قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3792|ئىنكاس: 49

بابۇرىيلارنى تارىختىن ئۆچۈرۈڭ!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

1

دوست

1518

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   51.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  43591
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 18
تۆھپە : 484
توردىكى ۋاقتى: 138
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-16 16:32:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Poirot تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-17 13:53  

بابۇرىيلارنى تارىختىن ئۆچۈرۈڭ!

ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: بودەك رازۋېتچىك



1.jpg

1-رەسىم:بابۇر قۇرغان سۇلالە ھېندىستان تارىخىدا يارقىن ئىز قالدۇرغان.


ھېندىستان ھېندى مىلللەتچىلىرى بابۇرىيلار سۇلالىسىنى بارچە تارىخ كىتاپلىرى ۋە دەرسلىك كىتاپلىرىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلاش تەلىپىنى قىلىشماقتا.
ئېنتىرنىتتىكى #RemoveMughalsFromBooksتەگلىگى ئ‍ۈستىدە باشلانغان ھەرىكەتكە قاتناشقان ھېندى مىللەتچىلىرى سەمەرقەنىتتىن ھېندىستانغا كېلىپ بۈيۈك سەلتەنەت ياراتقان سۇلالىنى isis غا تەڭلەشتۈرۈشكەن.مەلۇمكى،بابۇرىيلار سۇلالىسىنى ھېندىلار موغۇللار دەپ ئ‍اتىشىدۇ.
بابۇرىيسىز ھېندىستان؟
  ئ‍ىجتىمائىي تارماقلاردىكى ئۇشبۇ ھەرىكەت ھېندىستان تارىخىدىكى ئ‍ەڭ موھىم ۋە جانلىق دەۋىرنى يۇقىتىشقا قارىتىلغان.بابۇرىيلار ھېندىستاندا ئ‍ىسلام دىنىنى كېڭەيتكەن. ئ‍ەينى چاغدا ئ‍ۇلار بۇ ئ‍ېتىقاد ئ‍ارقىلىق ھېندى تۇپرىغىدا يېڭىچە باي مەدەنىيەت ۋە  سەنئەت بەرپا قىلغان ئىدى.بۈگۈنكى ھېندىستان مەدەنىيەت قۇرۇلمىسىدىكى  ئ‍ەدەبىيات ۋە تائاملار دەل  بابۇرىيلار تەسىرىدە بېيىغان،راۋاجلانغان ۋە  يېڭى پەللىگە چىققان.ئ‍ەينى چاغدا، مۇسۇلمان ھۆكۈمدارلار ئ‍ۆز پەيىتىدە  كۆپلەپ ھېندىلارنى ئ‍ۆلتۈرۈشكەن. ئ‍ۇلارنى مەجبۇرىي ئ‍سلام  دىنغا  كىرگۈزگەن ۋە ھېندى ئ‍ىبادەتخانىلىرىنى ۋەيران قىلىشقان.
يېقىندا كۈچلۈك مىللەتچى پارتىيە ،ئ‍ىككى  BJP ۋەكىلى سۆزلىگەن نۇتۇقتىن كىيىن بابۇرىيلارغا قارشى نەپرەت يەنە كۈچىيىپ ،ئ‍ىنتىرنېتتا مەخسۇس
سەھىپە بىلەن ئ‍ەكسىل بابۇرى ھەركىتى باشلىنىپ كەتتى.


2.jpg

2-رەسىم:تاج ماھالنى بۇزۇپ تاشلامسىز؟  دەپ ئ‍ۇلارغا سۇئال قويۇپ قارشى چىقتى ئ‍اتاقلىق ھېندى ئەدىبچېتان باھات.

   مىللەتچى پارتىيەنىڭ ھۆكۈمەتتىكى ۋەزىرلىرىدىن بىرى بولغان سىمرىتى ئ‍ېرونىي باشلانغۇچ سىنىپ ئ‍وقۇغۇچىلىرىغا تەييارلانغان تارىخ دەرسلىكىنى تەقىب  قىلىپ:"ئ‍ۇلار مەملىكەتتىكى دىنى  ئ‍اداۋەتلەرنى ناتوغرا تەسۋىرلەيدۇ" دىدى. "دەرسلىكلەر كۆپچىلىك مىللىي قەھرىمان سۈپىتىدە بىلىدىغان جەڭگىۋار ھېندۇ يېتەكچىسى شېۋاجى ئ‍وبرازىغا بېھۈرمەت كەلتۈرىدۇ."دىدى سىمرى ئ‍ېرونىي.
ئ‍ۇندىن كىيىنچۇ؟
   مىللەتچى ۋەزىرئ‍ېرونىي نۇتۇقدا بابۇرىيلارغا قارشى بولغان ھېندۇ مىللەتچىلىرى ئ‍الاۋىنى ماختاپ ئ‍ۈلگۈرگەن ۋە ئ‍ۇلار بابۇرىيلارنى تارخ كىتاپلىرىدىن پۈتۈنلەي  ئ‍ۆچۈرۈپ تاشلاش تەلىپى بىلەن ئ‍ىتتىرنېتتىكى ئ‍ىجتىمائىي تارماقلاردا ھەرىكەتنى باشلاپ كەتكەن.
   بەزىلەر يەنە  بابۇرىيلارنى isis جەڭچىلىرىگە ئ‍وخشاتقان."بابۇرىيلارنى تارىخ كىتاپلارىدىن ئ‍ۆچۈرۈپ تاشلىساق ياخشى بولاتتى.چۈنكى ئ‍ۇلار ھېندىستاننىڭ isis چىلىرى بولغان"دەپ يازىدۇ بىر ھېندى تور ئابۇنتى."بابۇرىيلارنى تارىخ كىتاپلاردىن  ئ‍ۆچۈرۈش ئ‍ەمەس بەلكى خۇددى ھازىرقى  isis  كەبى بابۇرىيلارنىڭ ئ‍ۆز دەۋرىدە ھېندىستانلىقلارغا نىسبەتەن قانداق شەپقەتسىزلىك ۋە زۇلۇم قىلىشقىنىنى كۆرسىتىش كېرەك ." دەپ جاۋاپ يازىدۇ ئ‍ىككىنچى ھېندى.
   بابۇرىيلارغا قارشى قارىتىلغان ھەرىكەت ھېندىستاندا ئومۇملاشقان بولسىمۇ ،بىراق  بۇنىڭغا قارشى چىققانلارمۇ كۆپ ساننى تەشكىل  قىلماقتا. "خوش،ئۇندىن كىيىن نىمە قىلماقچىسىز؟" دەپ ئ‍ۇلارغا قارشى چىقتى ئ‍اتاقلىق ھېندى يازغۇچىسى چېتان باھات"قىزىل قەلئە ھەم تاج ماھالنى بۇزۇپ تاشلامسىز؟" "تارىخى مىراسىمىزنى ۋەيران ئ‍ېتىش ئ‍ەمەس ئ‍ەكسىچە ئ‍اسرىشىمىز كېرەك ."دەپ يازدى ئ‍ەدىب.
سامسا ۋە كىچىرى قالسۇن
3.jpg

3-بابۇرىيلار كەلتۈرگەن سامسا،كىچىرى ۋە بىريانىي پۈتۈن ھېندىستانلىقلار ياقتۇرىدىغان تائاملاردۇر.

ئ‍ەكسىل بابۇرىي ھەركىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ھېندىستانلىقلار  بابۇر كەلتۈرگەن ۋە بارچە ھېندىستانلىقلار  سۆيۈپ ئ‍ستىمال  قىلىدىغان تائاملارنى ئ‍ەسلىتىشكەن. مەسىلەن :بىريانىي،سامسا،كىچىرى ياكى قاتلىما نانسىز بىرەر ھېندىستانلىق دەستۇرخانىنى تەسەۋۋۇر  قىلالمايدۇ.بۇ تائاملارنى بابۇر ئ‍ۆزى بىلەن بىللە ئ‍ەندىجان ۋە سەمەرقەنتىن يەنى بۈگۈنكى ئ‍ۆزبېكىستاندىن كەلتۈرگەن.
   "بابۇرىيلار  سەلتەنىتى ھەققىدىكى ماقالىلارنى تارىخ كىتاپلىرىدىن چىقىرىپ تاشلىسىڭىز مەيلى" دەپ يۇمۇرىستىك ئ‍ىنكاس يازىدۇ بىر ھېندى"پەقەت ئ‍ىلتىماس ئ‍ۇلار كەلتۈرگەن تائاملارنى تەقىقلىماڭ ."
   ئ‍سلام دىنى  ھېندىستاندىكى ئىككىجى چوڭ دىن ،شۇنداقلا مەملىكەت مۇسۇلمانلار سانى جەھەتتە دۇنيانىڭ ئ‍ككىنچى چوڭ مۇسۇلمان دۆلىتى.
بۇ يەردىكى  مۇسۇلمانلار  بابۇرىيلاردىن بەك پەخىرلىنىدۇ.شۇنىڭدەك ، ھېندىستان سىمۋۇلى بولغان تاج ماھالنى دەل بابۇرىيلار سالدۇغان.بابۇرىي ھۆكۈمدار ئ‍ەكبەرشاھ دەۋرىدە ھېندىستاندا دىنلار ئارىسىدا تىنىچلىق ۋە دوستلۇق ئورنىتىلغان.

بېتاقەت ھېندىستان
  ھىندىستاندىكى ئ‍ىقتىسادى ئ‍ېشىش ئ‍ارقىسىدا شەكىللەنگەن ئ‍وتتۇرا تەبىقە ئ‍ارىسىدا مىللەتچىلىك كۈنسايىن كۈچەيمەكتە.شۇ سەۋەبلىك BJP ياكى مىللەتچىلەر پارتىيەسى ھازكۈچەيكەن.
4.jpg

4-رەسىم:بابۇرىيلار ھېندىستاندا يېڭىچە مەدەنىيەت ۋە سەنئەت بەرپا قىلغان.

ئ‍ايرىم مىللەتچىلەر ھەتتا تاج ماھال مەقبەرىسنى بۇزۇپ تاشلاش كېرەك دىگەن پىكىرلەرنى ئ‍ىلگىرى بېرىشكەن ئىدى.
ئ‍ايوديادىكى بابۇرىيلار مەسچىدى ھېندۇ خۇداسى شەرىپىگە قۇرۇلغان ئ‍ىبادەتخانا ئ‍ورنىغا سېلىنغان ئ‍ىكەن دىگەن خەۋەر تارقالغاندىن كىيىن 1992-يىلى ھېندى مىللەتچىلىرى مەسچىتنى ۋەيران قىلغانىدى.
كىيىنكى 25يىل داۋامىدا گۇجىرات شىتاتى ۋە مومباي شەھرى ھېندىلار ۋە مۇسۇلمانلار ئ‍ارىسىدىكى قېلىپتىن چىققان دەھشەتلىك قىرغىنچىلىقلارغا سەھنە بولدى. كەشمىر ماجراسى ۋە قوشنا پاكىستان بىلەن ئ‍وتتۇرىدا مەۋجۇت بولغان ئ‍اداۋەت ھەم ھېندىستاندىكى مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن قاراڭغۇلۇقنى كۈچەيتكىنى ئېنىق.
ھېندى تىلىدا مۇسۇلمانلار كەلتۈرگەن ئ‍ەرەپچە ،فارسىيچە  ۋە تۈركىي كۆپ بولسىمۇ،مىللەتچىلەر ئۇزۇن يىللار مابەينىدە ئ‍ۇلارنى ئۆزگەرتىۋەتتى .مەسىلەن:ئ‍ەدەبىي  تىلدىكى مۇسۇلمانچە جاراڭلىغۇچى سۆزلەر ئ‍الماشتۇرۇلدى . ئ‍ەمدى ھېندىستان ئ‍ەمەس بخارات،مۇھەببەت ئ‍ەمەس پيار دىيىلىدۇ.شۇنچە ئ‍ايلاردا ياخشى ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلار ھېندۇلار تەرىپىدىن تاياق يىگەن ۋە ئ‍ۆلتۈرۈلگەن  ئ‍ەھۋاللار بولدى.
مىللەتچىلەر زوراۋانلىققا قارشى  بايانات  ئىلان قىلغان شاھرۇخخان ۋە ئامىرخان قاتارلىق چولپانلارنى ھەم خائىنلىققا ئ‍ەيىپلەپ پاكىستانغا كېتىشىنى  تەلەپ قىلىشتى.
ھېندۇ زىيالىلىرىنىڭ ئەھۋالىغا قارىغاندا مەملىكەتتە تاقەتسىزلىك كۈنسايىن كۈچىيىپ بارماقتا.
ئەسلى مەنبە:O`ZBEK BBC

uyghuray

1

تېما

8

دوست

6152

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   23.04%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24872
يازما سانى: 429
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1892
توردىكى ۋاقتى: 233
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-17 11:11:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاجماھالنى  كۈمپەيكۇم قىلىۋېتىدىكەن-دە ھىندىلار!

1

تېما

8

دوست

6152

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   23.04%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24872
يازما سانى: 429
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1892
توردىكى ۋاقتى: 233
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-17 11:12:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئ‍ەكسىل بابۇرىي ھەركىتى» قانداق گەپ ئۆزى؟ بابۇرىيلار ئەكسىلئىنقىلابىي ھەرىكىتى، دېگەن گەپ بولغىيمىدى؟

2

تېما

8

دوست

7018

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   40.36%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8381
يازما سانى: 427
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 131
تۆھپە : 2096
توردىكى ۋاقتى: 625
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-17 12:03:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېقىنقى خەۋەرلەردىن قارغاندا ھىندىستاندىكى مۇسۇلمانلارغا قارتىلغان ھىندى مىللەتچىلىكى كۈچىيىۋىتىپتۇ ، ھىندىستاندىكى 200 مىليونغا يېقىن مۇسۇلمان مال ئەمەس ، داۋاملىشىۋەرسە ھىندىستاننى مالمانچىلىق ، ئۇرۇش ، تىرورلۇق قاپلايدۇ . ئىقدىساد چىكىنىدۇ . ھىندىستاننىڭ دۇنياۋى چوڭ دۆلەت بولۇش ئارزۇسى كۆپۈككە ئايلىنىدۇ .
uyghuray

0

تېما

3

دوست

1693

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   69.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  43647
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 506
توردىكى ۋاقتى: 113
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-17 12:59:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىندى دىنى ئەسەبىي ئونسۇرلىرنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ھىندىستاننى قالايمىقانچىلىق ۋە ئىچكى ئۇرۇشقا سۆرەپ كىرىشى مۇمكىن.بابۇرىيلار ھىندىستاننى 600يۈز يىل باشقۇرغان.(ئېسىمدە قېلىشىچە 600يىل.خاتا بولسا تۈزىتىپ قويغايسىلەر).

1

تېما

2

دوست

4588

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   86.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23932
يازما سانى: 299
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1414
توردىكى ۋاقتى: 219
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-17 13:25:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nayip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-17 13:28  

تۈرىكلەردىن قۇتۇلۇپ، ئېنگىلىزلارغا تۇتۇلدى. ھەر ئىككى ئىستىلاچىلار ھىندىستانغا ئۆزىنىڭ مۆھىرىنى چوڭقۇر باستى.
‹‹بابۇرنامە››دە دىيىلىشىچە بابۇرنى ھىندىلار ئۆزى تەكلىپ قىلىپ ئېلىپ كەلگەن.توختاۋسىز ئىچكى ماجرالار ھىندى خەلقىنى كۈن ئالغۇسىز قىلىۋەتكەن، دۆلەت پارە-پارە بولۇپ كەتكەن ئاشۇ زامانلاردا بابۇر ئونمىڭغا يەتمەيدىغان جەڭچى بىلەن پۈتۈن ھىندىستاننى بىرلىككە كەلتۈرۈپ(بەنگالە يەنى ھازىرقى بېنگالمۇ بار)، ھىندى تارىخىغا زور تۆھپە قوشقان.

0

تېما

1

دوست

1126

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   12.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16703
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 360
توردىكى ۋاقتى: 73
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-17 13:29:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sarwa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-17 13:30  
Erkal يوللىغان ۋاقتى  2016-3-17 11:12
«ئ‍ەكسىل بابۇرىي ھەركىتى» قانداق گەپ ئۆزى؟ بابۇرىيلار ...

«ئەكسىلئىنقىلاب» --- ئىنقىلابقا قارشى.
«ئەكسىل بابۇرىي» --- بابۇرىيلارغا قارشى.
«بابۇرىيلار ئەكسىلئىنقىلابىي ھەرىكىتى» دېيىلسە، بابۇرىيلار ئىنقىلابقا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قوزغىغان ھەرىكەت، دېگەن مەنىنى بېرىپ قالىدۇ.

9

تېما

1

دوست

1580

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   58%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33673
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 23
تۆھپە : 484
توردىكى ۋاقتى: 89
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-17 13:51:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي بىچچارە ھىندىلار مەنچە ئەشۇ بابۇرىلارنىڭ ئىزلىرى ھەيۋەتلىك ئىمارەتلىرى زامانىسىدىكى ھىندىلار بىلەن بىرلىكتە ياراتقان پارلاق مەدىنىيىتىسىز ھىندىستان ھەقىقەتەن بىر ئۈستى ئوچۇق خالادىن ئىبارەت مۇشۇ سەپسەتىلەرنى سۆزلىگەن مەينەت ھىندىلار ئۆزىنى بىلىۋالسا ياخشى .كاشكى مۇشۇ گىپىم شۇلانىڭ قۇلقىغا يەتكەن بولسا . بابۇرىلارنى ئاتالمىس ئىس ئىسقا ئوخشۇتۇش بىر ساراڭلىقدىن ئىبارەت ، شۇ ھىندىلار شۇنى بىلىۋاسۇنكى بابۇرىلارنىڭ ئىزى ھىندىستان زىمىنىدىن شۇنداقلا ھازىرقى شۇ مەينىت باسقۇنچى تىگى پەس ھىندىلار يۈركىدىكى مەڭگۈدىن مەڭگۈگە ئۆچمەيدىغان بىر ئوت ئەگەر خالىسا قەدىرىنى بىلەلىسە ھىندىلار ئۈچۈن ۋە ھىندىستان ئۈچۈن بىر مەڭگۈ قۇرىماس بىر گۈل . مەنچە بەزى ھىندىلار قەدىرىنى بىلەلەيدۇ ھەم ھۆرمىتىنى قىلالايدۇ دەپ بىلىمەن مەسلەن ، جودھا ۋە ئەكبەردەك ، يەنە شۇنى بىلسۇنكى بابۇرىلارنىڭ ھۆرمىتى ھىندىستاننىڭ ھۆرمىتى .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )