- تىزىملاتقان
- 2014-12-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-3-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1239
- نادىر
- 0
- يازما
- 32
ئۆسۈش
23.9%
|
‹رەھمەت› دىگەن بۇ سۆز تىلىمىزدىكى بەك ئاددى ،ئەممابەك گۈزەل مىھىرلىك بىر سۆز دۇر .بۇ سۆز بىز ياشاۋاتقان بۇ زىمىننى مىھىرلىك قىلىدۇ ، ئىنسانلانى بىر-بىرىگە ئىناق ئىجىل قىلىدۇ ،قىرىنداشلار ئارا مۇناسىۋەتنى ياخشىلايدۇ .ئەمما شۇنداق مىھىرلىك بۇ سۆز ،بىزدە بەك ئاز قوللىنىلدىغان بولۇپقىلىۋاتىدۇ .قوللۇنىلغان تەقدىردىمۇ ،ئىغىزىمىزنىڭ ئۇچىدا ،سۈپەتكىلا ئىيتىلىپقويۇلۇۋاتىدۇ .ھەتتا بەزىلەر ،‹ۋاي پۇل تۆلىدىمغۇ ›‹ۋاي بۇ ئۇنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشىغۇ › دەپ رەھمەتنىڭ ئورنىغا ،ئاچچىق –چۈچۈك بىر ئىغىز سۆز قىلىپ قويىدۇ .
بەزىلەر بىرەر ياردەمگە ئىرىشكەندىلا بۇ سۆزنى قىلىدۇ .مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولمىسا بۇ سۆزنى ئانچە ئىشلەتمەيدۇ .ئەمەلىيەتتەتۇرمۇشىمىزدا بىز رەھمەت دەيدىغان ئىشلار بەك كۆپ ئۇچرايدۇ .يەنە بەزى كىشىلەردە ،جەمىيەتتىكى ئورنىمىزغا قاراپ رەھمەت دەيدىغانلارمۇ بار .بىزدە باشلىقلار ئۆزىدىن تۆۋەنلەرگە رەھمەت ئىيتمايدۇ .چۈنكى كىبىر بار.ئۇنى باشلىق قىلىپ تۇرغۇنى شۇ تۆۋەندىكىلەرئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ .بايلار نامراتلارغا رەھمەت دىمەيدۇ .چۈنكى يۈزى تۆكۈلۈپ كىتىشىدىن قورقىدۇ .يۈزى كۆتۈرمەيدۇ .مۇئاشلىقلار دىھقانغا رەھمەت دىمەيدۇ.چۈنكى ھاجىتى چۈشمەيدۇ .شەھەرلىكلەر سەھرالىقلارغا رەھمەت دىمەيدۇ .چۈنكى ياراتمايدۇ .
مەيلى بىرەر ياردەمگە ئىرىشىلى ،مەيلى نەرسە كىرەك سىتىۋالايلى ،مەيلى يول سورايلى ،مەيلى ھۈنەرۋەن ئىشلىتەيلى ،تەبىقە ،ئورۇن سۈرۈشتۈرمەي رەھمەت دىيىشمىز كىرەك ،رەھمەت دىگەندە ،كۈلۈمسىرەپ ،كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ ،رەھمەت دىگەن بەك ياخشى ئىش .ھەرگىزمۇ بۇ ئۇنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشى دەپ ئويلىماسلىقىمىز لازىم.
ئالى مەكتەپتىكى پەرزەنىت دادىسى سالغان پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغاندا ‹دادا ،رەھمەت ،500كوي دىسەم 600 كوي سىلىۋىتىپسەن ، خۇدايىم بۇيرىسا،ئوقۇش پۈتۈرۈپ ھاردۇقۇڭنى چىقىرارمەن ›دىيىشى كىرەك.بۇنى ئاڭلىغان دادا كەلگۈسىدە يەنە شۇ بالىسى ئۈچۈن تىرىشىدۇ .
نان سىتىۋالغان چاغدا ‹رەھمەت ئۇستام نىنىڭىز بەك ئوخشاۋاتىدۇ جۇما › ناۋاي ئۇستامنىڭ ھاردۇقى چىقىدۇ .ئۇ تىخىمۇ تەملىك يىيىشلىك نان يىقىشقا تىرىشىدۇ .
بالىڭىز سىزنىڭ تىلىفونىڭىزنى ئەكىلىپ بەرگەندە‹رەھمەت بالام ،چوڭ بولۇپ ،خىلى ئەسقىتىپ قالدىڭ ›بالىڭىزدا ئۈمىد ۋەئىشەنىچ پەيدا بولىدۇ .
دوختۇرخانىدا ‹رەھمەت دوختۇر ،بىزدەك بىمارلارنى دەپ جاپا تارتىڭلار ،سالامەت بولۇڭلار،› دوختۇر سىزنى تىخىمۇ ياخشى داۋالايدۇ،كۆيىنىدۇ
مۇئەللىمگە ‹رەھمەت مۇئەللىم ،جاپا تارتتىڭىز›مۇئەللىمىنىڭ يۈزىگە ئىللىقلىق يۈگۈرىدۇ ،ھارغىنلىقى تۈگەيدۇ .دەرىسنى تىخىمۇمەزمۇنلۇق ئۆتىدۇ .
تاكسى شوپۇرىغا‹ رەھمەت ئۇستام ،ماشىنىنى بەك سىلىق ھەيدەيدىكەنسىز ،ساق-سالامەت ئەكىلىپ قويدىڭىز › شوپۇر باشقىلارغا كەلگۈسىدە مۇلازىمەتنى تىخىمۇ ياخشلايدۇ .
باشلىق قول ئاستىدىكىلەرگە ‹ ھەي سىزنى جاپاغاقويدۇم ھە رەھمەت ،ۋەزىپىنى ياخشى ئورۇنلاپسىز › بۇ گەپ ئۇنىڭغا ئىلھام بولىدۇ.جان كۆيدۈرۇپ ئىشلەيدۇ .
ئىرى ئايالىغا ‹ رەھمەت ئانىسى ،ئۆينى دەپ بالىنى دەپ ھىرىپ كىتىپ بارىسىز ھە ›ئايال بەك خۇشال بولىدۇ .بارلىقىنى ئائىلەگە بىغىشلايدۇ .
قوشنىلار ئارا‹رەھمەت قوشنام ،بىغىمغا سۇ سىلىپ قويوپسىز ،تەلىيىمنىڭ ئوڭلىقىنى دەيمەن سىزدەك ئوبدان قوشنام بار دىسە › قوشىنىڭىزسىز ئۈچۈن كۆپ ئىشلارنى قىلىپ قويىدۇ .........
ئومۇمەن ھەر قانداق مۇناسىۋەتتە كۈلۈمسىرەپ ئىيتىلغان رەھمەت مانا مۇشۇنداق مىھىر مۇھەببەت تارقىتىدۇ.
بەزى چاغلاردا بىز رەھمەت ئىيتىدىغان ئوبىكىتنى كۆرەلمەي قالىمىز بۇنداق چاغدا كۆڭلىمىزدە رەھمەت ئىيتىشىمىز كىرەك .شۇ ئوبىكتنى ھۆرمەتلىشىمىز كىرەك .يوللار پاكىز سۈپۈرىلىپ قارلار تازىلىنىپ قالغاندا،ئالدىڭىزدىكى شوپۇر سىزگە يول بەرگەندە،ھەر بىر قىتىم تاماق يىگەندە،يىتىپ كەتكەن نەرسىڭىز قايتۇرۇپ كىلىنگەندە،ۋە باشقا نۇرغۇن ئەھۋاللاردا بىز كۆڭلىمىزدە ئۇلارغارەھمەت دىيىشىمىز كىرەك .ھەم بۇ رەھمەتنى ئۆز ھەركىتىمىز ئارقىلىق باشقىلارغايەتكۈزىشىمىز كىرەك .
بىز بۇ سۆيۈملىك ئاغزىمىزدا نۇرغۇن گەپلەرنى قىلىمىز.تىخى بەزىدە ،چىقىمچىلىق ،يالغانچىلىق ،ئالدامچىلىق قىلىپ قويىمىز .شۇ سۆزلەرنى ئىشلەتكەنىنىڭ ئورنىغا ،بۇ ئىغىزنى ياخشى ئىشلارغا ئىشلەتسەك نىمە دىگەن ياخشى ھە .سىناپ بىقىڭ ... رەھمەت دىيىشكە دەسمايە كەتمەيدۇ .مەيلى قانداق ئەھۋالدا بولسۇن ،ئۆز ئارا رەھمەت دىيشنى ئۇنۇتمايلى ..ئۆز ئارا بىر –بىرىمىزگەدوستانە ئىللىق بولايلى
مانا مەندەك: ‹ھۆرمەتلىك تورداش قىرىنداشلار رەھمەتسىلەرگە،بەزىدە قاملىشىپ ،بەزىدە قاملاشمىغان يازمىللىرىمىنى ئوقۇپ بەرگىنىڭلەرگە،ۋەئىنكاس يىزىپ تىمىنى بىيتقىنىڭلارغا ،سالامەت بولۇڭلار ›
ئاتاۋۇللا ئەداخون
2016-يىل 03-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۈستۈنئاتۇش
|
|