارقىتىشتا بۈگۈنكى كۈندە كىتابنىڭ رولىدىن تىلىۋىزۇرنىڭ رولى چوڭ.ھەرخىل كۆڭۈل ئىچىش پىروگراملىرىنىڭ رولى تىخىمۇ چوڭ.بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتى ئۇ مىللەتتىكى ئىلىم-پەنىگە ئوخشاش يۈكسەكتۇر.مەدەنىيەت-سەنئەتنىڭ تەرەققىياتى مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇق تەقەزاسىنى قاندۇرىدۇ.ھەرخىل كومىدىيە ۋە سەنئەت پىروگرامىللىرىنىڭ تەرەققىياتى،كۆپ خىللىشىشى،رەڭگارەڭلىشىشى ئىنتايىن موھىم.ياش-ئۆسمۈرلەرنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قىززىقتۇرۇشنىڭ ئاساسى ئۇلارغا لايىق،ئۇلار قىززىقىدىغان،ئۇلارنىڭ ئىھتىياجىنى قاندۇرىدىغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ چىقىرىش بىلەن بولىدۇ.
يىپەك يولى ساداسى،ئىستىقبال سەھنىسى،شىرىن چۈش پىرۇگراممىسى قاتارلىق تىلىۋىزىيە پىروگراملىرى دەل مۇشۇ ئىھتىياچتىن تۇغۇلغان.ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلىقى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغدايدۇ.مۇشۇنۇڭغا ئوخشاش ھەر تۈرلۈك پىروگراممىلارنىڭ،سەھنە ئەسەرلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ،ياشلارنىڭ ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئىھتىياجىنى قامدايدۇ.ياشلاردىكى يوشۇرۇن كۈچنى قىزىيدۇ.ئۇيغۇرلارغا داڭلىق خىمىيە ئالىمى بىلەن بىرلىكتە داڭلىق ناخشىچى كىرەك،داڭلىق ئىنژىنىر بىلەن بىرلىكتە داڭلىق كومىدىيە ئارتىسى كىرەك.ئۇلارنىڭ جەمىيەتتە تۇتقان رولى ئوخشاش،ھەر ئىككىسى بىزگە كەم بولسا بولمايدۇ.
بۈگۈنكى كۈنلۈكتە خەنزۇ مەكتەپتە ئوقىغان بەزى بالىلار مەھمۇد قەشقىرىنى بىلمەسلىكى مومكىن لىكىن ئابدىكىرەم ئابلىزنى بىلىدۇ،بىئولوگىيە ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپنى بىلمەسلىكى مومكىن لىكىن ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنى بىلىدۇ.دىمەك مەدەنىيەت تارقىتىشتا،مەدەنىيىتىمىزگە ياشلارنى جەلىپ قىلىشىمىزدا سەنئەتنىڭ ۋە ئەدەبىياتنىڭ كۈچى ئىنتايىن زور.
يىڭى تەسەۋۋۇر ۋە يىڭى ئۇسلۇپتىكى سەھنە ئەسەرلىرىنىڭ ،كومىدىيە پىروگراممىللىرىنىڭ ۋە ناخشا-موزىكىلارنىڭ چىقىشى مەدەنىيىتىمىزنى موللاشتۇرۇشتا ئىنتايىن موھىم رول ئوينايدۇ.بۈگۈنكى ياشلار غىرىپ-سەنەمگە مەس بولۇپ يۈرىۋەمەيدۇ،مۇقامغا رازى بولۇپ قىلىۋەمەيدۇ.ئۇلارغا يەنە ئۇيغۇرچە راك،جاز ۋە مودا ناخشا-موزىكىلار كىرەك،ھەرخىل كومىدىيە ئەسەرلىرى ۋە تىياتىرلار كىرەك.بۈگۈنكى كۈنلىكتە ئۇيغۇر مودا موزىكىسىدا شان قازىنىۋاتقان،ياشلارنىڭ ئىھتىياجىنى قاندۇرىۋاتقان سەنئەتكارلارمۇ يوق ئەمەس.مودا موزىكا خانىشى دەپ تەرىپلەنگەن ئادىلە سىدىق ئۆزىگە خاس ئاۋازى ۋە ئىجادىيەتلىرى بىلەن بۇ بوشلۇقنى تولدۇرغان سەنئەتكارلارنىڭ بىرى.بۇ قىزنىڭ شېئىرى ئىستىداتىغا قول قويماي تۇرالمايمەن.ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن بىزەلگەن ئىماگ ۋە سىمۇۋۇللىرى شېئىرىنى ھەقىقەتەن جەلىپكار قىلغان.
بۇ سەپەر ئۇزۇن سەپەر
مەنزىل يەتمەس تۇماندا
بىر تامچە سۇغا تەشنا
كۆز يەتكۈسىز باياندا
بوغۇلدى چاڭقىغان دەملەر
چوڭقۇرلاشتى ھەر نەپەس
قولىمىز يەتكۈدەك ئاسمان
كائىنات بولدى قەپەس
(كارۋان ئىزىدىن يانماستىن)
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپمۇ بۈگۈنكى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىھتىياجىنى ئەڭ ياخشى قاندۇرغان سەنئەتكارلارنىڭ بىرى.ئۇنۇڭ ئۆزگىچە كىيم-كىچەكلىرىمۇ ھەقىقى بىر سەنئەتكارغا خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە.ئۆتكەندە ئۇيغۇر يىزىقى بىلەن بىزەلگەن كاستىيومىنى كۆردۈم.ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىيلىقنى ئىنتايىن ياخشى كىرىشتۈرگەن.ئۇ كىيىم كىچەكتىلا ئەمەس ئۆز ئىجادىيەتلىرىدىمۇ بۇ ئالاھىدىلىكىنى يوقۇتۇپ قويمىغان دەپ قارايمەن.
ئۆتكەندە يەنە بىر سەنئەتكارنى ئۇچۇرتۇپ قالدىم.ئىسمى ھەسەن روك.ئەسەرلىرىدىكى گۈزەل پۇراق ۋە ئەسەر تىكىسىتىدىكى شېئىرى گۈزەللىك مىنى مەھلىيا قىلدى.ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە تۇنجى قىتىم ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋە گۇڭگا شېئىرنى ناخشا قىلىپ ئىيتقان،توغۇرسى ئىنتايىن گۈزەل شەكىلدە كىرىشتۇرەلىگەن سەنئەتكارنى كۆرۈشۈم. زۇلپىقار كۈرەش،پەرھات خالىق،گۈلمىرە ئىمىن قاتارلىق سەنئەتكارلاردىن سۆزلەپ ئولتۇرمىساممۇ بولىدۇ.
يۇقارقىدەك ياشلارنىڭ ناخشا موزىكىدىكى ئىلگىرلىشى،يىڭىلىق يارتىشى ۋە موللاشتۇرىشى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئىلگىرلىشى ۋە يۈكسىلىشىدە ئىنتايىن موھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
كومىدىيە پىروگراممىللىرىدىن ئانار پىشتى،شادىمانىييۇ قاتارلىق ئەسەرلەرنى كۆرۇپ ئىنتايىن خوش بولدۇم.چەتئەلدىكى كۈلدۈرگە پىروگراممىللىرىدىن قىلىشمىغۇدەك دەرىجىدە ياخشى چىقىپتۇ.ئارتىسلىرىدىكى تەبىيلىك،ئىقتىدار ۋە قابىليەت مىنى قايىل قىلدى.رىژىسسۇرىغىمۇ ئىختىيارسىز قول قويدۇم.چۈنكى كومىدىيە ئەسەرلىرىنى يالغۇز سىنارىيە ۋە ئارتىسنىڭ كۈچىگىلا باغلاپ قويمىغان،رىژىسسۇرمۇ كامىرا ئارقىلىق كومىدىيەنى يىڭى بىر پەللىگە كۆتۈرگەن.
كومىدىيە ۋە سەھنە ئەسەرلىرى توغۇرسىدا بىزدە بىر خاتا قاراش بار.شېئىر كىمگە يىزىلىدۇ دىگەن لاۋزا سوئالغا شېئىر ئۇيغۇر ئۈچۈن يىزىلىدۇ دىگەن تىتىقسىز جاۋاپنى بەرگەنگە ئوخشاش كومىدىيە ۋە سەھنە ئەسەرلىرى رىئاللىقنى ئاساس قىلىشى،چىنلىققا ھۆرمەت قىلىشى كىرەك دىگەندەك قائىدىگە كۆپ ئىسىلىۋالىمىز.كومىدىيە ئەسەرلىرىنىڭ بىردىن بىر مەقسىتى باشقىلارنى كۈلدۈرۈش،ئۇنۇڭدا نەسىھەت ۋە تەربىيە خارەكتىرىنىڭ بولىشى كىلاسسىك تىلىۋىزىيە دەۋرىدىن قىلىپ قالغان ئەخلەتچىلىك.كومىدىيە ئەسەرلىرى ئەمەل قىلىدىغان بىردىن بىر ئىش تىلىۋىزىيە ئەخلاقىغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا باشقىلارنى كۈلدۈرۈش.ئۇنۇڭدا زىيادە مۇبالىغە،رىئاللىقتىن ھالقىغان تەسەۋۋۇرنىڭ بولىشى كومىدىيە ئەسەرلىرىنى تىخىمۇ كۈچلەندۈرىدۇ.
شادىمانىيۇ،ئانار پىشتى قاتارلىق گۇرۇپلارنى بىرلەشتۇرۇپ تىلىۋىزىيەدە كومىدىيە گۇرىپىسىدىن بىرىنى قۇرۇش،ھەپتىدە بىر تىلىۋىزىيە پىروگراممىسى ئىشلەش ئىنتايىن ئۇيغۇن بىر ھەركەت بولاتتى دەپ قارايمەن ۋە بۇ ئارزۇنىڭ ئىشقا ئىشىشىغا تەلەكداشمەن.
سەنئەت ئەدەبىياتنىڭ بازىرى.سەنئەت ۋە تىلىۋىزىيە ئەدەبىياتنىڭ تەرەققىياتى ۋە تاۋارلىشىشىغا تەسەۋۇۇر قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ.بىزدىكى يىزىقچىلىقنىڭ ئەزانلىقى سەنئىتىمىزدىكى پالەشلىكنى مەنبە قىلىدۇ.سەنئەت تەرەققى قىلسا ئەدەبىيات تەرەققى قىلىدۇ،ئەدەبىيات تەرەققى قىلسا ئىدىيە-مەدەنىيەت تەرەققى قىلىدۇ.ناخشا –موزىكىنىڭ رەڭدارلىشىشى شائىرلارنىڭ بازىرىنى،كىنۇ ۋە سەھنە ئەسەرلىرىنىڭ تەرەققىياتى سىنارىيە ۋە ھىكايە يازغۇچىللىرىنىڭ بازىرىنى ئاچىدۇ.ئەدەبىياتتىن ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئىرىشىش سەنئەتنىڭ قوللىشىغا مۇھتاج.
ئىكران مەدەنىيىتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئايرىلماس پارچىسى.ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ كۈچلىنىشى،تەرەققى قىلىشى ئىكران مەدەنىيىتىمىزنىڭ موللىشى بىلەن تاكامۇللىشىدۇ.مىللەتنىڭ مەۋجۇتلىقى قوغداش،مىللەتنىڭ ئونۋىرىسال يۇمشاق كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەرگە تايىنىش،ئۇلارغا ئەركىن ئىجادىيەت موھىتى يارتىش كىرەك.بۇ ئۇلارنى كۈچلەندۈرىدۇ،ئۇلارنىڭ كۈچلىنىشى بىزنىڭ يۈكسىلىشىمىزدۇر.
|