- تىزىملاتقان
- 2012-11-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-9
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1030
- نادىر
- 0
- يازما
- 24
ئۆسۈش
3%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار ھەممىڭلارنىڭ تېنى ساغلام،كۆڭلى خاتىرجەم بولۇشقا ئاللاھ نېسىپ قىلسۇن.
ئالدىنقى قېتىملىق «داۋالاش ئاتچوت بنىسبىتى»ۋە «گېرمانىيەدە كىم بار» تېمىسىدىكى ئۆسمە كىسىلىگە قارتا ياردەم تەلەپ قىلىپ يازغان يازمامغا ھىسداشلىق قىلغان بارلىق قېرىنداشلارغا رەھمەت. ئۆسمە كىسىلى ئادەمنى ھەقىقەتەن بىئارام قىلىدىغان كىسەل ئىكەن، كىسەلنىڭ روھى بېسىمى بىلەن خىمىيىلىك داۋالاشنىڭ جىسمانى ئازاۋى باشقاكېسەلكلەرگە قارىغاندا جىق بولساكېرەك،ئەڭ يامىنى دىئاگنوز خاتا قويۇلۇپ خاتا داۋالاش بولىدىكەن، ئاللاھ باشقىلىرىڭلارغا بۇ كېسەلنى سالمىغاي خاتا داۋالىنىش بىز بىلەنلا تۈگەپ كەتكەي، شۇ كىسەل ۋە باشقا كىسەللەر بىلەن خىمىيىلىك داۋلىنىۋاتقانلار بولسا ئامال بار يەنە باشقا بىر دوختۇرخانىنىڭ شۇ كىسەلگە قارىتا قايتا دىئاگنوزنى كۆرۈپ ئاندىن داۋالىنىڭلار ،شۇنداقتا خاتالىق يۈز بېرىش نىسبىتى تۆۋەنلەيدىكەن.
مەن ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام 2015-8-ئايدا ئاپتۇنۇم رايونلۇق ئۆسمە كىسەللىكلەر دوختۇرخانىسادا 20كۈنگە يېقىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئايالىمغا لىمفا ئۆسمىسىنىڭ霍奇金تىپى ئىكەن دەپ 12قىتىم خىمىيىلىك داۋالاش لاھىيىسى بويىچە داۋالىغان. 2016-1-ئايدا9-قىتىملىق داۋالاش ئالدىدىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە دوختۇرلارنىڭ قايتا لاھىيە ئۆزگەرتىپ، قايتا 8 قېتىم خىمىلىك داۋالايمىز دېگىنىدىن خاتا بوپ قالغان بوغىمىتتى دىگەن گۇمان بىلەن تەكشۈرۈش ئاساسلىرىنى ئاپتونوم رايونلۇق تىببى ئۇنۋېرسىتىتى 1-دوختۇرخانىسى ۋە پايتەخىت ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىدا قايتا تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەسلىدىكى دوختۇرخانىدا خاتا دىئاگنوز قويۇلۇپ مۇناسىۋەتسىز داۋالاش ئېلىپ بارغىنىمىزنى بىلىپ روھى جەھەتتىن ئېغىر زەربىگە دۇچار بولدۇق، گەرچە دوختۇرخانا خاتا بوپ قاپتۇ چىقىمىڭنى قايتۇرۇپ بېرەيلى دىگەن بولسېمۇ داۋالاشنىڭ ئالتۇن ۋاقتى ئۆتۈپ كەتتى قايتۇرۇپ بېرەلمەيدۇ دە، ھەتتا توغرا داۋالاش ئېلىپ بارغان بولساڭ ساقىيىپ كېتەر ئىدى. ھىچ بولمىغاندا ھازىرقىدەك كىسەل تاراپ يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىقماس بولغىتى، شۇڭا كىسەلنىڭ كىيىنكى داۋالاش ھەققىنى سەن ئۈستىڭگە ئال دېسەممۇ ئونىماۋاتىدۇ، شۇڭا قېرىنداشلانىڭ مەن يولۇققان يامان ئاقىۋەتكە دۇچار بوپ قالماسلىغى ئۈچۈن ئېغىر كىسەللەنى بىر قانچە مۇتەخەسىسلەگە كۆرسىتىپ ئاندىن داۋالاش ئېپ بېرىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن،بارلىق كىسەل قېرىنداشلارغا ئاللاھتىن شىپالىق تىلەيمەن.
|
|