قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 861|ئىنكاس: 1

باشقا بىر نۇقتىدىن «قۇتادغۇ بىلىگ»(3)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

26

تېما

0

دوست

2191

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   6.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33071
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى: 72
تۆھپە : 770
توردىكى ۋاقتى: 63
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-17 13:39:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   akdeniz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-17 13:49  

2. مەنىسىنى ھەدىستىن ئالغان بېيىتلەر

مەھمەت كارا(تۈركىيە)


   «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ بېيىتلىرى قەلەمگە ئېلىنغان چاغدا ھەدىسلەردىن پايدىلىنىلغان بولغىيمىتى؟ بىز بۇ تېمىدا ھەر قانداق بىر ئەسەرنى ئۇچراتمىدۇق. ئابدۇلقادىر ئىنان بىر ماقالىسىدە مۇنداق دەيدۇ : «ئەسەردىكى قەھرىمانلارنىڭ خاراكتېرى ۋە ئۇلاردىن نەقىل كەلتۈرگەن ئەخلاقىي ۋە پەلسەپىۋىي قاراشلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مۇئەللىپ دەۋرداشلىرى بولغان فىردەۋسى (934-1020)، ئەل ــ بىرۇنى (972-1048)، ئىبن سىنا (980-1037) ، ئۆمەر ھەييام (1040-1123) ۋە بۇلار بىلەن ئوخشاش دەرىجىدىكى بۈيۈك ئالىملاردىن ياخشى خەۋەردار بولغان ۋە ئۇلاردىن پايدىلانغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى تۈرك مۇتەپەككۇرلىرىنىمۇ ناھايىتى ياخشى بىلىدىغانلىقى رۇشەن ھالدا مەلۇم. قەدىمكى دەۋرنىڭ ئۇلۇغلىرىدىن ناھايىتى نۇرغۇن ھېكمەتلىك سۆزلەر، تەۋسىيەلەر ۋە نەسىھەتلەرنى نەقىل كەلتۈرگەن. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى بۇلارنىڭ ئىچىدە پەيغەمبەرگە باغلانغان ھەدىسلەر ۋە مەشھۇر ئىسلام ئەخلاقچىلىرىنىڭ ھېكمەتلىرى ئۇچرىمايدۇ»①.
   بۇ يەردىكى ئىناننىڭ ھەدىسلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمى توغرا ئەمەس. «سۈيۈملۈك پەيغەمبەرنىڭ يولى مېنى نىجاتلىققا ئېلىپ بارىدۇ، ئۇ رەسۇلۇللاھ ماڭا شاپائەت قىلسۇن»② دېگەن يۈسۈف خاس ھاجىب پەيغەمبەر ھەدىسلىرىدىنمۇ پايدىلانغانىدى. باشقا بېيىتلەرگە ئۆتۈشتىن بۇرۇن ھەدىستىن پايدىلانغانلىقىنىڭ ئۇچۇق دەلىلى بولغان بىر بېيىتنى زىكرى قىلىشنى ئۇيغۇن دەپ قارايمىز. يەنى بۇ بېيىتتە «ئاڭلا، ئاللاھتىن ئىنسانلارغا خەۋەر ئېلىپ كەلگەن ئەلچى نېمە دەيدۇ : ھەر قانداق ئىشتا كېڭىشىش ياخشى چارىدۇ»③.

ئالدىراقسانلىق قىلماق ــ تەمكىن بولماق

بىر ئىشتا ئالدىراقسانلىق قىلغان كىشى خاتالىشىدۇ. ئويلىنىپ تەمكىن ھەرىكەت قىلىش توغرا ئۇسۇلنى تاپقۇزىدۇ ۋە كىشىنى غەلىبىگە ئېرىشتۇرىدۇ. شۇڭا، دۇنيا ئىشلىرىدە ئالدىراقسانلىق قىلماسلىق كېرەك. ئىبادەتتە بولسا، ئىبادەت ۋاقتىنى ئۆتكۈزۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئالدىراش تېخىمۇ ياخشىدۇر :

1999قامۇغ ئىش ئىچىندە ئامۇللۇق ئۆدۈر،
مەگەر تائەت ئەرسە ئىۋىنگىل يۈگۈر.
        (ھەر قانداق ئىشتا تەمكىنلىكنى ئەلا بىل؛ پەقەت ئىبادەتكىلا ئالدىرا، يۈگۈر.)

5217         ئىۋە ئىشلەمە ئىش مەگەر دىن ئىشى،
              ئىۋەك ئىشتە ئاسغېن بۇلۇماز كىشى
(دىن ئىشىدىن باشقا ئىشلاردا ئالدىرىما؛ ئىنسان ئالدىراپ قىلغان ئىشنىڭ پايدىسىنى كۆرمەيدۇ.)

بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن : «ھەر ئىشتا تەمكىنلىك بىلەن ھەرىكەت قىلىش خەيرىلىكتۇر، ئاخىرەت ئەمەلى بۇنىڭدىن مۇستەسنا»( بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد ھاكىم، بەيھاقى، سەئىد ئىبن ئەبۇ ۋەققاسنىڭ ئەسەرلىرىدىن رىۋايەت كەلتۈرگەن)④.

دوست
دوست ئىنساننى توغرا يولغا باشلايدۇ، ھەم يولدىن چىقىرىدۇ. ياخشى بىلەن دوست بولغاننىڭ ئۆزىمۇ ياخشى كىشى بولىدۇ. يامان دوست كىشىگە يامانلىقنى قانداق قىلىدىغانلىقىنى  ئۆگىتىدۇ:  

884         قالې ئەدگۈكە بولسا ئىسىز ئىشى،
             ئىسىز بولدى قېلقې ئول ئىسىز تۇشې.
(ئەگەر ياخشىغا بىر يامان دوست بولسا، ئۇنىڭ  قىلىقىمۇ دوستىنىڭكىگە ئوخشاش يامان بولىدۇ.)

885         ئىسىز مە قاتېلسا كۆر ئەدگۈ بىلە،
             قامۇغ ئەدگۈلۈككە بۇ بۇلدى يۇلا.
(يامان ياخشى بىلەن بىللە قېتىلىپ يۈرسە، بارلىق ياخشىلىقلارغا يەتمەك ئۈچۈن مەشئەل تاپقاندەك بولىدۇ)

886        تاقې بىر سەبەب كۆر بۇ ئەدگۈ ئىسىز،
            ياقېنلېق يولېندىن تۈزەر تۈزسە ئىز.
(ياخشى ۋە يامان كىشىلەرنىڭ بۇ يوللارغا مېڭىشىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى ياخشى ياكى يامان دوستنى تاپقانلىقىدۇر.)

936        ئىشىڭ ئەدگۈ بولسا نەگۈ قولسا قول،
            ئىش ئەدگۈ كەرەك ئول ئۆزۈڭ بۇلسا يول.
(دوستۇڭ ياخشى بولسا نېمىنى خالىساڭ مەيلى؛ يولۇڭ ئۇچۇق بولۇشى ئۈچۈن ياخشى دوست تېپىش لازىم.)

3405       قاتېلسا قارېلسا تۇتۇپ ئەدگۈ ئىش،
ئىشى ئەدگۈ بولسا قېلۇر ئەدگۈ ئىش.
(ياخشى دوست تېپىپ، ئۇلار بىلەن ئارىلىشىپ، قېتىلىپ يۈرۈش كېرەك؛ كىشىنىڭ دوستى ياخشى بولسا، ئۆزىمۇ ياخشى ئىش قىلىدۇ.)
بۇ بېيىتلەرگە ئائىت مۇنداق ھەدىسلەر بار : «كىشى دوستىنىڭ يولىدا ماڭىدۇ. ئۇ ھالدا سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىكى ھەر قانداق بىرى دوست تۇتماقچى بولغان كىشىگە ناھايىتى دىققەت قىلسۇن (بۇ ھەدىسنى تىرمىزى ئەبۇ ھۈرەييەدىن رىۋايەت كەلتۈرگەن)»⑤، «ئاللاھنىڭ نەزىرىدە دوستنىڭ ياخشىسى دوستىغا خەيرلىك بولغىنىدۇر. ئاللاھنىڭ نەزىرىدە قوشنىلارنىڭ ياخشىسىمۇ قوشنىسىغا خەيرىلىك بولغىنىدۇر(بۇ ھەدىسنى ئەھمەد ئىبن ھەنبەل تىرمىزى، ھاكىم ۋە ئىبنى ئۆمەردىن رىۋايەت كەلتۈرگەن)»⑥.

دۇنيا ۋە ئاخىرەت ھاياتى
ھېچ ئۆلمەيدىغاندەك دۇنيالىق ئۈچۈن ياشاش، ئەتە ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك ئاخىرەتلىك ئۈچۈن تىرىشىش مۇسۇلمانلارغا تەۋسىيە قىلىنغان. ئاخىرەتلىككە ئېرىشمەكچى بولغان كىشى ھەر ئىككى دۇنيالىققا تېگىشلىك ئەھمىيەت بېرىشى لازىم:

1147يارېنلىق ئورۇن ئەدگۈ قولسا ئۆزۈن،
ئىسىز قېلماسۇنې بۇ ئىككى ئاژۇن.
(كىم ئاخىرەتتە سائادەتلىك بولۇشنى ئىستىسە، ھەر ئىككى دۇنيالىقنى خاراب قىلمىسۇن.)

3657        بايات بىردى قۇلقا ئىكى كۆز قۇلاق،
بىرى دۇنيا باقسا بىرى ئۇقبى باق.
(ئاللاھ بەندىگە ئىككى كۆز، ئىككى قۇلاق بەردى؛ بىرى بىلەن بۇ دۇنياغا باقساڭ، يەنە بىرى بىلەن ئۇ دۇنياغا باق.)

3662       تۆرۈتتى بايات بۇ ئىكىگۈن ئاژۇن،
            مۇنې بۇلسا تاۋرات ئانې قول ئۆزۈن
(بۇ ھەر ئىككى دۇنيانى ئاللاھ ياراتتى، بىرىگە ئېرىشكەندە يۈگۈر، يەنە بىرىنى ئىزدە.)

بىر ھەدىستە «ئاراڭلاردا بۇ دۇنيانى ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن ۋە ئاخىرەتلىكىنى بۇ دۇنيا ئۈچۈن تەرك ئەتكەن بىرىسى دۇنيا ۋە ئاخىرەت ئۈچۈن تىرىشمىغىچە سىلەر ئۈچۈن پايدىلىق ئەمەستۇر. چۈنكى بۇ دۇنيا ئاخىرەتلىككە ئېرىشىش ئۈچۈندۇر. خەلقنىڭ ئۈستىگە يۈك بولماڭلار(بۇ رىۋايەتنى ئىبن ئەساقىر ئەنەستىن رىۋايەت كەلتۈرگەن)»⑦.
يۇقىرىقى ھەدىس بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھالدا شۇ بېيىتلەرنىمۇ تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ :
4733       بۇ دۇنيا ئىچى بىر تارېغلاغ تۇرۇر،
            نەگۈ ئەكسە مۇندا يارېن ئول ئۆنۈر
(بۇ دۇنيا  بىر ئېتىزدۇر، بۇ يەرگە بۈگۈن نېمىنى تېرىساڭ، ئەتە شۇنى ئالىسەن.)

5248      تارېغلاغ تۇرۇر بۇ ئاژۇن ئاي ئىلىگ،
           نەگۈ ئەكسە ئاندا ئالېر بۇ ئەلىگ.
(ئەي ئىلىگ بۇ دۇنيا بىر ئېتىزدۇر؛ بۇ يەرگە نېمە تېرىساڭ، قولۇڭ ئەتە شۇنى ئالىدۇ.)

دۇنيا ــ ئىنسان بالىسى
ئىنسان بالىسى ئۆتكۈنچى بولغان بۇ دۇنيادا كېلىپ ــ كەتكۈچى بىر يولۇچىغا ئوخشايدۇ. قونالغۇ يېرىدە داۋاملىق تۇرۇش مۇمكىن بولسا ئىدى، قەدىمكىلەر بۈگۈن ئارىمىزدا بولغان بولاتتى:

1386       ئاپا ئوغلانې كۆرسە ئارقېش سانې،
            ئۆرۈگ تۇرغۇ بولماز ئۆرۈگلەر قانې.
(دىققەت قىلساڭ، ئىنسان بالىسى بىر كارۋانغا ئوخشايدۇ؛ قونالغۇ يېرىدە داۋاملىق تۇرالمايدۇ، مەنزىل قەيەردە؟)

3529      نەلۈك ئارسېقار سەن ئايا ئۆلدەچى،
           ئۆزۈڭ ئىكى كۈنلۈك قونۇق بولداچې.
(ئەي  ئۆلگۈچى ! نېمىشقا ئۆزۈڭنى ئالدايسەن؛ سەن بۇ يەردە ئىككى كۈنلۈك مېھمانسەن.)
بۇ ھەقتە ھەدىس كىتابلىرىدا «سەن دۇنيادا بىر غېرىپتەك ياكى ئۆتكۈنچى بىر يولۇچىدەك بول»⑧ ياشا دېيىلگەن بىر ھەدىس بار.

نىكاھلىنىدىغان ئايالدا بولۇشقا تېگىشلىك خۇسۇسىيەتلەر
ئەرلەر ئاياللارغا مال ــ مۈلكۈ، نەسەبى، گۈزەللىكى ۋە تەقۋالىقىنى دەپ ئۆيلىنىدۇ. لېكىن  نىكاھلىنىشتا تەقۋا ئايال تەۋسىيە قىلىنغان. بۇنداق ئايالدا يۇقىرىقى خۇسۇسىيەتلەرنىڭ ھەممىسى تېپىلىدۇ:

4486      كىم ئەۋلىك ئالايېن تىسە تۆرتتە تاش،
           ئادېن ئالماز ئەۋلىك ئايا ئەردە باش.
(ئۆيلەنمەكچى بولغانلار شۇ تۆت تۈرلۈك ئايالغا ئۆيلىنىدۇ، ئەي ئەركەكلەرنىڭ سەرخىلى.)

4487      بىرەگۈ باي ئەۋلىك تىلەر ئۈستىكىپ،
           تاقى بىرى كۆركلۈگ تىلەر كۆز تىكىپ.
(بەزىلەر باي ئايالغا ئۆيلىنىشكە زوقلىنىدۇ ؛ بەزىلەر چىرايلىققا كۆز تىكىدۇ، ئۇنى خالايدۇ.)

4488      تاقى بىر ئۇرۇغلۇغ تۈپ ئاسلې قولۇر،
           ئۇرۇغلۇق ئاتېڭا كۈۋەنۈر بولۇر.
(يەنە بەزىلەر تېگى ئېسىل، ئۇرۇغى پاك بولۇشنى خالايدۇ؛ بۇ ئۇلۇغلۇق نامى بىلەن پەخىرلەنگۈسى كېلىدۇ.)

4489      تاقى بىرى يىنچكە ساقېنۇق تىلەر،
           ئانې بۇلسا تەركىن ئاڭار ئۆز ئۇلار.

(يەنە بەزىلەر نازۇك، تەقۋادارلارنى ئارزۇ قىلىدۇ؛ ئۇنداقلارغا ئېرىشسە دەرھال ئۆزىنى بېغىشلايدۇ.)

4490      بۇلاردا تالاسېن ئايايېن ساڭا،
           كىشى ئالغۇ ئەرسە قۇلاق تۇت ماڭا.
(بۇلاردىن قايسىسىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكى ساڭا دەپ بېرەي؛ ئۆيلەنمەكچى بولساڭ، گېپىمگە قۇلاق سال.)

4502      ساقېنۇق تىلە سەن كىشى ئاي بۈگۈ،
           ساقېنۇق بولۇنسا بولۇر تۆرتەگۈ.
(ئەي دانا، تەقۋادار ئايالنى ئىزدە؛ تەقۋادار بولسا تۆت نەرسىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭدا جەم بولىدۇ.)
        بىر ھەدىستە «ئايال تۆت(ھالەت ۋە سۈپەت) نەرسە سەۋەبلىك نىكاھ قىلىنىدۇ. بۇلار ئۇنىڭ مال ــ مۈلكۈ، نەسەبى، گۈزەللىكى ۋە تەقۋالىقىدۇر. سەن دىندار ئايالنى ئېلىشنى ئويلا،(ئەگەر دېگىنىمدەك قىلمىساڭ) نامراتلىقتا قالىسەن»⑨.

ياش ــ قېرى   
ئۆزى ياش بولسىمۇ قېرىلاردەك تەمكىن بولغان كىشى  ئەقىللىك ئىنساندۇر. ئىنسانلارنىڭ يامىنى قېرىغاندىمۇ ۋاقتىنى قۇرۇق ئىشلارغا سەرپ قىلغان، ياشلاردەك قىلىق قىلغان قېرى كىشىلەردۇر:

1868        قېلېنچې قارې كۆرسە ياشې يىگىت،
             ئاڭار مۇڭلۇغ ئارزۇن ئۆگە يا يىگىت.
(قىلىقىغا قارىساڭ  قېرى،  يېشىغا قارىساڭ يىگىت؛ دانىشمەنمۇ، بەگزادىمۇ ئارزۇ بىلەن ئۇنىڭغا مۇھتاج.)

4692يىگىتلىكتە قېلغېل قارېلېق ئىشى،
قارېسا بارېر كۈچ يەتىلمەز كىشى.
(يىگىتلىكىڭدە قېرىلىق ئۈچۈن ئىشلە ؛ ئىنسان قېرىغاندا كۈچتىن قېلىپ بۇلارنى قىلالمايدۇ.)

4696       نە تەگسىز بولۇر كۆر قارېمىش كىشى،
            ياۋا بولسا قېلسا يىگىتلەر ئىشى.
(قارا، كىشى قېرىغاندا، يىگىتلەرچە ئىش قىلىپ، بىمەنە بولسا نېمە دېگەن ياراشمايدۇ ھە!)

4709      تۈكەل بەلگۈلۈگ بىل كىشى قۇتسۇزې،
           قارېپ يۈگرۈر ئەرسە ھاۋاسې ئۇدۇ.
(شۇنى ئېنىق بىلگىنكى، قېرىغاندىمۇ نەپسىنىڭ كەينىدىن يۈگۈرگەن كىشى ئىنسانلار ئىچىدە ئەڭ بەختسىزىدۇر.)
        بۇ بېيىتنىڭ ئېلھامى بولغان بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلىدۇ : «ئاراڭلاردىكى ياشلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى  قېرىلارغا ئوخشىغانلاردۇر، ئاراڭلاردىكى قېرىلارنىڭ يامىنى ياشلارغا ئوخشىغانلاردۇر(بۇ ھەدىسنى ئەبۇ يالا ۋە تەبەرانىي ۋائىلە ۋەبەيھاقىدىن، ئۇلارمۇ ئەنەس بىن مالىكتىن رىۋايەت كەلتۈرگەن)»⑩.

ھەقىقىي بايلىق
نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ پەرەز قىلغىنىدەك، باي مال ــ مۈلكۈ كۆپ كىشى ئەمەس. كۆڭلى باي ئەسلى بايلىققا ئېرىشكەن كىشىدۇر. مال ــ مۈلۈك باينى نامراتلاشتۇرىدۇ، كۆڭۈل بايلىقى ھەرگىز ئەكسىپ قالمايدۇ:

1747         بۇ دۇنيادا بايلىق تىلەسە ئۆزۈڭ،
                كۆنى  بول كۆنىلىك ئۆزە تۇت سۆزۈڭ.
  (بۇ دۇنيادا بايلىق تىلىمەكچى بولساڭ؛ توغرا ئادەم بول، توغرا سۆز قىل.)

2612          كۆزى توق چېغاي ئەرسە بايقا سانۇر،
                سەرىنسە كىشى تەگمە ئىشتە ئۇنۇر.
(كۆزى توق ئىنسان كەمبىغەل بولسىمۇ باي ھېسابلىنىدۇ؛ چىداملىق كىشى ھەممە ئىشقا قادىر بولىدۇ.)

2618          تۈكەل باي بولايېن تىسە بەلگۈلۈگ،
                كۆڭۈل بايلېقې قول ئاي ئەرسىگ كۈلۈگ.
(تولۇق باي بولاي دېسەڭ، شۆبھىسىزكى، كۆڭۈل بايلىقىنى ئىستە، ئەي شەۋكەتلىك يىگىت.)

3613          نەگۈ تىر ئەشىتگىل ساقېنۇق چېغاي،
               چېغاي ئەرسە نەڭكە كۆزى كۆڭلى باي.
( كەمبىغەل بولسىمۇ، كۆزى ۋە كۆڭلى باي تەقۋا نامرات نېمە دەيدۇ، ئاڭلا.)

5387         چېغاي تىپ ئايۇرلار قايۇ ئول چېغاي،
              كۆزى سۇق چېغاي ئول نەچە ئەرسە باي.
( كەمبىغەل دېيىشىدۇ، بۇ كەمبىغەل كىم؟ قانچىلىك باي بولسىمۇ كۆزى ئاچ كەمبىغەلدۇر.)
بىر ھەدىستە «بايلىق مال ــ مۈلۈكنىڭ كۆپلۈكى ئەمەس، بەلكى كۆڭۈل بايلىقىدۇر(بۇ ھەدىسنى ئەھمەت بىن ھانبەل بۇخارى، مۇسلىم، تىرمىزى ۋە ئىبنى ماجە ئەبۇ ھۇرەييەدىن رىۋايەت كەلتۈرگەن)»⑪ دېيىلىدۇ.

كېسەللىك ــ گۇناھلار
كېسەل بولغان كېشى كۆڭلىگە يامان ئىشلارنى كەلتۈرمەسلىكى ۋە ئۈمىدسىزلەنمەسلىكى كېرەك. كېسەلنى بەرگۈچى داۋاسىنىمۇ بېرىدۇ. كېسەل گۇناھلارنىڭ ساقىت بولۇشىنىڭ بىر سەۋەبىدۇر.

5979       ياۋۇز قېلما كۆڭلۈڭ تىلىڭنى يېغا،
              يازۇققا كەفارەت بولۇر ئىگ توغا.
  (كۆڭلۈكنى يامان قىلما، تىلىڭنى يىغ؛ ئېغىر كېسەللىك گۇناھقا كاپارەت بولىدۇ.)

5982       كىشى ئىگلەسە بارچا تۆكلۈر يازۇق،
            يازۇق تۆكسە قۇتلۇر كىشى ئاي توڭا.
(كىشى ئاغرىسا بارچە گۇناھلىرى تۆكۈلىدۇ؛ گۇناھ تۆكۈلسە كىشى قۇتلۇق بولىدۇ، ئەي پالۋان.)
كېسەللىك ۋە گۇناھلارنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشىغا دائىر مۇنداق ھەدىسلەر بار : «مۇسۇلمانغا يامانلىق، كېسەللىك، ئۈمىدسىزلىك، مەيۈسلۈك، ئازاب، بىئاراملىق يوقتۇر. ئەگەر بولسا ئاللاھۇ تەئالا بۇ تەلەيسىزلىك سەۋەبى بىلەن ئۇ مۇسۇلماننىڭ ئەيىپ ۋە گۇناھلىرىنى ياپىدۇ، مەغپىرەت قىلىدۇ»⑫، «ھېچقانداق بىر مۇسۇلمان كېسەللىككە مۇپتىلا بولمايدۇ. لېكىن مۇپتىلا بولسا كۈزدە دەرەخنىڭ يۇپۇرماقلىرى قانداق تۆكۈلسە، ئاللاھۇ تەئالا ئۇنىڭ  خاتالىقلىرىنى ۋە گۇناھلىرىنى شۇنداق تۆكىدۇ»⑬.

ئىنساننىڭ ئاچ كۆزلۈكى
ئاچ كۆزلۈك داۋاسى يوق بىر كېسەلدۇر. ھەممە ئاچ تويىدۇ، لېكىن كۆزى ئاچقا پۈتۈن دۇنيانىڭ نېمەتلىرى يەتمەيدۇ. بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئاچلىقى پەقەت ئۆلۈم بىلەن تۈگەيدۇ:

1408       ئاچېغ سۇۋ تەگ ئول كۆر بۇ دۇنيا نەڭى،
            نەچە ئىچسە قانماز ئۆلىمەز تىلى.
(بۇ دۇنيا مېلى گۇيا تۇزلۇق سۇغا ئوخشايدۇ؛ قانچە ئىچىسىمۇ كىشى قانمايدۇ، تىلىمۇ نەملەنمەيدۇ.)

2001      تودۇمسۇز بولۇر ئول كۆزى سۇق كىشى،
           كۆزى سۇققا يەتمەز بۇ دۇنيا ئاشې.
(كۆزى ئاچ ئادەم تويماس كېلىدۇ؛ كۆزى ئاچقا پۈتۈن دۇنيانىڭ ئېشىمۇ ئازلىق قىلىدۇ.)

2003      قامۇغ ئاچ يىسە ئىچسە ئاخىر تودۇر،
           كۆزى ئاچ كىشى ئۆلسە ئاچلېق قودۇر.
(ھەر قانداق ئاچ كىشى يىسە، ئىچسە ئاخىر تويىدۇ؛  كۆزى ئاچ كىشى پەقەت ئۆلگەندە ئاچلىقتىن قۇتۇلىدۇ.)

2004       كۆزى سۇق كىشى نەڭكە بولماز بۇ باي،
            قامۇغ دۇنيا بۇلسا ئاخىر سۇق چېغاي.
(كۆزى ئاچ كىشىنى مال ــ دۇنياغا تويۇپ باي بولمايدۇ؛ پۈتۈن دۇنياغا ئېرىشسسىمۇ، ئۇ يەنە دائىم ئاچ، نامرات ئۆتىدۇ.)

2615       چېغاي قېلسا كىمنى كۆزى سۇقلۇقې،
            بايۇتماز ئانې بۇ ئاژۇن توقلۇقې.
(ئاچ كۆزلۈك كىمنى كەمبىغەل قىلغان بولسا؛ بۇ دۇنيانىڭ بارلىق نېمىتى ئۇنى بېيىتالمايدۇ.)

2616       كىمى ئەرسە ئۇمدۇ قېلۇر ئەرسە قۇل،
            ئانېڭ بوشلۇقې كۆر ئۆلۈم بىرلە ئول.
(كىم تەمەخورلۇقنىڭ  قۇلىغا ئايلىنىپ قالسا، ئۇنىڭدىن پەقەت ئۆلۈم بىلەنلا قۇتۇلىدۇ.)

3625      ئاچېغ سۇ تەگ ئول كۆر بۇ دۇنيا نەڭى،
           نەچە ئىچسە قانماز ئۆلىمەز ئەڭى.
(بۇ دۇنيانىڭ نەرسىلىرى تۇزلۇق سۇغا ئوخشايدۇ؛ كىشى قانچە ئىچسە قانمايدۇ، تامىقىمۇ نەملەنمەيدۇ.)

3626       قۇرۇغ قۇمقا ئوقشار بۇ يالڭۇق ئۆزى،
            ئۆگۈز كىرسە تودماز بۇ سۇقلۇق كۆزى.
(بۇ ئىنسان قۇرۇق قۇمغا ئوخشايدۇ؛ دەريا كىرسىمۇ ئۇنىڭ ئاچ كۆزى تويمايدۇ.)

5386       ئاژۇن بۈترۈ بۇلسا كۆزى سۇق تۈكەل،
            ئانې باي تىسە بولماغاي بۇ مۇھال.
(ئاچ كۆز  كىشى دۇنياغا ئىگە بولسىمۇ، ئۇنى باي دېگىلى بولمايدۇ.)

5389       كۆزى سۇققا تۈتمەز بۇ دۇنيا بۈتۈن،
            بارې تاپ تىگۈچى تىرىلدى قۇتۇن.
(ئاچ كۆز كىشىگە پۈتۈن دۇنيامۇ ئازلىق قىلىدۇ؛ بارىغا قانائەت قىلغۇچى سائادەت ئىچىدە ياشايدۇ.)

5390       كۆزى سۇق كىشى نەڭكە تودماز كۆزى،
            مەگەر تولماغېنچا قارا يىر توزې.
(قارا تۇپراق كۆز چانىقىنى تولدۇرمىغىچە، ئاچ كۆز كىشىنىڭ مال ــ دۇنياغا كۆزى تويمايدۇ.)

5429       نەچە مىڭ ياشاپ ئەر تىلەسە تىلەك،
            تۈكەل ئۆك بولۇماز بۇلۇنسا تىلەك.
(ئىنسان نەچچە مىڭ يىل ياشاپ ئارزۇ قىلغان نەرسىلىرىگە ئېرىشسىمۇ، يەنە ئارزۇ ــ تىلىكى تۈگىمەيدۇ.)

5431       تۈكەل مىڭ ياشاسا تىلەكىن تامام،
            تۈكەل ئۆ بولۇماز كەرەكىن تامام.
(ئىنسان مىڭ يىل ياشىسىمۇ، ئارزۇ ۋە ئېھتىياجلىرىغا تامامەن ئېرىشەلمەيدۇ.)

ھەدىستە شۇنداق دېيىلىدۇ : «ئىنسان بالىسىنىڭ ئىككى دەريا توشقان مېلى بولسىمۇ، يەنە ئۈچىنچىسىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئىنسان بالىسىنىڭ كۆڭلىنى تۇپراقتىن باشقا نەرسە توشقۇزالمايدۇ. نەپسىگە بېرىلمەي تۆۋبە قىلغان كىشىنىڭ تۆۋبىسىنى ئاللاھ قوبۇل قىلىدۇ»⑭.

ئىنسانلارنىڭ ياخشىسى
پەقەت ئۆزىنىلا ئويلايدىغان شەخسىيەتچى ئادەم باشقىلار تەرىپىدىن سۆيۈلمەيدۇ. ئىنسانلار بىر ــ بىرىگە ياردەم قىلىشى كېرەك. چۈنكى، ئادەملەرنىڭ ياخشىسى كىشىلەرگە پايدا يەتكۈزىدىغان كىشىدۇر:

856        ئىلىگ ئايدې ئەدگۈ بۇ قېلقې ياڭې
            تۇسۇلۇر بولۇر خالققا ئاسغې ئۆڭى
(ئىلىگ ئېيتتى : ياخشىنىڭ قىلىقى پايدىلىق بولۇشتۇر؛ ئۇنىڭ خەلققە كۆپ پايدىسى تېگىدۇ.)

1619       كىشىدە كەرەكى ياراغلېسې ئول،
            ياراپ ھەم تۇسۇلۇپ يورېغلىسى ئول.
(كېرەكلىك كىشى ياراملىق كىشىدۇر؛  ياراملىق كىشى پايدا يەتكۈزۈپ يۈرگۈچىدۇر.)

2438       تۈپى ئەدگۈ بولسا ئەر ئەدگۈ بولۇر،
            بۇ ئەدگۈ كىشى خالققا ئەدگۈ قولۇر.
(تېگى ــ تەكتى  ياخشى بولسا، كىشى ياخشى بولىدۇ؛ بۇ ياخشى كىشى خەلققىمۇ ياخشىلىق  تىلەيدۇ.)

3245       كىشى ئەدگۈسى بۇ ئۆز ئاسغېن قودۇپ،
            كىشى ئاسغې قولسا كۆر ئەمگەك يۈدۈپ.
(كىشىلەرنىڭ ياخشىسى ئۆز پايدىسىدىن كېچىپ، مۇشەققەت چېكىپ باشقىلارنىڭ پايدىسىنى كۆزلەيدۇ.)

3248        كىشىكە تۇسۇلۇر كىشى ئەدگۈسى،
             بۇ ئەدگۈ كىشى ئول بۇدۇن تودغۇسې.
(كىشىلەرنىڭ ياخشىسى باشقىلارغا پايدا يەتكۈزىدۇ؛ بۇنداق ياخشى كىشىلەر خەلقنىڭ نېمىتىدۇر.)

5099       كىشى تىپ يورېغلى تەلىم بار سانې،
            كىشىكە تۇسۇلغۇ تىلەسە قانې.
(ئۆزىنى ئادەم دەپ يۈرىۋاتقان نۇرغۇن كىشىلەر بار؛ بۇلارنىڭ ئىچىدە كىشىلەرگە پايدىلىق بولغىنىنى ئىزىدىسەك، ئۇلار قەيەردە؟)

5729       نەگۈ تىر ئەشىتگىل تۇسۇلۇر كىشى،
            تۇسۇلۇر كىشى ئول كىشىدە باشې.
(باشقىلارغا پايدىلىق كىشى نېمە دەيدۇ، ئاڭلا؛ باشقىلارغا پايدىلىق كىشى كىشىلەرنىڭ بېشىدۇر.)

5730      كىشىلەر ئارا كۆر كىشى ئول بولۇر،
           ئانېڭدىن كىشىلەر ئاسېغلار بۇلۇر.
(قارا، كىشىلەر ئارىسىدا ھەقىقىي ئىنسان شۇكى، ئۇنىڭدىن باشقىلار پايدا كۆرىدۇ.)

6102      ئاسېغلىغ كىشى ئول كىشى ئۆدرۈمى،   
           باغېرساق كىشى ئول بۇدۇن كۆدرۈمى.
(پايدىلىق كىشى ئىنسانلارنىڭ سەرخىلىدۇر؛ مېھرىبان كىشى بولسا، خەلقنىڭ ئۇلۇغىدۇر.)
بۇ بېيىتلەرگە ئېلھام بولغىنى تۆۋەندىكى ھەدىستۇر : «ئەدەمنىڭ ياخشىسى ئىنسانلارغا ئەڭ كۆپ پايدىسى يەتكەن كىشىدۇر(بۇ ھەدىس جابىردىن رىۋايەت كەلتۈرۈلگەن)»⑮.   

قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى
«قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ بەزى ئايەتلىرىدە قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى كۆرسىتىلگەن. بۇلاردىن مەنىسىنى ھەدىستىن ئالغانلىرى شۇلاردۇر :
6452       بىلىگلىگ ئۇچۇز بولدې تۇتنۇر ئۆزىن،
            ئۇقۇشلۇغ ئاغېن بولدې ئاچماز سۆزىن.
(بىلىملىكلەر قەدىرسىزلەندى، ئۆزلىرىنى ئايايدىغان بولۇپ قالدى؛ ئەقىللىكلەر كىكەچ بولۇپ، ئېغىز ئاچمايدىغان بولدى.)

6454       بورۇن يۈز يۇغۇچې ناماز قودغۇچې،
            كۆر ئەرسىگ ئاتاندې يورېتۇر كۈچى.
(مەي بىلەن يۈزىنى يۇيۇپ، نامازنى تاشلىغانلار ئەمدى مەرد-باتۇر ئاتالدى، خالىغىنى قىلدى.)

6455       فەساد فىسق ئىدىسى ئاتاندې ئەرەن،
            بور ئىچمەز كىشى ئاتې بولدې ساران.
(پىتنە ــ پاسات قىلغۇچىلار ئەر ئاتالدى؛ مەي ئىچمەيدىغان كىشىلەر  پىخسىق دەپ ئاتالدى.)

6469       كىچىگدە ئەدەب يوق ئۇلۇغدا بىلىگ،
            ئوتۇنلار ئۆكۈش بولدې يىتتى سىلىگ.
(كىچىكتە ئەدەب يوق، ئۇلۇغدا بىلىم؛ قوپال ــ نادانلار كۆپىيىپ، ئەدەبلىكلەر يوقالدى.)

6474       بىلىگلىگ كۆنى سۆزلەيۈمەز سۆزىن،
            تىشىدە ئۇۋۇت كىتتى ئۆرتمەز يۈزىن.
(بىلىملىكلەر سۆزىنى توغرا سۆزلىيەلمەيدىغان بولدى؛ ئاياللاردىن ھايا كۆتۈرۈلدى، يۈزلىرىنى ياپماس بولدى.)

6493       بۇ بارچا ئۇلۇغ كۈن نىشانى تۇرۇر،
            نىشانى كۆرىنسە كەلىگلى كەلۈر.
(بۇنىڭ ھەممىسى قىيامەت كۈنىنىڭ ئالامەتلىرىدۇر؛ ئالامىتى كۆرۈنسە كېلىدىغىنى كېلىدۇ.)
بىر ھەدىستە مۇنداق كۆرسىتىلگەن : «ئىلىمنىڭ يوقىلىشى، نادانلىقنىڭ باش كۆتۈرۈشى،مەي -ھاراق ئېچىش ۋە زىناخورلۇقنىڭ كۆپىيىشى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدۇر».⑯

كۆيۈنمەك
بىر كىشى باشقىلار تەرىپىدىن سۆيۈلۈشى ئۈچۈن ئۇمۇ باشقىلارنى سۆيۈشى كېرەك. چۈنكى باشقىلارغا  كۆيۈنمىگەن كىشى مەرھەمەتكە ئېرىشەلمەيدۇ.

2160       تۆزۈ خالققا كۆڭلۈن باغېرساق بولۇن،
            تۇچې ئەدگۈلۈك قېل سەن ئەدگۈ بۇلۇن.
پۈتۈن خەلققە چىن  كۆڭلۈڭدىن  كۆيۈمچان بول ؛ دائىم ياخشىلىق  قىل،  ئۆزۈڭمۇ ياخشىلىققا ئېرىش.)

4473       تۆرۈ بىر ئىشىندە باغېرساقلېقېن،
            ساڭا بولغا بارچا كىشىلەر ياقېن.
          (بۇلارنىڭ ئىشلىرىنى بىجىرىشتە مېھرىبان بول؛ شۇنداق قىلساڭ بارچە كىشىلەر ساڭا يېقىن بولىدۇ.)
          بۇ بېيىتلەرگە ئاساس سۈپىتىدە «باشقىلارغا كۆيۈنمىگەن كىشىگە ئىچ ئاغرىتىلمايدۇ»⑰ دېگەن ھەدىس تىلغا ئېلىنىدۇ.

مۇسۇلمانلارنىڭ مەمنۇن بولۇشى
كىم مۇسۇلمانلارنى مەمنۇن قىلسا ئاللاھنىڭ رىزالىقىغا ئېرىشكەن بولىدۇ. بۇ پەرز نامازدىن قالسا ئاللاھنىڭ نەزىرىدىكى ئەمەللەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر:

3250باياتېم سەۋىنچى تىلەسە ئۆزۈڭ،
مۇسۇلمان سەۋىنچى تىلە كەس سۆزۈڭ.
(سەن ئاللاھنىڭ رىزالىقىغا ئېرىشەي دېسەڭ، مۇسۇلمانلارنىڭ مەمنۇن بولۇشىنى تىلە، سۆزنى ئۇزارتما.)
بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلىدۇ : «پەرز نامازلاردىن قالسا ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئەمەللەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى مۇسۇلمانلارنىڭ  كۆڭلىنى خوش قىلىشتۇر»⑱.

مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلمانغا بولغان مۇئامىلىسى
مۇسۇلمانلار بىر ــ بىرى بىلەن قېرىنداشتۇر. قېرىنداش قېرىنداشنى قانداق ھۆرمەت قىلىپ، ئۇنىڭغا دۈشمەندەك مۇئامىلە قىلمىغان بولسا، بىر مۇسۇلمانمۇ باشقا بىر مۇسۇلمانغا شۇ خىل ئۆلچەم بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەك.

4991        مۇسۇلمان قاداشقا مۇسۇلمان قاداش،
             زىيارەت قېلۇر ئوق ئاي كۆڭلى تۇداش.
(مۇسۇلمان مۇسۇلمانغا قېرىنداشتۇر، ئۇلار بىر – بىرىنى زىيارەت قىلىشىدۇ؛ ئەي كۆڭلى كۈڭلۈمگە ياققان كىشى.)

5490       مۇسۇلمان مۇسۇلمان بىلە ئول قاداش،
            قاداشقا قاتېلما ئۇلام ئەدگۈلەش.
(مۇسۇلمان مۇسۇلمان بىلەن قېرىنداشتۇر؛ قېرىنداشقا  چېقىلما، ئۇلار بىلەن دائىم ياخشى ئۆت.)

بۇ بېيىتكە ئالاقىدار مۇنداق ھەدىسلەر بار : « مۇسۇلمان مۇسۇلمانغا قېرىنداشتۇر. ئۇنىڭغا زۇلۇم ۋە يامانلىق قىلىشقا بولمايدۇ»⑲، «بىر ــ بىرىڭلارغا دۈشمەنلىك قىلماڭلار، بىر ــ بىرىڭلارغا ھەسەت قىلماڭلار، بىر ــ بىرىڭلاردىن(يۈز ئۆرۈپ) ئايرىلماڭلار. ئەي ئاللاھنىڭ قۇللىرى بىر ــ بىرىڭلار بىلەن قېرىنداش بولۇڭلار»⑳.

ئۆلۈم
نۇرغۇن كىشىلەر قورقىدىغان ئۆلۈمدىن بۈگۈنگە قەدەر قۇتۇلۇپ قالغان كىشى يوق. شۇڭا، كىشى ئۆلۈمنى ئويلىسا پۈتۈن لەززەت يوقىلىدۇ:

1139      نەگۈ بار ئاژۇندا ئۆلۈمدىن قاتېغ،
           ئۆلۈمۈگ ساقېنسا كىتەر مىڭ تاتېغ
(دۇنيادا ئۆلۈمدىن قاتتىق نېمە بار؟ ئۆلۈمنى ئويلىساڭ بارلىق لەززەت كېتىدۇ.)

6178      ئۆلۈر مەن ئۆكۈنچۈن ئاقار كۆز يۇلۇم،
           تاتېغلار تاتېغسېز قېلۇر بۇ ئۆلۈم.
(پۇشايمان بىلەن ئۆلۈۋاتىمەن، كۆز نۇرۇم ئاقماقتا! بۇ ئۆلۈم لەززەتنى لەززەتسىز قىلماقتا.)
بىر ھەدىستە «لەززەتنى يوق قىلىدىغان ئۆلۈمنى كۆپ ئويلاڭلار»(21) دېيىلىدۇ.

ئۆلۈمگە تەييارلىنىش

ئۆلۈمنىڭ ئىنسانغا قەيەردە، قاچان كېلىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئۆلۈم ياش ياكى قېرى دەپ ئايرىمايدۇ. شۇڭا، ئۆلۈم باشقا كېلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا تەييارلىق قىلىپ قويۇش كېرەك:

1370ئۆلۈم كەلمەز ئەركەن ئۆلۈمكە ئىتىن،
تىرىگلىك ئۆدىندە تاپۇغ قېل تاپېن.
           (ئۆلۈم كېلىشتىن بۇرۇن تەييارلىق قىلىپ قوي؛ ھايات ۋاقتىڭدا تائەت ــ ئىبادەت قىل، ئاللاھقا سېغىن.)
           
           1476       كەزىگچە كەلىر بۇ ئۆلۈمنۈڭ قۇرې،
                       ئۆلۈمكە ئۆزۈڭ چېن ئانۇقلاپ يورې.
(ئۆلۈمنىڭ پەيتى نۆۋەت بىلەن كېلىدۇ؛ ئۆزۈڭنى ئۆلۈمگە دائىم ھازىرلاپ يۈر.)

4849        سىزىكسىز ئۆلۈمكە ئانۇغۇ ئۆدى،
             بۇ كۈندە نارۇ ئول ئاي يالڭۇق كەدى.
(ئەي ئىنسانلارنىڭ ياخشىسى ، بۇندىن كېيىنكى كۈنلەر، شۆبھىسىزكى، ئۆلۈمگە تەييارلىق قىلىش مەزگىلىدۇر.)

5143        ئۆلۈگنى كۆرۈگلى مە قالماز تىرىگ،
             ئۆلۈمكە ئانۇن تۇتما قېلقېڭ ئىرىگ.
(ئۆلگەننى كۆرگەنلەرمۇ تىرىك قالمايدۇ؛ ئۆلۈمگە تەييارلانغان، پەيلىڭنى قوپال تۇتما.)

5150        بۇ بۇلمېش ئۈدۈگ بارې قېلما ياۋا،
             ئۆلۈمكە ئانۇنغېل تاپۇغقا ئىۋە.
( ئىگە بولغان بۇ پۇرسەتنىڭ ھەممىسىنى زايە قىلما؛ ئۆلۈمگە تەييارلان، ئىبادەتكە ئالدىرىغىن.)

6168        ئايا مەن تىگۈچى مىنى ساۋ مىنى،
             ئۆلۈمكە ئانۇنغېل يانۇر كەد سىنى.
(ئەي، مەن دەپ يۈرگەن كىشى مېنى  مېنى دېگەننى تاشلا؛ ئۆلۈمگە تەييارلان، ئۇ سېنى سېنى دەيدۇ.)

6294       تۆزۈكە تۇرۇش بۇ ئۆلۈم كەلگۈ كۈن،
            ئول ئۆلدى سەن ئەمدى ئۆلۈمكە ئانۇن.
(ھەې، كىشى ئۈچۈن بۇ ئۈلۈمنىڭ كېلىدىغان بىر كۈنى بار؛ ئۇ ئۆلدى، ئەمدى سەنمۇ ئۆلۈمگە تەييارلان.)
ئۆلۈم ھەققىدە بىر ھەدىستە «ئۆلۈم سېنىڭ بېشىڭغا كېلىشتىن بۇرۇن ئۆلۈمگە تەييارلان(بۇ ھەدىسنى تەبەرانى ھاكىم ۋە بەيھاقىدىن رىۋايەت كەلتۈرگەن)»(22) دېيىلگەن.

تاماق يىيىشنىڭ قائىدىسى

تاماقنى «بىسمىللاھ» دەپ ئوڭ قول بىلەن يىيىش، ھەر كىشى ئۆزىنىڭ ئالدىدىكى يىيىش لازىم:

4129       ئوڭ ئەلگىڭ بىلە سەن كۆتۈرگىل يىگۈ،
            بايات ئاتې ئاشنۇ ئايېت ئاي بۈگۈ.
(تائامنى ئوڭ قول بىلەن ئال؛  بىسمىللاھ دەپ يىگىن ئەي دانا .)

4130       كىشى ئۇترۇقې ئاشقا سۇنما ئەلىگ،
            ئۆزۈڭ ئۇترۇقې ئاش يىگىل ئاي سىلىگ.
(باشقىلارنىڭ ئالدىدىكى تائامغا قول ئۇزاتما؛ ئەي قەلبى پاك ئىنسان، ئۆز ئالدىڭدىكى  ئاشنى يىگىن.)

4597       ئوڭ ئەلگىڭ بىلە سۇن بايات ئاتې ئاي،
            يىگۈ ئۈدرەگەي ھەم ئۆزۈڭ بولغا باي.
(تائامغا بىسمىللاھ دەپ ئوڭ قۇلۇڭنى ئۇزات؛ شۇنداق قىلساڭ تاماق بەركەتلىك بولىدۇ، سەنمۇ باي بولىسەن.)

4598كىشى ئۇترۇقې تۈرمەك ئالما تىگۈ،
ئۆز ئۇترا نەگۈ ئەرسە ئالغۇ يىگۈ.
           (كىشىلەرنىڭ ئالدىدىكى لوقمىغا قولۇڭنى تەگكۈزمە؛ ئۆزۈڭنىڭ ئالدىدا نېمە بولسا شۇنى ئېلىپ يىگىن.)
          بىر ھەدىستە «ئەي ئوغۇل تائام يىگەندە بىسمىللاھ دەپ، ئوڭ قۇلۇڭ بىلەن ئالدى تەرەپتىن باشلاپ يىگىن»(22) دېيىلىدۇ.

ئىزاھلار :
① ئابدۇلقاردى ئىنان : يۇقىرىقى ئەسەر، 112- بەت.
② ر. ر. ئارات : Ⅱ، 38- بەت، 388- بېيىت.
③ ر. ر. ئارات : يۇقىرىقى ئەسەر، 404- بەت، 5651- بېيىت.
④ ئا. ھىكمەت بەرقى : «250 ھەدىس تەرجىمىسى ۋە ئىزاھلىرى»، 6. نەشرى، دىنيانەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى نەشرىياتى، ئەنقەرە، 1983- يىلى ، 63- بەت.
⑤ بەرقى : يۇقىرىقى ئەسەر، 72- بەت.
⑥ بەرقى : يۇقىرىقى ئەسەر، 121- بەت.
⑦ بەرقى يۇقىرىقى ئەسەر، 156- بەت.
⑧ زەينۇددىن ئەھمەد بىن ئەھمەد بىن ئابدىل لاتىفىز ــ زەھەبى : «سەھىھى بۇخارى مۇختەسەر تەجرىدى سەرىھ تەرجىمىسى ۋە شەرھى»(تەرجىمە قىلغۇچى ۋە شەرھ بەرگۈچى : كامىل مىراس)، ئەنقەرە، 1984-يىلى، 12- جىلد، 357- بەت.
⑨ زەينۇددىن ئەھمەد – (مىراس) يۇقىرىقى ئەسەر، 11- جىلد، 264- بەت.
⑩ بەرقى : يۇقىرىقى ئەسەر، 58- بەت.
⑪ بەرقى : يۇقىرىقى ئەسەر، 154- بەت.
⑫ زەينۇددىن ئەھمەد ــ (مىراس) : يۇقىرىقى ئەسەر، 12 – جىلد، 61- بەت.
⑬ زەينۇددىن ئەھمەد ــ (مىراس) : يۇقىرىقى ئەسەر، 12 – جىلد، 64- بەت.  
⑭ زەينۇددىن ئەھمەد ــ (مىراس) : يۇقىرىقى ئەسەر، 12 – جىلد،  182- بەت
⑮ بەرقى : يۇقىرىقى ئەسەر، 121- بەت.
⑯ زەينۇددىن ئەھمەد ــ (مىراس) : يۇقىرىقى ئەسەر،1- جىلد، 82- بەت.
⑰ زەينۇددىن ئەھمەد ــ (مىراس) : يۇقىرىقى ئەسەر، 12 – جىلد، 129- بەت.
⑱ بەرقى : يۇقىرىقى ئەسەر، 14- بەت.
⑲ زەينۇددىن ئەھمەد ــ (مىراس) : يۇقىرىقى ئەسەر، 7 – جىلد، 360- بەت.  
⑳ زەينۇددىن ئەھمەد ــ (مىراس) : يۇقىرىقى ئەسەر، 12 – جىلد، 142- بەت.
(21) تىرمىزى : يۇقىرىقى ئەسەر، 3- جىلد، 379- بەت.
(22) بەرقى : يۇقىرىقى ئەسەر، 37- بەت.
(23) زەينۇددىن ئەھمەد ــ (مىراس) : يۇقىرىقى ئەسەر، 11- جىلد، 379- بەت.

uyghuray

0

تېما

1

دوست

367

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   33.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  54920
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 118
توردىكى ۋاقتى: 38
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-18 11:58:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
اللە ئەجرىڭىزنى بەرگەي ، اللە  يۈسۈپخاس ھاجىپ بوۋىمىنىڭ ياخشى تىلەكلىرىنى ئ‍ىجابەت قىلغاي . ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلغاي .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )