- تىزىملاتقان
- 2015-1-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2855
- نادىر
- 0
- يازما
- 216
ئۆسۈش
28.5%
|
ۋاقىت- ھەقىقى قانائەتلىنەرلىك ئىنىقلىما بىرىشكە ،مۇكەممەل بايان قىلىشقا بولمايدىغان ئۆلچەم ۋاقىت بولىشى مومكىن.كىشىلەر ئەھمىيەتلىك ۋەشىرىن كۈنلەرنىڭ ناھايتى قىسقا ۋاقىت داۋاملىشىدىغانلىقىنى سۆزلىشىدۇ؛ھەپتە ئارلىقىدىكى كۈنلەرنىڭ ناھايتى ئاستا ئۆتۋاتقانلىقىنى ،ھەپتە ئاخىرى يەنى ئارام ئىلىش كۈنلىرىنىڭ ناھايتى تىز ئۆتۈپ كىتىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلالايدۇ،بەلكىم بىر كۈن24سائەت، ھەممە كۈن ئۇزۇن قىسقىلىقتا ئوخشاش دىيشىمىز مومكىن.ھەر ئىككىلىسى خاتا ئەمەس.كۈندۈز بىلەن كىچىنىڭ ئالمىشىپ تۇرشىغا نىسبەتەن بىر كۈن ئوخشاش ۋاقىتتا تاماملىنىدۇ،شەيئىلەرگە نىسبەتەن ئوخشىمىغان ئىنكاسنىڭ ئىپادىلىنىشى 24سائەت ۋاقىت رامكىسىغا كىرمەيدۇ.
ۋاقىت-مەلۇم خىل ئىش ھەركەت يۈز بىرىۋاتقان باشقا ھەرقانداق ئىش ھەركەت يۈز بەرمىگەن ،ئاشۇ مەلۇم خىل ئىش ھەركەت تاماملانغان جەرياندۇر،ئەلۋەتتە بۇئشلار نىسپى بولىدۇ.قوياش شەرىقتىن چىقىپ غەرىبكە ئولتۇرغىچە بولغان جەريان كۈندۈز؛قوياش غەرىبتىن كىرىپ شەرىقتىن چىققۇچە بولغان جەريان كىچە .كىچە بىلەن كۈندۈز قوشۇلۇپ بىر كۈن ھىسابلىنىدۇ. بىر قازان ئاش پىشىپ بولۇشنىڭ جەريانى بىر ئاش پىشىم .قەدىمقى دەۋىردىكى قۇم سائەت دىگەندەك.بىر ئادەم تۇغۇلۇپ ئۆلۈپ كەتكىچە بولغان جەريان ئۆمۈر،ئادەمنىڭ ئۆمۈرىمۇ ئىش ھەركەتلىرىنىڭ باسقۇچىغا قاراپ بالىلىق ،ياشلىق،قىرانلىق،قىرىلىق دەۋرىگە بۆلىنىدۇ.
ۋاقىت ئىش -ھەركەتنىڭ تامالىنىش جەريانىدىن باشقا مۇساپە بىلەنمۇ ئىپادىلىنىدۇ.ئارىلىق ۋەمۇساپە ۋاقىت ئارقىلىقمۇ ئىپادىلىنىدۇ.بىر كۈنلۈك يول،بىر ئايلىق يول،بىريىللىق يول دىگەندەك.ھەتتا يىراق يۇلتۇزلارنىڭ ئارلىقىنى ۋاقىت ئارقىلىق ئىپادىلەش مۇۋاپىق بولىدۇ.نەچچە مىڭ يورۇقلۇق يىلى دىگەندەك.ئەڭ كىچىك ۋاقىت دولقۇنلارنىڭ تەۋىرىنىشى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ،ئەڭ ئۇزۇن ۋاقىت ئىلمىنىتلارنىڭ يىمىرلىش دەۋرى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.نۇرمال بولغان ۋاقىتلار ئاددىي ماياتنىك ھەركىتىدىكى ھازىرقى مىنۇت ،سىكونت،سائەتنى بارلىققا كەلتۈرگەن تەۋرىنىش دەۋىرى.ئومومەن قىلىپ ئىيتقاندا مەلۇم ئىش ھەركەتنىڭ باشقا ھەركەت يۈز بەرمىگەن ھالەتتە تاماملىنىپ بولۇش جەريانى دەل ۋاقىت.
ۋاقىتنىڭ قىممتى
ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت دىگەن ھكمەت سۆز بار.ھەممە ۋاقىت شۇنچىلىك قىممەتلىكمۇ ؟ئەلۋەتتە ھەممە ۋاقىت قىممەتلىك ئەمەس،قىممەتلىك بولۇش بولماسلىقى دەۋرىلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.ئادەتتە بىر كۈن ئىچىدىكى ئەڭ قىممەتلىك ۋاقىت پەقەت بىر نەچچە سائەت بولىشى مومكىن،مىنىڭچە بىر كۈن ئىچىدىكى قايتىلانمايدىغان ئەڭ قىممەتلىك ۋاقىت بولسا زىھنى ئوچۇق ھالەتتە بىرەر ئىلىمنى بىلۋىلىش .ئادەمنىڭ بۇنداق ۋاقىتقا ئىرىشىشى بىر كۈندە پەقەت بىرلا قىتىم كىلىدۇ،ئەلۋەتتە ئۇزۇن قىسقا بولۇشى ئوخشىمايدۇ.كەيپىيات تەڭشەشكە كەتكەن ۋاقىت ئەڭ قىممەتسىز بولۇپ بىر كۈندە نەچچە قىتىم دەۋرىلىنىدۇ،تاماملىنىش جەريانى ئەڭ ئۇزۇن بولىدۇ.ئادەم دۇنيادا پەقەت بىرلا قىتىم ياشايدۇ،دەۋرىلەنمەيدۇ ،شۇڭا ھايات ئەڭ قىممەتلىك،بەخىت،ياشلق پەقەت بىرلا قىتىم كىلىدۇ،ئەڭ قىممەتلىك.ئۇيقۇ ھەر كۈنى دەۋرىلىنىدۇ ،ئۆمۈردىكى ئەڭ قىممەتسىز ۋاقىت،بىر كۈندە بىرلا قىتىم كەلگەن ئۇيقۇ ئەڭ قىممەتلىك.ئۇيقۇ ئارام ئىلىشلا بولۇپ قالماستىن دۇنيا خەۋەرلىرىدىن بىخەۋەر بولۇپ قىلىشمۇ ئەلۋەتتە ئۇيقۇغا تەۋە،ئۇ ۋاقىت داۋاملىشىۋەرسە ئۆمۈردىكى ئەڭ قىممەتسىز ۋاقىتقا ئايلىنىدۇ.ھاياتتكى دەۋرىلىنىپ تۇردىغان قىممەتسىز ۋاقتنى قەدىرلىمەي ،پەقەت بىرلا قىتىم كىلىدىغان ۋاقىتنى قەدىرلەش ۋاقىتنىڭ ئەھمىيتىنى بىلگەنلىك
ۋاقىت ھالقىش (ۋاقىت تونولى)
ئەلۋەتتە ۋاقىت تونۇلى مەڭگۈ مەۋجۇت ئەمەس ،ئۇ پەقەت ئادەم مىڭىسىنىڭ ئنكاسى خالاس.راس بار دىگەندىمۇ بىر قانچە شەرتنى ھازىرلىشى كېرەك.ئىنسان بەدەن(جەسەت)،روھ ۋە جەسەت بىلەن روھ بىللە ھاسىل قىلغان ئەقىل -پاراسەتتىن تۈزۈلگەن. بۇ ئۈچى بىر ۋاقىتتا،بىر ئۇرۇندا ،بىرلىكتە زامان ھالقىيالىغاندا ئاندىن ۋاقىت تونۇلىدىن ئۆتكەن بولىدۇ ئەلۋەتتە ئۇ مومكىن ئەمەس.بىراق ۋاقىت تونىلىغا ئوخشايدىغان بىر پىرىنسىپ بار.ئۇ بولسىمۇ ئەقىل -پاراسەت(مىڭە ھاسىل قىلغان سىزىش،كۆرۈش،پۇراش،ھىس قىلىش ،تەسەۋۋۇر قىلىش ئىقتىدارى) ۋاقىت تونۇلىدىن ئۆتەلەيدۇ.ئادەمگە ئىلھام بىردىغان كەلگۈسىگە ئۆتۈپ ياشايدۇ،كەلگۈسىنى ھىس قىلىدۇ،ئىلھام ئالىدۇ.ئىپادىسى پىلان تۈزۈش ،خىيال سۈرۈش ،تەسەۋۋۇر قىلىش ؛ئۆتۈپ كەتكەن زاماننى ھىس قىلالايدۇ.تارىخى رومان،ھىكايە ،تارىخى ئەھمىيەتسىز يازمىلارنى ئۇقۇش.كىنولارنى كۆرۈش دىگەندەك.ئادەم بۇ جەريانلارنى تاماملاش جەريانىدا شۇ زاماندىكى مەلۇم ھىس تۇيغۇنى مەن قىلىپ ئىپادىلەپ مەيدانىنى ئاشكارلايدۇ،مەسلەن تەسىرلىنىپ يىغلاش ،خۇشال بولۇش ،ئاچچىقلىنىش،دۈشمەنلىشىش،شۇ ئىشلارنى تاماملاۋاتقان ۋاقىتتا رۇشەن ئىپادىسىنى تاپىدۇ.ئەقىل-پاراسەت ۋاقىت تونىلىدىن ھالقىش ئۈچۈن ،ئۇكىرگەن زامان ئۇنىڭغا ماس كىلىشى كېرەك .شۇڭا ئادەمدە تاللاش تۇيغۇسى شەكللىنىدۇ .ۋاقىت تونىلىدىن ھالقىغاندا ئۇ زاماندىمۇ قىممەتلىك ۋە قىممەتسىز ۋاقىت بار.ئەقىل -پاراسەت بىرلا قىتىم،ياكى چەكلىك ھالقىغان زامان ئەڭ قىممەتلىك بولۇپ،ئۇنىڭدىن ئىلھام ئالىدۇ،پايدىلىق بولغان ھىس تۇيغۇنى توپلاپ ،ئاكتىپ ئىنكاس پەيدا قىلىدۇ.مەسلەن :فانتازىيەلىك كىنو فىلىملەر،خىياللار ،تەسەۋۋۇرلار .قىممەتسىز ۋاقىت بولسا ھىس تۇيغۇ ئارام ئالغان،ئۇيقۇ ھالەتتكى زامان.بۇ زامان كىشلەرگە ھىسيات-تۇيغۇ جەھەتتكى ئاجىزلىقتىن پايدىلىنىپ شۇ زاماندىكى مەن نى ھاسىل قىلىدۇ ،ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىنتىقام ئالىدۇ،مەن نى ئاقلايدۇ،ئۇنىڭغا بەخىىت تۇيغۇسى بىرىدۇ.ئىپادىلىرى بولسا :لىرىك ئەسەرلەر ،ناخشا -مۇزىكا ،ئاجىزلىقنى يۇشۇرۇپ ،ئۇنى بىخۇد قىلغان كەيپىيات.بۇ زامانغا داۋاملىق ھالىقيدىغان بولۇپ،ئەقىل -پاراسەتنى ساختا بىزەيدۇ.
ئىنسان ئۆزى ياسىغان نەرسىلەر بىلەن ئارام ئالىدۇ.شۇڭا روھ ۋە جەسەت(بەدەن)ئۆزلىرى ياسىغان ئەقىل پاراسەت بىلەن ئارام ئالىدۇ،شۇڭا ئۇنى .ئىكار قىلغىلى بولمايدىغان ،تاشلىۋەتكىلى بولمايدىغان نەرسىدۇر.
ۋاقىت بەلگىلەش
ۋاقىت ئىش ھەركەتنىڭ تاماملىنىش جەريانى.شۇڭا ئۇنى بارلىققا كەلتۈرۈش مومكىن.قىممەتلىك ۋاقىت ۋە قىممەتسىز ۋاقىت ئەقىل -پاراسەت تەرەپتىن بەلگىلىنىدۇ،ئەقىل پاراسەت ۋاقىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.قىممەتلىك ۋاقىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچۇرغان ئەقىل پاراسەت قىممەتلىك ۋاقىت يارتالايدۇ،قىممەتسىز ۋاقىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىغان ئەقىل -پاراسەت قىممەتسىز ۋاقىت يارتالايدۇ.جەسەت ۋە روھنىڭ ئىشلەش جەريانى چەكلىكى ۋاقىت بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار ھاسىل قىلغان ئەقىل -پاراسەتمۇ ۋاقىتنىڭ ھەكلىمسىگە ئۇچرايدۇ. بۇ ئىنتايىن مۇرەككەپ زەنجىرسىمان ھالقا بولۇپ ،پىرىنسىپىنى چۈشەنگەندىلا ئاندىن مۇۋاپىق ھەل قىلغىلى بولىدۇ.
|
|