قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1024|ئىنكاس: 13

مېنىڭ قىزىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

1

دوست

574

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   14.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23428
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 204
توردىكى ۋاقتى: 22
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-17 01:57:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ قىزىم


قۇمتۇر



    قىزىم تېخى تۈنۈگۈنلا  لىچىنكىدەك يۇمران ئىدى، ئەمدىلىكتە كىپىنىەكتەك قانات چىقىىرپ يېنىمىزدىن ئۇچۇپ كەتتى.قىزىمنىڭ  قەلبىدىكى ئارمانلىرى ئۇنى  ئىستىقبالىغا تۇتاشقان بىر مەنزىلگە قارار تاپقۇزغان ئىدى.  ئۇ  پورەكلىگەن قىزىلگۈلدەك چىرايلىق، كۆل سۈيىدەك مۇلايىم، يۇمران مايسىلاردەك ئەۋرىشىم چوڭ بولدى. ئۇ  بۇلاق سۇلىرىدەك  قايناپ تاشمايتى، ناھايتى كەم سۆز، جىمغۇر ئىدى، ئەمما  كۆزلىرىدىن  كىيىكتەك شاش، چىچەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولاتتى. راس، ئۇ كىچىكىدىنلا ناھايتى  چېچەن ئىدى. ئۇ تېخى يېشىغا توشماي تۇرۇپلا بوۋاقلىقى بىلەن خوشلۇپ، بالىلار قاتارىغا  قېتىلغاندا ياراتقان ئىگىمىزدىن  قىزىمىزنىڭ  بەختىنى  ۋە  ئۆمىرىنى  تىلىگەنىدۇق.  كېيىن چۈچۈك تىللىرى بىلەن  ئىستەكلىرىنى  ئىپادىلەشكە باشلىغاندا پۈتۈن ۋۇجۇدۇمىز قاردەك  ئىرىدى. ئائىلىمىزدىكى  بەخىتنىڭ  جىلۋىلىرىدىن  مەمنۇنىيەت ھېس قىلدۇق.
   قىزىم شەھەرنىڭ سۆرەن- شاۋقۇنلۇق، قىستاڭ ھاياتىدا  قىستىلىپ  يۈرۈپ  چوڭ  بولدى.  تەپەككۈرى چەكلەنگەن،  ئىززەت-ئېكراملىرى  سۇلغان مائارىپتا  بالىلىقى  ئۆتتى. ئۇ  ھاياتىمىزدىكى  بارلىق  ئۆزگۈرۈشلەرگە  شاھىد  بولدى. سەرسان  بولغان مۇساپىلىرىمىزگە  جۆر بولدى،  يىقىلغان  يېرىمىزدىن  دەس  تۇرغانھالىتىمىزنى  ئۆز كۆزى  بىلەن  كۆردى. قىزىم  بىزنىڭ ھېكايىمىزدا  يېزىلىپ  چىقتى. ئۇ چىدام، غەيرەت  ۋە  شىجائەتنى  كىتاپتىن  ئەمەس  ھاياتتىن  ئۆگەندى.  ئۇنىڭ  ۋۇجۇدى كىچىكتۇۇرپلا  تەجرىبىلەرگە  غەزىنە  بولدى.  مەن  قىزىمدىن  پەخىرلەنگەن  ھەربىر  مىنۇتلاردا  ئۆزۈمنىڭ  ياشاۋاتقانلىقىمنى ھەققىي ھېسقىلىمەن.
   ئۇنىڭ پۇرۇقى  دىمىقىمىزدىن،  كۈلگۈن  چىرايى  كۆزۈمىزدىن  كەتمەيدۇ. بىز  ھەر  كۈنى  غىزاغا  داخىل  بولغان  شۇ مىنۇتلاردا  يېنىمىزدا  بوش  قالغان  ئورۇنغا  قاراپ  ئىچىمىزگە  پاتمايقېلىۋاتقان  سېغىنىشىمىزدا  تۇنجىقىمىز. بۇرۇن  ئۇنىڭ خانىسىگە  قۇيۇپ  قويغان  كىيىم-كېچەكلىرى،  كىتاپ- دەپتەرلىرىنى يىغىشتۇرۇپ  ۋاقتىمىزنى  مالال قىلاتۇق،  ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ قېلىپ  قالغان  ئاشۇ نەرسىلىرىنى  خانىسىگە  خۇددى  ئۇنىڭدەك تاشلاپ  قۇيۇپ  سېغىنىشىمىزنى  باسىمىز.
   قىزىم  قەلبىىزنى   چۈشۈنىدىغان،  دەردىمىزگە  ۋە  شادلىقىمىزغا   ئورتاقلىشالايدىغان  ۋاپادار،مېھرىبان  چوڭ  بولدى. بىز ئۇنىڭ  ئىنىسىگە  بولغان  كۈيۈمچانلىقىدىن  چەكسىز تەسىرلىنىمىز. ئۇ ئۆزۈنى  ئىنىسى بىلەن  بىر تەن،  بىر  جاندەك  ھېس قىلىدۇ. ئۇ  ئىنىسگە  بالىلىقتىكى  ۋە  ياشلىققا  قەدەم  قويغان  چاغلىرىدىكى  ھېس-تۇيغۇلىرىنى  بايان  قىلىپ، سىردىشالايدۇ.
   ئەمدىلىكتە  قىزىم  بىزدىن  ئايرىلىپ،  مۇستەقىل  ھايات يولىغا  قەدەم  قويدى،  ئاللا  ئىگەم  قىزىمنىڭ  بەختىنى  بەرسۇن، باسقان ھەربىر قەدىمى  سائادەتلىك بولسۇن.  دۇئاغا  كۆتەرگەن  قوللىرىم  سېغىنىش  ۋە  چەكسىز مەمنۇنىيەتكە  تولغان  بىر ئاتىنىڭ   كۆز  ياشلىرى  بىلەن  نەملەندى.  قىزىم  مۇستەقىل  باسقان  ھەربىر  قەدىمىڭىزگە  مۇبارەك بولسۇن،  چۈنكى بىز مۇستەقىللىقتىن  تولۇمۇ  يىراق  ياشىغان  ئىنسانلارمىز.
2016-03-14-كۈنى  
uyghuray

0

تېما

3

دوست

380

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   40%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  59256
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 114
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-17 11:21:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆزۈمگە ياش كەلدى.   بىر قىز بولۇش  سۈپىتىم بىكەن   بۇ ئەسەر ماڭا بەك تەسىر قىلدى.

0

تېما

7

دوست

1792

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   79.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  37487
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 548
توردىكى ۋاقتى: 278
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-17 12:00:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزلىرىنىڭ مىللىتىمىزگە مەنپەئەتلىك ئىلىملەرنىڭ ئىگىسى بولىشىنى تىلەيمەن بەك ھىسسىياتلىق يىزىپلا

12

تېما

2

دوست

5061

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   1.22%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34133
يازما سانى: 298
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 32
تۆھپە : 1582
توردىكى ۋاقتى: 413
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-17 12:06:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ ئىگەم قىزلىرىمىزنى ھىدايەتلىك ۋە بەخىتلىك قىلسۇن. مۇستەقىل ياشايدىغان ئىرادىلىك قىلسۇن.
uyghuray

1

تېما

11

دوست

396

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   48%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  58496
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 127
توردىكى ۋاقتى: 112
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-17 12:10:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق بەك تەسىرلەندىم،بىر چاغلاردا مىنىڭ داداممۇ مەن ئۈچۈن دۇئا قىلغان ، يىغلىغان ئىدى....

0

تېما

12

دوست

5221

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   4.42%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35011
يازما سانى: 406
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1590
توردىكى ۋاقتى: 252
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-17 12:28:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازمىڭىزنىڭ تىلى بەكلا گۈزەل ،،،، بەك تاتلىقكەن.... قانداق ئۇقۇپ تۈگەتكىنىمنى بىلمەيلا  قالدىمغۇ ئىشقىلىپ....
قىزىڭىزغا ئامانلىق بولسۇن....بىر ئاتا ئۈچۈن قىز بالا شۇنداق سۈيۈملۈككى ، ئوغۇللىرىدىن قان ئاقسا سەبىر قىلىشى مۇمكىن، شەھىد بولسا سۈيۈنىشى مۇمكىن ئەمما قىزىنىڭ كۆزى نەملەنسە يۈرىكى لەختە-لەختە بولىدۇ....جانابى ئاللاھ ھەممە قىزلىرىمىزغا ئاتىنىڭ قەلبىنى چۈشەنگۈدەك قەلىب ئاتا قىلسۇن.....
تېمىڭىزغا رەھمەت!

1

تېما

8

دوست

836

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   67.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  59159
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 234
توردىكى ۋاقتى: 30
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-17 12:51:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ۋاپادار ئاتىنىڭ پەرزەنتىگە بولغان مىھرى مۇھاببىتىنى،چوڭ بولۇش جەريانىدىكى چىكىت پەشتەك ھەممە ئىشلاردىن ھۇزۇرئالغان پەخىرلەنگەنلىگىنى ھۇزۇر ئىچىدە ھىس قىلدىم.قىزىڭىزغا بەخىت ئامەت يار بولسۇن.

0

تېما

5

دوست

253

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   84.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  59242
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 66
توردىكى ۋاقتى: 26
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-17 13:51:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك تەسىرلەندىم. تېمىڭىزغا رەخمەت.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )