ئامېرىكا فېدراتسىيە ئېھتىيات كومىتېتىنىڭ يىغىنىدىن بۇرۇن سودا تەييارلىقىنى ياخشى قىلىڭ FX168خەۋىرى، بايكۈچ تەرجىمىسى
تۆۋەندىكىسى FX168 نىڭ 16-مارتتىكى سودا مەشغۇلاتى ئۈچۈن قىلغان تەۋسىيىسى: ئالتۇن، نېفىت، AUDUSD، EURUSD مەشغۇلات تەۋسىيىسى: ئاۋسترالىيە دوللىرىنى يۇقىرى نۇقتىدىن چۈشۈشكە سودا قىلىش، ياۋرونىڭ ئۆسۈشىگە ئالغان مالنى ساقلاش تەۋسىيە ئاساسى: بازارنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلگەندە ئامېرىكا فېدراتسىيە ئېھتىيات كومىتېتى ئىككى كۈنلۈك پۇل سىياسىتى يىغىنىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ، يىغىن نەتىجىسى ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك يۆنىلىشىگە نىسبەتەن ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ، شۇنداقلا ئاساسلىق پۇل تۈرلىرىنىڭ ۋە مەھسۇلات بازىرىنىڭ ئىپادىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. نېفىت قەرەللىك مېلى تۆۋەن نۇقتىدىن ئۆرلەش يولىدا شۇنداقلا "kd كېسىشمىسىدىن كېيىن ئۆسۈش ئۆسۈش مېلىنىڭ پايدىسى بوغۇلۇش" ئەھۋالى كۆرۈلدى. شۇڭا يىغىن ئاياغلىشىشتىن ئىلگىرى مەبلەغ سالغۇچىلار داۋاملىق بازار كۈزىتىشنى ئاساس قىلىشى كېرەك. ئوخشاشلا، ئالتۇنمۇ 1235 نۇقتىسىدىكى تىرەكنى بۇزغاندىن كېيىن تېخى تېز سۈرئەتتە چۈشكىنى يوق، ھالقىلىق يۆنىلىش سىزىقى ئەتراپىدا كىچىك كۆلەمدىكى تۇراقلىق ھالەتنى شەكىللەندۈردى. يۆنىلىش ئېنىق ئەمەس، مەبلەغ سالغۇچىلار كۈزىتىش رايونىدا بازارنىڭ زادى قايسى يۆنىلىشكە قاراپ بۆسۈپ چىقىدىغانلىقىنى كۈزىتىپ ئاندىن سودا يۆنىلىشنى قارار قىلىش كېرەك.
(Nymex نېفىتى ۋە ئالتۇننىڭ 4 سائەتلىك ھالىتى) مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ قولىدا EURUSD ئۆسۈش مېلى بولۇشى مۇمكىن، ئەمما، بازار تېز سۈرئەتتە ئۆرلىمىدى، بەلكى تۈز سىزىق شەكلىدە تەڭشىلىۋاتىدۇ. قولىدا EURUSD ئۆسۈش مېلى بولغان مەبلەغ سالغۇچىلارغا ئاخشامقى تۆۋەن نۇقتا 1.1070 نىڭ ئاستىغىراق زىياننى بىكىتىپ، FOMC يىغىنىنىڭ ئاخىرقى قارارىنى ساقلاش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. AUDUSD نىڭ 4 سائەتلىك بازار ھالىتىدە تۆۋەنلەش ھالىتى كۆرۈلمىدى، قولىدا چۈشۈش مالى بار مەبلەغ سالغۇچىلار بازارنىڭ تېخىمۇ تۆۋەن نۇقتىسىنىڭ كۆرۈلۈشىنى ساقلىسا بولىدۇ. ئەگەر ئوتتۇرىچە سىزىققا تېگىشىش كۆرۈلسە ئاز مىقداردا چۈشۈشكە كىرىپ باقساق بولىدۇ.
(EURUSD نىڭ 4 سائەتلىك بازار ھالىتى ۋە AUDUSD نىڭ كۈندىلىك بازار ھالىتى)
مەنبە: بايكۈچ تورى (www.baykuq.com) |