قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 2223|ئىنكاس: 4

قاراڭلار، مانا بۇ ئەخمەق قىلىنغان كىشىلەرگە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

530

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  56110
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 174
توردىكى ۋاقتى: 41
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-17 17:04:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قاراڭلار، مانا بۇ ئەخمەق قىلىنغان كىشىلەرگە



مۇرۇڭ شۆسۈن



   كىم-سۇكى كورىيە پۇشتىدىن بولغان ئامىركىلىق يازغۇچى، 70-يىللارنىڭ بېشىدا تۇغۇلغان. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئوتتىرىسىدا يۈزبەرگەن ئۇرۇش ئۇنىڭ دۆلىتىنى ۋە جەمەتىنى جەنۇپ -شىمال ئىككىگە ئايرىۋەتكەن. تۇغقان يوقلاش ، توغرۇراقى مەدىنيەتتىكى يېقىنلىق ھىسياتى سەۋەبىدىن، 2002-يىلدىن بۇيان ئۇ شىمالدىكى دۇنيادىن ئايرىمچە تۇرىۋاتقان،سىرلىق ئاشۇ دۆلەتنى كۆپ قېتىم زىيارەت قىلغان. 2011-يىلى ئۇ پىيوڭياڭ پەن-تېخنىكا ئۇنۋېرسىتىتىدا يېرىم يىل ئېنگىلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى بۇلۇپ ئشلىگەن، كىيىن ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ  كەچۈرمىشنى كىتاپ قىلىپ يېزىپ چىققان. كىتاپنىڭ ئىسمى <<سىز بولمىسىڭىز بىزمۇ بولمايتۇق>>، بۇ بولسا شىمالى كورىيەدىكى بىر ناخشا تېكىستىنىڭ بىر جۈملىسى، بۇخىل سۆزلەر جۇڭگۇلۇقلارغا ناتۇنۇش ئەمەس، چۈنكى يېقىندىلا بىز <<ۋەتەن بولمىسا سەن ھېچنىمە ئەمەس >>دىگەن توغۇرلۇق خېلە مۇنازىرلەشتۇق.
   پىيوڭياڭ پەن-تېخنىكا ئۈنۋېرسىتىتى بىر دىنى ئۇنۋېرستىت، كىم-سۇكىدىن باشقا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى خىرىستىيان مۇرتى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپۈنچىسى شىمالى كورىيەدىكى  يۇقىرى قاتلامدىكى ئائىلىنىڭ باللىرى، ھىساپتا قابىليەتلىك بىر ئەۋلات، نۇرمال بىر جەمھىيەتتە بۇ ياشلار ئەقىللىق، چېچەن،نەزەر دائىرىسى كەڭ كىشىلەردىن بۇلۇشقا تىگىشلىك، ئەمما شىمالي كورىيەدە ئۇچۇرنىڭ زىيادە توسۇلىشى، ئۇزۇنغا سۇزۇلغان نادان مائارىپ سەۋەبىدىن بۇ ياشلاردا كۆپۈنچە  نادانلىق تەكەببۇرلۇق يىتىلگەن، ھەتتا ئازراق رەھىمسەزلىك ۋە ياۋۇزلۇقمۇ بار.
   بىز بىلىدىغان ئالى مەكتەپ ھاياتىغا ئوخشىمايدىغان يېرى بۇ مەكتەپتىكى كىشىلەرنىڭ ئەركىنلىكى يوق دىيەرلىك،نەرسە كېرەك سېتىۋېلىش ۋە تۈجۈپىلەپ پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان ساياھەتتىن باشقا ۋاقىتتا ھېچكىمنىڭ سىرتقا چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يانفۇن ئىشلىتىشى چەكلىنىدۇ، ھەرۋاقىت سىزنى كۈزۈتۈپ تۇرغانلار بار.كىم-سۇكىنىڭ كىتاپىنىڭ ھەربىر باپ-پاراگىرافلىرىدىن ئاپتۇرنىڭ قورقۇنچى، تەشۋىشى ۋە غېرىپ روھى ھالىتىنى ھېس قىلالايمىز. مىنىڭ بۇرۇنقى كىتاپ ئوقۇش تارىخىمدا پەقەت شياۋجۈننىڭ <<يەنئەن خاتىرىسى>> مىنى مۇشۇندىق ھىسياتقا كەلتۈرگەن. ئۇنىڭ بارغىنى ئالى مەكتەپ ئەمەس خۇددى بىر شاخلىتىپ سېتىش ئۇۋىسىنىڭ ئۆزى، ئۇ جايدا سىز كىمگە ئىشىنىشنى بىلمەيسىز، كىمنىڭ چېقىمچىلىق قىلىدىغانلىقىنى ھەم بىلەلمەيسىز، ئەڭ مۇھىمى كىيىنكى  قەدەمدە نىمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى قەتئىي بىلەلمەيسىز.
   تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنىڭ كۆپ قىسمى كىم-سۇكىنىڭ كىتابىدىن ئېلىنغان،بىرقانچە يەردە باشقا ماتىريللاردىنمۇ پايدىلاندىم، ئۆز پىكرىمنى قاتناشتۇرشتىن ساقلاندىم، ئەمىليەتتە مىنىڭ پىكىر قىلىشىمنىڭمۇ ھاجىتى يوق. ئوخشاشلا يازغۇچى بۇلۇش سۈپۈتۈم بىلەن كىتاپنى ئوقۇش جەريانىدا مەن كىم-سۇكىنىڭ بىلىپ-بىلمەي ئىپادىلىگەن  كچىككىنە بىرتەرەپلىمىلىك ۋە ئازراق روھى غالىبىيەتچىلىك ھىسياتىنى ھېس قىلدىم، ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن ساقلانماق ئۇنچە ئاسان ئەمەس. دوۋ-بەن (ت :تور بەت نامى) دىكى بىر ئۇقۇرمەننىڭ كىم-سۇكىغا بەرگەن باھاسى بولسا :"جەمھىيەتتىكى يامانلىقتىن جاق تويغۇچىنىڭ ھەسرىتى"، بەلكىم بۇخىل ھىسيات كىم-سۇكىنىڭ يەكۈنىنى ئەمىليەتتىن ئازراق چەتنىتىپ قۇيىشى مومكىن ، ئەمما ئۇنىڭ سەمىمىلىكىگە ھېچقانداق گۇمان يوق.


   يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا مەن شىمالى كورىيەگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن كىتاپ ماتىرياللارنى ئوقۇدۇم، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرقەدەر داڭلىقلىرىدىن بابارا دىمىكنىڭ <<بىز ئەڭ بەخىتلىك>>، جياڭ جېخۋەننىڭ <<پىيوڭياڭ سۇ جانلىقلىرى بۆلۈمى>>،  بۇرېين خادنىڭ << 14-يىغىۋېلىش لاگىرىدىن قېچىش>> (بۇ كىتاپنىڭ باش پىرسۇناژى شېن دوڭخې كىيىن بەزى نۇختىلارنى "توغرا" سۆزلىمىگەنلىكىنى ئىتراپ قىلغان، ئەمما كۆپ قىسىم مېدىيالار ئۇنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچۇرغانلىقىنى ئىنكار قىلمايدۇ). نىمىشقا بۇ خىل مەسىللەرگە بۇنچە قىزىقىدىغانلىقىمنى بىلمەيمەن، بەلكىم ئانچە-مۇنچە ئوخشاشلىقىمىزنىڭ بولغانلىقىدىندۇر.
   شىمالي كورىيەگە قارتا جۇڭگولۇقلارنىڭ روھى ھالىتى خېلىلا مۇرەككەپ، كىشىلەر مۇستەبىتنىڭ تەلۋىلىكى ۋە دۆتلۈكىنى مەسخىرە قىلىدۇ، ئۇ يەردىكى خەلقنىڭ ئازاپلىق كەچۈرمىشىگە ئىچ ئاغىرتىدۇ، ھەتتا بەزىلەر ئۆزىنى ئۇلارنىڭ ئازاپلىق تۇرمۇشىغا مەسئۇل بۇلىشى كېرەكتەك ھېس قىلىدۇ. بىراق ئازاپ ئۇقۇبەتنىڭ قىممىتى كىشىلەرنىڭ ھېسداشلىقىنى ئويغۇتىشلا بولماسلىقى كېرەك، ئۇ يەنە كىشىلەرنىڭ تەپەككۈرىنى قوزغىتىشى كېرەك، بۇ ئازاپ كۈلپەتلەر قايەردىن كەلگەن؟ قانداق بۇلۇپ بۇ ھالەتكە كەلگەن؟ ئۇلار يۇقىرى ئاۋازدا << سىز بولمىسىڭىز بىزمۇ بولمايتۇق>> دەپ ناخشا ئېيتقاندا ئۇلار ئاشۇ كۈلپەتلەرنىڭ چوماقچىسى بولدىمۇ؟ ئەڭ مۇھىمى بىز بىلەن ئۇلار ئوتتىرىسىدا قانداق پەرىق بار؟ كەلگۈسىدىكى مەلۇم بىر كۈنلەردە بىزمۇ شۇلاردەك بوپ قالامدۇق؟ بۇنىڭ ئۈچۈن نىمىلەرنى قىلىشىمىز كېرەك؟
   ئۈچ يىل بۇرۇن مەن دېمىكنىڭ <<بىز ئەڭ بەخىتلىك>> دىگەن ئەسىرىنى ئۇقۇپ تۇگەتتىم، كىتاپتىن بىر قىسىم مەزمۇنلارنى نەقىل ئېلىپ <<مۇشۇنداق بىر دۆلەت بار>> دىگەن  تىمىدا ئېلان قىلدىم.  <<بىز ئەڭ بەخىتلىك >>2009-يىلى نەشىر قىلىنغان، <<سىز بولمىسىڭىز بىزمۇ بولمايتۇق>>2014-يىلى نەشىر قىلىنغان، بۇ ئىككى كىتاپتا سۇزلەنگەن ئەمىليەت ئازراق پەرىقلىنىدۇ، بۇ بەلكىم شىمالي كورىيەنىڭ ئاستا-ئاستا ئۆزگۈرىۋاتقانلىقىنىڭ نەتىجىسى بۇلۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە كىتاپلاردىكى پەرىقنىڭ باشقا سەۋەبىمۇ بۇلىشى مۇمكىن:   كىم-سۇكىنىڭ يازغىنى پىيوڭياڭ ۋە پيوڭياڭ ئۇنۋېرسىتىتى،دېمىكنىڭ يازغىنى چىڭجىن،كىم-سۇكىنىڭ يازغىنى شىمالي كورىيەنىڭ ئىختىساس ئىگىللىرى، دېمىكنىڭ يازغىنى بولسا جەمھىيەتتە ھېچقانداق ئورنى يوق كىچىك شەخىسلەر.
   سەزگۈر ئۇقۇرمەن بەلكىم مەندىكى ئۆزگۈرىشنى ھېس قىلدى ، مەسىلەن مەن <<شىمالي چاۋشىيەن >> ، <<ئامىركىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشىيەنگە ياردەم بېرىش>> دىگەندەك سۆزلەرنى دىمەيدىغان بولدۇم، ئۇنىڭ ئورنىغا <<شىمالي كورىيە>>، <<كورىيە ئۇرۇشى>> ياكى <<چاۋشىيەن ئۇرۇشى>>دىگەندەك سۆزلەرنى قىلىمەن. بەلكىم بۇ مەلۇم نەرسىلەرنى چۈشەندۈرۈپ بېرە ياكى ھېچنىمىنى چۈشەندۈرەلمەس.
   كىم-سۇكىنىڭ ئوقۇغۇچىللىرى كورىيان تىلىنى دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى تىل، ئەنگىليىلىكلەر، جۇڭگولۇقلا ۋە ئامىركىلىقلارنىڭ ھەممىسى كورىيانچە سۆزلەيدۇ دەپ ئويلايدىكەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە پىيوڭياڭدىكى ئۆزلۈك ئىدىيە مۇنارى دۇنيادىكى ئەڭ ئىگىز مۇنار ئىكەن، پىيوڭياڭدىكى ساياھەت باغچىسى دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ساياھەت باغچىسىكەن. ئۇلار ئاچا-سەينى پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق يىمەكلىك، ھەتتا 1996-يىلدىكى ئاتلانتا ئولۇمپىك يىغىنىدا يېيىش بىكىتىلگەن يىمەكلىك دەپ قارايدىكەن. ئۇلار سوغۇق يىمەكلىكنى ئەڭ ياخشى تاماق ،ھەتتا پۇتۇن دۇنيا مۇشۇنداق قارايدۇ دەپ بىلىدىكەن.  
   ئۇلارنىڭ قارىشىچە پىيوڭياڭ باسمىچىلىق تېخنىكا ئۇنۋېرسىتىتى پۈتكۈل ئاسىيادا بىرىنجى ئورۇندىكەن، پۇتۇن دۇنيادا پەقەت گىرمانىيەدىكى بىر ئۇنۋېرسىتىتلا ئۇنىڭ گۈزەللىكى بىلەن تەڭلىشەلەيدىكەن، چاۋشەن ئۇنۋېسىتىتلىرىنىڭ ھەممىسىدە دىگۈدەك بىر ياكى بىرقانچە ساھەدە مۇشۇنداق <<دۇنيا بۇيىچە بىرىنجى>>لىكى   باركەن، ھېچقانداق دۆلەت تەڭلىشەلمەيدىكەن.
  ئۇلارنىڭ قارىىشىچە رەقەملىك كونتىرول تېخنىكىسىدا شىمالي كورىيە ئەڭ ئالدىدا ئىكەن، ھەتتە بۇ تېخنىكىنى ئۇلار ئىجاد قىلغان ئىكەن. بۇ ئەلۋەتتە ئۇلۇغ داھى كىم-جۇڭئېل(ت:ھازىرقى داھى كىم-جۇڭئېننىڭ ئاتىسى) گېنىرىلنىڭ رەھپەرلىكىدىن بولغانكەن. بىر ئوقۇغۇچىنىڭ يازمىسىدا  "شەرقى ياۋرۇپادىكى سوتسىيالىزىم يىمىرلەنگەندىن كىيىن كىم-جۇڭئېل گېنىرال بارلىق تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە رەھپەرلىك قىلىپ ئاخىرقى غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەن" دەپ يېزىلغان.
   ئۇلارنىڭ قارىشىچە ئۆزلىك ئىدىيىسىى ئەڭ قالتىس ئىدىۋىي مۇۋاپىقىيەت بۇلۇپ، يۈزنەچچە دۆلەتتە مىڭدىن ئارتۇق ئۆزلۈك ئىدىيە تەتقىقات مەركىزى باركەن، 106دۆلەت كىم-جۇڭئېلنىڭ ئەسەرلىرىنى ھەرخىل تىلدا تەرجىمە قىلىپ تارقىتىپتۇ،ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا 69، 102، 830 خىلدىن ئارتۇقكەن، يەنە 100 نەچچە دۆلەتتە كىم-جۇڭئېلنىڭ نامى قۇيۇلغان 450تىن ئارتۇق كوچا بار ئىكەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە كىم-جۇڭئېل ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئالى مەكتەپلەرنىڭ 80 خىل ئالىي ئۈنۋانىغا 20نەچچە دۆلەتنىڭ 180تال ھەرخىل مىدالىغا ئېرىشكەنكەن.
بۇ يەردە ئۇلار ئېيتقان بىر ئىش ھەقىقەتەن راست، ھەقىقەتەن بىر چەتئەلدىكى مەكتەپتە <<كىم-جۇڭئېل سىنىپى>>بار، يەنى بېيجىڭ 5-ئوتتۇرا مەكتەپتە،بۇنىڭغا قارىتا شەرقىي پىيوڭياڭ 1-ئوتتۇرا مەكتىپىدىمۇ <<ماۋزىدوڭ سىنىپى>> بار، بۇ ئىككى مەكتەپ ئۆزئارا دوسلۇق مۇناسىۋىتى ئورناتقان مەكتەپ.
   ئۇلار ھېچقاچان سىكايپىنى ئاڭلاپ باقمىغان،ئۇنىڭ بىلەن ھەقسىز تېلىفۇن ئۇرغىلى بۇلىدىغانلىقى ئۇلار ئۈچۈن ئەقىلگە سىغمايدىغان ئىش. ئۇلارنىڭ كۆپۈنچىسى بېل-گەيتىسنى بىلىدۇ،لىكىن ھەتتا كومپىيوتۇر كەسپىدىكى ئوقۇغۇچىلارمۇ جوبىس بىلەن زاكېربېرگنى بىلمەيدۇ. ئۇلار ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيدىكەن، كىشىلەرنىڭ ھېچ ئەنسىرمەي پۇلىنى ئۇنىڭغا ساقلاپ قۇيۇشىنى تېخىمۇ چۈشەنمەيدىكەن. ئۇلار ھېچقاچان ئىلىكتىرونلۇق پوچتا يوللاپ باقمىغان بۇلۇپ، كىم-سۇكى يېراقتىكى دوستىغا ئىلىكتىرونلوق پوچتا يوللىغاندا ئۇلار ھەيرانلىقتە ئاغزىنى ئېچىپ قالغان.
   ئۇلار ئەرلەرنىڭ قۇلىقىغا ھىلقا ئېسىۋېلىشىنى، بەزىلەرنىڭ نىمىشقا پادىچىلار ئىشتىنىنى يىرتىۋېپ كىيىشىنى ھەم شۇنى چىرايلىق ھېس قىلىشىنى چۈشەنمەيدۇ. ئۇلار ھېچقاچان خىپ-خوپ مۇزىكىسىنى ئاڭلاپ باقمىغان. ئۇلار "پاسپورت"، "سۇغۇرتا" دىگەن ئۇقۇملارنى ئاڭلاپ باقمىغان. ئۇلار خىزمەت ئىزدەش خېتىنى يىزىپ باقمىغان، ھەتتا بۇ نەرسىنىڭ نىمىگە ئىشلىتىلدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ، ئۇلار ئايروپىلاندىكى  "ئىختىساتچان بۈلۈم" ( ئادەتتىكى يولوچىلار بۇلۇمى)نىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيدۇ، ھەتتا بىرقانچە ئوقۇغۇچى ئايروپىلاندا ئىختىساتتىن دەرس سۆزلەمدۇ دەپ سورىغان.
ئۇلار "ئاياللار ئىلمى" نىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ، بەزى ئۇقۇغۇچىلار ئۇنى تاماق ئىتىش، گىرىم قىلىش توغرىسىدىكى دەرىس دەپ پەرەز قىلىشقان. مۇئەللىم چۈشەندۈرۈش بەرگەندىن كىيىن ئۇلار ئۆزلىرىگە بۇنداق دەرسلىكنىڭ لازىمى يوقلىقىنى چۈنكى 1946-يىلىلا ئۇلار ئەر-ئاياللار باراۋەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى ئېيتقان.
   ئۇلار كىم-سۇكىنىڭ ئىنتايىن قىزىققان، كۆكتات ئېچىتىدىغان پەسىلدە ئۇلار داھىم ئۇنىڭدىن : ھۈكۈمەت سىلەرگە ھەريىلى كۆكتات ئېچىتىش ئۈچۈن قانچىلىك كۆكتات تارقىتىپ بېرىدۇ؟ دەپ سورىغان. كىم-سۇكى ئۆزلىرىنىڭ ھازىر ئۆيدە كۆكتات ئېچىتمايدىغانلىقىنى ئېيتقاندا ئۇلار ئىنتايىن ھەيران قالغان. كىم-سۇكى توك، سۇ پۇللىرىنى ئۆزىنىڭ تۆلەيدىغانلىقىنى ئېيتقاندا ئۇلار كىم-سۇكىغا ھېسداشلىق نەزىدە قارىغان.(شىمالى كورىيەدە پۇخرالار ئىشلىتىدىغان توك ھەقسىز بىراق كۆپۈنچە ۋاقىتتا توك يوق)
ئۇلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئەدىبىي ئەسەر بولسا ئوستىروۋېسكىنىڭ <<پولات قانداق تاۋلاندى>> ئىكەن.
ئۇلارنىڭ قارىشىچە شىمالىي كورىيە ئالىملىرى ئادەمنىڭ قان تىپىنى ئۆزگەرتەلەيدىغان ئۇسۇلنى بايقاپتۇ.
يىزىقچىلىق دەرسىدە ئۇلار ئامىركىنىڭ نۇخسانلىرىنى مۇنازىرە قىلىشقا شۇنداق ئامراقكەن، بەزىلەر ئامىركىدىكى ئىچكى ئەزا سودىسىنى يازسا بەزىلەر ئامىركا ۋە ياپۇنىيە مەكتەپلىرىدىكى تەن جازاسىنى يازىدىكەن، بەزىلەر ئامىركىدىكى شەخسى قورال ساقلاش تۈزىمىنىڭ گۇناھلىرىنى يازسا، بەزىلەر ئامىركىدىكى رەزىل ئاجرىشىش تۈزۈمىنى يازىدىكەن.ھەتتا بەزىلەر ماكدونالدنى ئىنتايىن قورقۇنۇچلۇق دەپ ئويلاپ كىم-سۇكىدىن ئۇ يەردە زادى قانداق يىمەكلىك ساتىدىغانلىقىنى سورىغان.
ئۇلار ھېچقاچان ئامېركىغا بېرىپ باقمىغان.
بەزەن چاغلاردا مەكتەپ ئۇلارنى ھايۋاناتلار باغچىسىغا ساياھەتكە تەشكىللىگەندە ئۇلار تەشنالىق بەلەن كۈن ساناپ ساياھەت كۈنىنى كۈتكەن،داھىم شۇ ساياھەت توغۇرلۇقلا سۆزلۈشۈپ ھارمىغان. ئۇلار بۇ دۇنيادا يەنە ھايۋاناتلار باغچىسىنى ياقتۇرمايدىغانلارنىڭ بارلىقىغا ھەيران قالغان ۋە چۈشەنمىگەن.
ئۇلارنىڭ قارىشىچە ئاچارچىلىڭ ھەل قىلماق تەس بولغان مەسىلە، بۇ مەسىلە ئافرىقىدا ئەڭ ئېغىر ، ئەنگىليە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ مەۋجۇت ئىكەن.
ئۇلارنىڭ كۆپۈنچىسى ۋىلكا-پىچاق ئىشلىتىپ باقمىغان، كىم-سۇكى ئۇلارغا ۋىلكا -پىچاق تارقىتىپ تاماقلىنىشتىكى ئاددى قائىدىلەرنى ئۆگەتمەكچى بولغىنىدا بىردە قارشىلىققا ئۇچۇرغان.
ئۇلارنىڭ ئۇلۇغ داھىسى ئۇلارغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۈلىدۇ ،شۇڭا ئۇلارغا كەچتە تۈنىمەسلىك توغۇرلۇق نەسىھەت قىلىدۇ، خاتا دەپ قۇيۇپتىمەن ، ئۇلارغا چۈشتە ئۇخلاش توغۇرلۇق نەسىھەت قىلىدۇ،مۇشۇ  سەۋەپتىن مەكتەپتە سائەت 12دىن 2 گىچە چۈشلۈك ئارام ئېلىش ۋاقتى، بۇ ۋاقىتتا پۈتۈن مەكتەپ قەبرىستانلىقتەك جىمجىت بۇلۇپ كىتىدۇ.   
ئۇلار تەلەيلىك بۇلۇپ كىم-سۇكى دەرس ئۆتكەن مەزگىلدە شىمالىي كورىيەدىكى باشقا ئۇنۋېرسىتىتلارنىڭ ھەممىسى دەرس توختۇتۇپ جىسمانىي ئەمگەك قىلغان(قۇرلۇشلاردا دىگەندەك ).
ئۇلار داھىم كۆچەت تىكىش باغچىنى ياساش قاتارلىق ئەمگەكلەرگە قاتنىشىپ تۇرىدۇ. ئىككى ئوقۇغۇچى بىر گورۇپپا بۇلۇپ ئۆز-ئارا ياردەملىشىدۇ، ئۆز-ئارا نازارەت قىلىدۇ(كىم-سۇكىنىڭ مۆلچەرى)،ئۇلارنىڭ ھەممىسى دىگىدەك 20 ياشلاردىكى چوڭ ئوغۇللار،ئۇلار داھىم قول تۇتۇشۇپ يول ماڭىدۇ. پىيوڭياڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ مەكتەپ قوروسىدا بىر كىم-جۇڭئېلىزىم ئوقۇش-تەتقىقات ئىشخانىسى بار، ئۇلار داھىم شۇ يەردە ئۆزلۈك ئىدىيىسىنى ئۆگىنىدۇ، گەرچە ئۇ ئىشخانىدا ھېچنىمە بولمىسىمۇ ، چاۋشىيەن ئارىلىنىڭ سوغۇق كېچىللىرىدىمۇ ئۇلار داھىم ئۇ يەردە پوستتا تۇرىدۇ.
2011-يىلى11-ئايدا شىمالى كورىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە 1:0 نەتىجە بىلەن ياپۇنيە كوماندىسىنى ئۇتقاندا  كىشىلەرخۇددى جەڭدە يەڭگەندەك خۇشللىقتىن "بىز ياپۇنيەنى مەغلۇپ قىلدۇق!" دەپ توۋلاپ كەتكەن.
مەيلى ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى بولسۇن ياكى شەخىسلەر ئوتتۇرىسىدىكى پاراڭلار بولسۇن كىم-سۇكىنى چۆچۈتكەن. ئۇلار بارلىق خىزمەت ئورنىنى"جەڭگاھ" دەپ ئاتايدىكەن، قوپال سەت گەپلەر، زەھەرىەندە قارغاش ۋە ھاقارەت ھەممە جايدا ئۇچىراپ تۇرىدىكەن. ھەتتا ناخشى تېكىستلىرىغىمۇ كىرگۈزىدىكەن، مەسىلەن داڭلىق <<قاتىل ناخشىسىنىڭ >> ئاساسىي تېمىسى بولسا "ئامىركىلىق ھاراملىقنى ئوۋلاش " ئىكەن. كىم-سۇكىنىڭ ئېيتىشىچە بۇ خۇددى زۇڭتۇڭنىڭ نۇتىقىدا ياكى <<نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى>>نىڭ باش بېتىدە فاك،شىت(ت:ئېنگىلىزچە ئادەم تىللىغان گەپ)،دىگەندەك گەپلەرنى كۆرۈپ قالغاندەك ئادەمنى چۆچىتىدىكەن.




تېمىنىڭ ئەسلى مەنبەسى تۆۋەندىكى ئۇلۇنىشتا
http://mp.weixin.qq.com/s?__biz=MzAxNzMzMjgxMg==&mid=204675444&idx=1&sn=eaa3b1702475d325b43c63189232fd21&scene=4#wechat_redirect
uyghuray

0

تېما

3

دوست

4762

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   92.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35151
يازما سانى: 349
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1456
توردىكى ۋاقتى: 406
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-18 13:41:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇزۇسى ھەجەپ  پەيزى  قۇيۇلپتۇ.  

1

تېما

2

دوست

1104

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   10.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  46447
يازما سانى: 115
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 314
توردىكى ۋاقتى: 27
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-18 21:03:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يازىما بۇپتۇ ....

0

تېما

4

دوست

5259

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   5.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34003
يازما سانى: 405
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1603
توردىكى ۋاقتى: 657
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-18 22:26:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ كورىيە تەسەۋۋۇرۇمدىكى كورىيەگە پەقەت ئوخشىمايدىكەن. ئوقۇغۇچىلارنى قۇدۇقتىكى پاقىدەك بېقىشتىن مەقسىتى نىمىدۇ؟تاشقى دۇنيانىڭ تەسىرىگە ئۇچراتماي ،باشلىقلار نىمە دىسە ماشىنا ئادەمدەك بۇيرۇق ئىجرا قىلىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈشمىدۇ؟
uyghuray

0

تېما

4

دوست

2120

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28321
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 644
توردىكى ۋاقتى: 116
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-20 20:56:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاۋشىيەندەك مۇستەبىت دۆلەتتە كىشىلەر ئەلۋەتتە ئەخمەق قىلىنىدۇ، 1+1= كىم ئىرسىن رەھبەرلىكىدە 2بولىدۇ...... نىمە دىگەن ئىچىنىشلىق!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )