قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 748|ئىنكاس: 2

«پوتلا» نىڭ خىرىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

27

تېما

23

دوست

2374

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  56444
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 87
تۆھپە : 738
توردىكى ۋاقتى: 67
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-31

تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2016-3-18 19:58:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«پوتلا» نىڭ خىرىسى

(ھېكايە)

بۇمەريەم


   ئۇ ئۆيىدىكى كرىسلودا ئېغىناپ يېتىپ قورالىنى سىيلىغىنىچە ئۇياق- بۇياققا ئۆرۈپ تويماي قارايتتى. ئۇنىڭ يۈرىكى بىردىنلا ھاياجاندىن دۈپۈلدەپ كەتتى. ئۇ كىچىك چېغىداتاپانچا ئويناشنى بەكلا ياخشى كۆرەتتى. ئاتا- ئانىسى كۆك نامرات بولغاچقا ئويۇنچۇق تاپانچا ئېلىپ بېرىش ئۇياقتا تۇرسۇن، بالىلىرىنىڭ قورسىقىنى ئاران باقاتتى. شۇڭا ئۇئەپ تاپسىلا ئاداشلىرى بىلەن مەھەللىسىدىكى قوراللىق ئوتتۇرا ئەترەتنىڭ قارىغا ئېلىش مەشىق مەيدانىغا بېرىپ ھەربىيلەرنىڭ مىلتىق ئاتقىنىنى مارايتتى. مەشىق تۈگىگەندە بالىلاربىلەن يۈگىرەپ بېرىپ چۈشۈپ قالغان مىشەكلەرنى تىرىۋالاتتى. مىشەكلەرنى كالپۇكىنىڭ قىرىداپۈۋلەپ پۇشتەكنىڭ ئىسقىرتقىنىدىنمۇ زىلرەك ئاۋازلارنى چىقىرىپ ئوينايتتى. ئۇ مىشەكلەرنى ئويلاپ ئەندىكىش ئىچىدە دەررۇ ئورنىدىن تۇرۇپ تاپانچىسىنىڭ ئوقىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن كىيىمى بىلەنلا ئورنىغا كىرىپ، بەلبېغىنى بوشىتىۋەتكەندىن كېيىن ئوڭدىسىغا ياتتى. ئەتىنىڭ ئىجرائىيەتكە چۈشىدىغان بىرىنجى كۈنى ئىكەنلىكىنى ئويلاپ ھاياجاندىن خېلى بىر چاغقىچە كۆزىگە ئۇيقۇ كىرمىدى. ئۇ ئالدى بىلەن نېمە ئىش قىلىش كېرەكلىكىنى، كىمدىن قانداق ئۆچ ئالىدىغانلىقىنى ئالدىنئالا بىكىتىۋېلىشقا تىرىشاتتى. ئەڭ باشتا قەبرىستانلىقتا ئۇنى كالتەك بىلەن ئۇرۇپ پېتىغدىۋەتكەن دوپپىلىق سېمىز ئادەمنى تېپىشنى ئويلىدى. كىچىكىدە مەھەللىسىكى قەبرىستانلىقتا دوستلىرى بىلەن ئويناۋېتىپ كۆرۈپ قالغان، قەبرىستانلىقنىڭ يېنىدىكى باغنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئورەكتە بىرقىز بىلەن يېرىم- يالىڭاچ تۇرغان ئۇ ناتونۇش سېمىز ئەرنىڭ چىرايىنى ئەسلەشكە شۇنچەتىرىشقان بولسىمۇ، ئارىدىن خېلى يىللار ئۆتكەچكە ئۇ كىشىنىڭ ئېنىق چىرايىنى زادىلاكۆز ئالدىغا كەلتۈرەلمىدى. پەقەت بېشىدىكى دوپپىسىلا يادىدا ئىدى. ئۇ بۇندىن كېيىن چىرايى شۇ كىشىنى ئەسلىتىدىغان دوپپىلىق بودەك ئادەم ئالدىغا چىقسىلا ئەدىپىنى بېرىۋېرىشنى،شۇنىڭ ئىچىدىن بىرەرسىنىڭ ھېلىقى ئادەم بولۇپ قېلىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئويلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قەبرىستانلىقتىكى ئادەمنى ئۇنتۇپ داۋاملىق ھالدا ئۆزىنى زادى كىمگە كۆرسىتىپ قويۇش كېرەكلىكىنى ئويلاشقا باشلىدى. ئۇ تۇيۇقسىز «ۋۇ سەت قاپاق» دەپ بېشىنى نوقۇلاپ،قۇلىقىنى ئۈزىۋېتىدىغاندەك تارتىدىغان ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىسىنى قانغۇچە جازالاپ ئۇنىڭ چارىسىزلىكىدىن ھوزۇرلۇنۇپ كۈلمەكچى بولدى. ئەمما ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىسىنىڭ بۇلتۇرئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى يادىغا ئېلىپ، ياتقان يېرىدىن شاپپىدە تۇرۇپ، چىشلىرىنى قاتتىق چىشلەپ، كۆزلىرىنى پولتايتىپ كرىسلونىڭ يۆلەنچۈكىنى بوكسۇر خالتىسىنى مۇشتلىغان پەدىگەمۇشتلاپ كەتتى. «خەپ قولۇمدىن قېچىپ قۇتۇلدۇڭ ئۆلگۈر قېرى» دەيتتى ئۇ ئىچىدە. ماتىماتىكائوقۇتقۇچىسىنىڭ ئورنىغا سۈپۈرگە بىلەن تېقىمىغا ئۇرىدىغان يەنە بىر ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولسىمۇ بولىۋېرەتتى ئەمما ئۇمۇ ئۆلۈپ كەتكەنىدى. ئۇ تېخىمۇ ئاچچىقلىنىپ تومۇرلىرىدىكى ياپيېشىل قانلار چېكىسىدىن كۆرۈنۈشكە باشلىدى. تۇيۇقسىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ تېخى ھاياتلىقىنى ئويلاپ ئاچچىغى سەل بېسىلغاندەك بولۇپ، پېشانىسىدىن تەر تەپچىرىدى.شۇنداقتىمۇ ئۆزىنى تازا بىر يەڭگىللىتەيدىغان يېڭى نىشان تېپىشقا كىرىشىپ كەتتى. ئۇئۆزىنى يىلتىزخانىدا بىر كۈن ئىشلىتىپ ئون كوي پۇلىنى بەرمەي تىللاپ يولغا سالغان،ئىككى كۈن ئاچ قېلىشىغا سەۋەپ بولغان جۇڭسەنچە چاپان كىيىپ يۈرىدىغان توڭكەي قېرىنى يادىغا كەلتۈرۈپ دىمىقىدا كۈلۈپ قويدى. چۈنكى ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ قەيەردىلىكىنى، ئۇ قېرىنىڭ ھازىر قانداق ھالدا ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلەتتى. ئۇ ئادەمنىڭ گەدىنىگە بىر گۇناھ ئارتىپلا،كاپالەت پۇلىنى كەستۈرىۋېتىشنى ئويلىدى. ھازىرغىچە ئۇنىڭ پېشانىسىدىن كەتمىگەن «پوتلا»دېگەن لەقەمنى چاپلاشتۇرۇپ قويغان پاكىنەك ساۋاقدېشى بىلەن «يېتىم ئوغلاق» دەپ تىللاپ قاچىدىغان بىر مۇنچە بالىلارنى بىردىن بىردىن خىيالىغا كەلتۈرۈپ، ئىچى- تېشىغا بىردىنلاتىتىرەك ئولىشىپ، دۈمبىسى سىرقىرىغاندەك بولۇپ نەپەسلىرى تېزلىشىپ، مۇشتى تۈگۈلۈپ كەتتى.«پوتلا» دېگەن لەقەمنى قويغان ساۋاقدېشىنى جايلىۋېتىش ئۈچۈن ئەتراپلىق پلان تۈزىۋېلىشنى قارار قىلدى. كارۋاتنىڭ يېنىدىكى ساندۇقنىڭ ئۈستىدە توك كالتىكى تۇراتتى. ئۇ لەقەمچى ساۋاقدېشىنىڭ جان يېرىگە توك كالىتىكى يەپ تىتىرىگىنىچە ئۇنىڭ ئايىقىغا يىقىلىپ، لەقەمنىقانداق قويغان بولسا باشقىلارغا شۇنداق ئۇنتۇلدۇرۇش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىدىغانلىقىنى  ئېيتىپ يىغلىغىنىچە يالۋۇرۇپ، ئۇنىڭدىن بولدى قىلىشىنى ئۆتۈنگىنىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ پىسىڭڭىدە كۈلۈپ قويدى. نەپەس ئېلىشىمۇ باياقىغاقارىغاندا نورماللاشتى، ئەمما يۈرىكىنىڭ ھەرىكىتى تېخىچە قالايمىقان ئىدى.

     ئۇ دادىسى ئۆز قولى بىلەن ياسىغان ساندۇققا قاراپ يېتىپ مۇشۇ ساندۇقنى سۆرەشتۈرۈپ ئۆي كۆچكىنىنى ئەسلىدى. دادىسى ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئۆيىنىڭ دادىسىدىن قالغان مىراس ئىكەنلىكىنى ئېيتىشىپ ئانا- بالا ئىككىسىنى ئۆيىدىن قوغلىۋەتكەن تاغا ھاممىلىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈردى. چوڭ تاغىسىنىڭ بىر ئوغلى تەپتىش مەھكىمىسىدە، بىر ئوغلى ناھىيىلىك ھۆكۈمەتتە ئەمەلدار ئىدى. قىزلىرى بولسا دوختۇر ۋە ئوقۇتچى ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئورنى بار ئادەملەر بولغانلىقتىن، ئالدىراپ چىشىغا تېگىپ قويسا «يېتىمنىڭ ئېغىزى ئاشقاتەگسە بۇرنى قاناپتۇ» دېگەندەك خىزمىتىدىنمۇ ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئويلاپ،ئۇلارنى تىزىملىكتىن ئۆچۈردى. كىچىك ھاممىسىلا ئانا-بالا ئىككىسىگە يانتاياق چىققان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ باشتا چوڭ ھاممىسى بىلەن كىچىك تاغىسىنىڭ ئۆيىدىكىلەرنى جايلاپتۇرۇشنى ئويلىدى. كىچىك تاغىسىنىڭ ئوتتۇرانجى ئوغلى توي سۈرەتچىلىكى قىلاتتى. ئۇنىڭ دۇكىنىدىكى كومپىيۇتېردىن رەسىم چىقىپ قالار، رەسىم چىقمىسا كىتاپ چىقار، كىتاپ چىقمىساكىنو چىقار، ئۇمۇ چىقمىسا ئۇنىڭغىچە رەسمىيەتكە چۈشىدىغان بىرەر نەرسە تېپىلىپ قالاردېگەنلەرنى ئويلاپ كۆڭلى سەل ئەمىن تاپقاندەك بولۇپ خىيالىنى تەلۋىلەرچە سەۋدا بولغان قىزغا يۆتكەپ ئۇھسىنغىنىچە يېنىغا ئۆرۈلدى.

ئۇ ئۆزىدىن ئىككى ياش چوڭ بىر قىزغا تەلۋىلەرچە ئاشىق ئىدى. ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇۋېلىش،ئۇنىڭ يۈزىنى كۆرۈۋېلىش، ھېچ بولمىسا گەۋدىسىنى بويلاپ ئارقىسىدىن مېڭىۋېلىش، ئۇنىڭ كۆزىگە كۆرۈنۈشكە تىرىشىش، ئۇنىڭغا گەپ قىلىشقا ئۇرۇنۇش، بىلىندۈرمەي ئۇنىڭغا ياردەم قىلىۋېلىشنى ئۇ ئۈچ- تۆت يىل داۋام قىلدى. قىز باشتا ئۇنى رەت قىلىپ قوغلىدى، كېيىنچەئۇنىڭ ئۆزىگە پەرۋانە بولۇشىغا تەبئىيلا كۆنۈپ قېلىپ ئۆز ئىشى بىلەن يۈرىۋېرەتتى.  

تۇغۇلغان كۈنى بولغان كېچىسى ئۇ ئۆزىنى تۇتالماي بىر نەچچەيلەن بىلەن پىۋە ئىچتى.پىۋىنى ئىچكەنسىرى قىزغا بولغان ھەسرىتى شۇنچە ئېشىشقا باشلىدى. ئۇ قىزغا كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئېيتىپ ئىچىدىكى يالقۇنجاپ كېتىۋاتقان نەپسىنى قاندۇرۇشنىڭ كويىدا قىزنىڭ مەھەللىسىگەبېرىپ قىزغا ئۆزىنىڭ ئۇنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، يەنە مۇشۇنداق داۋاملىشىۋەرسەيۈرىكىنىڭ يېرىلىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتىشقا باشلىدى. باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇنى يېنىدىن قوغلىماقچى بولغان قىزنىڭ قىلىقلىرى ئۇنىڭغا ئۆزىنى تېخىمۇ كەمسىتتۈرەتتى.ئۇ ئۆزىنىڭ بىر قىزنىڭ يېنىدا تۇرۇشقىمۇ لاياقىتى بولمىغان بىر ئىنسان ئىكەنلىكىنى ئويلاپ يىغلاپ كەتتى. ئۇ قىزغا يالۋۇردى. « مەن سېنىڭ ئۈچۈن ئۆلۈشكە رازى، ئەجەبا مەنسەن شۇنچە يىرگەنگىدەك نېمە ئىش قىلدىم؟» دېدى ئۇ ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ. قىز بولسا ئۇنىڭ ئېغىزىدىن بۇرنىنى قاچۇرۇپ قولى بىلەن بۇرنىنى يەلپۈدى. ئۇ شۇ ھامان قىزنى ئۆزىگە تارتقۇنىچەقۇچاقلىۋالدى. ئۇ قىزنىڭ مەيدىسىدىن كەلگەن ئىللىق سېزىمنى يەنە بىر قېتىم تېتىش ئۈچۈنھەر نېمە قىلىشقا رازى ئىكەنلىكىنى ئويلىدى. «مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن جېنىم» ئۇ قىزبىلەن ھەيكەلگە ئۆزگىرىپ قالغۇسى باردەك ھېسسىياتتا كۈچەپ ئىتتىرىشىغا قارىماي قىزنى تېخىمۇ مەھكەم تۇتقىنىچە پۇرايتتى. «ئۇنداق قىلمىغىن مەن بىلەن توي قىلغىن، مەن چوقۇم ئىش تېپىپ سېنى ياخشى باقىمەن.» دېدى ئۇ قىزنىڭ قۇلىقىغا.      «ئاپا! قۇتقۇزۇڭلار...» قىزچىرقىرىغىنىچە قاتتىق يۇلقۇندى. يېتىپ كەلگەن بىر نەچچە كىشى ئۇنى ئۇرۇپ مەھەللىدىن قوغلىۋېتىپ قىزنى ئېلىپ كەتتى. ئۇ ئارقىسىغا ئەندىككىنىچە قاراپ يىغلىغىنىچە كېتىۋاتقانقىزغا تويماي قاراتتى. ئانىسى ئۇنىڭ ھالىنى بىلىپ، قىزنىڭ ئۆيىگە ئەلچى بولۇپ باردى.قىزنىڭ ئانىسى ئۇنىڭ ئانىسىنى ئۆيىگىمۇ كىرگۈزمەستىن «مېنىڭ يېتىم ئوغلاق لۈكچەكلەرگەبېرىدىغان قىزىم يوق» دېگىنىچە ئىشىك ئالدىدىنلا قوغلىۋەتتى. ئەنە شۇندىن باشلاپ ئۇقىزنى نە مەھەللىسىدىن نە پۈتۈن شەھەردىن تاپالمىدى. كېيىن دوستلىرىدىن قىزنىڭ باشقاشەھەردىكى تۇققىنىغا ياتلىق بولۇپ كېتىپ قالغانلىقىنى ئاڭلىدى. شۇندىن باشلاپ ئۇنىڭ ئىچىنى قىزغا بولغان كۈچلۈك بىر سېغىنىش ئوتى بىلەن تەڭ چۈشەندۈرگۈسىز بىر نەپرەت ئىگىلىۋالدى.بۇ نەپرەت قىزدىن بەكرەك قىزنىڭ ئانىسىغا بولغان ئۆچمەنلىك ئىدى.  قىزنىڭ ئانىسىدىن قانداق ئۆچ ئېلىۋېلىشنى ئويلاپ قىزغا بولغان سېغىنىشى پەسكويغا چۈشۈپ قالدى. ئۇ قىزنىڭ ئانىسىنىڭ بىر چاغلاردا قۇشناچلىققىلىپ يۈرگەن بىر ئاچىسى بارلىقىنى بىلەتتى. قىزغا ياردەملىشىپ داۋاملىق شۇ قۇشناچنىڭئىشىنى قىلىشىپ بەرگەن چاغلىرىنى ئويلىدى. ئۇ قۇشناچنى زىيانغا ئۇچراتقىنىدا قىزنىڭئانىسىنىڭ چوقۇم ئۆزىگە ئوخشاش ئازاپ تارتىدىغانلىقىنى ئويلىدى. ئۇ خىيال قىلغانسېرى-يەنە كىمنى قانداق قىلىۋېتىدىغانلىقىنى ئويلىغانسېرى، كۈچلۈك نەپەس ئېلىشتىن ئىچىگەتارالغان ھاۋادا لەيلەپ ئۇچۇپ كېتىۋاتقاندەك يەڭگىل بىر تۇيغۇغا كېلەتتى. ھاياجانلانغانسېرى ئۇيقۇسى قاچاتتى، ئۇيقۇسى قاچقانسېرى ئۆز- ئۆزىنى ئۇخلاشقا زورلاپ كۆزىنى مەھكەم يۇمۇپ ئاستا- ئاستا خورولدىغىنىچە ئۇيقۇغا كەتتى.


2015.04.07
uyghuray

0

تېما

3

دوست

1268

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   26.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  50782
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 410
توردىكى ۋاقتى: 155
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-19 23:37:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇيۇقسىز ماڭىمۇ شۇنداق ھېچكىم قارىشى چىقالمايدىغان چەكسىز ھوقوق  تېگىپ قالسا مەنمۇ بىلىپ بىلمەي ساراڭلىق قىپ سالارمەنمۇ؟  

1

تېما

4

دوست

4177

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   72.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17559
يازما سانى: 382
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1250
توردىكى ۋاقتى: 147
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-28
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-20 10:53:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئاز ئاخىرى بار ئىكەن .
خېلى ياخشى يېزىلىپتۇ. داۋاملىق تىرىشىڭ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )