- تىزىملاتقان
- 2016-2-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-7-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2368
- نادىر
- 2
- يازما
- 143
ئۆسۈش
12.27%
|
ئىنكاس يېزىش سەنئىتى
بۇمەريەم
گەرىچە پەخىرلەنگۈدەك يېرى بولمىسىمۇ ئون يىللىق مۇنبەرخورلۇق سالاھىيىتىم ۋە تۆت- بەش يىللىق باشقۇرغۇچىلىق تەجرىبەمگە ئاساسەن ئىنكاسيېزىشنى بىلمەيدىغان بەزى مۇنبەرچىلەرگە ئىنكاس يېزىش ھەققىدە ئىككى ئېغىز گېپىم بار.
مېنىڭ مەقسىتىم كېچىكلىرىمدىن توپلانغان تەجرىبەمنى ئۇلارغا دەپ بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ياشلىقىدىكى قىممەتلىك مىنۇتلىرىنىڭ،زېھنىنىڭ ئىسراپ بولۇپ كەتمەسلىكى ۋە باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىشتىن كېلىپ چىققان غايىبانە زىيانلارنى تارتىپ قالماسلىقى ئۈچۈندۇر. ئەمىسە سۆزۈمنى باشلاپ كېتەي.
تۆۋەندىكىدەك ئىنكاسلارنى يازغان چېغىڭىزدا شاپپىدەيوللىۋەتمەستىن، ئاۋال چوڭقۇر بىر نەپەس ئېلىۋېتىپ، ئاندىن كونچرول بىلەن ئانى بېسىپ ھەممىنى تاللاپ، ئارقىدىن دېلېت كونۇپكىسىنى بېسىڭ. بۇ بەلكى دانالىق ۋەئوڭلۇغلۇق بولۇشى مۇمكىن:
1. ھەرقانداق بىر ئىنسانغا ۋە ئۇنىڭ قىممەت قارىشىغا ھاقارەت قىلىدىغان سۆزلەر ئارىلاشقان ئىنكاس.
مەسىلەن: ھېي پەسەندە؛ ۋۇ يالاقچى؛ ۋۇ مۇناپىق؛ يانتاق قىستۇرۇۋالغان ئىشەك؛ساراڭ؛...
2. مۇنبەردىكىلەر تازا بىر بىلىملىك چاغلاپ كەتسۇن دېگەن خىيال بىلەن يېزىلغان ئىنكاس
مەسىلەن: داڭلىق پەيلاسوپ پالانى مۇنداق دېگەن؛ غەرپلىكبىر ئالىم مۇنداق دەيدۇ؛ پالانى ھەزرىتىمنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتسام؛ پالانى ئىزىم؛پۇستانى ئىزىم؛... (ھەقىقەتەن بىلىمىڭىز بولسا قورقماي يېزىۋەرسىڭىز بولىدۇ، ئەمماساختا بىلىملىك قىياپەتكە كىرىۋالسىڭىززە ئىش چاتاق. يامغۇردا قالغان تاۋۇس ئەللەيىنگە ئوخشاش، بىلىملىكلىك سالاھىيىتىڭىز يامغۇر ياغقىچىلىكلا داۋاملىشىدۇ.)
3. تەنە گەپلىك ئىنكاس
مەسىلەن: كۆزىڭىزگە ئىشتان كىيىۋالمىغاندىكىن ئىنكاسىمنى قايتا ئوقۇسىڭىز گېپىمنى چۈشىنىسىز؛ ۋۇيت يازغۇچى خېنىم؛ ماقا ئاچا؛ ساقمۇ يا؛...
4. بۇيرۇق مەيىللىك ئىنكاس
مەسىلەن: بۇ يەر دېگەن ئوپچە سورۇن ئاغزىمغا كەلدى دەپھەممە گەپنى قىلما؛ ئۆزۈڭنى بىل؛ ئىششىڭنى قىلە؛ چەتكە چىقتىم دەپ يوغانچىلىققىلماڭ؛...
5. گەپچىلىك قىلىمەن دەپ، سىز بىلەن گەپلىشىۋاتقانئادەمگە قارىتا ئۆزىڭىز توقۇۋالغان ئابىستراكىت باھالار بىلەن تولغان ئىنكاس
مەسىلەن: سىز سەل تەنتەك بالىمۇ نېمە؟؛ سىزنىڭ ئىمانىڭىزدا مەسىلە باركەن؛ سىز بەك تۇترۇقسىز ئىكەنسىز؛ سىز نېمانداق نازۇك؛...
6. تىمىنىڭ ئىسمىنى، بىر بۇرجىكىنى ياكى يېرىم ياتىسىنىچالا- پۇچۇق ئوقىۋېلىپلا يېزىلغان ئىنكاس.
مەسىلەن: [يازمىنى تولۇق ئوقۇمىغاندىكىن يازمىنىڭ باشتىمىسىدا بولۇۋاتقان گەپلەر بىلەن ئىنكاس قارمۇ- قارىشى بولىدۇ ياكى بولمىسائىنكاسچى يازمىكەشنىڭ گېپىنى قايتىلايدۇ. بۇنداق ئىنكاسلارنىڭ مۇنبەرداشلارغا ھېچقانداق پايدىسى تەگمەيدۇ. قۇرۇق ئىنكاسلار بوشلۇق ئىسراپچىلىقى، ۋاقىت ئىسراپچىلىقى ۋەزېھىن ئىسراپچىلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرىمۇ بۇ ھەقتەمۇنبەر قىزىتىپ، ئېلان چەكتۈرۈپ پۇل تېپىشنىلا كۆزلىمەي، مۇنبەرنىڭ ئوتتۇرچەساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى بەكرەك كۆزلەش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا مۇنبەرنىڭ ئۆمرى تېخىمۇئۇزۇن، تەرەققىيات ئىستىقبالى تېخىمۇ يۈكسەك بولىدۇ. ]
7. سىز بىرەر كىتاپتىن كۆرمىگەن ، بەلكى خەقتىن ئاڭلىۋالغان يەكۈن
مەسىلەن: گالاستۇك بىلەن كاستۇم بۇرۇلكىنى ئۇيغۇرلارئىجاد قىپتىكەنمىش؛ ئىندىيانلارنى ئۇيغۇر دەيدىغۇ؛ ئايال دېگەن گەپ ئايالماق دېگەن پېئىلدىن كەپتىكەن شۇڭا ئەرلەر ئاياللارنى ئاياپ ئەتىۋارلىشى كېرەك؛...
يېزىشتىن بۇرۇن نۇرغۇن نەرسىلەر كاللىمدا ئىدى يېزىشىم ھامان پۇررىدە ئۇچۇپ كەتتى. مەن مۇشۇنچىلىك يوللاپ تۇردۇم. بۇنى داۋام قىلىش باشقا مۇنبەرداشلارغا ھاۋالە بولغاي.
گېپىمنىڭ ئاخىرىدا مۇنبەرداشلىرىدىن ئۆتۈنىدىغىنىم، «باشقىلاربىلەن يۈزمۇ- يۈز ئولتۇرۇپ پاراڭلاشقاندا دېيەلمەيدىغان گەپلەرنى ياخشىسى ئىنكاس قىلىپ يازمىغان بولساڭلار. تورنى مەۋھۇم دۇنيا دەۋېلىپ نېمە دېسەك بولىۋەرمەيدۇ.ھەربىر باش سۈرەتنى جانلاندۇرىۋاتقان بىر تىرىك يۈرەك، ھەربىر تور ئىسىمنىڭ كەينىدە بىردىن جانلىق ئىنسان بار. »
|
|