سەھەر ۋاقتى، ساتو ئۇيقۇلۇقتا ياستۇقىنىڭ يېنىدىكى قوڭغۇراق سائەتنى سىيلاپ تېپىپ، تىكىلىپ قاراپلا شۇ زامان كارىۋاتتىن سەكرەپ ئورنىدىن تۇردى: «چاتاق! 4 دىن 10 مىنۇت ئۆتۈپتۇ! نېمىشقا ئۇخلاپ قالغاندىمەن»؟ تۈنۈگۈن ئىشتىن چۈشكەندە، باشلىق كۆپچىلىككە بۈگۈن ئەتىگەن سائەت بەشتە يىغىلىشنى ئالاھىدە تاپىلىغان ئىدى، بولۇپمۇ ساتو، ئۇ مۇھىم ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، كېچىكسە قەتئىي بولمايتتى. ساتو كىيىمىنى تېزلا كىيىپ، ساقال ئالغۇچىنى يانچۇقىغا سالدى، ئاندىن گاراژغا يۈگۈرۈپ، ماشىنىسىنى ھەيدەپ چىقتى. ئۇ بىر قولىدا رولنى تۇتۇپ، يەنە بىر قولىدا ساقال ئالغاچ ماڭدى. بۇ ۋاقىتتا ئاللىقاچان 4 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەنىدى، نورمال سۈرئەت بويىچە ئىدارىگە يىتىپ بېرىش ئۈچۈن كەم دېگەندە 40 مىنۇت كېتىدۇ. قارىغاندا سۈرئەتنى تېزلەتمىسە بولمىغۇدەك، بەلكىم ئاران ئۈلگۈرەلىشى مۇمكىن. ساتو ئاخشامقى ئىشلارنى ئەسلىدى، دەسلەپتە ئۇ قەتئىي ئۇخلىيالمىغانىدى، كېيىن كۆزلىرى خىرەلىشىپ ئۇخلاپ قالغانىدى، ئەمما ئۇ غەلىتە چۈش كۆردى. ئۇ ھويلىنىڭ بۇلۇڭىدا بىر چوڭ دەرەخنى چۈشەكىگەن بولۇپ، دەرەخ شاخلىرىدا يېشىل مېۋىلەر ساڭگىلاپ تۇراتتى. ئەمما ئۇ يېقىن بېرىپ قارىسا، ھەممىسى ئادەمنىڭ بېشى ئىكەن، قارىچۇقى يوق، پەقەت كۆزىنىڭ ئېقىلا بار، نېمىدىگەن قورقۇنچلۇق، ئۇ بىردىنلا چۆچۈپ ئۇيغىنىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئېسىدە قېلىشىچە ئاشۇ چاغدا سائەتكە قارىغاندا سەھەر سائەت 3 بولغانىدى، ئەگەر شۇ زامان تۇرغان بولسا ياخشى بولاتتى، كىم بىلسۇن كۆزلىرى خىرەلىشىپ، نەتىجىدە قاتتىق ئۇخلاپ قالغانىدى. ماشىنا ناھايتى تېزلا تاشيولغا چىقتى، ساتو سۈرئەتنى تېزلىتىپ 80 گە چىقاردى، بۇ چاغدا، ئاسماننى قارا بۇلۇتلار قاپلىغان بولۇپ، سىم-سىم يامغۇر يېغىۋاتاتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇمان قاپلاپ، سىرتنى كۆرۈش بەكلا قىيىن ئىدى. ماشىنىنىڭ سۈرئەت ئۆلچىگۈچى ھەقىقەتەن 80 نى كۆرسىتىپ تۇراتتى، بىراق ساتو ماشىنىنىڭ سۈرئىتىنى تېز ئەمەستەك ھېس قىلغانىدى. ئادەمنى تىت-تىت قىلىدىغىنى شۇكى تېخىمۇ ئاسانلا قىزىل چىراغقا يولۇقۇپ قالاتتى. بۈگۈن قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر كېچىكسە بولمايدىغانلىغىنى ئويلىغان ساتو تاقەت قىلالماي ماشىنىنىڭ سۈرئىتىنى يەنە تېزلەتتى. سائەت 5 كە ئازلا قالغانىدى، ئۇ ئاخىر يولنىڭ ئالدىدىكى كۆرۈنگەن ئۇزۇن كۈلرەڭ تامنى كۆردى. قارىغاندا ھېچقانداق ئالاھىدە ئەھۋال كۆرۈلمىسە، دەل ئۈلگۈرەتتى. ئۆلگۈر، يەنە قىزىل چىراغ! ساتو بۇنىڭ ئالدىدا ئۇدا ئىككى قېتىم قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتۈپ كەتكەنىدى، مۇشۇ پەيتتە ئۇ يەنىلا ماشىنىنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلاتماي، ئۈچىنچى قىزىل چىراغنىمۇ بۆسۈپ ئۆتۈپ كېتىشنى ئويلىدى. ئەمما بۇ چاغدا، تامنىڭ بۇلۇڭىدىن ئۇشتۇمتۇت بىر ئادەمنىڭ سايىسى ئۇچقاندەك ئۇدۇل ساتونىڭ ماشىنىسىغا ئېتىلىپ كەلدى. «بولمىدى»! ساتو كۆرگەندە بۇ ئادەمنىڭ سايىسى ئاللىقاچان يېقىنلاپ قالغانىدى، ئۇ رولنى سولغا بۇراپ، تورمۇزنى كۈچەپ دەسسىدى، ئەپسۇس بەكلا كېچىككەنىدى. قارا سايە ماشىنىغا ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل سوقۇلۇپ، ئاۋۋال ماشىنىنىڭ قاپقىقىدىن قاڭقىپ، ئاندىن يەرگە يېقىلدى. بۇ چاغدا ساتونىڭ كاللىسى قوپقۇرۇق ئىدى، ئۇ ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ، ماشىنىدىن سەكرەپ چۈشۈپ، ئۇ ئادەمگە يېقىنلاپ ماڭدى. ئۇ بىر تەمبەل ئەر بولۇپ، شۇ چاغدا مىدىر-سىدىر قىلماي يەردە دۈم ياتاتتى. ساتو قولىنى سوزۇپ سىيلاپ باقتى، ئاللىقاچان تىنىقى توختاپ بولغانىدى. ساتو شۇ زامان خۇدىنى يوقاتتى، كاللىسى توختىماستىن پىرقىراۋاتاتتى: نېمىشقا تۇيۇقسىزلا ئادەم يۈگۈرۈپ كېلىدۇ؟ يولدا ئېنىقكى ئادەم يوق ئىدىغۇ! قاندانمۇ قىلارمەن... ساتو ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قالدى، ئەتراپقا ئادەملەر توپلىنىشقا باشلىدى، كۆپچىلىك قاتناش ھادىسە نەق مەيدانىنى كۆرسىتىپ مۇلاھىزە قىلغىلى تۇردى. ساقچىمۇ ناھايتى يېزلا يىتىپ كەلدى. ساقچى نەق مەيداننى كۆرگەندىن كېيىن، ساتودىن سورىدى: «سەن قىزىل چىراقنى بۆسۈپ ئۆتۈپ كەتتىڭمۇ»؟ ساتو ئىنكار قىلمىدى، ئەمما ئۇ يەنىلا تالىشىشقا ئۇرۇندى: «بىراق... ئۇ تۇيۇقسىز يۈگۈرۈپ چىقتى»... ساقچى جەسەتنى ئۆرۈدى، پەقەت ئۆلگۈچىنىڭ يۈزىدە پىچاق ئىزى بار بولۇپ، بىر ئاز يىرگىنىشلىك كۆرۈنەتتى. ساتو قاراپلا ئىختىيارسىز ۋارقىرىۋەتتى: «ئاھ خۇدا»! ساتوغا نىسپەتەن ئۆلگۈچى تونۇشتەكلا قىلاتتى. ساقچى ئەجەبلىنىپ سورىدى: «سەن ئۇنى تونۇمسەن»؟ ساتو بېشىنى چايقىدى، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۆزىنى بېسىۋېلىپ : «ئۇنى تونۇيمەن، ئۇ تۈرمىدە ئىزچىل جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتاتتى، قارىغاندا چوقۇم تۈرمىدىن قېچىپتۇ». بۇ چاغدا ساتو ئاندىن بىلدى، نېمىشقا بۇ نەرسە تۇيۇقسىز پەيدا بولىدۇ، نېمىشقا قىزىل چىراقنى بۆسۈپ ئۆتكەندە، ئادەمنىڭ سايىسىنى كۆرمەيدۇ. بۇ نەرسە ئېنىقكى بىر تەرەپتىن ئۆزىنى يوشۇرۇپ، يولدىن ئۆتكەنلەردىن ئۆزىنى قاچۇرماقچى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن كەينىدە قوغلاۋاتقانلارنىڭ بار يوقلۇقىغا پات-پاتلا دىققەت قىلغان، شۇڭا ساتونىڭ ماشىنىسىنى كۆرمەي، سوقۇلۇپ كەتكەن. ساتو تىترىگەن ھالدا ساقچىدىن سورىدى: «مېنىڭ... جىنايىتىم بارمۇ»؟ ساقچى قىلچە ئىككىلەنمەستىن دېدى: «ئۇنىسى تەبىئىي». ساتو رازى بولمىغاندەك ۋارقىرىدى: «بىراق، ساقچى ئەپەندىم، سىز بىلەمسىز؟ ئۇ دېگەن ئادەم ئۆلتۈرگەن جىنايەتچى! ئۇ سەككىز بىگۇناھ ئادەمنى ئۆلتۈرگەن»! ساقچى ئۆتكۈر كۆزلىرى بىلەن ساتوغا قاراپ تۇرۇپ، بېشىنى لىڭشىتىپ مۇنداق دېدى: «ئۇ قانداق ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزگەن جىنايەتچى بۇلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنى سوقۇپ ئۆلتۈرۈۋەتسەڭ بولمايدۇ، سېنىڭ جىنايى قىلمىشىڭ ئۇنىڭ سالاھىيىتى سەۋەبلىك ئۆزگىرىپ قالمايدۇ». «بىراق، بىراق»... ساتو قىيىن ئەھۋالدا ۋارقىرىدى، «ئۇ دېگەن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچى»! ساقچى بىر تەرەپتىن ماشىنىنىڭ ئىزىنى تەكشۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ساتونىڭ بېغىشىنى تۇتۇپ: «مۇشۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، سېنىڭ يەنىلا جىنايىتىڭ بار، چۈنكى ماشىناڭنىڭ سۈرئىتى بەك تېزكەن. ئىسىم-فامىلەڭ، كەسپىڭ»؟ ساتو ئۈمىسىزلىنىپ توۋلىدى: «ئەقىلگە سىغمايدۇ، مەن ھەقىقەتەن ماشىنىنى تېز ھەيدىدىم، چۈنكى ۋاقىتقا ئۈلگۈرىشىم كېرەك، بۇ ئادەمنىڭ بۈگۈن ئەتىگەن ئۆلۈم جازاسىنى قوبۇل قىلىشى بېكىتىلگەن، مەن بولسام ئىجرا قىلغۇچى»!
خەۋەر (Hewer) سالونىدىن لوقمان تەرجىمە قىلدى
|