«ئۇيغۇرلارماڭا بىر پۇڭ خەجلەتمىدى.»
[تۈركىيە خاتىرىلىرىم2]
بۇمەريەم
ئۇيغۇرلارنىڭ مېھماندوستلىقى يىراق- يېقىنغا داڭلىق. كەلگەن مېھمان كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر مېھماننىڭ ئالدىغا كۈلۈپ چىقىپ، ئۇنى كۈلۈپ ئۇزىتىش، مېھماننى ئۆيىدە بار- يوق ھەممە نەرسەبىلەن تاماسىز غەرەزدە كۈتىۋېلىش ئۇيغۇرلارنىڭ قان- قېنىغا سىڭىپ كەتكەن.
مېھماندوستلىقنىڭ قارشى مەنىسى بولغان قىزغانچۇقلۇق بولسا ئۇيغۇرلاردا ھەرقانداق كىشى تەرىپىدىن ئۆچ كۆرۈلىدىغان بىر خۇي. مېھماندوستلۇقنىڭ يېقىن مەنىسى ئادەمگەرچىلىك بولۇپ، ئۇيغۇرلاردەك ئايلىق چىقىمىغا «ئادەمگەرچىلىك»نىڭ ھېسابىنى قاتىدىغان مىللەتتىن يەنە نەچچىسى بارلىقى ماڭا نامەلۇم.
ئۆزى قاتتىق نانغاجىلايدىغان ، ئۆيىدە ھېچنېمىسى يوق بىر دېھقاننىڭ ئۆيىگە ئەزىزلەيدىغان مېھمىنى كەلسە كاتەكتىكى توخۇسىنىڭ ئەڭ سېمىزىنى ئىككىلەنمەي كېسىۋېتىشى ئېنىق. ئەگەر مېھمان يىراق يۇرتتىن كەلگەن بولسا، ئۇنىڭ قايتىپ بولغۇچە تۇرىدىغان يېرى، يەيدىغان-ئىچىدىغىنىغا ئۆزلىكىدىن ساھىپخان ئىگە چىقىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر مېھمانغا تەمەسىزياردەم قىلىشنى «كىشىنىڭ ھەققى كىشىدە قالماپتۇ، خەقتىن يانمىسا خۇدايىمدىن يانار»دېگەندەك ئومۇملاشقان قاراشلارغا باغلايدۇ. مەنمۇ بۇ قاراشقا خېلى قوشۇلۇپ قالىمەن. سىز خۇدايىمنىڭ ياندۇرۇشىنى كۆزلەپ، ھېچقانداق تاما ئارىلاشتۇرماي بىرئىنساننى ئۆيىڭىزنىڭ تۆرىگە باشلىغان بولسىڭىز، كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىز ياكى سىزنىڭ بىرەر يېقىن تۇغقىنىڭىزمۇ سىز تونۇمايدىغان باشقا بىرسى تەرىپىدىن ئەزىزلىنىشى مۇمكىن. شۇڭا مەن تاماسىز مېھماندوست بولۇشنىڭ ئۆزىنىڭ ھەر ئىككى دۇنيادىكى يولىنى ئېچىش ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىغابارغان تۈركلەرنىڭ ئىچىدە ئۇلارنى مېھماندوست دېمەيدىغىنى بەك ئاز، ھەتتا يوق دېيەرلىك. چۈنكى ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن تۈركىيەدىن كەلگەنلەر ئەزىز مېھمان قاتارىدا. يېقىندا بىر تۈرك سەنئەتچىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆزلەۋېتىپ كۆز يېشى قىلغىنىغا شاھىت بولدۇق. «مەن ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىغا 2000 دولار بىلەن باردىم، 2000دولار بىلەن كەلدىم. مەن ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا تۇرۇش جەريانىدا ماڭا بۇ پۇلنى خەجلىگۈدەك پۇرسەتنى ئۇلار ماڭا بەرمىدى. پۇلغۇ مەيلى، مەن دۇنيادا ئۇيغۇرلاردەك سەمىمىي ساھىپخانلارنى كۆرمىدىم. ئۇلار مېنى بېشىدا كۆتۈردى. » ئۇنىڭدىن باشقايەنە نۇرغۇن تۈركىيەلىك مېھمانلارنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئەزىزلەنگەنلىكىگەشاھىتمۇ بولدۇم. مەن باشتا بۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركلەرگە بولغان ئىلتىپاتى دەپ ئويلىغان ئىدىم، ئەمما ھازىر بۇنىڭ دائىرىسىنى سەل كېڭەيتىپ، باشقىچە قارايدىغان بولدۇم. چۈنكى، تارىخنى ۋاراقلاپ باقساق خۇشچىراي ساھىپخانلىقىمىز ئىبنى فازلان ساياھەتنامىسىنى يازغاندا، شۈەنزاك نومغاماڭغاندا باركەندۇق، تا بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىغىچە داۋام قىلىپ، ھەتتا ئەۋجىگەچىقىپ (ھەددىدىن ئېشىپ دېسەكمۇ بولىدۇ. چۈنكى بىز مېھمانلارنىڭ ئاتا مىراس بايلىقلىرىمىزنى ئېلىپ كېتىشىگە كۆز يۇمدۇق. ھەتتا بۇ مېھماندوستلۇق ئەمەس نادانلىق.) ھازىرغىچە يوقىماي كەپتۇ. بىزگە مېھمان بولغان ۋە بىز خۇش چىراي ئېچىپ كۈتۈۋالمىغان تۈركلەر، تاتارلار، قىرغىزلار، قازاقلار، ئۆزبېكلەر، تاجىكلار، گېرمانلار،رۇسلار، شىۋىتسىيەلىكلەر، مانجۇلار، خەنزۇلار، ھەتتا ئەرمەنىلەر قالماپتۇ.
بۇ خىل مېھماندوستلۇق خاھىشى بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ، ئالدىغا قول تەڭلەپ كەلگەن ھەرقانداق كىشىنى ئۆزىگە ئوخشاشلاسەمىمىي چاغلاپ، خەۋپسىرەش تۇيغۇسىنى تامامەن ئۇنتۇغان ھالدا قۇچاق ئاچىدىغان ئىنسانىي خاراكتېرىدىن شەكىللەنگەن بىر ئۆزگىچىلىك بولۇشى مۇمكىن. «چىرايلىق مۇئامىلە»پەلسەپىسىنىڭ ياراتقۇچىسى مارشال روزېنبېرگ «چىرايلىق مۇئامىلە» ئاتلىق كىتابىدا، ئۆزىنى ئۇنتۇپ، باشقىلارنىڭ تۇيغۇ ۋە ئېھتىياجلىرىغا سەمىمىيلىك بىلەن چۆكىدىغان بۇ خىل مۇئامىلىنى ئەمپاتى دەپ ئاتايدۇ. مەن چەتئەللىكلەر مەخسۇس پسىخولوگلارغا پۇل تۆلەپ ئۆگىنىدىغان بۇ ئەمپاتى (Empathy) دەيدىغان نەرسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مېھماندوستلۇق خاراكتېرىدە ئېنىق گەۋدىلىنىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. ئۇرۇشۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر ئەر-ئايالنىڭ ئۆيىگە مېھمان كىرسە دەرھاللا جېدىلى بېسىقىپ، ئۇرۇشۇشنى ئۇنتۇپ يارىشىپ قالىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ دېققىتى ئۇرۇشۇشتىن مېھمان كۈتۈشكە مەركەزلىشىدۇ. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن زىددىيەت ۋە مەسىلىلەر بولسىمۇ،يىراق يۇرتتىن بىر مېھمان كەلسىلا ئۇيغۇرلار بىردىنلا رەسمىيلىشىپ مەرت، دەرتسىز، غەمسىز، باي، سېخى، ئوچۇق يورۇقلىشىپ ئۆزىنىڭ بارلىق غەملىرىنى ئۇنتۇپ پۈتۈن دېققىتىنى مېھمانغا ۋە ئۇنىڭ رازى بولۇشىغا مەركەزلەشتۈرىدۇ. مېھماننى خۇشال- خۇراملىق ئىچىدە ئۇزاتقان كىشىلەرچوڭ بىر ئىشنى پۈتتۈرگەن ھېساپلىنىدۇ.
قىممەتلەرنى ماددىيەتكىلا باغلايدىغان بىرئىنسانغا نىسبەتەن، مېھمان ئۇزىتىش پايدا ئەمەس، بەلكى زىيان ھېساپلىنىشى مۇمكىن.چۈنكى مېھمان كەلسە بىرىنجىدىن يانچۇققا زىيان، ئىككىنجىدىن ۋاقىتقا. ئەممائۇيغۇرلارغا نىسبەتەن بۇنداق ئويلاش ۋە بۇنداق سۆزلەشنىڭ ئىسمى «قىزغانچۇغلۇق» . مېھماندوستلۇق،يەنى مېھماندىن ئىبارەت بىر ئىنساننىڭ خۇشاللىقى ۋە رازىلىقىنىلا كۆزلەپ تەمەسىزھالدا پاتپاراقلىققا چۆمۈش - ھەممىلا نەرسىنى ماددىيلىقتىن ئىزدەيدىغان غەرپلىكلەرگە نىسبەتەن قىممەتلىك بىر مەنىۋىي بايلىقتىن، بىر ئەمپاتىدىن ئىبارەت.
ئۇيغۇرلاردىكى بۇ خىل مېھماندوستلۇقنىڭ چەتئەللىكلەر تەرىپىدىن بۇنچە مەدىھيلىنىپ، كىتاپلارنى يېزىشىغاسەۋەپ بولۇۋاتقىنى بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلارغا ئۆز قەۋملىرى ئۆمرى ھاياتىداكۆرسىتىپ باقمىغان بىر ئەمپاتىنى كۆرسەتكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ يۈرەكتىن چىققان بۇسەمىمىيەتنى ھېس قىلالىغانلىقىدىندۇر. بىز ھەممىمىز بۇ دۇنياغا مېھمان. بۈگۈنى بار ئىنسان ئەتىسى يوق. ئەگەر بىز مېھمان كۈتۈۋالغاندىكى مۇشۇتۇيغۇلىرىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ ئاتا- ئانىلىرىغا، ئەرلىرىگە، ئاياللىرىغا، ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىغا، دوست يارەنلىرىگە، ئوقۇتقۇچىلىرىمىزغا، ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا،پەرزەنتلىرىمىزگە، بىمارلىرىمىزغا، ھەتتا ياردەمچى ئېھتىياجلىق تونۇمايدىغان بىرقېرىندىشىمىزغا كۆرسىتىپ باقساق، قانداق بىر نەتىجە كېلىپ چىقار؟
|