تۈركلەرنىڭ مىنىڭ نەزىرىمدىكى ئالاھىدىلىكىلىرى (1)
مىنىڭ نەچچە يىلدىن تۈركىيەگە بېرىپ كىلىش، تۈركلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىش جەريانىدا پەرىقلىق ھىس قىلغان، ئۇلارنىڭ مىنى تەسىرلەندۈرگەن، ئۆرنەك ئېلىشقا تىگىشلىك دەپ قارىغان تەرەپلىرىدىن بىر قانچىنى كونكىرىت تىلغا ئېلىپ ئۈتۈشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.
...ئىنسانپەرۋەرلىك.
مۇھتاجغا، ئاجىزغا ياردەم قىلىش تۈركلەردە بىر خىل ئەنئەنە دىيىشكە بولىدۇ. ئۇلار ھاجەتمەنگە ئىقتسادى تەرەپتىنلا ئەمەس مەنىۋى، ئىجتىمائى، سىياسى جەھەتلەردىنمۇ ياردەم قولىنى سۇنىدۇ. دىنداش، قانداش بولۇپ قالسىغۇ ۋاي قېرىندىشىم، باشقا قەۋم بولسىمۇ دوستۇم، بۇ مىنىڭ ئىنسانى بۇرچۇم دەپ مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. تۈركلەر تۈركىيەدىلا ئەمەس دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ دۆلەت، مىللەت، ئىرق ئايرىماستىن ئىللىقلىق يەتكۈزۈش بىلەن ھۆرمەتتە ئالدىنقى قاتاردا تۇرماقتا. ئۇلار غۇرۇرلىنىپ‹‹بىز ئوسمانلىنىڭ ئەۋلاتلىرى، بىزدە ئىنسانىيلىق بولىشى كېرەك›› ۋە ‹‹ئىنسانغا رەھىم قىلمىغان ئادەمگە ئاللا رەھىم قىلمايدۇ››دىگەن ھەدىس بار دەپ سۆزلەيدۇ.
ئەقەللىيسى سىز ئۇلاردىن يول سوراڭ، مەسلىھەت سېلىڭ، ياكى قانداق بىر ئىشتا ياردەم سوراڭ شۇھامان ۋاقتىنى چىقىرىپ خالىس ياردەم قىلىدىغىنى كۆپ سانلىقنى ئىگەللەيدۇ. ئەگەر ئامالسىز بولسا باشقىلارنىڭ ياردەملىشىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ناۋادا ناھەقچىلققا ئۇچرىسىڭىز ئۆزلىگىدىن كىلىپ ياردەم بىرىدۇ. بەزىدە بىرنەچچىسى تەڭ ياردەمگە كىلىدۇ. بىزدەك پەرۋاسىزلىق، ۋاپاسىزلىق قىلمايدۇ.
شۇڭا تۈركىيەدە ساياھەتچىلەردىن باشقا چەتئەللىك تىلەمچىلەر، مۇساپىرلار، پاناھلانغۇچىلارمۇ ئىنتايىن كۆپ.
...ھايۋاناتلارغا ھىسداشلىق قىلىش
بىز ھايۋاناتلىرىمىزنى ماددى ئىھتىياجىمىزنى قامداش ياكى ھەۋەس دەپ تۇرۇپ باقىمىز. ئۈزىمىزگە تەۋە بولمىغانلىرىنى قوغلايمىز يا يەۋېتمىز يا بىرىنى بىرگە يىگۈزىۋېتىمىز. شۇڭا بىزنىڭ دىيارىمىزدا ئۆي ھايۋانلىرىمۇ ياۋايىلىشىپ كەتكىنى ھېچكىمگە سىر ئەمەس.
تۈركىيەنىڭ چوڭ شەھەرلىرىنىڭ ئاۋات كوچىلىرىدىمۇ ئىت، مۈشۈكلەرنىڭ ئادەملەر توپى ئىچىدە راھەت يۈرىۋاتقانلىغىنى، بىخارامان ئۇخلاۋاتقانلىغىنى. قاغا، پاختەك، كەپتەر، چايكىغا ئوخشاش ھەرخىل قۇشلارنىڭ دەرەخلەرگە، ماشىنىلارغا قونۇشۇپ، خالىغانچە ئۇچۇشۇۋاتقانلىغىنى كۆرۈپ ھەيران قالىسىز. ئۇلارنى ھەر قانداق تۈرك پۇشتى ئاچ-ئۇسسۇز قويمايدۇ. <<ھەرقانداق جان ئىگىسىگە ياخشىلىق قىلىش ساۋاپلىق ئىش ۋە رەھىم قىلمايدىغان ئادەمگە رەھىم قىلىنمايدۇ›› دىگەن ھەدىسلەرنىڭ روھى بۇيىچە ئىش قىلىش ئۇلاردا ئەمەلىلەشكەن. ئۇ ھايۋاناتلارنىڭ قۇرساق تۇيغۇزۇپ، ئۇسسۇزلىقىنى قاندۇرۇپ كىتىشى ئۈچۈن كىشىلەر تەرىپىدىن ھازىرلاپ قويۇلغان مەخسۇس ئورۇنلىرى بار. بەزى تۈركلەر ئۆيلىرىدىن ئاشقان-تاشقاننى ئەكىلىپ بەرسە يەنە بىر قىسمى مەخسۇس تەييارلانغان ئوزۇقلۇق، يىمەكلىكلەرنى سېتۋېىلىپ يىگۈزىدۇ، ھەممە يەردە دىگۈدەك ھايۋاناتلارنى داۋالاش مەخسۇس دوختۇرخانىللىرى، ھەتتا قوغداش توغرىسىدا قانۇنلىرىمۇ بار. يېقىندا تۈركىيەگە ساياھەتكە بېرىپ كەلگەن بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزنىڭ مەن ئىتتىن قورقاتتىم. بۇ ئىت مەندىنمۇ غەمسىز ئىكەن دەپ كوچىدا ئۇخلاۋاتقان ئىتنى تۇتۇپ رەسىمگە چۈشىۋالغانلىغىنى ئاڭلاپ ئويلۇنۇپ قالدىم. دىمىسىمۇ ئۇ جانۋارلارنى سىز قورقۇتمىسىڭىز ئۇلار سىزدىن ھەرگىز ئۈركىمەيدۇ. يا بىر بىرى بىلەن تالىشىپ جىدەللەشمەيدۇ.
ئوخشىمىغان مەزمۇنلاردا داۋامى بار........
|