نورۇز ( نەۋرۇز) نىڭ تارىختىكى ئاتالغۇ ئىسپاتلىرى
شاھ مىجىت ھېمىت قومۇل
1. ئىنسانلارھەرپلەشكەن يېزىق يېزىشنى بىلگىلى تەخمىنەن 3500يىل بولدى. (دانيال ئەلەيھىسالامنىڭ ئادەملەرگە تۇنجى بولۇپ ئەرەپچە 28 ھەرپنى تونۇتقان كىتابى ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە). بۇ ھەرپلەر دۇنياغا كەلگەندىن كېيىن ئىنسانلار مۇشۇئاساستا ئۆز يېزىقلىرىنى ھەر خىل ئۇسلۇبتا تۈزىگەن.
2. ماتېماتىكاخاتىرىلەش بۇ كىتاپتا ئېنىق يېزىلغان ھەمدە 0 دىن 9گىچە سانلارنى ھەرپلەرگەتوغرىمۇ-توغرا جۈپلەپ ( خۇددى ھەپرنى سانغا، ساننى ھەرپكە ئۆزگەرتىپ تىلىگىرامماقائىدىسىدە) ئىشلىتىشنى يېزىپ قالدۇرغان.
3. بۇنىڭدىن تەخمىنەن 3500يىل بۇرۇن 12 مۇچەللەردىن پايدىلىنىشنى بىلگەن. چاشقاننى يىل بېشى قىلغان، ئاي بېشىنى باھاردىن باشلىغان يەنى ھەمەل (پاقىدىن باشلىغان) يىل مۆچەللىرى تۆۋەندىكىچە:
1.مۇش (چاشقان). 2. بەقەر ( كالا) 3. پەلەڭ ( يولۋاس) 4. خەرگۇش (توشقان) 5. نەھەڭ (بېلىق) . 6. مار ( ئىلان) 7. ئەسپى ( ئات) 8. گۆسپى ( قوي) 9. ھەمدونە ( مايمۇن)10. مۇرىخ ( توخو) 11. سەك ( ئىت) 12.خۇك ( چوشقا) لاردىن ئىبارەت.
4. ئايلارئىسىملىرى يۇقىرىقى موچەللەرنىڭ 12 سانى بويىچە تەدبىقلاپ تۈزۈلگەن بولىدۇ. ( ئەڭ ئاساسى جەنۇبىي يېرىم شار ئاسمىنىدا 12 بۇرۇچ يۇلتۇزلىرىغا تەدبىقلاپ تۈزۈلگەن)ئاي مۆچەللىرى تۆۋەندىكىچە: 1. ھەمەل ( پاقا) نى ئاي بېشى يەنى باھاردىن باشلايدۇ.باھارغا ئوت-چۆپلەرنىڭ دەسلەپكى ئۈنۈشىنى ئۆلچەم قىلىدۇ. پاقا دىيىشتە ھەممىمىزگەمەلۇم باھار كىرىشى بىلەن كۆل-ئۆستەڭلەردىكى پاقىلارنىڭ كوركۇرىشىنى بىلىمىز. 2.سور ( كالا) يەر ئېرىپ كالىدا ساپان بىلەن يەر ئاغدۇرۇشقا بولىدىغان ۋاقىت. 3.جەۋزە ( ياڭاق) ياڭاق بارلىق دەرەخلەردىن كېيىن يېشىلدايدۇ. ھەممە يېشىلداپ بولغانۋاقىت. 4. سەرتان ( راك) راك بېلىقى كۆپىيىدىغان ۋاقىت. 5. ئەسەت ( شىر) شىرنىڭ كۆپىيىش ۋاقتى 6. سونىبلە (بۇغداي) بۇغداي ئورمىسى. 7. مىيزان ( تارازا) كۈزلۈك كۈن-تۈن تەڭشەلگەن ۋاقىت. 8. ئەقرەپ (گىزەندە) گىزەندە نىمجان بولۇپ ئادەم چاقالمايدىغان سوغاق ۋاقىت. 9. قەۋس ( ئوقيا)قۇياش يا شەكلىدە تۆۋەنلەپ سوغاق كۈچەيگەن ۋاقىت. 10. جەددى ( ئوغلاق) ئوغلاق توڭلاپ قالىدىغان سوغاق ۋاقىت. 11. دەلۋا ( چىلەك) چىلەكتىكى سۇ سىرتتا قالساتوڭلىمايدىغان ۋاقىت. 12. ھوت( بېلىق) ھاۋا ئىللىپ بېلىقلار سۇ ئۈستگە چىقىدىغان ۋاقىت. يۇقىرىقىلار قەدىمقى كىشىلەرنىڭ ھەرپ، سان، يىللار، ئايلارنى تۈزۈپ پايدىلانغان ئۇسۇل ئاساسلىرىدۇر.
5. بۇنىڭدىن1400يىل بۇرۇندىن يەنى ئىسلام كالىندارى دۇنياغا كەلگەندىن كېيىن يۇقىرىقى يىل ئاي ئىسىملىرىدىن پايدىلانغاندىن تاشقىرى بىر يىلنى تۆۋەنكى ئىسىملار بىلەن ئاتىغان (ھەمدە ئاي شارىنىڭ يەر شارى ئەتراپىدىكى ئايلىنىش قانۇنىيىتى بويىچە كالىندارتۈزىگەن) 1.مۇھەررەم 2. سەپەر 3. رەببىيل ئەۋۋەل 4. رەببىيل ئاخىر 5. جامادىل ئەۋۋەل 6. جامادىل ئاخىر 7. رەجەپ 8. شەبان 9. رەمىزان 10. شەۋال 11. زۇلقەئىدە12. زۇلھەجبە قىلىپ تۈزۈپ پايدىلانغان. ئەمما بۇ قائىدە ئاينىڭ يەر شارىنىئايلىنىشىدىن كېلىپ چىققانلىقى ئۈچۈن ھىجىرىيە ئايلىرىنى مىلادىيە بىلەن بىرئورۇندا قويۇپ ھېسابلاشقا بولمايدۇ.
6. قەدىمقى كىشىلەر كۈندىلىك ۋاقتىنى بىلىشتە كۈنلەرنى يەتتىگە بۆلگەن. بۇنىڭدىن ئىسلام كالىندارىدا ھەم پايدىلانغان. بۇلار: يەكشەنبە ( 1-كۈن)، دۈيشەنبە ( 2-كۈن)،سەشەنبە ( 3-كۈن)، چاھارشەنبە ( 4-كۈن)، پەنجىشەنبە ( 5-كۈن)، شەنبە ( شەببە6-كۈن).
7. قەدىمقى كىشىلەر كۈندىلىك ۋاقىت ئۆزگىرىشلىرىنى 7 خىل ئاتالغۇدا ئاتىغان ئىسلام كالىندارىدىن كېيىن ھەم پايدىلانغان ( ھازىر ياپۇن ئالىملىرى بىر كۈندە 7 خىل فىزىكىلىق ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقتى). بۇلار تۆۋەندىكىچە: 1. شەمسى( ئالتۇن ۋاقتى)، 2. قەمەر ( كۆمۈش ۋاقتى)، 3. مۇرىخ ( تۆمۈر ۋاقتى) 4. ئەتاروت (توتىيا ۋاقتى) 5. مۇشتەرى ( قەلەي ۋاقتى) 6. زوھرا ( قىزىل مىس )ۋاقتى، 7. زوھەل (سېرىق مىس يەنى تۇچ ۋاقتى) بۇ مېتاللار قۇياش سېستىمىسىدىكى پىلانتلارغا تارقالغان بولۇپ بۇ 7 خىل مېتال نۇرىنىڭ بىرىكىشىدىن بىز ياشاۋاتقان يەر شارىدىكى ئاق نۇرنى ھاسىل قىلغان. بۇنى ھازىرقى زامان ئىلغار فىزىكا پەن ئىتىراپ قىلىدۇ. 1270-يىلى ئاستىرونومىيە ئالىمى نەسىردىن تۇسى بۇ 7 خىل مېتالدىن ئۇستۇرلاپ دەيدىغان ئەسۋابنى ياساپ ئاستىرونومىيە ئىسپاتى قىلغان.
8. مىلادىيەكالىندارى: بۇ كالىندار يەر شارىنىڭ قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىشىنى ئاساس قىلغان كالىنداردۇر. ئالىملار يەر شارى قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىدۇ دېگەن نەزىرىيەگە ئۇزۇن بولمىدى. بۇ توغرىدا كالىندار تۈزۈشكە تېخىمۇ ئۇزۇن بولمىدى. بۇ كالىندار تارىختابىر قانچە قېتىم تۈزۈتۈلۈپ ھازىرقى ھالەتكە كەلدى. بەزى تورداشلار مىلادىيەكالىندارىنى تۇتقا قىلىۋېلىپ نورۇز ھەققىدىكى كۆز قارشى تۆۋەن بولماقتا.
9. قەدىمقىلارنورۇز ( نەۋرۇز) باش كۈننى بېكىتىشنىڭ ئاساسى، فېقىر قەدىمقىلارنىڭ نورۇزنى باشكۈن قىلىپ بېكىتىشىنى 10 يىل كۈزەتتىم. ( بۇ كۈزۈتۈش كۆلەڭگۈنى تۈركۈك تىكىپ خاتىرىلەش، كۈننىڭ چىقىش ئولتۇرۇشىنى سائەتكە قاراپ خاتىرىلەش) ھازىرقى زامان خەرىتىسىدىكى كەڭلىك، مېردىئان بىلىملىرىنى تولۇق ئىگەللەشلەر بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ھەقىقەتەن مىلادى 3-ئاينىڭ 21-كۈنىگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى بولۇپمۇ قومۇلدا ئەڭ توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقتىم. شۇ ۋەجىدىن قومۇلدانورۇز مۇنارى تىكلەشنى مۇراجەت قىلدىم.
10. تەبىئەت كالىندارى تۈزەش: قەدىمقى ۋە ھازىرقى زامان بىلىملىرىدىن پايدىلىنىپ ئەمەلىيەتكەغايەت ماس قىلىپ تەبىئەت كالىندارى تۈزۈدۈم. كالىنداردا يەر شارىنىڭ ھەرىكىتىگەماسلاشقان 50خىل مەسلىنى بىرلەشتۈرۈپ بىرلىك قانۇنىيىتىنى ئىسپاتلىدىم. ( مۇنبەردەدۇنيا ئىلىم- پەن ساھەسىدە قىيىن دەپ قارىلىۋاتقان مەسىلىلەرگە جاۋاب تاپقان تەتقىقاتلار توغرىسىدا ) دېگەن تېمىدا يازما بەردىم ئۇنى تېپىپ كۆرۈڭىزلار.
11. قەدىمقى كىشىلەر ۋە ھازىرقى كىشىلەر پايدىلىنىۋاتقان 12 مۆچەل ئارقىلىق بىر ئادەمنىڭ قانچەياشقا كىرگەنلىكىنى تېپىشى ئۇلارنىڭ ئەقىل پاراسىتىنى بىلدۈرىدۇ.
يىل سۈرۈش قائىدەسى تۆۋەندىكىچە: 1. قايسى يىلى تۇغۇلغانلىقىنى بىلىدۇ، لېكىن قانچە ياشقاكىرگەنلىكىنى بىلەلمىسە، يىل سۈرگۈچى بۇكىشىنىڭ قانچە ياشتا ئىكەنلىكىنى قىياس قىلىۋالىمىز. 2. بۇكىشى ئېيتىپ بەرگەن ھايۋانلار مۆلچەلدىن باشلاپ 12 مۆچەلنى سانايسىزدە قىياس قىلىۋالغان ياشقا ساناپ كېلىپ بۇ يىلقى يىل مۆچەلىدە توختۇتۇسىز. ھەر 12دىن ئايلانغان مۆچەللىرىنى قوشۇسىز. ( 1-قېتىمقى مۆچەل ئايلانمىسى 13 قىلىپ ھېساپلايسىز). نەتىجىدە قانچەياشقا كىرگەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. مەسىلەن: ئۇ كىشى يىلىم توخو دىدى، بۇ كىشى 20 ياش بىلەن 30 ياش ئارىسىدا دەپ قىياس قىلىۋالدىڭىز، توخودىن يەنە بىر توخوغا 13 بولدى،توخودىن بۇ يىلقى مايمۇنغىچە ھېسابلىسىڭىز 11 بولدى، 13گە + 11= بۇ كىشى بۇ يىل 24ياشقا كىردى دەيسىز، بۇ قائىدە مەن باشتا سۆزلىگەن ئەڭ قەدىمقى كىشىلەرنىڭ كېيىنكىلەرگە قالدۇرغان بىلىمىدۇر.
نورۇز بايرىمى ئۇيغۇرلاردىن تارقالغان تەبىئەت بايرىمى، تۈركى مىللەتلەرنىڭ بايرىمى، روزى ھېيىت،قۇربان ھېيىت، ئەرەپلەردىن تارقالغان مۇسۇلمانلار ھېيىت بايراملىرى، رۇجىستۇۋابايرىمى، خىرىستان دىنىنىڭ ۋە ياۋرۇپالىقلارنىڭ بايرىمى، باھار بايرىمى ( چاغان)،بۇددا دىنىدىكىلەرنىڭ بايرىمى....ئۇلارنى بىر-بىرىگە ئارىلاشتۇرۇۋېلىشقا بولمايدۇ.ئايەت ھەدىسلەر بىلەن تالىشىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. قۇرئان ئايەتلىرى ۋە ھەدىسلەرنى قالايمىقان ئىشلەتمەي ھۆرمىتىنى قىلايلى. ھەممىڭىزلارنىڭ نورۇز بايرىمىڭىزلارغامۇبارەك بولسۇن.
|