قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 659|ئىنكاس: 4

ماددى-ئەشيا ئوبروت كارخانىلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە بۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

72

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   24%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  59392
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 22
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-17 22:55:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماددى-ئەشيا ئوبروت كارخانىلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە بۇ

ساھەدىكى بىز


دۆلىتىمىز ئىسلاھات ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى يولغا قويغان 30نەچچە يىل مابەينىدە دۆلىتىمىزدە كىشى مۆلچەرلىگۈسىز نەتىجىلەر مەيدانغا كىلىپ، ئەڭ ئەقەللى ھالدىكى قورساق تويغۇزۇشتىن، ھازىرقى ھەرقايسى ساھەلەردە دۇنيانىڭ ئومۇمى سەۋىيىسى بىلەن ماس ھالدە ماڭىدىغان ياكى دۇنيانىڭ ئەڭ ئىلغار سەۋىيسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئالەمشۇمۇل تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈردى .بۇلۇپمۇ ياساش سانائىتى ساھەسىدە پۈتۈن دۇنيانىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ بۇ ساھەدە دۇنيانىڭ ‹‹ ياساش زاۋۇتى››غا ئايلاندى. ئاسىيادىن باشقا ياۋرۇپا، ئامىرىكا قىتئەسىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ زاكاس تالۇنلىرى دۆلىتىمىز كارخانىلىرىنىڭ قۇلى ئارقىلىق مەھسۇلاتقا ئايلاندى.
ياساش سانائىتنىڭ بۇ خىل يۈكسەك دەرىجىدىكى تەرەققىياتى دۆلىتىمىزدىكى باشقا مۇناسىۋەتلىك ساھەلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ماس ھالدا ئىلگىرى سۈردى ۋە ئوخشاش بولمىغان ساھەلەردىكى سان-ساناقسىز كارخانا ھەم كەسىپ زەنجىرىنى   مەيدانغا كەلتۈردى. بۇ ساھەلەر ئىچىدىكى ماددى-ئەشيا ئوبروت كارخانا ساھەسىمۇ (توشۇش ساھەسى) دەل قىسقىغىنە 30 نەچچە يىل ئىچىدە كىشى مۆلچەرلىگۈسىز تەرەققىياتلارغا ئىرىشكەن ساھەلەرنىڭ بىرىدۇر.
ئەلۋەتتە توشۇشتىن ئىبارەت بۇ ئەمگەك شەكلى ئىنسانىيەتنىڭ ئىپىتىدائىي دەۋىرىلىرىدىن بۇيان مەۋجۇت بۇلۇپ كەلگەن بولسىمۇ، بىزنىڭ بۇيەردە دىمەكچى بولغىنىمىز، ھازىرقى زامان كارخانا شەكىلىدە مەيدانغا كەلگەن توشۇش ۋاستىسى، شەكلى، مۇلازىمەت سەۋىيسى....قاتارلىق جەھەتلەردە زامانىۋى دۇنيانىڭ ئىھتىياجىغا ئەڭ يېقىن ماسلىشىدىغان، ئەڭ تىز، ئەڭ يۇقۇرى قىمممەت قوغلىشىدىغان، كارخانا سالاھىيتى ھازىرلىغان، زامانىۋى شەكىلدىكى ئىقتىسادى ئىگىلىكنى كۆرسىتىدۇ.
ئىلگىرى بۇ ساھە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئازساندىكى كارخانا ياكى ماشىنا كالۇنلىرى، پوچتىخانا قاتارلىق كارخانا ياكى شەخىسلەر ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان بولسا، ھازىرقى كارخانىلارنى خۇسۇسىيلاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈش مىخانىزىمىنىڭ يۈنۈلىشى بۇيىچە خۇسۇسى كارخانا شەكلىدە تەرەققى قىلماقتا.
‹‹2013 -يىلى دۆلىتىمىز ماددى –ئەشيا ئوبروت كارخانىلىرىنىڭ ئومۇمى توشۇش كىرىمى تەخمىنەن 197تېرليۇن 800مىليارد يۈەن بۇلۇپ 2012-يىلدىكىدىن %9.5 ئاشقان››(بەيدۇ تورى). دۆلىتىمىز سانائەتلىشىش قۇرۇلمىسىنىڭ كۆپ خىللىششى ۋە تېخىمۇ كەسپىيلىشىشى شۇنداقلا ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ تەرەققى قىلىشى، تور سودىسىنىڭ راۋاجلىنىشى، ئىھتىياجنىڭ يەنىمۇ كۆپخىللىشىشى  دۆلىتىمىز ماددى –ئەشيا ئوبروت ساھەسىگە يېڭى بىر ئالتۇن دەۋىر ئېلىپ كەلمەكتە.
دۇنيادىكى ماددى-ئەشيا ئوبروت ساھەسىدىكى بايراقدار كارخانىلاردىن بىرى بولغان FedEx تىز يەتكۈزۈش شىركىتى 1971-يىلى ئامىرىكىدا قۇرۇلۇپ ھازىرغىچە دۇنيادىكى  220دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايۇندا تارماق شىركەت قۇرغان بۇلۇپ قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا، تور قاتارلىق توشۇش،يەتكۈزۈش يوللرىنىڭ ھەممىسدە غايەت زور يەتكۈزۈش سىستىمىسى بەرپا قىلدى. نۆۋەتتە بۇ شىركەت قارمىقىدا 654دانە ھەرخىل تىپلىق تىرانسىپورت ئايروپىلانى، قۇرۇقلۇق توشۇش سىستىمىسىدا 44مىڭدىن ئارتۇق مەخسۇس توشۇش ئاپتومېبىلى، سۇ يولى تۇشۇش سىستىمىسدا مەخسۇس ھۆددە ئېلىنغان يۈك پاراخۇتى بار بولغان غايەت زور توشۇش سىستىمسى ھاسىل قىلدى. شىركەتنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى خىزمەتچى سانى 215مىڭ ئادەمگە، كۈندىلىك ئوتتىرىچە يەتكۈزۈش سانى 5مىليۇن پارچىغا يەتتى. 2007يىلى بايلىق ژورنىلى ئېلان قىلغان دۇنيادىكى 500كۈچلۈك كارخانا ئىچىدە 203-ئورۇندا تۇرغان. ھەتتا ئاففانىستان، ئېراق ئۇرۇشلىرىدا ئامىرىكا ئارمىيسىنىڭ پۈتكۈل ئارقا سەپ تەمىنات خىزمىتىنى بۇ شىركەت ھۆددىگە ئېلىپ يەتكۈزگەن.
دۆلىتىمىزدە 90-يىللاردىن كىيىن قۇرۇلغان بۇ ساھەدىكى كارخانىلارمۇ ئىنتايىن تىز سۈرئەتتە تەرەققى قىلغان بۇلۇپ ھازىر نۇرغۇنلىغان گورۇھ ۋە شىركەتلەر بۇ ساھەدە شاش ئارغىماقتەك تىزگىن سىيرىپ كېتىپ بارماقتا.
بۇلۇپمۇ دۆلىتىمىزدە ئېلىكتورۇنلۇق سودا كەسپىنىڭ قىسقا ۋاقىتتا ئىنتايىن تىز سۈرئەتتە ئومۇملىشىشى نۇرغۇنلىغان پوسولكا تىز يەتكۈزۈش كارخانىلىرىنىڭ شىددەت بىلەن تەرەققى قىلىشى ۋە  يېڭىدىن پەيدا بولىشىغا تۈرتكە بولماقتا.
خوش ، ئۇنداقتا گېپىمىزنى تېخىمۇ يېغىنچاقلاپ بۇ دۇنياۋى ساھەنىڭ رايۇنىمىزدىكى تەرەققىيات ئەھۋالىغا قاراپ باقايلى.
بۇ ساھەنىڭ رايۇنىمىزدا كارخانا ھالەتتە پەيدا بۇلۇشى
بۇ ساھەنىڭ ئۇيغۇرلارغا دەسلەپكى ھالەتتە كارخانا ھالەتتە يىتىپ كىلىشنى 1994-يىللاردىن كىيىن دىيىشكە بولىدۇ. سوۋىت ئىتتىپاقى يېمىرىلگەندىن كىيىن قۇرۇلغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ ئاساسى دۆلەت ئەھۋالى بۇ دۆلەتلەرنى ئەتراپىدىكى قوشنا دۆلەتلەر بىلەن قۇيۇق بولغان سودا ئالاقىسى ئېلىپ بىرىش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭى قۇرۇلغان بۇ دۆلەتلەرنىڭ ناتۇرال يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا ئاسەسەن دىگۈدەك سانائەت ئاساسى بولمىغاچقا ئادەتتىكى سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىمۇ ئىكىسپورت قىلىشقا توغرا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن جوڭگۇدىن ئىبارەت بۇ ‹‹دۇنيا زاۋۇتى›› ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاۋۋال تاللايدىغان ئوبىكىتىغا ئايلاندى.
بۇ خىل ھالەت ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى تىجارەت ئېڭى يۇقۇرى بىر تۈركۈم سودىگەر قېرىنداشلارنى كەڭ سودا پۇرسىتى بىلەن تەمىن ئەتتى. بۇلۇپمۇ ئاتۇش، قەشقەر، غولجا قاتارلىق جايلاردىكى كىشلىرىمىز بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ چىگرا سودىسىغا ئاتلاندى. ئۈرۈمچى شەھىرى ئىچىدىكى چىگرا رايۇن سودا بازىرىمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا سودىگەرلىرىنىڭ ئايغى ئۈزۈلمەيدىغان گۆھەر ماكانغا ئايلاندى. نۇرغۇن كىشىلەر بۇ يەردە تەرجىمان، مال تۇنۇشتۇرغۇچى، ئالاقىچى، كىلىشتۈرگۈچى ۋە ‹‹ئوتتىرىدا نەپكە ئىرىشكۈچى››بۇلۇپ نۇرغۇنلىغان ئىقتىسادى نەپلەرگە ئىرىشتى.
چىگرا سودىسىنىڭ رايۇنىمىزدىكى بۇ خىل تەرەققىيات، ماس ھالدا ماددى-ئەشيا ئوبروت ساھەسىدىكى ئۆز قۇلىمىزدىكى تۇنجى ساھەنىڭ باشلانمسى بۇلۇپ قالدى.
دەسلەپتە ئاتۇش، غۇلجا قاتارلىق جايلاردىكى بىر قىسىم كىشلەر تۇشۇشتىن ئىبارەت بۇ ئىھتىياجغا ئاساسەن ئەڭ دەسلەپكى خوسۇسىي ئىگىلىك ھالەتتىكى ھاۋالىلىك توشۇش ئورۇنلىرىنى بەرپا قىلىپ ئوتتۇرا ئاسىياغا مال توشۇدى. بۇ جەرياندا نۇرغۇن ھاۋالىلىك توشۇش ئورۇنلىرى پۇرسەت ئىچىدىن پۇرسەت تېپىپ تەرەققى قىلىپ ھازىرغا كەلگۈچە خەلقئارالىق ئوبروت كارخانىسىغا ئايلاندى. مەسلەن: ئەبۇ سەخىي خەلقئارا ماددى ئەشيا ئوبروت شىركىتى نۆۋەتتە بۇ ساھەدىكى نىسپەتەن يۇقۇرى كۆلەم ۋە ئىقتىسادى ئاساسقا ئىگە بولدى. يەنە نۇرغۇن ھاۋالىلىك توشۇش ئورۇنلىرى مەلۇم تەرەققياتلارغا ئىرىشتى ياكى رىقابەت جەريانىدا شاللىنىپ كەتتى.
2000-يىللاردىن كىيىن شىنجاڭ ئىچىدىكى شەھەر ۋىلايەتلەر ئارا ھاۋالىلىك توشۇش ئورۇنلرى پەيدا بۇلۇشقا باشلىدى، بۇ ئورۇنلاردىن بەزىلىرى خۇسۇسىي ئىگىلىك ھالىتىدىن كارخانىلىشىش يولىغا قەدەم قويدى. بۇلاردىن مىسال ئۈچۈن تەبەسسۇم، راۋان يول، كارۋان، ئەمىن، ئاتامان...قاتارلىق كارخانىلارنى سانىيالىشىمز مۇمكىن.
بۇ ساھەنىڭ رايۇنىمىزدىكى ھازىرقى تەرەققىيات سەۋىيسى
ئومۇمەن رايۇنىمىزدا مەيلى كارخانا شەكلىدە بولسۇن ياكى خۇسۇسىي ئىگىلىك شەكلىدە بولسۇن بۇ ساھە بەك چوڭ تەرەققىيات بوشلۇقىغا ئېرىشەلمىدى.شۇنداقلا جەنۇبى شىنجاڭ رايۇنلىرىغا بەكرەك توپلىشىپ قالدى. قۇرۇلغىلى 15يىل بولغان كارخانا ھېلىھەممۇ پايدا ئالمساقمۇ مەۋجۇدلىقىزمىزنى ساقلاپ قالساق چوڭ نەتىجە بولىدۇ دەپ تىجارەت قىلىۋاتماقتا.
بۇخىل ئۇزاققىچە داۋاملاشقان ۋە بۇندىن كىيىنمۇ بەك چوڭ ئۈمىد بىلەن قارالمايۋاتقان بۇ ساھەنىڭ بۇ ھالەتتىكى پاسسىپ ئورۇندا تۇرۇشى تۆۋەندىكى ئامىللارغا باغلىق بۇلۇشى مۇمكىن.
(1)     رىقابەت مۇھىتى:  شىنجاڭدا تەخمىنەن 600ئەتراپىدا ماددى –ئەشيا ئوبورت كارخانسى بۇلۇپ بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ بولغاندا %1.5ئەتراپىدىكى كارخانا مىللىيلار قۇرغان كارخانا ھېسابلىنىدۇ. دېمەك بۇ ساھەدە ئاللا بۇرۇن چوڭ مونۇپۇللۇق شەكىللەنگەن بۇلۇپ بۇ خىل ھالەتنى بۇزۇپ ئۆتۈش يېقىن كەلگۈسىدە مۇمكىن بولمايدۇ.
(2)     مال مەنبىئىي جەھەتتە: دىيارىمىزنىڭ تېخنىكا، سانائەتلىشىش قەدىمى تولىمۇ ئاستا بۇلۇپ %95دىن يۇقۇرى سانائەت مەھسۇلاتى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن يۆتكەپ كېلىنىدۇ. لېكىن بۇ مەھسۇلاتلار شۇ شەھەردىكى ئوبروت كارخانىلىرىغا بىرىلىدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرىگە كىلىپ شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىلىدىغان ماللار ھەم شۇ ئوبروت كارخانىلىرىنىڭ تارماق شىركىتى ياكى مۇناسىۋەت چەمبرىكى ئىچدىكى شىنجاڭ ئىچى ئوبروت كارخانىلىرىغا بېرىلىدۇ. شىنجاڭدىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تۈمەن توننىلاپ خام-ئەشيا ھالەتتىكى مەھسۇلاتلار مېڭىپ تۇرىدۇ. كۆپ قىسمى يەنىلا ئىچكىردىكى شۇ زاۋۇت، كارخانا بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىلغان ياكى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئىتراپ قىلىشقا ئىرىشكەن ئوبروت كارخانىلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.
يۈك پويىزلىرىدا شىنجاڭغا يىتىپ كەلگەن ھەرخىل مەھسۇلاتلارمۇ ھەددى-ھېسابسىز بۇلۇپ شىنجاڭ ئىچىگە تارقىتىش ئىنتايىن چوڭ ئوبروت بازىرى ھېسابلىنىدۇ. لېكىن بۇ ساھە يەنىلا ئۇيغۇر ئوبروت كارخانىلىرى ئۈچۈن بوسۇغىسى ئېگىز بازار بۇلۇپ قېلىۋاتىدۇ.
(3)     ئىقتسىاد : ئىقتىساد قىينچىلىقى بارلىق ئۇيغۇر كارخانىلىرى ئورتاق دۇچ كەلگەن مەسىلە بولسىمۇ ئوبروت ساھىسدەك تۈرنى قوزغىتىش مەبلىغى نىسپەتەن يۇقۇرى بولغان ساھەدە مەبلەغ قىسىچىلىق سەۋەبىدىن نۇرغۇن تارىخى پۇرسەتلەر ئۆتۈپ كىتىۋاتىدۇ. ئىقتىساد سەۋەبلىك مۇلازىمەت سۈپىتى جەھەتتە باشقا قېرىنداش مىللەت كارخانىلىرى بىلەن بولغان پەرق بەك چوڭ بۇلۇپ قېلىۋاتىدۇ.
(4)     ئىستىراتىگىيە جەھەتتە:  ئۇيغۇر ئوبروت كارخانىلىرىنىڭ باشقۇرۇش سەۋىيسى ئىنتايىن تۆۋەن، كارخانىنىڭ مۇقىم، ئۇزۇن مەزگىللىك ئىستىراتىگىيسى بەلگىلەنمىگەن، نىشانلىق خېرىدار، بازار ئوبكتى، ماركا ئوبرازى، ئادەم كۈچى بايلىقىنى باشقۇرۇش، كارخانا مەدەنىيىتى بەرپا قىلىش قاتارلىق تەرەپلەردە نىشانسىز ھەرىكەت ئېلىپ بىرىش ئېغىر.
(5)     تەننەرخنى تۈۋەن چەككە چۈشۈرەلمەسلىك:  باشقۇرۇشنىڭ تۈزۈملەشمەسلىكى، باشقۇرۇش مىخانىزىمىنىڭ ئاجىز بۇلۇش سەۋەبىدىن چىقىمنى كونتۇرۇل قىلالماسلىق، پايدىنى ئېنىق ئايرىيالماسلىق، مالىيە ھېسابات ئىشلىرى قالايمىقان بۇلۇش قاتارلىق ئاجىز تەرەپلەر تەننەرخنى يۇقىرىلىتىۋەتكەن.
(6)     ئۇچۇرلاشتۇرۇش، تېخنىكىغا تايىنىش سەۋەيىسى يوقنىڭ ئورنىدا : ئىچكىرىدىكى نۇرغۇن كارخانىلار باشقۇرۇش ئىشلىرىنى پۈتۈنلەي يۇمشاق دېتال، تور ۋاستسى ئارقىلىق ھەل قىلىپ مالىيە، بازار ئانالىزى، خېرىدارلار ئۇچۇرى، تەشۋىقات جەھەتلەردە نۇرغۇنلىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئۇيغۇر ئوبروت كارخانىلىرى بۇنىڭدىن خېلىلا يېراق.
يۇقارقى ئەھۋاللار ئەلۋەتتە نىسپى ھادىسە بۇلۇپ باشقا ساھەلەردىمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەر مەۋجۇت، لېكىن نۇرغۇن ساھەلەر ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم يادرولۇق ساھەلەرنىڭ بىرى بۇلۇش سۈپتى بىلەن ئوبروت ساھەسىدە يۇقارقى ئەھۋاللار نىسپەتەن ئېغىر. ھەل قىلىش چارىسى ھەققىدە نۇرغۇن پىكىر، ئىلغار كۆز قاراشلار بولسىمۇ بۇ بىر پارچە ماقالە ئارقىلىق ھەممىگە جاۋاب بىرىپ بۇلۇش مۇمكىن بولماي قالىدۇ.
نۆۋەتتىكى دۆلىتىمىزنىڭ ‹‹بىر يول، بىر بەلباغ›› ئىسترىگىيسىنىڭ يۈنىلىىشى، تور سودا كەسپىنىڭ دەسلەپكى ھالەتتە رايۇنىمىزدا بىخ سۈرىشى قاتارلىق نوقتىلاردىن   تەھلىل قىلغاندا بۇ ساھە ئېرىشىدىغان پۇرسەت ئىنتايىن كۆپ، خىرىسمۇ كۈچلۈك ئەلۋەتتە. قانداق قىلىپ يۇقارقى تىلغا ئېلىنغان ۋە ئېلىنمىغان مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش، بۇ ئىستىراتىگىيىگە تەشەببۇسكار ھالەتتە ماسلىشىش ۋە ئەمەلىي نەپكە ئىرىشىش بۇ ساھە كارخانا ئىگلىرىدىن يۈكسەك دەرىجىدىكى ساپا، ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچلۈك ھەمكارلىق روھىنى تەلەپ قىلىدۇ.




شىنجاڭ ئاتامان ماددى-ئەشيا ئوبروت شىركىتىدىن : مۇھەممەتئىمىن ئىبراھىم

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

uyghuray

2

تېما

9

دوست

7115

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   42.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8381
يازما سانى: 422
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 131
تۆھپە : 2130
توردىكى ۋاقتى: 634
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-19
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-18 09:08:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوتتىرا ئاسىيادا تىجارەت قىلىدىغان تونۇش - بىلىشلەر خېلى بار ، ھەممىسى تىجارەت ياخشى ئەمەس دەيدۇ .تىجارەت ياخشى ئەمەسلىكنىڭ  ئاساسلىق سەۋەبى رۇسىيەنىڭ ئىقدىسادى ناچارلاشقاندىن كىيىن ئوتتىرا ئاسىيادىن رۇسىيەگە بېرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىدىغان نەچچە مىليون ئادەمنىڭ يانچۇقىدا پۇل قالمىدى .
تىجارەت ياخشى بولمىغاندىكىن توشۇش شىركەتلىرىمۇ تەبئى ھالدا قىينچىلىقتا . ئاكام چوڭ ماشىنا سايمانلىرى ساتىدىغان دۇككان ئاچاتتى ، بۇ شىركەتلەرنىڭ ماشىنىللىرى تۈزۈك ماڭمىغاندىكىن ئاكامنىڭمۇ تىجارىتى بولماي ، دۇككاننى تاقىۋەتتى .

0

تېما

1

دوست

82

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   27.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  59179
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 26
توردىكى ۋاقتى: 14
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-18 10:15:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كاساتچىلىق ھەممە ساھەدە ئوخشاش يەنە بىر ئىككى يىلدىمۇ ئوڭشىلىدىغاندەك ئەمەس

1

تېما

2

دوست

1117

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   11.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  46447
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 318
توردىكى ۋاقتى: 28
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-26
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-18 19:48:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
%95دىن يۇقۇرى سانائەت مەھسۇلاتى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن يۆتكەپ كېلىنىدۇ. لېكىن بۇ مەھسۇلاتلار شۇ شەھەردىكى ئوبروت كارخانىلىرىغا بىرىلىدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرىگە كىلىپ شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىلىدىغان ماللار ھەم شۇ ئوبروت كارخانىلىرىنىڭ تارماق شىركىتى ياكى مۇناسىۋەت چەمبرىكى ئىچدىكى شىنجاڭ ئىچى ئوبروت كارخانىلىرىغا بېرىلىدۇ. شىنجاڭدىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تۈمەن توننىلاپ خام-ئەشيا ھالەتتىكى مەھسۇلاتلار مېڭىپ تۇرىدۇ. كۆپ قىسمى يەنىلا ئىچكىردىكى شۇ زاۋۇت، كارخانا بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىلغان ياكى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئىتراپ قىلىشقا ئىرىشكەن ئوبروت كارخانىلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. .. ماددى-ئەشيا ئوبروت كەسپىنى تۇنۇش كەمىچىل مەيىلى كارىخانىچى مەيىلى زىيالىيلىرمىز بۇلسۇن تىخى ئۇ دەرىجىگە بىرىپ يەتىكىنى يۇق   
ماددى-ئەشيا ئوبروت كەسپى بىلەن شۇغۇللۇنۇش دۇنيادىكى ئالىدىنىقى قاتاردىكى كەسپىلەرنىڭ بىرى ھىساپىلىنىدۇ ... دۇنيادىكى ھىچىقانىداق بىر ماددى-ئەشيا ئوبروت  كارخانىسى بۇ كەسپىنى مۇكەممەل بىر ھالەتىكە كەلتۇرگنى يۇق بىراق كۈرۋىلىشقا بۇلىدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدىكى بۇ جەھەتتدىكى بۇشلۇق ناھايىتى چۇڭ دەپ قاراشقا بۇلىدۇ ...كەسىپ ئىگلىرنىڭ داۋامىلىق قىزشنى ئۈمۈت قىلىمەن ...
uyghuray

0

تېما

0

دوست

3512

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   50.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30581
يازما سانى: 182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1110
توردىكى ۋاقتى: 230
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-18 22:58:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىكەن   كۆپ رەھمەت   سىزگە   بولسا    13899142911   نى ئۈندىدارغا قوشسىڭز   پىكىرلىشىپ تۇرساق رەھمەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )