قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 856|ئىنكاس: 15

ياشلارغا غايە توغرىسىدا خىتاب

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

13

تېما

17

دوست

9036

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   80.72%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  57738
يازما سانى: 1075
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 2630
توردىكى ۋاقتى: 357
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-12
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-19 21:41:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izbasar375 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-21 18:19  


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  .  بۇ تېما غايىسىز ، نىشانسىز ياشاۋاتقان ياشلىرىمىزغا ئازراق بولسىمۇ پايدىسى تېگەر دىگەن ئارزۇدا يېزىلدى. پايدىلىنىدىغانلار بولسا كۆچۈرۈپ ئىشلەتسە بولىدۇ .
    قېرىنداشلار ، ئەمەلىيەتتە ئەتراپىمىزدا نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ، بولۇپمۇ ياشلار بۇ ھاياتتا نېمە غايىسى بارلىقىنى بىلمەي ياشىماقتا. ئۇلارنىڭ سىرتقى ھالىتىدىن چىقىپ تۇرغىنى پەقەت ياشاش ، يېيىش-ئىچىش ، ئىشلەش ، ئۆيلىنىش  .  .  . . ھايات مۇشۇنداق ئۆتىدۇ دەپ ئويلىشىدۇ.
    بۈگۈن بىز بۇ تېمىدا سۆزلەيمىز ، ھاياتىڭدا مۇشۇنداقلا غايىسىز ياشىغىنىڭ توغرىمۇ ؟ ياكى تۇرمۇشتا ئېنىق مەقسەت-غايىلەرگە ئىگە بولۇشۇڭ زۆرۈرمۇ ؟  بۇ تېما ئىنتايىن قاراتمىلىققا ئىگە ، چۈنكى چوڭلار ئاساسەن ھاياتتىكى نىشانلىرىنى بەلگىلەپ بولغان ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بولىدۇ ،  ئەمما ياشلىرىمىز بۇ توغرىسىدا ئىزدىنىشكە مۇھتاج.
بىلىشىڭ كېرەككى ياشلىق ھاياتتىكى ئەڭ قىممەتلىك ۋاقىت ، ئۇ پۈتۈن ئۆمرۈڭنىڭ ئەڭ گۈزەل چاغلىرى ، بالىلىق مەزگىل بولسا ئەقىل تولۇق يىتىلمىگەن مەزگىل ، قېرىلىق بولسا ئاجىزلىققا قاراپ ماڭغان مەزگىل ، ياشلىق بولسا ساغلاملىق ۋە پىشىپ يېتىلگەن مەزگىلدۇر.
    دائىم ئۆز-ئۆزۈڭدىن ھاياتتىكى نىشانلىرىم نېمە دەپ  سوراپ باققىن.  ئوتتورا مەكتەپنى مۇنچە نومۇر بىلەن پۈتتۈردۈڭ ، ئاندىن مۇنداق فاكۇلتىتقا ئوقۇشقا كىردىڭ ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن پالانى ئورۇندا ئىشلىدىڭ ، مۇنچىلىك پۇل تاپتىڭ ، ئاندىن توي قىلىپ پەرزەنتلىك بولدۇڭ ، ئاخىرى ئۆلۈپ كەتتىڭ.  .  . بۇ توغرىمۇ ؟
  سەن ئىنتايىن قىممەتلىكسەن ، ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ئۆز قەدر-قىممىتىڭنى كۆزگە ئىلمايسەن ؟ نېمە ئۈچۈن نىشان مەخسەتسىز ياشايسەن ؟
   قېرىنداشلار ، مەن نېمە ئۈچۈن بۇ سۆزلەرنى دەۋاتىمەن ؟ چۈنكى مەن جەمئىيىتىمىزنىڭ نىشان مەخسەتسىز ياشلار كىرىزىسىگە پېتىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلماقتىمەن.   نۇرغۇن تەمبەل يىگىتلەرنى كۆرىمەن ، لېكىن مىڭ ئەپسۇسكى ، ئۇلار يا تاماكىسىنى چىكىپ بولالماي ئاۋارە ياكى ھېچ مەخسەتسىز لاغايلاپ يۈرۈۋاتقان ، ئەر باشقا ئەركەك باشقا دېگەن سۆز بەك توغرا دىيىلىپتىكەن دەپ ئويلاپ قالىمەن بەزىدە ، ياشلاردىكى چۈشكۈنلىشىش ، ھۇرۇنلۇق ، ئەخلاقى بۇزۇلۇشلارنى كۆرسەم يۈرۈكۈم ئېچىشىدۇ.   
ياش قىزلارغا تېخىمۇ ئېچىنىمەن ، ئۇلارنىڭ پۈتۈن خىيالى ئەڭ يىڭى گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىزدەپ تېپىپ سېتىۋېلىش ، ياكى مودا كىيىم قوغلىشىپ بازارمۇ بازار قاتراش ، ياش يىگىتلەرگە چىرايلىق كۆرۈنۈش ئۈچۈن ئۆزىنى بېزەش ، ھايادىن ئېغىز ئېچىش تېخىمۇ تەس ، ھەي، بۇلارمۇ ئانا بولىدىغۇ كەلگۈسىدە  .  ئەپسۇسكى مۇشۇنداق چاكىنا ياشلارنى جېق ئۇچرىتىۋاتىمەن ، قورساق بېقىشتا ئائىلىسىدىكىلەرگە تايىنىۋالغان ، ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى قۇرۇپ چىقىش خىيالىغىمۇ كىرىپ چىقمايدۇ.
   ياشلار ، ھاياتىمىزنى  بۇنداق بىھۇدە ئىسراپ قىلىۋەتمەيلى ، بۇنداق كېتىۋەرسەك مەڭگۈگە گۈزەل ھايات قۇرۇپ چىقالمايمىز.   بىلەمسەن ، جەمئىيەتشۇناسلار بىر جەمئىيەتنىڭ قانچىلىك ۋاقىتتىن كىيىن ۋەيران بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلالايدۇ ، نېمىگە ئاساسلىنىپ دېگىن ، ئۇلار ياشلارنىڭ ئەھۋالىنى ۋە ئۇلارنىڭ نېمىگە قىزىقىدىغانلىقىنى تەتقىق قىلىدۇ ، ئەگەر ئۇلار غايىسىز ، ئىرادىسىز ياشلارنى بايقىسا ، شۇلارنىڭ سانىنىڭ ئومۇمىي ساندىكى نىسبىتىنى ھېسابلاش ئارقىلىق ، بىر جەمئىيەتنىڭ قانچىلىق ۋاقىتتىن كىيىن تۈگىشىدىغانلىقىنى قىياس قىلىدۇ.   بىز بۇزغۇنچىلاردىن  ئەمەس بەلكى تۈزىگۈچىلەردىن بولىشىمىز لازىم ئەمەسمۇ ؟
    بىز زادى نېمە ئۈچۈن يارىتىلدۇق ؟ پەقەت يەپ-ئىچىش ، ئۆيلىنىش -  بالا تېپىش ، ئاندىن ئۆلۈپ كېتىش ئۈچۈنلا يارىتىلدۇقمۇ ، ياكى باشقا بىرەر مەقسەتتە يارىتىلدۇقمۇ ؟ بۇلارنى ئويلاپ باقتىڭلارمۇ ؟ بۇ دۇنياغا كىلىپ نېمە ئۈچۈن يارىتىلغانلىقىنى بىلمەستىن ھايات كەچۈرۈپ ، ئۆلۈپ كەتكەنلەرنى كۆپ كۆرىمىز ، بۇلارنى ھايۋاناتلاردىن پەرقى بار دېگىلى بولامدۇ ، بىزمۇ شۇنداق ياشامدۇق ، ئويلان قېرىندىشىم ، چىن يۈرىكىڭدىن ئويلاپ باققىن.
   بىر مۇسۇلمان ياشنىڭ چوقۇم غايىسى بولۇشى لازىم ، چۈنكى ئىسلام ساڭا غايە تىكلەپ بەرگەن. <جىنلارنى ، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم >مان بۇ سېنىڭ ئەڭ چوڭ غايەڭ بولسۇن ، شۇنداق ، ھەقىقەت يولى مانا شۇنىڭدىن ئىبارەت. غايەڭنىڭ بولۇشى - بۇ دۇنيادىكى  ئەڭ گۈزەل نەرسە ، رەببىڭنى تونۇش- ئالەمدىكى ئەڭ گۈزەل غايە .  ئۇ بىزنىڭ ۋە بۇ ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسى ، ھەممىمىزنىڭ ئاخىرقى نىشانىمىز ئەمەسمۇ ؟
    بەزىلەرنىڭ بۇ ھاياتتىكى نىشانى پۇل - مال يىغىش ئىكەنلىكىنى كۆرىسىز ، ئاھ ! قېرىنداشلىرىم !  بايلىق مۇتلەق نىشان قىلىدىغان نەرسە ئەمەس ، ئۇ پەقەت تېخىمۇ يۇقىرى نىشانلارنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزدىكى بىر ۋاستە خالاس ، بايلىققا تىقىلىپ كەتكەن بولسىمۇ ئىچكى روھىيىتىدىن ۋەيران بولغان نۇرغۇن كىشىلەرنى كۆرىۋاتىمىزغۇ ؟!
    بىر ھېكمەتتە مۇنداق دىيىلگەن:مىڭ ئادەمگە تېتىغۇدەك ئادەم بول ، ئەگەر مۇنداق بولالمىساڭ بىر ئادەم بول ، ھەرگىز يېرىم ئادەم بولۇپ قالما . قېرىنداشلار ئەتراپىمىزدا زور غايىلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان نۇرغۇن كىشىلەر بار ، پالانى بىرى مىڭ ئادەمگە يارايدۇ ، يەنە پوكۇنى بىرى يۈز ئادەمگە تەڭ كىلىدۇ دىيەلەيسەن ، يەنە نۇرغۇن<يېرىم > ئادەملەر ، <چارەك > ئادەملەر ، ھەتتا<نۆل> گە باراۋەر ئادەملەر قىمىرلاپ يۈرۈشىدۇ . .. . سەن قانداق ئادەم بولماقچى ؟ ئۆزەڭنى دەڭسەپ كۆرگىن!
    قېرىندىشىم ، قولۇڭغا بىر ۋاراق قەغەز ۋە قەلەمنى ئېلىپ ھايات نىشانلىرىڭنى يېزىپ چىقىشىڭنى تەۋسىيە قىلىمەن! ھاياتتا نېمىلەرنى مەقسەت قىلغىنىڭنى بىلمەيلا ياشاپ- ئۆلۈپ كەتسەڭ ، بۇ بىر خاتالىق !
   نىشان- مەقسەتلىرىڭنى يېزىپ چىقىپ ، ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغىن ، ھاياتتىكى ئەڭ زور نىشان-  بۇ ھاياتىڭنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان رەببىڭنى تونۇش ۋە تەبىئىي شەكىلدىكى ھايات پائالىيەتلىرىڭ جەريانىدا رەببىڭنى رازى قىلىش ئۈچۈن ياشاشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى يادىڭدىن چىقارمىغىن!
   بۇ مېنىڭ قەلب سادالىرىم ، بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىمىزگە مەنپەئەتلىك بولۇشىنى تىلەيمەن ، شۇنداقلا<قەلب سادالىرى> نىڭ قەلبلەرگە يېتىپ بېرىشىنى ئارزۇ قىلىمەن!
    تەكلىپ - پىكىرلەرنى ئايىمىغايسىلەر ،  سىزلەرگە رەھمەت
uyghuray

0

تېما

1

دوست

725

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   45%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  55076
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 206
توردىكى ۋاقتى: 25
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-3
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-21 15:51:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  
قېرىندىشىم   ئەجرىڭىزگە   ئاللاھ  رەخمەت  قىلسۇن   تېخىمۇ  تىرىشىڭ   
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

13

تېما

17

دوست

9036

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   80.72%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  57738
يازما سانى: 1075
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 2630
توردىكى ۋاقتى: 357
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-12
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-21 18:15:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
attur يوللىغان ۋاقتى  2016-3-21 17:22
چوڭقۇر مەنىلىك ھىكمەت دۇردانىلىرىدىن تۈزۈلگەن ئىسىل ئ ...

مەن ئەلۋەتتە ھەممەيلەننىڭ سىز ئېيىتقاندەك بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن ، ئەمما ئەمەلىيىتىمىز سىز ئويلىغاندەك ئەمەس ، جەمئىيىتىمىزنى ياخشىراق كۆزىتىپ بېقىڭ
uyghuray

13

تېما

17

دوست

9036

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   80.72%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  57738
يازما سانى: 1075
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 2630
توردىكى ۋاقتى: 357
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-12
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-21 18:15:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
arbol يوللىغان ۋاقتى  2016-3-21 15:51
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  
قېرىندىشىم   ئەجرىڭىزگە   ئاللاھ  ر ...

رەھمەت

2

تېما

11

دوست

1296

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   29.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31004
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 379
توردىكى ۋاقتى: 42
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-12
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-22 06:39:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل تىمىدىن بىرنى يېزىپسىز

13

تېما

17

دوست

9036

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   80.72%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  57738
يازما سانى: 1075
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 2630
توردىكى ۋاقتى: 357
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-12
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-22 10:14:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
arbol يوللىغان ۋاقتى  2016-3-21 15:51
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  
قېرىندىشىم   ئەجرىڭىزگە   ئاللاھ  ر ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، رەھمەت

13

تېما

17

دوست

9036

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   80.72%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  57738
يازما سانى: 1075
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 2630
توردىكى ۋاقتى: 357
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-12
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-22 10:14:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tunlirim يوللىغان ۋاقتى  2016-3-22 06:39
ئىسىل تىمىدىن بىرنى يېزىپسىز

رەھمەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )