ئاخشام FOMC يىغىنىدىن كېيىن دوللار شىددەت بىلەن چۈشۈپ ئالتۇن چوڭ كۆلەمدە ئۆستى FX168 خەۋىرى، بايكۈچ تەرجىمىسى
FOMC يىغىنىدىن ئىلگىرى خەلقئارالىق چوڭ بانكىلار بەس بەستە مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئامېرىكىنىڭ بۈركۈت مەزھىپى جامائەت پىكرىگە مايىل قارار چىقىرىپ قېلىشى ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈشنى ئەسكەرتكەنىدى، نەتىجىدە ئامېرىكا فېدراتسىيە ئېھتىيات كومىتېتى بۇ يىلقى ئۆسۈم قوشۇش قېتىم سانىنى 4 قېتىمدىن 2 قېتىمغا قىسقارتقانلىقىنى، ئىقتىسادىي ئېشىش مۆلچەرىنى تۆۋەنلەتكەنلىكىنى بىلدۈردى، بۇ ئەھۋال ئامېرىكا دوللىرىغا قاتتىق بېسىم بولۇپ، ئالتۇن تېز سۈرئەتتە %2 ئۆرلەپ 1260 نۇقتىسىنى بۇزدى. ئامېرىكا فېدراتسىيە ئېھتىيات كومىتېتى ئىككى كۈن داۋاملاشقان پۇل سىياسىتى يىغىنىدىن كېيىن 16-مارت ئېلان قىلغان باياناتىدا ئۆسۈم نىسبىتىنى %0.25-%0.5 ئارىلىقىدا ئۆزگەرتمەي ساقلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مەزكۇر يىغىندا ئامېرىكا فېدراتسىيە ئېھتىيات كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى كەلگۈسى مۆلچەرىدە ئۆزگىرىش بولدى. كۆپ قىسىم تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەر بۇ يىل ئاخىرىدىن ئىلگىرى 0.5 پوئېنت ئۆسۈم قوشۇلسا مۇۋاپىق بولىدۇ دەپ مۆلچەرلىگەنلىكىنى بىلدۈردى. FOMC نىڭ بىلدۈرۈشىچە، پۇل سىياسىتى مەيدانىنىڭ تەدرىجىي تەڭشىلىشىگە ئەگىشىپ، ئىقتىسادىي پائالىيەتلەر كېڭەيتىلىپ، ئەمگەك كۈچى بازىرى كۆرسەتكۈچى داۋاملىق كۈچىيىپ بارىدىغانلىقى ، ئەمما پۈتۈن دۇنيا ئىقتىسادى ۋە پۇل مۇئامىلە ھەرىكەت ھالىتى داۋاملىق خەۋپ ئېلىپ كېلىشى مۇمكىنچىلىكى بارلىقى مۆلچەرلەندى. FOMC سىياسەت باياناتىدا 6-ئايدىكى پۇلنى قىسىش سىياسىتىگە نىسبەتەن گۇمان ئېلىپ كەلدى، كېيىنكى قېتىملىق ئۆسۈم قوشۇش بەلكىم 7-ئاي ياكى 9-ئايدا بولۇشى مۇمكىن. بايانات ئامېرىكا دوللىرىغا پايدىسىز بولدى، ياۋروپا مەركىزى بانكىسى ۋە باشقا مەركىزى بانكىلارنىڭ سىياسەت باياناتىغا سېلىشتۇرغاندا ئامېرىكا فېدراتسىيە ئېھتىيات كومىتېتىنىڭ باياناتى ناھايىتى مۆتىدىل بولۇپ، ئامېرىكا دوللىرى شۇ سەۋەبتىن چۈشۈپ كەتتى. ئامېرىكا فېدراتسىيە ئېھتىيات كومىتېتىنىڭ رەئىسى يېلېن 4-ئايدىكى يىغىندا تەدبىر قوللىنىش ئېھتىماللىقى ۋە ئۆسۈم قوشۇش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى بىلدۈردى. يېلېننىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزى ئامېرىكا دوللىرىغا نىسبەتەن ھېچقانداق پايدىلىق رول ئوينىمىدى. مۆلچەردە ئامېرىكا فېدراتسىيە ئېھتىيات كومىتېتىنىڭ 4-ئايدىكى يىغىندا ئۆسۈم قوشۇش ئېھتىماللىقى %10 دىن تۆۋەن، 6-ئايدىكى يىغىندا ئۆسۈم قوشۇش ئېھتىماللىقى %38 ئەتراپىدا بولدى، سەيشەنبە كۈنىدىكى مۆلچەردە %54 ئىدى. ئامېرىكا فېدراتسىيە ئېھتىيات كومىتېتى بايانات ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ICE ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى شۇ كۈنكى تۆۋەن نۇقتا 95.98 گە چۈشۈپ قالدى، بايانات ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن 96.84 ئىدى. ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى قىسقىغىنە 11 مىنۇت ئىچىدىلا %1 گە يېقىن چۈشۈپ كەتتى. مەنبە: بايكۈچ تورى(www.baykuq.com)
|