تۈركىيە زۇڭلىسى ئەردۇھان23-ئۆكتەبىر، بۈگۈنگىچە تۈركىيەنىڭ شەرقىي قىسىمىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار 138 كىشى، يارىدار بولغانلار 350 كىشى دەپ كۆرسەتتى. تۈركىيە ئىستانبۇل يەر تەۋرەشنى تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ دوكىلاتىدا دېيىلىشىچە، شۇ يەر ۋاقتى 23-ئۆكتەبىر 13:41 ئۆتكەندە (بېيجىڭ ۋاقتى 18:41) تۈركىيىنىڭ شەرقىدىكى بىر ئۆلكىدە 7.2 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەركىزى ئىران بىلەن چېگرىلىنىدىغان تابالى كەنتىگە توغرا كېلىدىكەن، تەۋرەش مەركىزىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 5 كىلومېتىر كېلىدىكەن. ئىستانبۇل يەر تەۋرەشنى تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ دوكىلاتىدا دېيىلىشىچە يەنە بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىنكەن. 23-ئۆكتەبىر، تۈركىيىنىڭ شەرقىي قىسىمىدىكى يەر تەۋرىگەن ئۆلكىدە، يەرلىك ئامما خارابىلىك يېنىدىكى گۈلخان يېنىدا. يەر تەۋرىگەن ئۆلكىدىكى كىشىلەر ۋە قۇتقۇزۇش خادىملىرى خارابىلىكتىن ھايات قالغانلارنى ئىزدىمەكتە.
بىر ئەر خارابىلىكتىن ھايات قالغانلارنى ئىزدىمەكتە خارابىلىكتىكى بىر ئەرگە ئاسما ئېسىلدى، بىراق ئەڭ ئاخىرى ئۇ يەنىلا بەختكە قارشى قازا قىلدى
24-ئۆكتەبىر، خارابىلىككە كۆمۈلۈپ قالغان 13ياشلىق يۇنۇس قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ قۇتقۇزۇشىنى كۈتمەكتە.
يۇنۇس قۇتقۇزىۋېلىندى
قۇتقۇزۇش خادىملىرى خارابىلىكتىن ھايات قالغانلارنى ئىزدىمەكتە
يەرلىك ئامما خارابىلىكتىن يارىدار بولغان بىرەيلەننى قۇتقۇزۇپ چىقتى
تۆۋەندىكى سۈرەتلەر ئاپەت ئەھۋالىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان سۈرەتلەر. باغداش تورىمىز پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىدىكى قېرىنداشلار نامىدىن تۈركىيەدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان قېرىنداشلارغا ھېسداشلىق بىلدۈرىدۇ، قازا قىلغان قېرىنداشلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئاخىرەتلىكىنىڭ ياخشى بولىشىنى تىلەيدۇ!
|