گولدمان يەنىلا ئامېرىكىنىڭ بۇ يىل ئۈچ قېتىم ئۆسۈم قوشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى FX168خەۋىرى، بايكۈچ تەرجىمىسى
داڭلىق مەبلەغ بانكىسى گولدماننىڭ ئانالىزچىسى Jan Hatziusۋە Zach Pandlئەڭ يېڭى دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئېھىتىيات كومىتېتى گەرچە ئېھتىياتچان كۆرۈنسىمۇ ئەمما پۇل پاخاللىقىنىڭ ئېشىشىغا بولغان ئىشەنچىسى كۈچلۈك، مەزكۇر بانكا يەنىلا ئامېرىكىنىڭ بۇ يىل ئۈچ قېتىم ئۆسۈم قوشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، يۇقىرىقى مۆلچەر يۈزلىنىۋاتقان خەۋپ كىچىكلەيدۇ، كەلگۈسىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئېھىتىيات كومىتېتىمۇ كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىدۇ دەپ مۆلچەرلەندى. ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئېھىتىيات كومىتېتى ئەمەلدارى چارشەنبە كۈنىدىكى يىغىندا كەلگۈسى سىياسەتكە بولغان پوزىتسىيەسىنىڭ تېخىمۇ ئېھتىياتچان بولىدىغانلىقىنى، رېشاتكا دىئاگراممىسىنىڭ كۆرسىتىشىچە ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئېھىتىيات كومىتېتى بۇ يىلدا ئىككى قېتىم ئۆسۈم قوشىدىغانلىقىنى، ئۆتكەن يىل 12-ئايدا رېشاتكا دىئاگراممىسىنىڭ 4 قېتىم ئۆسۈم قوشۇلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئېھىتىيات كومىتېتىنىڭ ئىككى كۈن داۋاملاشقان سىياسەت يىغىنىدىن كېيىن چارشەنبە كۈنى (16-مارت) ئېلان قىلغان باياناتىدا دېيىلىشىچە، فېدېراتسىيە ئاشكارا بازار كومىتېتى (FOMC) ئۆسۈم نىسبىتىنى %0.25-%0.5 ئارىلىقىدا ئۆزگەرتمەي ساقلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ قېتىمقى يىغىندا ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئېھىتىيات كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى كەلگۈسى مۆلچەرىدە ئۆزگىرىش بولدى، كۆپ قىسىم تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار يىل ئاخىرىغىچە 0.5 پوئېنت ئۆسۈم قوشسا مۇۋاپىق دەپ مۆلچەرلىگەن. مەنبە: بايكۈچ تورى (www.baykuq.com)
|