لى كېچياڭ ئۆتكۈر سوئاللارغا ماھىرلىق بىلەن جاۋاب بەردى FX168 خەۋىرى، بايكۈچ تەرجىمىسى
16-مارت (چارشەنبە) جۇڭگو گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ "ئىككى يىغىن" نىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدىن كېيىنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا جۇڭگو چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى، بەزى ئۆتكۈر مەسىلىلەرگە ئائىت سوئاللارمۇ سورالدى. بۇ قېتىملىق زۇڭلىنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا لى كېچياڭ جۇڭگو ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىگە قارىتا ئۈمىدۋار كۆز قاراشتا بولدى، شۇنداقلا ئىقتىسادىي ئېشىش دۇچ كېلىۋاتقان خىرىس ۋە قىيىنچىلىقلارغىمۇ بىۋاستە يۈزلەندى. زۇڭلى "خەلقنى خاتىرجەم قىلىش باياناتى" ئېلان قىلىپ، ياشانغاندا كۈتۈنەلەيدىغان بولۇشنىڭ ھەرگىزمۇ قۇرۇق گەپ ئەمەسلىكىنى، "ئىشلەپچىقىرىش" تا ئىشتىن قالدۇرۇش ئېقىمى كۆرۈلۈشتىن ساقلىنىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. جۇڭگو چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ئۆتكۈر سوئاللىرىغا زۇڭلىنىڭ ماھىرلىق بىلەن بەرگەن جاۋابلىرىنى تۆۋەندىكىدەك يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ: جۇڭگو ئىقتىسادىدا ئۈمىد قىيىنچىلىقتىن چوڭ، يېڭىچە ماكرولۇق تەڭشەش كونترول قىلىش ۋاستىسى بار جۇڭگو ئىقتىسادىدا قىيىنچىلىق ۋە ئۈمىد ئورتاق مەۋجۇت، دەڭسەپ كۆرسەك، ئۈمىد قىيىنچىلىقتىن چوڭ. جۇڭگو سانائەتلىشىش، شەھەرلىشىشنىڭ ئىلگىرىلەش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقى بار، يېڭى شەكىلدىكى شەھەرلىشىش بولسا ئەڭ چوڭ ئىچكى ئېھتىياج، بولۇپمۇ ئوتتۇرا غەربى رايونلاردا نۇرغۇن ئۈنۈملۈك مەبلەغ ئېھتىياجى بار. جۇڭگو بىراقلا تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىش يولىنى ئەمەس بەلكى جاپالىق، ئۇزۇن مۇددەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىنى تاللىۋالدى، ئۇ بولسىمۇ قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش. جۇڭگو ئىقتىسادى تەرەققىي قىلىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتىدۇ، كىچىك ككلەمدىكى قىسقا مۇددەتلىك داۋالغۇشلار بولۇپ تۇرىدۇ، ئەمما ئەگەر ئىقتىسانىڭ يۈرۈشۈشى مۇۋاپىق دائىرىدىن تۆۋەنلەپ كەتكەندە يېڭىچە ماكرولۇق تەڭشەش كونترول قىلىش ۋاستىسى ئارقىلىق جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشىنى تۇراقلاشتۇرغىلى بولىدۇ. ئۆسۈم كېمەيتىش "مىقدارلاشتۇرۇپ قويۇۋېتىش" ئەمەس، پۇل مۇئامىلىنىڭ باش ۋەزىپىسى ئەمەلىي ئىقتىسادنى قوللاش جۇڭگونىڭ ئۆسۈم كېمەيتىشى ۋە نىشانلىق ئۆسۈم كېمەيتىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى "مىقدارلاشتۇرۇپ قويۇۋېتىش" ئەمەس، پۇل مۇئامىلىنىڭ باش ۋەزىپىسى ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش. پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ ئەھۋالى ياخشى بولمىسىمۇ، جۇڭگونىڭ پۇل مۇئامىلە خەتىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ۋە بازارلاشقان ۋاستىلار ئارقىلىق كارخانا قەرز نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ئىقتىدارى بار. يەنىلا كۆپ قاتلاملىق كاپىتال بازىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرىدۇ، شۇنداقلا بازارلاشقان <قەرزنى پايغا ئايلاندۇرۇش> شەكلى ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ مەبلەغ ھەسسىلىكى نىسبىتىنى تەدرىجىي تۆۋەنلىتىدۇ. پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئىسلاھ قىلىش بىر جەريان، نۆۋەتتە ھەرقايسى تارماقلار ۋە جايلار يەنىلا بىكىتىلگەن فۇنكىسىيىسى بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىدۇ. ياشانغاندا كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش ھەرگىزمۇ قۇرۇق گەپ ئەمەس ھەقىقەتەن ئايرىم جايلاردا ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تارقىتىشتا قىيىنچىلىق كۆرۈلدى، ئەمما بۇ قىسمەن ئەھۋال، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىق، پەقەت يەرلىك ھۆكۈمەت مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلسىلا مەركىزى ھۆكۈمەتمۇ يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى تولۇق تارقىتىشىغا ياردەمدە بولىدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى جۇڭگو پۇقرالىرىغا ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى تولۇق تارقىتىشقا كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە، ئۇزۇن مەزگىلدىن قارىغاندا مەسىلە يوق، ياشانغاندا كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش ھەرگىزمۇ قۇرۇق گەپ بولۇپ قالمايدۇ. ئىجتىمائىي پاراۋانلىق فوندى يېتەرلىك، دۆلەت بەلگىلىگەن بىرلىككە كەلگەن رامكا ئىچىدە يەرلىككە تېخىمۇ كۆپ ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىلىپ، يەرلىكنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن باسقۇچلۇق، مۇۋاپىق ھالدا "بەش خىل سۇغۇرتا بىر فوند" نىڭ تاپشۇرۇش سومما نىسبىتىنى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىشىگە يول قويۇلىدۇ. ئومۇملاشتۇرغاندا كارخانىنىڭ بىر قىسىم يۈكى يەڭگىللىتىلىدۇ، ئىشچى خىزمەتچىلەر كۆپرەك ئىش ھەققىگە ئېرىشتۈرۈلىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشتا كۆپ ساندىكى ئىشچى خىزمەتچىلەرنى ئىشتىن بوشىتىۋەتسە بولمايدۇ جۇڭگو پولات تۆمۈر، كۆمۈر سانائىتى ئىشلەپچىقىرىدۇ، چوڭ كۆلەمدە ئىشتىن قالدۇرۇش ئېقىمى كۆرۈلۈشتىن ساقلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتىرىشتە كۆپ ساندىكى ئىشچى خىزمەتچىلەرنى ئىشتىن بوشىتىۋەتمەستىن، ئۇلارنىڭ خىزمەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك. بىر قىسىم ۋاقتىنچە ھەل قىلغىلى بولمايدىغان مەسىلىلەرنى مەركەز مالىيىسى ۋە يەرلىك مالىيىسى بىرلىكتە ھەل قىلالايدۇ. مەركەز كەسپ ئالماشتۇرۇش مەخسۇس تۈر مەبلىغى ئۈچۈن 100 مىليارد يۈەن مەبلەغ ئاجراتتى، ئېھتىياج تۇغۇلغاندا يەنە كۆپەيتىشكە بولىدۇ. جۇڭگونىڭ دانلىق زىرائەت مەھسۇلات باھاسى خەلقئارا بازارنىڭىدىن روشەن دەرىجىدە يۇقىرى، ئاساسلىقى ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنىڭ نىسبەتەن تۆۋەنلىكىدىن بولغان، كېيىنكى قەدەمدە يېڭى شەكىلدىكى شەھەرلىشىش ۋە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقانلارنى شەھەرگە كىرگۈزۈپ، شارائىتى يار بەرگەنلىرىنى شەھەردە قالدۇرساق دېھقانلارنىڭ كىرىمى تېخىمۇ ئاشىدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش دەرىجىسى ئۆزگەرمەيدۇ، جۇڭگو باشتىن ئاخىر "يېزا ئىگىلىكى ، يېزا ، دېھقانلار" مەسىلىسىگە يۇقىرى دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ، شۇنداقلا ئىشچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىنى قانداق كاپالەتلەندۈرۈش مەسىلىسىگىمۇ يۇقىرى دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. "قوش يارىتىش" ئىقتىسادىي تۆۋەنلەش بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇشقا پايدىلىق "يېڭى ئىقتىساد" نى تەرەققىي قىلدۇرۇش يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ يېتىلدۈرۈپ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ شەكىل ئۆزگەرتىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، "يېڭى ئىقتىساد" نى تەرەققىي قىلدۇرغاندا كىچىك كارخانىلارنى چوڭايتقىلى، چوڭ كارخانىلارنى تېخىمۇ چوڭايتقىلى بولىدۇ، مىليونلىغان كىشى قاتناشقان "پۇقرالار ئىگىلىك يارىتىش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىش" تىن ئىبارەت "قوش يارىتىش" ئىقتىسادىي تۆۋەنلەش بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ شەكىل ئۆزگەرتىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا پايدىلىق. ھۆكۈمەتنىڭ ئاشكارا بولۇش سالمىقىنى زورايتىش مەمۇرىيەتنىڭ ئاشكارا بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يەنە بىرقانچە جەھەتلەردە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەك. بولۇپمۇ جامائەت مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان تەدبىر ، مالىيە خام چوت كىرىم - چىقىم ئەھۋالى قاتارلىقلاردا ئاشكارا بولۇش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك، خەلق ئاممىسى بىر قاراپلا ئېنىق كۆرەلەيدىغان بولۇشى كېرەك . ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇق تىزىملىكى، ھوقۇق يۈرگۈزۈلۈش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى تورغا چىقىرىش كېرەك، شۇنداق قىلغاندا ئەركىن بوشلۇقنى كونترول قىلىپ كىچىكلەتكىلى بولىدۇ. بۇ يىل شېنجېن - شياڭگاڭ قاتنىشىنىڭ ئېچىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ شياڭگاڭغا قارىتىلغان سىياسەت ئۆزگەرگىنى يوق ھەم ئۆزگەرمەيدۇ، شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى ، ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە . شياڭگاڭنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئاۋاتلىقى ۋە مۇقىملىقىغا پايدىلىق بولسىلا، ئالاھىدە رايون ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان ئىشنى مەركىزى ھۆكۈمەت پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ . ھازىر ئىچكى ئۆلكىلەر بىلەن شياڭگاڭ دائىرىلىرى بۇ ھەقتە يېقىندىن كېڭىشىپ ، بۇ يىل شېنجېن–شياڭگاڭ قاتنىشىنى رانلاشتۇرۇشنى قولغا كەلتۈرىدۇ. تەيۋەنگە قارىتىلغان مۇناسىۋەت جەھەتتە ، پەقەت ئاساسىي پىرىنسىپقا ئەمەل قىلسىلا جۇڭگوغا تەۋە دەپ قارىلىدۇ، ئىككى قىرغاق ھەممە مەسىلىنى ياخشى ھەل قىلالايدۇ. جۇڭگو تەيۋەنلىك سودىگەرلەرگە قارىتا ئېتىبار سىياسەت ۋەدىسى ئۆزگەرمەيدۇ ، ئىككى قىرغاق تىنچ تەرەققىياتىنى ساقلاشنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئاساستا يەنە داۋاملىق ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قارىتا مەبلەغ سېلىش ئۆلچىمىنى تەدرىجىي قويۇۋېتىش بۇلتۇر جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى بولدى، جۇڭگو - ئامېرىكىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى ئىختىلاپلاردىن خېلىلا كۆپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ئۆزگەرمەيدۇ . جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىش ئىجازەت شەرتىنى قويۇۋىتىدۇ ياكى تەدرىجىي قويۇۋىتىدۇ، لېكىن ئىككى تەرەپ ئېچىۋېتىش جەھەتتە باراۋەر بولۇشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ . جۇڭگو رۇسىيە مۇناسىۋىتى يەنىمۇ داۋاملىق ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۈچىنچى تەرەپنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىمايدۇ، ئۈچىنچى تەرەپكە بېسىم قىلمايدۇ. جۇڭگو - روسىيە كېلەر نېفىت - گاز بىر گەۋدىلەشتۈرۈش جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ ، ئىككى تەرەپنىڭ سودا يوللىرىنى كېڭەيتىدۇ ، سودىدا كۆپ مەنبەلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. ھازىر جۇڭگو - ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ۋەزىيىتى ياخشىلانغان بولسىمۇ ، لېكىن تېخى مۇستەھكەم ئەمەس ، يەنىلا بىر قەدەر ئاجىز . يەنە ئىككى تەرەپ تارىخىي مەسىلىلەردە پىرىنسىپال ئورتاق قاراشلارنى ئاساس قىلىپ ، سۆز ھەرىكەتتە بىردەك بولۇش كېرەك . جۇڭگو ، ياپونىيە ، كورىيە ئەقىل پاراسىتى ئارقىلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق كەسپىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن-تېخنىكا ھەمكارلىقىنى تەرەققى قىلدۇرۇپ ، كىشىلەر ئېھتىياجلىق يۇقىرى سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنى يارىتىشى كېرەك. جۇڭگو باشتىن - ئاخىر بىر مۇقىم بولغان مۇھىت ۋە دوستانە خوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىنى تەشەببۇس قىلىپ، ماجىرا، ئىختىلاپنى دىپلوماتىيە ۋاستىسى ئارقىلىق ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ كەلدى، جۇڭگو دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشتا قىلچە بىپەرۋالىق قىلمايدۇ. مەنبە: بايكۈچ تورى(www.baykuq.com) |